ناۋا پىروگىراممىسىغا سەمىمىي تەكلىپ
( كىچىك سابىرى )
«يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە . دېمىسىمۇ بۇ پىروگىرامما ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ۋە سەنئەت خاراكتېرىدىكى پىروگىراممىلارنىڭ نۆۋەتتە كەڭ كۆرۈرمەنلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىقتەك مەسىلىنى دەسلەپكى قەدەمدە ناھايىتى ياخشى ھەل قىلدى . شۇ سەۋەپتىن ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئارىسىدا جۈمە كۈنى يېتىپ كەلسىلا كەچتە تېلېۋىزورنى ئېچىپ ، «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنىڭ قويۇلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى . لېكىن «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا تېخى ئۇزاق ۋاقىت بولمىغاچقا ، ئۇنىڭدا يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانماقتا . مەنمۇ «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمىنى ۋە تېلېۋىزىيە خادىمى بولۇش سۈپتىم بىلەن بۇ پىروگىراممىغا ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىمنى بېرىشنى توغرا تاپتىم . چۈنكى «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنى تېخىمۇ ياخشى ۋە مۇكەممەل بولغان نادىر پىروگىراممىغا ئايلاندۇرۇش ، شۇ پىروگىراممىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولماستىن بەلكى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى . شۇڭا مەن تۆۋەندە «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى يولغا قويۇلۇپ تا ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتتا بۇ جەھەتتە ھېس قىلغان بىر قانچە مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن .
1 – مەسىلە : مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭلار بىلەن كىچىكلەرنى بىرگە مۇسابىقىلەشتۈرۈپ قويۇش . «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنىڭ 30 – سانىنى كۆرگەندىن كېيىن ، بۇ مەسىلىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىپ بارغانىلقىىنى ھېس قىلدىم . دېمىسىمۇ كىچىك بالىلار بىلەن چوڭلارنى قانداقمۇ سەنئەت جەھەتتە بەسلەشتۈرگىلى بولسۇن ؟! «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىغا قاتناشقان تاماشىبىن ۋە تاراتقۇلار ۋەكىللىرىدىمۇ بېلەت تاشلىغاندا مۇسابىقىگە چۈشكەن كىچىك چولپانلارغا ئېغىپ كېتىش مەسىلىسى بەكلا ئېغىر . باھالىغۇچىلارمۇ يۇقىرى باھانى كىچىك بالىلارغىلا بېرىۋاتىدۇ . ئويلاپ باقسام سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان بىر ياش ناخشىچى ، «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدا ئۆزىدىن ئون نەچچە ھەتتا 20 نەچچە ياش كىچىك بىر بالىغا ئۇتتۇرۇپ قويسا ، بۇ شۇ ماھىرغا نىسپەتەن روھىي جەھەتتە ئىنتايىن ئېغىر زەربە ئىكەن . كىچىكى ئۇتتۇرۇپ قويسا تېخى قاملاشمىغان . شۇنىڭ بىلەن باھالىغۇچى ۋە تاماشىبىنلاردا ھېسىيات جەھەتتىكى بۇ ئېغىش كېلىپ چىقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا كۆپچىلىك دېققەت قىلدىمىكىن ، «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، مۇسابىقىگە چۈشكەن بالا چولپانلار ئاساسىي جەھەتتىن «ھەپتىلىك چولپان» شەرىپىگە ئېرىشمەكتە . ئەڭ بولمىغاندا ئىككىنچى دېگەندەك ... مەنچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چوقۇم مەلۇم ياش چەكلىمىسىدىكى 5 ماھىرنى بىرگە مۇسابىقىلەشتۈرۈش كېرەك . خۇددى بوكىس مۇسابىقىسىغا ئوخشاش . بوكىس مۇسابىقىسىدىمۇ 75 كېلوگىراملىقلار مۇسابىقىسى ، 90 كېلوگىراملىقلار مۇسابىقىسى دەپ ئايرىيدىغۇ ؟ ھە ، دەل شۇنداق ! ئەگەر بالا چولپانلارنىڭ ھەقىقەتەن تالانتى بولسا ئۆزى بىلەن يېشى تەڭ دېمەتلىك بولغان بالا چولپانلار بىلەن «ھەپتىلىك چولپان» نى تالىشىپ باقسۇن . مانا بۇ چاغدا مۇسابىقە ھەقىقىي ئادىل بولىدۇ .
2 – مەسىلە : ئىجادىيەتچىلەر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلماسلىق . «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تاكى ھازىرغىچە ماھىرلار ئورۇنداۋاتقان ناخشىلارنىڭ ئىجادىيەتچىلىرى پەقەت ئەسكەرتىلمەيۋاتىدۇ . مەسلەن : تېكىستىنى كىمنىڭ ، مۇزىكىسىنى كىم ئىشلىگەن ، كىم ئاكورتلاشتۇرغان دېگەندەك . بۇ مەسىلىگە ئەسلىدە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ . چۈنكى بۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىجادىيەتلىچلەرگە بولغان قاتتىق ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق . ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولسا ، ئىجادىيەتچىلەرنىڭمۇ بىر كۈنى سەۋىر قاچىسى توشىدۇ – دە ، «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى بىلەن سوتلىشىدىغان ئىش چىقىدۇ . قانۇنىمىزدىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلار بار ، ئەگەر سوتلىشىدىغان ئىش بولۇپ قالسا ، «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئىجادىيەتچىلەردىن كەچۈرۈم سورۇشى ۋە ئۇلارغا تۆلەم بېرىشى تۇرغانلار گەپ . شۇڭا بۇ مەسىلە ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا ھەل قىلىنغىنى ياخشى !!!
3 – مەسىلە : باھالىغۇچىلارنىڭ باھالاش سەۋىيىسى . باھالىغۇچىلارنىڭ ھازىر باھالاش سەۋىيىسى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن خېلى ياخشى بولۇپ قالدى . بەلكىم ئۇلاغا باشقىلار دېگەندۇ ۋە ياكى ئۆزلىرى ھېس قىلغاندۇ . دېمىسىمۇ ئىلگىرى باھالىغۇچىلارنىڭ ماھىرلارنى باھالاشى ئۇلارغا قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىر بېرىش بولماستىن بەلكى ماھىرلارنى ماختاش ۋە مەدھىيلەشكە ئايلىنىپ قالغانىدى . مەسلەن : «پاھ ، سىز نېمىدىگەن چىرايلىق- ھە ؟ ئاي ، ئاي ...» ، «نەلەردە كۆمۈلۈپ قالغان بولغۇيتىڭىز – ھە ؟» ، «بىزگە خىرىس ئېلىپ كېلىدىغان بولدىڭىز-دە ، ئەمدى ؟» ، «ناخشىڭىزنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم، سىزگە گەپ كەتمەيدىكەن ... » دېگەندەك . مەنچىمۇ ئەسلى باھالىغۇچىلار ماھىرلارغا نىسپەتەن ماختاش ۋە قۇرۇق مەدىيەھ سۆزلىرىنى ئاز قىلىپ ، ماھىرلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقان ، ماھىرنىڭ ئۆزى ۋە باشقا تاماشىبىلار ھېس قىلالمىغان كونكېرىت مەسىلىلارنى نەق مەيداندا سەزگۈرلۈك بىلەن تېپىپ چىقىپ ، ئۇلارغا كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى . چۈنكى «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدا باھالىغۇچى بولىۋاتقانلار ، ئەل سۆيگەن ، ئەلنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن خېلى يۇقىرى سەۋىيەدىكى سەنئەتكار ۋە تەتقىقاتچىلار . شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ھەر بىر سۆزىنىڭ سەۋىيىسىگە دېققەت قىلىشى ، ماھىرلارغا قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرنى بېرىشى لازىم . شۇنداق بولغاندىلا «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدا يېتىشىۋاتقان ياش ناخشىچىلارنىڭ سەنئەت بېغىدا تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ .
قەدىرلىك تورداشلار ۋە «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدا جاپا چېكىۋاتقان خىزمەتداشلار، مېنىڭ ھازىرغىچە ھېس قىلغانلىرىم مانا مۇشۇنچىلىك . ئويلىغانلىرىمىنىڭ ھەممىسىنى توغرا دەپ كېتەلمەيمەن . گەپ – سۆزلەردە خاتا ۋە قاتتىق كەتكەن يەرلىرىممۇ بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر شۇنداق بولسا سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن . سىلەرنىڭمۇ «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى پىروگىرامما قىلىپ چىقىشقا ، ئۆزۈڭلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرىنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . رەھمەت سىلەرگە !
مەنبە : ئۆزۈم