|
|
|
|
بىر قىسىم تورداشلارنىڭ تەلۋى بىلەن بۇ تىمىنى يازدىم؛
قۇرۇق گەپنى ئازراق قىلىپ نەق گەپنىلا قىلسام، تۇڭلىتىش ئىسكىلاتىنىڭ ھازىر يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.
0 دىن تۈۋەن تىمپىراتورىدا ساقلايدىغان ئىىسكىلات؛
ئۈزۈم دىگەندەك قۇرۇق مىۋە چىۋىلەرنى ساقلاشتا كۆكتات ۋە ھۆل مىۋە ساقلايدىغان ئىسكىلاتلارغا قۇرۇق ئۈزۈمنى ئەكىرىپ ساقلىساق ، ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن ئۈزۈمنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ئۈزۈمنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ قۇيىدىغان، ئېغىرراق بولغاندا ئىچكى قىسىمىدا ھاشاراتلار كۈپىيىپ ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىنى بەك بۇزىۋىتىدىغان ئەھۋاللار بار. ئىسكىلاتنىڭ بىر قىسمى ياكى پۈتۈن قىسمىنى شۇڭا 0 دىن تۈۋەن تىمپىراتورىغا چۈشۈرۈپ ، قۇرۇق يەل-يىمىشلەرنى ساقلايدىغانلېرى بار،
ھۆل مىۋىلەر ۋە سەي-كۆكتاتلارنى 0 گىرادوس ۋە 5 گىرادوستىن تۈۋەن مۇھىتتا مەلوم خىمىيلىك دورىلارغا چىلاپ، نەچچە ئايدىن بىر يىلغىچە ساقلايدىغانلېرى.
مەيلى قانداق بولسۇن مۇزلىتىش سېستىمىلېرىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ئوخشاش بۇلۇپ، ئۆيلەردىكى تۇڭلاتقۇلار بىلەنمۇ ئۇخشاش پىرىنسىپتا خىزمەت قىلىدۇ. پەقەت تىمپىراتورىنى ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىش ئارقىلىقلا تىمپىراتورىسىنى نەچچە گىرادوس قىلىش بەلگىلىنىدۇ.
مۇزلىتىش تېخنىكىسى بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا ئىسسىقلىقنى يۈتكىۋىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇرۇنلاردا سۇ ئىچىگە يەنە بىر يۇمىلاق مىتال قاچا سىلىنىپ، شۇ قاچىنى مىخاينىكىلىق قۇرۇلما ئارقىلىق، ئادەم كۈچىدە يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلاندۇرۇپ قاچا ئىچى تىمپىراتورىسى تۈۋەنلىتىلگەن (پىرىنسىپىنى ئىنىق بىلمەيمەن)، مەن كىچىك چاغلېرىمدا ناھىيە بازىرىغا بارغاندا شۇ يەردە كۆرگەن ئىدىم. ھازىر توك بىلەن شۇنداق سۇ ئىچىدىكى قاچىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرۇپ سۇغۇق ئىچىملىك ساتىدىغانلار بار.
كىيىنچە گىلى گازى بىلەن مۇزلىتىش بىر مەزگىل ئۇموملاشقان. ناسوس ئارقىلىق گىلى گازىنىڭ بىسىمىنى ئاشۇرۇساق ياكى سۇيۇق ھالەتكە كىرگۈزسەك ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ، بىسىمىنى تۈۋەنلەتكەندە يەنى گاز ھالەتكە كەلگەندە بولسا ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. بۇ تەرپى ھاۋا ۋە باشقا دائىم ئۇچرايدىغان گازلار بىلەن ئۇخشىمايدۇ. سۇنى مىسالغا ئالساق قاينىغاندا ھورغا ئۆزگىرىپ ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ.
ئەمدى بىز دىئامىتىرى 8 مىللىمىتىرلىق 10 مىتىر مىس نەيچە بىلەن يىپىق يوللۇق ئايلىنىدىغان قۇرۇلمىنى ئىسالغا ئالايلى، بىز 10 مىتىرلىق نەيچىنىڭ ئۇتتۇرا قىسمى يەنە 5 مىتىرلىق ئورۇنغا، ئنچىكە كافىليار نەيچە (ئۇزنلىقى ئەھۋالغا قاراپ تەڭشىلىدۇ، بۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئۇزۇن-قىسقىلىقى مۇزلىتىش ئۈنۈمىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.) بىر دىئامىتىرى 1.5 مىللىمىتىرلىق مىس نەيچىنى(ئىچكى دىئامىتىرى 1 مىللى كەلمەيدۇ) ئۇلاق قىلساق، شۇ قىسىمغا كەلگەندە گازنىڭ بۇ نەيچە ئىچىدە راۋان مىڭىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، نەيچىنىڭ ئىككى ئۇچى بولسا كومپىسسور(ياسوجى)نىڭ كىرىش-چىقىرىش ئۇچلېرىغا ئۇلىنىدۇ، ئاندىن كومپىسسورنىڭ گاز قاچىلاش نەيچىسى ئۇچىدىن ئىچىدىكى ھاۋانى تارتىپ چىقىرىۋىتىپ، گىلى گازىنى قاچىلاپ نەيچىنى قىسىپ ئاندىن كەپشەرلەپ سىرىتقى مۇھىت بىلەن ئايرىپ ئىشنى تاماملايمىز.
كومپىسسورنى ئايلاندۇرساق ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش نەيچىسىدە گىلى بىسىمى ئىشىپ سۇيۇقلۇققا ئايلىنىدۇ ياكى قۇيۇقلۇقى ئاشىدۇ، بى چاغدا گىلى تىمپىراتورىسى سۇۋۇپ، نەيچىنى سۇۋۇتىدۇ، ھەم بىر ۋاقىتتا ئىنچىكە كافىليار نەيچىدىن ئىسسىقلىق تارقىتىش نەيچىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۈتكەن گىلى گاز ھالەتكە قايتىدۇ ياكى شالاڭلىشىدۇ، بۇ چاغدا گىلى گازىدا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق نەيچىنى ئىسسىتىدۇ.
كومپىسسور؛ بۇ نەرسە ھاۋا كىرىش نەيچىسىدىن سۈمۈرۈش، چىقىش نەيچىسىدىن بىسىملىق يوللاش ئىقتىدارى بار، ئادەتتىكى ناسوسلاردىن پەرىقلىنىدۇ. ئادەتتە.سۇقا چاقلىق، سېيرىلما ياپراقچىلىق، سىلىندىرلىق ۋە چىشلىق چاقلىق بۇلۇپ ، ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ قايسى شەكىلنى قوللىنىش تاللىنىدۇ.
سېيرىلما ياپراقچىلىق؛قول بىلەن ئايلاندۇرۇپ ماي تارتىدىغان نەرسىگە ئوخشايدۇ. چىشلىق چاقلىق؛
سۇقا چاقلىقنى ۋە سىلىندىرلىقنى دىمىسەممۇ بۇلار. كومپىسسورنى ھازىرچە بىز ئىشلەپچىقىرالمايمىز.
كومپىسسورلار؛
ئادەتتە دۆلىتىمىزنىڭ كومپىسسورلېرىنىڭ ئىش ئۈنىمىمۇ خېلى يامان ئەمەس، ئەمما بۇ ساھەدە بەكرەك ئىنىرگىيە تىجەيدىغان يۇقىرى ئىش ئۈنىمىگە ئىگىلېرىنى ئىتالىيەدىن ئىمپورىت قىلىدۇ.
ئادەتتە ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ياز كۈنلېرى بەك ئىسسىق ۋاقىتلاردا ياخشى مۇزلىتالمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، بۇ چاغلاردا ھاۋا تەڭشىگۈچ بەك كۈچەپ ئىشلەيدۇ، توك سەرپىياتى ئەڭ يۇقىرى ۋاقىتلار دىسەك بۇلىدۇ. توڭ ئىسكىلاتىمۇ ئۇخشاش.
ئەگەر يىقىن ئارلىقتا دەريا ياكى ئىقىن سۇ بولسا ئىسسىقلىق تارقاتقۇچتىن چىقىپ، كومپىسسورغا ئۇلىنىدىغان نەيچىنى ئۇزارتىپ،4-5 مىتىر نەيچىنى سۇغا چىلىنىپ تۇرىدىغان قىلىپ، ئىسسىقلىقىنى سۇغا تارقىتىۋەتسەك، سۇ تىمپىراتورىسى قانچە تۈۋەن بولغانچە شۇنچە ئىنىرگىيە تىجەيدۇ، يەنى ئادەتتىكى40 گىرادوسلۇق مۇھىتتا 30 كىلوۋات توك سەرىپ قىلىدىغان توڭ ئىسكىلاتى 15 گىرادوسلۇق سۇ ئارقىلىق مۇزلىتىشتىن ئۈتسە 12-13 كىلوۋات توك سەرىپ قىلىشى مومكىن. بۇ نەرسىنى ئۆزىمىز ئەھۋالغا قاراپ قۇغدىنىش قەۋىتى بار قىلىپ ياسىۋالساق بۇلىدۇ.
ساقلايدىغان سەي-تاقلارنى چىلايدىغان دورىلارنى ئۇقمايدىكەنمەن، بىلىدىغانلار ئىنكاستا تۇلۇقلاپ قۇيار.
|
|
|
|
|
|