مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1951|ئىنكاس: 31

يۈرەككە ئانچە تەگمەيدىغان سۆزلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 06:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۈرەككە ئانچە تەگمەيدىغان سۆزلەر



     يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ دوستلار بىر - بىرلەپ چۈشۈپ قالىدۇ . بەزىلەر كۆڭۈلدىن ، بەزىلەر نەزەردىن . يەنە بەزىلەر بولسا ئىسىمىزدىن چۈشۈپ قالىدۇ .
     يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، دوستلىرىمىز ئازىيىپ كەتمەيدۇ . پەقەت ئۆزىمىز كىم كىملەرنىڭ ھەقىقى دوست ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتىمىز خالاس ...
***
       ئون قۇر كىيىم ئالغان پۇلغا بىر قۇر كىيىم ئالساڭ كىيىم ئىشكابىڭ ھەقىقەتەن سەرخىللىققا تولىدۇ ؛ ئون ئىشنى قىلغان دىققىتىڭنى بىر ئىشقا مەركەزلەشتۈرسەڭ ، كەسپىڭ راۋاج تاپىدۇ ؛ پارچە پۇرات ئادەملەرگە سەرپ قىلغان ھېسياتىڭنى بىر ئادەمگە بېغىشلىساڭ بەخىتكە ئىرىشىسەن  .
***
قولۇڭدا بىر نان بولسا ، يېرىمىنى بىرەلىسەڭ ، مانا بۇ دوستلۇق . ھەممىنى بىرەلىسەڭ ، ئۇ مۇھەببەت . ئەگەر ھەممىنى تىقىۋېلىپ مىنىڭمۇ قورسۇقۇم ئاچتى دىسەڭ ، مانا بۇ دەل ھازىرقى جەمىيەت .
***
قانچىلىك سۆيگەن بولساڭ شۇنچىلىك سۆيۈلىسەن ؛ قانچىلىك يىغلاتقان بولساڭ شۇنچىلىك يىغلايسەن !
دۇنيانىڭ بۇ ئادىل قىسمەتلىرىدىن ھېچكىممۇ قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس . سەنمۇ شۇ ! مەنمۇ شۇ ! ئۇمۇ شۇ ! ...
***
بۇ دۇنيا كۆپ ياشىغانغا ئەمەس ، ھەق ياشىغانغا ؛ كۈلۈپ ياشىغانغا ئەمەس ، كۈلدۈرۈپ ياشىغانغا ؛ تەلەپ قىلغانغا ئەمەس ، تەقدىم قىلغانغا ھەقىقى كۈلۈپ باقىدۇ . مەنىلىك ياشاي دىسەڭ ، تەلىپىڭ ئاز ، تەغدىمىڭ كۆپ بولسۇن ...!!!
***
تۇرمۇش دەپ ئەجەپ توغرا دەپتىكەن . تۇر دەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ مۇش بىرىدىغان ......
***
ئادەمنىڭ تۇغۇلىشى بىر مۆجىزە ، ياشىشى نىمئەت ، ئۆلىمى مۇسىبەت، تىرىكلەر ئۈچۈن ئىبرەت . . . ھازىرغىچە ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان ھەقىقەت .
***
تەييارلىغۇچى : سەرسانى


ئاقماس پاراڭلار



       قەدىرلەشكە تېگىشلىك بولغان ئادەملەرنى چوقۇم قەدىرلىگىن ، ئايلىنىپ يەنە كېلىپ قالارمىكىن دەپ يۈرىۋەرمە . يەرشارى ئايلىنىپ كەلگەن بىلەن ئادەم ئايلىنىپ كېلىشى ناتايىن .
***
      بارىغا شۈكۈرى قىل ، “ مۇشۇما ؟ “ دىمە . يوققا سەۋىر قىل ، “ نىمىشقا ؟ “ دىمە . ھەر ۋاقىت سەبىرنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىل .
     چۈنكى اللاھنىڭ ھەر بىر ئورۇنلاشتۇرشىدا بىر ھېكمەت بار ! ئىنسان بولغۇچى ئىرادە قىلىدۇ ، اللا ياردەم بېرىدۇ . ئىنسان سەبىر قىلىدۇ ، اللا ئەجىرىنى بېرىدۇ . ئىنسان قاخشايدۇ ، اللا يەنە مۇشكۇلاتلار ئارقىلىق سىنايدۇ . شۇكىرى قىل ، سەبىر قىل . بەزىدە ئارزۇ قىلغان نەرسەڭگە ئېرىشەلمەسلىكىڭ بەلكىم اللا ساڭا تېخىمۇ ياخشىسىنى بەرمەكچى بۇلىشى مۇمكىن .
***
     بۇ دۇنيا ئېگىسى بار دۇنيا ، بىرىنى قاخشىتىپ ، ئازابلاپ ، بوزەك قىلىپ دۇنيا مىنىڭكى دەپ ئويلاپ قالما . بىر كۈنلەردە سېنىڭ ھەم شۇلاردىن بەتتەر كۈنلۈرۈڭ بولىدۇ .
***
     باشقىلارنىڭ سېنى تاشلاپ كېتىشىدىن قورقما ، ئەمما ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ  تاشلىۋىتىشىڭىدىن قورق . باشقىلارنىڭ سانا ئىشەنمەسلىكىدىن قورقما ، ئۆزۈڭنىڭ ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن قورق .
***
     ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىنى ئەمەس ، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلسە ئىدى ، تۆۋبە بىلەن ئىبادەتنى ئۆزىگە دوست تۇتقان ، ئەيىش - ئىشرەت سورۇنلىرىغا ئوت ياققان بۇلار ئىدى .
***
      ئىسىڭدە بولسۇنكى ، بەزى ۋاقىتتا ساڭا بىر نەچچە ئېغىز سۆزنى ئاز قىلغىنىم ، گەپ قىلماي ئۆتۈپ كەتكىنىم ، ئاڭلىماسقا سالغىنىم . كۈلۈپلا ئۆتكۈزۋەتكىنىم قانداقتۇر سېنى ھۆرمەتلەپ يول قويغۇنۇم ئەمەس ، ۋە ياكى سەندىن قورققۇنۇم ئەمەس . پەقەت ، سېنى بىر ئېغىز تىللىشىمغىمۇ ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈندۇر .

***
     ئويلان ، ئىككى پۇتلاپ ئۆرە مېڭىپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەمەس ، مايمۇنمۇ ماڭالايدىغۇ ؟! ئادەم نام بىلەن ياشىغان ئىكەنسەن شۇ نامغا لايىق بۇلۇپ ياشا !
***
      ئالدىراش خىزمىتىڭنى ، ئۈگىنىشىڭنى ، سودا - سېتىقىڭنى ، تۇرمۇشۇڭنى قويۇپ تۇر ، تىنىچ بىر جاينى تاپ ، سوغوق قانلىق بىلەن ياخشى ئويلان ، سەن زادى كىم ؟ قانداق ياشاۋاتىسەن ؟ قانداق ياشىشىڭ كېرەك ئىدى ؟ نىمىلەرنى يوقاتتىڭ ؟ شۇنىڭ بەدىلىگە نىمىلەرگە ئىرىشتىڭ ؟ كىملەرنى رازى قىلدىڭ ؟ كىملەر سەن ئۈچۈن ھەقىقى كۆيۈۋاتىدۇ ؟ يەنە كىملەر سەندىن پايدىلنىۋاتىدۇ ؟ ياشاشنىڭ مەنىسى نىمە ؟...... ئويلان ......
***
      كۈلكە خۇشاللىققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ، ئوخشاشلا يىغا ھەم ئازاب ۋە قايغۇغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . بىرىنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈپ ئۇ بەك خۇشال ، كۆيۈنۈشكە مۇھتاج ئەمەس دىمە . يەنە بىرىنىڭ يىغىسىنى كۆرۈپ ھەممە سۆزىگە ئىشىنىپ كەتمە .


تەييارلىغۇچى : سەرسانى





ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
5:20AM + 20 ھەقىقەتەن ئېسىل مەنى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 11:42:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل مەزمۇن!! ساقلىۋالدىم رەھمەت

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2716
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2035 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:27:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل مەزمۇن!!

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85145
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 01:04:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ يارىدى ما سوزلەر.ئېسىل

ياغە تاغ يامغۇرۇم تازا يېغىپ كەت ،                                   مۇڭلانغان غېمىمنى بىرگە ئېلىپ كەت.                                كۆزلەردىن ياش ئاقتى بىلدۈرمە بىرگە  ،                              گەر بولسا گۇناھىم پاكىز يۇيۇپ كەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96558
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 01:18:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك پەيزى گەپلەكەن بۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1367 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 01:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەككە ئانچە تەگمەيدىغان گەپلەر ئەمەس ، تازا چوڭقۇر بېغىشىغا تىگىدىغان پايدىلىق ھېكمەتلەر ئىكەن بۇ . ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر . سالامەت بۇلۇڭ .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5271
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 01:57:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇنى بەك پەچەت قۇيۇپسىز،ئىچىدىكى مەزمۇنلار ئۇنىڭدىن پەچەت

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 807 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 02:09:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك مەزمۇنى مول يازمىلاركەن بۇ ،رەھمەت سىزگە

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10279
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2356 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 02:19:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل مەزمۇن قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن تەشەككۈر ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99934
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 02:37:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى گەپلەركەنغۇ  رەھمەت سىزگە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش