يېڭى ناۋادىكى ئىنكارلىق ماختاش <<يامان ياخشى!>>دىن
تىلىمىزغا نەزەر
شۇنداق قىلىپ، XJTVنىڭ يېڭى ناۋا پروگراممىسى 30-سانغا قەدەم قويدى، تورداشلارنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى تالاش-تارتىش ئىچىدە مۇنبەرنىڭ ئارقا سەھنىسىدە قالدى. مېنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم، رىياسەتچىلىك سەنئېتى ئەمەس، بەلكى قۇلاققا غەلىتە ئاڭلىنىدىغان رىياسەتچى ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ <<يامان ياخشى!>> دىيىش ئارقىلىق ماھىرلارغا مەدەت بېرىشى.
باھالىغۇچى: پوھ-ھوي! گەپ كەتمەيدۇ، سەن بۇ ناخشىنى يامان ياخشى ئوقۇۋەتتىڭ، جۇمۇ.
رىياسەتچى: سىزنىڭ كىيىمىڭىز(گىرىمىڭىز، چېچىڭىز) يامان يارىشىپتۇ.
<<يامان>> دىگەن دىگەن بۇ سوزنىڭ لۇغەت مەنىسى <<ئەسكى، ناچار، ئوسال، قاملاشمىغان>> دىگەندەك سەلبىي مەنىدىكى سۆز ئىدى، ئەمما رىياسەتچى-باھالىغۇچىلار بۇنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، كۆرۈرمەنلەرگە يامان تەسىر بېرىپ قويدى. بەلكىم، ئىلى شىۋىسىدا <<يامان>> دىگەن بۇ سۆز <<ناھىيىتى، قالتىس، ئاجايىپ، ئىنتايىن، بەك، تولىمۇ...>> دىگەندەك مەنىلەرنى بېرىشى مۇمكىن، لېكىن <<ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>> دە سەلبىي مەنىدە ئېنىقلىما بېرىلگەن. بۇ يەردىكى رىياسەتچىلەرنىڭ دەۋاتقان گېپى ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، ش ئۇ ئا ر دىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ بىرى بولغان XJTVگە ۋەىكىللىك قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا <<ياخشى- يامان>> دەيدىغان سۆز بار، لېكىن <<يامان ياخشى>> دەيدىغان گەپ يوق. ياخشىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن يامان دىگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ، بۇ سۆز ئارقىلىق مەدەت بەرگەندە ئاڭلىغۇچى بۇ زادى ناخشىنى ياخشى ئېيتتىمۇ، ياكى يامان ئېيتتىمۇ، دەپ قايمۇقۇپ قالىدۇ، شۇڭا سەھنىدە بۇ ئىبارىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس.
ئىنكارنى ئىنكار قىلىش ئۇسۇلى فورمال لوگىكىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇنداق سۆزنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ خۇددى كىشىگە ماتىماتىكىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولغان تىرگىنومېتىرىك فۇنكىتسىيە ئىلمىدىكى قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاشتەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. بۇنداق بىر بىرىگە زىت سۆز ئىلى شىۋىسىدىن باشقا يەنە خوتەن شىۋىسىدىمۇ بار. مەسىلەن:
مەن ياتقىلى قوپتۇم.
ئۇ ئولتۇرغىلى قوپتى.
<<ياتقىلى قوپتۇم>> دىگەن سۆزنى خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتسە خاتا بولمايدۇ، لېكىن <<يامان ياخشى>> دىگەن سۆزنى ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتسە پۈتۈنلەي خاتا. چۈنكى، خوتەن شىۋىسى خوتەن دېئالىكتىغا تەۋە، ئەمما ئىلى شىۋىسى مەركىزى دېئالېكتقا تەۋە بولىدۇ. دېئالېكت دىگىنىمىز-- مەلۇم رايوندىكى ئاساسىي ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ شىۋىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاپتونۇم رايونىمىزدا مەركىزى دېئالېكت، خوتەن دېئالېكتى ۋە لوپنۇر دېئالېكتىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل دېئالېكىت بار. 1982-يىلىدىن بۇرۇن ئىلى شىۋىسى مەركىزى دېئالېكىتتا يېتەكچى ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى، 1982- يىلىدىن بۇيان ئۈرۈمچى شىۋىسى مەركىزى دېئالېكتتا يېتەكچىلىك رول ئويناۋاتىدۇ. ھازىرقى مەركىزى دېئالېكىت ئۈرۈمچى شەھرىدىكى ئالىي تېخنىكومدىن يۇقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى تەلەپپۇزىنى كۆرسىتىدۇ. تىلشۇناسلىقتىكى شىۋىنىڭ دېئالېكتقا بوي سۇنۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئىلى شىۋىسى مەركىزى دېئالېكتقا بويسۇنۇشى كېرەك، ئەمما خوتەن شىۋىسى مەركىزى دېئالېكتقا بويسۇنماي، خوتەن دېئالېكتىغا بوي سۇنىدۇ. دېئالېكتقا بوي سۇندى دىگەنلىك سەن شۇنداق سۆزلىسەڭ يول قويۇلىدۇ، دىگەنلىك بولىدۇ. خوتەن دېئالېكتىدا <<ياتقىلى قوپتۇم>>دىگەن ئىبارە بار، ئەمما مەركىزى دېئالېكىتتا بىر-بىرىگە زىت بولغان <<يامان ياخشى>> دىگەن ئىبارە يوق، شۇڭا ئىلى شىۋىسىدە سۆزلەيدىغان رىياسەتچى- باھالىغۇچىلار <<يامان ياخشى>> دىگەن بۇ ئىنكارلىق ماختاش ئىبارىسىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-9 05:07 PM