مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9892|ئىنكاس: 44

ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99740
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 706
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 04:55:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (1)

مۇقەددىمە

بۈگۈنگە قەدەر تورلاردا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە پەخىرلىك نەتىجىلىرى ھەققىدە ئېسىل-ئېسىل ماقالىلار خېلى يېزىلدى؛ ئەمما مورىدىن ئىس چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ رېئال، بۇ ئومۇمىي ساھەدىن بىر نەرسە يېزىلمىدى؛ بولۇپمۇ ئامېرىكىغا بىر تال خىشسىز كېلىپ ئۆي-ئوچاق بەرپا قىلغانلارنىڭ ئۆز قەلىمىدىن.

  نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كېلىش جەريانىغا ئاساسەن ئىككىگە ئايرىش مۇمكىن: كۆچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇچۇپ كەلگەنلەر. كۆچۈپ كەلگەنلەر دېگىنىم : ئوقۇش، خىزمەت ياكى تۇغقان يوقلاش دېگەندەك نىسبەتەن نورمال يوللار بىلەن كېلىپ بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئىختىيارىي  تاللاشتىن كېيىن يەرلىشىپ قالغانلار. ئۇچۇپ كەلگەنلەر دېگىنىم:ھاياتنىڭ تۈرلۈك ئىسسىق-سوغۇق شاماللىرىنىڭ پۈۋلىشى بىلەن يەنى تاساددىپىي سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى ئامېرىكىدا كۆرگەنلەر. كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ھىچ بولمىدى دېگەندە كوچىدا ئېزىپ قالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىنگلىزچە مەلۇماتى بولىدۇ، قولىدا يېتەرلىك دەرىجىدە قانۇنىي رەسمىيەت، يانچۇقى بىرەر ئىش تېپىۋالغىچە بەرداشلىق بەرگۈدەك دەرىجىدە توم بولىدۇ. ئەمما ئۇچۇپ كەلگەنلەر ئۇنداق ئەمەس. بۇلار  ئايرىپلاندىن ئىككى قولىنى بۇرنىغا تىقىپ چۈشكەندىن باشقا، بۇلارنىڭ پاسپورتىنىڭ يا بىرەر ۋارىقى يىرتىق ياكى ياماق ۋە ياكى پاسپورتىدىكى ئىسمى چاتاق) ئىسىم باشقا، ئادەم باشقا( . قانۇنىي رەسمىيەتلەر پۈتكىچە باشنى نەگە تىقىش بۇ تائىپىدىكىلەر ئۈچۈن تۇنجى ئۆتكەل. ئامېرىكىدا " كۆچمەنلەر ئىشنى نۆلدىن باشلايدۇ" دېگەن گەپ بار، ئۇنداقتا ئۇچۇپ كەلگەنلەر ئىشنى نۆلنىڭ تۆۋىنىدىن باشلايدۇ. مۇئەللىپ  بۈگۈندىن باشلاپ تورداشلارغا ئەنە شۇ نۆلنىڭ تۆۋىنىدىن باشلانغان بىر ھاياتتىن ئارىيەلەر سۇنىدۇ. ئارىيەلەر چاتما ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە سۇنۇلىدۇ.
ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، تورداشلار چاتمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ ئارتۇقچە تەخمىنلەردە بولمىغاي. چاتمىدا مۇئەللىپنىڭ ئۆزىگە زىيىنى تەككەن قايسى بىر شەخسلەرنى چوقۇۋېلىش ياكى نوقۇۋېلىش ۋە ياكى ئۆزىگە نېپى تەككەن قايسى بىر زاتلارغا رەخمەت-ھەشقاللا ئېيتىۋېلىش غايىسى يوق؛ ئانا يۇرتقا بولغان ئىنتىلىش ياكى ياقا يۇرتتىن زېرىكىشلەردىن دەم ئۇرۇپ بىر مەيدان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىۋېلىش نىيىتىمۇ يوق؛ ئوخشاشلا، ئۆزى ياقتۇرمىغان-سەسكەنگەن قايسى بىر تۈزۈلمە ياكى قۇرۇلما ئۈستىدىن قاخشىۋېلىش ۋە ياكى ئۆزى سۆيگەن-سۆيۈنگەن قايسى بىر تۈزۈلمە ياكى قۇرۇلمىنى ماختاپ ئۇچۇرىۋېلىش مەقسىتى تېخىمۇ يوق. مۇئەللىپ پەقەت " نۆلنىڭ تۆۋىنىدىن باشلانغان ھايات مانا بۇ"! دېيىش ئارقىلىق تورداشلارغا بىر مەيدان كىنونىڭ پەيزىنى سۇنماقچى. قېنى مەرھەمەت، تۆۋەندىكىسى ئوننەچچە قىسىملىق بۇ كىنونىڭ مۇقەددىمىسى:

   فلورىدا شتاتىدىن چامدانلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ۋاشىنگىتونغا كەلگىنىمدە بېكەتتە كۈتۈۋالغان  بىر دوستىمىز  بېشى قاتقان ھالدا  سورىدى:
---- نەگە ئاپىرىپ قويىمەن؟
---- پالانچىنىڭ ئۆيىگە.
---- بىر كىشىلىك ئۆيدە ئۆچ كىشى تۇرىۋاتقان؛  سىغامسەنكىن -تاڭ؟
---- ئۇنىڭ ئۆيىدە يەنە بىر بوش سافا) كىرىسلو( بار دەپ ئاڭلىدىم.
---- يېقىندا قوش كىشىلىك كارىۋاتتىن بىرنى قىستىغان، سافا جايىدا بولسىلا......

ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندە يەنە مۇشۇ ۋاشىنگىتوندا دەل مۇشۇ ئاغىنەم بىلەن ئارىمىزدا مۇنداق بىر دىئالوگ بولۇپ ئۆتتى: ) سورىغۇچى ئۇ، جاۋاپ بەرگۈچى مەن(
---- تېلىپون قىپتىكەنسەن؟
---- كەچتە ئۆيۈمدە مېھمان بار،  كېلىپ ئولتۇرۇپ كەت دېمەكچىدىم.
---- ئۆيلۈرۈڭنىڭ قايسىغا بارىمىز؟
----  شېرۋود سىترىت (Sherwood Street) تىكىگە .
---- ئىجارىكەشلىرىڭنى نەگە ئورۇنلاشتۇردۇڭ؟
  .....................

دېمەك، ۋاشىنگىتونغا بىر سافانى پاناھ تارتىپ كېلىپ، 5 يىلدىن كېيىن " ئۆيلۈرۈڭنىڭ قايسىغا" دېگۈدەك دەرىجىدە مال-مۈلۈكلۈك، "ئىجارەكەشلىرىڭ" دىيىلگۈدەك دەرىجىدە ئىش-ئوقەتلىك بولۇپ قالدىم. جەمئىي قانچە ئۆيلىگى ۋە قانچە  ئىجارىكەش ئىكەنلىكى سىر تۇپ-تۇرغاي. چۈنكى بۇ ئاخىرقى پەللەممۇ ئەمەس؛ ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە يقىلىش ۋە قوپۇشلار بار. چاتمىنىڭ بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىدا ئەنە شۇ  دەسلەپكى قېتىملىق دەس تۇرۇشتىن قىسسىلەر سۆزلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4201
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 05:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ قالدىم ، داۋامىنى ساقلاي

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەڭ توغرا تاللاش مىسرانىم !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5238
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 657 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 05:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ھوللىۋودنىڭ ياقەي ، تۈركىيەنىڭ قوينىڭ ئۈچەيلىرىدەك كۆپ قىسىملىق ئاخىرى بار .... دەيدىغان يەنە بىر ئەسەرنىڭ مىسرانىمدا كۆز ئاچقانلىقىدىن خۇشال بولدۇم . بۇ بوۋاق ئەسەرنىڭ بېشىغۇ خىلى قىززىقتەك تۇرىدۇ  ! قېنى نۆل ياشتىن باشلاپ بىر ھۇزۇر ئالايلۇق !!!

دۇنيادا چېكىلىۋەرسە ، ئېچىلمايدىغان ئىشىك يوق ، گەپ ئىشىك چەككۈچىنىڭ سەۋىرچانلىقىدا !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99677
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-11-16
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 05:22:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىغا قاتتىق قىزىقتىم ، كۈندە ساقلاشقا مەن رازى ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95848
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 05:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
... ۋاي ئاللا، قېنى ئاخىرى؟ تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ كەتتىيا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، داۋامىنى تېزرەك يوللارسىز.....

ياخشىلارغا ئاچىمەن قۇچاق،
يامانلارغا تەڭلەيمەن پىچاق.
يىقىلغاننى قويىمەن يۆلەپ،
مېنىڭ ياشاش لوگىكام شۇنداق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60898
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3329
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 05:37:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خېلى قىزىققۇچىلىكى بار تېما ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 274 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 06:08:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ئوقۇشقا ئىنتىزارمەن  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8635
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2762 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 07:19:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى يوللىغاندا ھايت دەۋىتىڭ ھە.

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8887
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1919 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 07:24:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تېزرەك يوللارسىز.....

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5880
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1727 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 07:24:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساقلىغۇچىلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدۇم ئەمىسە

كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش