ئىختىساد دىگەن ئەرەپچە گەپمىكىن ؟ئۇيغۇرچىدا ئەزەلدىن نىمە دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. ھازىرقى ئىستىمالىمىزدا يەنجۇققا جۇغلىغان پۇلنى كۆرسىتىدۇ.تىخىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلىسەك ياكى قەلەمگە ئالساق، ئىختىساد دىگەن ئەۋىلى بىر پەن. بۇنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا چۇشلۇق ھۇنەرلىرى خىزمەتلىرى بۇلىدۇ.بىركىشىنىڭ ياكى بىر ئائىلىنىڭ ئىختىسادى ئادەتتىكىچە تاپقاندا خەج قىلىپ،بولمىسا يۇگۇرەپ يۇرۇپ بارغا قانائەت يىڭىچە سانائەت دەپ ئۆتكەنگە ، بىر دۆلەتنىڭ بىر رايۇننىڭ بىر قەۋىمنىڭ ئىختىسادى ئاددىي ئىش ئەمەس، بۇنى ئالدىغا ماڭدۇرۇش تىخىمۇ شۇنداق.
كۆپۇنچە ئىختىسادنىڭ يۇكسىلىشى ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تۆت ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ.ماكان جەھەتتەپاكىت قىلساق، يىپىك يۇلى قەدىمدە شەرىق غەرىپ مەدىنىيەت ئىختىساد يۇرشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان. بۇخىل ئەۋزەللىك يىپەك يۇلىغا نۇرغۇن ئىختىساد ، ئىلىم ھۇنەر ، كۇچ بەخىش ئەتكەن.كىيىن بىر مەھەل دىڭىز يۇلىنىڭ گۇللىنىشى يىپەك يۇلىغا بولغان ئىھتىياجنى پەسەيتىپ، بۇرايۇنلارنىڭ ئىختىسادىغا مەلۇم ئەكىس تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئەرەپ ئەللىرىدىن نىفىت كۆپ چىقىدۇ، نىفىتچىلىق تەرەققىي قىلغان.خوتەندىن تاش چىقىدۇ ، تاشچىلىرى باي.دىمەك بىر رايۇننىڭ ماكان شارائىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ئىختىساد گۇللىنىشىدىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.ئاندىن زامان تەسىرى بۇلىدۇ.بۇنى ھەم پۇرسەت دەپ چۇشۇنۇشكە بۇلىدۇ. بازار بىرمەھەل ئاشقا ئىھتىياجلىق بولسا ، بىرمەھەل كىيىمگە پاختىغا،قىش بولسا كۇمۇرگە مۇشۇنداق ئىھتىياجى بۇلىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتلەرنى ئالدىدىن بايقاپ ،توغرا مۆلچەر بىلەن ۋاختىدا چىڭ تۇتسا يەنە پايدا ئالغىلى بۇلىدۇ.بەزىلەر ئۇرۇشقا چىقىپ قىلىچ پالتايەر، بەزىسى قەلئە ساقلاپ قىرىپمۇ كىتەر‹قۇتادغۇ بىلىگ›دەپ، پەلەك بۇرجى تەلەي ئوڭغا تارتمىسىمۇئىختىسادتتا مىڭ كۇچىگەن بىكار .يەنە ئادەم ئامىلىمۇ ئىختىسادنىڭ مۇھىم ئامىلى. قۇشقاچ سويسىمۇ قاسساپ سويسۇن دىيىشىدۇ. خۇي خۇلىقىدا بولمىسا تىڭىپ قۇيۇپ بىر باشقا ئىلىپ چىققىلى بولمايدۇ.ئىختىساسلىقلار قۇشۇنى يىتىلدۇرۇش ، كىچىگىدىن ئۇنۋىرسال پەنلەر ، مۇھىم تىخنىكا ئىلىم بىلەنتەربىيلەش،قىسقىسى ئىشنىڭ ھۆدىدىسىدىن چىقالايدىغان قابىل ئادەم بۇلۇشمۇ ئىختىسادقا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۇندىن باشقا مەدىنىيەت ئامىلىمۇ ئىختىسادنىڭ مۇھىم پارامىتىرى.مەدىنىيەت ئامىللىرىنى ئويلاشمىغاندا ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلانمىغاندا، ئىختىساد بىلەن مەنىۋىيەت ئۆز ئاراتوقۇنۇشۇپ نورمال يۇرۇشكە تەسىر قىلىدۇ.دىمەك يۇقارقىدەك تۆت خىل شارائىت پىشىپ يىتلگەندە ، تەڭپۇڭ ھالەتتە ھەركەتلەنگەندە ئاندىن ئىختىساد گۇللىنىش باسقۇچىغا كىرەلەيدۇ.
ھەرقانداق نەرسە تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزۇلگىنىدەك،بىر دۆلەتمۇ تۆت ئاساس بىلەن تۇزىلىدۇ. ئالىم ھاكىم باي پۇقرا دەيمىز، شۇنىڭغا ماس دۆلەتنىڭ ئەۋىلى باشلايدىغان بىلىش تۇپراق سۇپەتتىكى ئوڭ سول قانات كۇچلىرى بۇلىدۇ.بىرى تەرەققىياتنى گۇللىنىشنى ياقىلىسا، بىرلىرى ئەنئەنىۋىيلىك مۇستەھكەملىكنى ياقىلايدۇ. باشلاش رولىنى ئۆتەيدۇ.ئاندىن ئادىللىق ئوت ئەكىس ئەتكەن ئارمىيە ئەدىلىيە ساقچىلىرى بۇلىدۇ. ئادىللىق بىلەن خاتىرجەملىك ئىختىساد گۇللىنىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.يەنە ياخشىلىق سۇ بۇيىچە بايلارنى چۆرىدىگەن ئىگىلىك ئىختىسادى بۇلىدۇ. ئىختىساد تەرەققىياتنىڭ ئىنىرگىيسى.يەنە تەقۋادارلىق بۇيىچە مەركەز ئۆلكە ناھىيە يىزا كەنتە مەھەللە ئەزا دىن ئىبارەت ئورۇنلار، يەتتە قەۋەت بۇيىچە بىر بىرىگە بوي سۇنۇپ بىر دۆلەتنى تۇزىدۇ.
بىر دۆلەت ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىختىسادمۇ يەنە چوڭ جەھەتتىن تۆت تادۇغا ئايرىلىدۇ.
مەكتەپ ، باشلانغۇچ تىن تاكى ئالىم چىقىدىغان تەتقىقات ئورۇنلىرىغىچە ، ھەرساھە ھەركەسىپ تەربىيلەش ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.ھۇنەر مەكتەپتىن چىقىدۇ.
بانكا ، بانكا سىستىمىسى، باج ،ئىستىرخىۋانىيە قاتارلىق ئۇچ ساھانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بانكىدا پۇلغا ئۆسۇم ئالىدۇ. ئىسلام مەدىنىيتىدە ئۆسۇم ئىلىش خاتا، بۇنىڭغا ماس گۆرۆكەشلىك توغرا. بەلكى ئايىقى يوق پۇل مۇئامىلە كىرزىسلىرىنىڭ ئامالى گۆرۆنى تەتقىق قىلىشتىن چىقىشى مۇمكىن.
ئاكسىيە، بۇ مەبلەغ يۇرۇشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ.شىركەتلەر باردەسمايىسىنى ئاكسىيەشىركىتىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ، مەلۇم نىسبەتتە پىيىنى بازارغا سالىدۇ. پاينى پايچىكلار ئالغاندىن كىيىن، شىركەت كارخانلار مەبلەغگە ئىگە بۇلۇپ، پايدا ئالسا ئۇلەشتۇرىدۇ، زىيان تارىتسا تەخسىملەيدۇ. پاينى ئىلىپ سىتىشقا بۇلىدۇ. دۆلىتىمىزدە شاڭخەي بىلەن شىنجىندا ئىككى بازار بار. بۇنىڭمۇ بىلىش سۇپەتتە سىزىق كۆرسەتكۇچ سانلىق مەلۇمات تەتقىق قىلدىغان باشلايدىغان ئورۇنلىرى،ئادىللىق بۇيىچە قائىدە قانۇن ئىجراقىلدىغان ساقچىلىرى.سودا مۇھىتى تەشكىللەپ ئاردىن پۇل ئۇندۇردىغان بىدىكلىرى ‹بىرپايغا بىر مو تۇتىدۇ›. ۋە بارپۇلنى بىكارقويغىچە دەپ يەنە مەبلەغ سالدىغانلىرى فونىد شىركەتلىرگە ئوخشاش مۇشۇ ساھالەردىن تەركىپ تاپىدۇ.ياكى مۇشۇ ساھالەر بىرلەشتۇرۇلۇپ ئاكسىيە ئورۇنلىرىنى تۇزىدۇ.
كارخانا شىركەتلەر، ئاساسلىقى مەسھۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلار خاراكتىر جەھەتتە يىڭى تىخنىكا شىركەتلىرى ، توشۇش ئۇچۇر كەسىپلىرى. ھەربىي ئەستەھە، ئىنىرگىيە،مىتالچىلىق ،داۋالاش،يىمەك ئىچمەك كىيىم كىچەك تەشۋىقات ئۆيمۇلۇك قۇرلۇشى قاتارلىقلار بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.
بىريىل تۆت پەسىل بۇيىچە ماڭىدۇ. شۇنىڭغا قىياسەن ئىختىسادنىڭمۇ تۆت پەسلى بۇلىدۇ. بىرىنجى قۇرلۇش پەسلى ، بۇپەسىلدە ماكان ئەۋزەللىكى چىقىش قىلىنىپ، ئاساسەن تەبىئي بايلىقلاردىن پايدىلىنىشنى كۇچەيدۇ.ياكى تەبىئي بايلىقلاردىن پايدىلىنىش خاراكتىرىنى ئالىدۇ.ئىككىنجى تۇزەش قىلىپلاشتۇرۇش پەسلى بۇلۇپ، قانۇن تۇزۇملىرى مۇكەممەللىشىدۇ،ۋە پۇرسەت ئىڭى مۇنداقچە دىگەندە پۇرسەتكە بىقىپ بىيىش پۇل تىپىش ئاساس بۇلىدۇ.ئۇچۇنجى گۇللىنىش پەسلى بۇلۇپ، ئادەم ئامىلى ئاساس .ئىختىساسلىقلار بايلىقنىڭ مەنبىيى بۇلۇپ قالىدۇ. تۆتتىنجى تۇيۇنۇش پەسلى بۇلۇپ، مەدىنىيەت ساتىدۇ. موداماركا يارتىپ شۇئارقىلىق ئىختىسادنى گۇللەندۇردۇ. قەدىمدە پەرغانىنىڭ ئاتلىرى مودا بولغانلىق توغرىسىدا مەلۇماتلار بار.ئات سودىسى نۇرغۇن ئىختىسادىي قىممەت ياراتقان.
دۆلىتىمىزنىڭ تەقۋادارلىق ھاۋا خۇسيىتى گەۋدىلىك بۇلۇپ، شۇنىڭغا ماس تەقۋادارلىق يەتتە قەۋەت بۇيىچە ماڭىدۇ. قۇتادغۇ بىلىگدىكى يەتتە يۇلتۇز نۇجۇم قائىدىسىنى ئىختىسادقا تەدبىقلىساق ،ھۆكۇمەتنىڭ قوللاش سىياسەتلىرى- يىڭى تىخنىكا شىركەتلىرى ، توشۇش ئۇچۇر كەسىپلىرى. ھەربىي ئەستەھە، ئىنىرگىيە،مىتالچىلىق ،داۋالاش،يىمەك ئىچمەك كىيىم كىچەك تەشۋىقات ئۆيمۇلۇك قۇرلۇشى قاتارلىق تەرتىپ بۇيىچە يۇرگۇزىلىشى مۇمكىن. مەسلەن؛دۆلىتىمىز ئىختىسادى قۇرلۇش پەسلىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاش ئالدىداتۇرۋاتىدۇ. ئاكسىيە كۆرسەتكۇچىمۇ تۆت قىتىملىق چوڭ ئۆسۇشنى باشتىن كۆچۇرگەن بۇلۇپتۇ.2009-يىلدىن بۇيانقى 4-ئۆسۇش ، بەش قىتىملىق كىچىك ئۆسۇشنى ئۉز ئىچىگە ئالدى.بەشىنجى قىتىملىقىدا مىتالچىلىق ساھاسىدە گەۋدىلەندى دەپ ئويلايمەن. يەنە داۋالاش ، يىزا ئىگىلىكى قاتارلىق يەتتە قەۋەتنى تاماملاپ، ئىككىنجى پەسلى قانۇنچىلىق پۇرسەت ئاساس بۇلىدىغان دەۋرىگە دادىل قەدەم ئالغۇسى.
بىر رايۇن بىلەن بىر رايۇننىڭ ئىختىسادىنىڭ خاراكتىرى ئوخشاش بولمايدۇ.كۆپۇنچە يىڭىلىق يىڭى مەسھۇلات ‹پاتنىت›بولسا، ئۇنى توغرا تەدبىر بىلەن مەبلەغ سالسا، ئىھتىياج سىتىۋىلىپ ئاندىن پايدىغا ئايلىنىدۇ.شۇنىڭغا ماس ياۋرۇپا ئەللىرى ئەزەلدىن يىڭىلىق تىخنىكا ئەھيا بولغان جايلار، توك بىلەن ماتۇر شۇيەردە كەشىپ قىلىنغان. بۇ تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىشنى يىڭىلىقنى كۆرسەتسە. ئامرىكا ، قانۇن قۇرال پۇل ئىختىسادىي تەدبىرلىرى بىلەن ئوت سۇپەتتىكى ئادىللىقنى تەدبىرنى كۆرسىتىدۇ.نۇرغۇن ئىختىسادىي تەدبىرلەرنى شۇلار پەيدا قىلدۇ.يەنە ئەرەپ ئەللىرىدىن نىفىت كۆپ چىقىدۇ. نىفىت زامانىۋىيلىقنىڭ ئىنىرگىيسى. مول ئىنىرگىيە زاپىسى دۇنيا ئىختىسادىنى ياخشىلىق سۇبىلەن تەمىن ئىتىپ، مەبلەغ مۇناسىۋىتىنى ئەكىس ئەتتۇردۇ.شەرىق ئەللىرىدە نۇپۇسى كۆپ ، غايەت زور ئىھتىياجى بىلەن ھاۋا تەقۋادارلىقنى گەۋدىلەندۇردۇ. ياۋرۇپا نى مىڭە دىسەك، ئامرىكا يۇرەك،ئەرەپ ئەللىرى ئاشقازان، جۇڭگۇ ئۆپكە دىيىشكە بۇلىدۇ. ياۋرۇپا پايدا ئالسا ، شەرىققە ئەكىس تەسىر قىلىدۇ. جۇڭگۇئىختىسادى مەسىلىگە يۇلۇقسا ، دۇنيا ئىختىسادىغا زۇكام تىگىدۇ. تەدبىرنىمۇ مەبلەغگە ئاساسەن چىقىردۇ. بۇلار ئوتتۇرسىدا تۆت تادۇچە مۇناسىۋەت بولىدۇ.
ئىختىسادنىڭ نۇرمال يۇرىشى ئالتۇن پۇل نىفىت ئاش تىن ئىبارەت تۆت ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. سەۋەپ جەريان نەتىجە مۇناسىۋىتى بۇيىچە قارغاندا ، ھۇكۇمەت ئالدى بىلەن نۇرغۇن پۇل تارقىتىپ، ھەرساھا ھەر رايۇننى ئۇمۇمىي يۇزلۇك قوللايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كارخانلارمەبلەغگە ئىگە بۇلۇپ ھەرساھا ئورتاق گۇللىنىدۇ.خۇددى ھازىرقى ئامرىكىنىڭ كەڭرى پۇل سىياسىتىگە ئوخشاش. ھۇنەر سەنئەتنىڭ گۇللىنىشى ‹ ھۇنەرسەنئەتكە رەڭلىك مىتال خام ئەشيا قىلىنىدۇ› ھەم پۇلنىڭ كۆپلەپ تارقىتىلىشى سەۋەپلىك پۇل پاخاللىقى يۇزبىرىدۇ.پۇل ئەرزان كۆپ ئىشەنىچسىز بولغاچقا ئالتۇن ئۆسىدۇ. خۇددى بۇيىلقىدەك قاتلاپ 1600دوللارنى كۆرسىتىدۇ.ئاندىن ھۇكۇمەت بانكا تەييار پۇل نىسبىتىنى ئۆستۇرۇش، قەرىزنى ئازايتىش،زاييۇم تارقىتىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن پۇلنى قىسىشقا باشلايدۇ. پۇلنى قىسقانچە پۇل ئازلىغانسىرى مەبلەغ قىسىنچىلىقى يۇزبىرىپ پۇل قىممىتى ئۆسۇشكە باشلايدۇ.ئاندىن ساھالار ئارا رايۇنلار ئارا قوللاش سالمىقى يۇقرى كۆتۇرلىدۇ.نوختىلىق ساھالار بۇلۇپمۇ ماشىناسازلىق تەرەققىي قىلغانسىرى ، نىفىت ئىنىرگىيە ئىھتىياجى يۇقرى كۆتۇرلىدۇ.بارابارا نىفىت ئۆسىدۇ.نىفىتنىڭ ئۆسىشى تەدىرجى ئۇغۇت باھاسىغا تەسىر قىلىپ ئاش ئۆسىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ. بۇۋاقىتلاردا بايلىق تەخسىملىنىش تەكشى بولمىغاچ مۇقۇمسىزلىق ئامىللىرى پەيدا بۇلۇشقا باشلايدۇ، ھۆكۇمەت ياردەم بىرىش نامراتلارنى يۇلەش قاتارلىق تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.دىمەك ئالتۇن پۇل نىفىت ئاشنىڭ دەۋرىيلىك يۇرىشى گەۋدىلىنىشى بىلەن ئىختىساد قۇشۇلما قىممەت پايدىغا ئىگە بۇلىدۇ.
بازار ئىگىلىكى دىن پايدىلاندىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تادۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-9 01:16 PM