|
|
|
|
ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى 5-سان ئارسلان ئابدۇللا
فىلىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
نورمال چىقمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ http://v.youku.com/v_show/id_XNjQ1MjIxOTQ0.html (تىللارنىڭ ئۇچرىششى،تىل ئستىمالى،تىل پوزىتسيەسى)
ئارسلان ئابدۇللا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ-مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى. ئارسلان ئابدۇللا 1955-يىلى قومۇلدا تۇغۇلغان. 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئۆزبېك تىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1990-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە ئەنگىلىيىنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىتا بىلىم ئاشۇرغان. 1996-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە كافېدرا مۇدىرى، فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 2001-يىلىدىن 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى،قوشۇمچە شىنجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالتايشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، جوڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ شىنجىاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىىكى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىسىنىڭ پەن يېتەكچىسى، "211 قۇرۇلۇشى" ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى نۇقتىسىنىڭ پەن يېتەكچىسى، جوڭگو تىل-ئەدەبىياتى پوست دوكتورلۇق پونكىتىنىڭ باشلىقى، ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى دوكتورلۇق نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان.
ئارسلان ئابدۇللا 34يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا پەن قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن پائال شۇغاللانغان. ئۇ ماگىستېر، دوكتور ئاسپىرانتلىرىغا "جەمئىيەت تىلشۇناسلىقى"، " 'قۇتادگۇبىلىك' نىڭ بەدىئىي سەنئەتلىرى"، "دېئالېكت ۋە رايونلار مەدەنىيىتى"، "ئاتروپولوگىيە تىلشۇناسلىقىدىن تېزىسلار"، "ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى"، "فولكلور تىلشۇناسلىقىدىن لېكسىيىلەر"، " تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە تەسىرلىشىشى" قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆتكەن. ئەنگىلىيىنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا، فرانسىيىنىڭ ئالى تەجرىبە-تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن دەرس ئۆتكەن ۋە لېكسىيە سۆزلىگەن.ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى بويىچە تۇنجى بولۇپ ماگىتېر ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلىگەن، دۆلەتنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى پروگراممىسىغا رېياسەتچىلىك قىلغان. ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايوننىڭ " قۇتادغۇ بىلىك ئىستىلىستىكىسى"،"شىنجاڭنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەتلىرى ۋە ئۇلارنى قوغداش" دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات پروگراممىلىرىغا، دۆلەتنىڭ "غەربىي يۇرتتىكى تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە تەسىرلىشىشى" دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات پروگراممىسىغا رېياسەتچىلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى نەتىجىلىك تاماملىغان. ھازىر دۆلەتنىڭ "غەربى-شىمالدىكى تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە تىل ئىتتىپاقداشلىقى توغرىسىدا تەتقىقات" دېگەن تېمىدىكى تالاشتۇرۇپ تەسىس قىلىدىغان پەۋقۇلئادە زور تەتقىقات پروگراممىسىغا، "ئۇيغۇر تىلىنىڭ قومۇل شېۋىسى ۋە ئۇنىڭ ئاۋازلىق ئارخىبى" دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات پروگراممىسىغا، شۇنىڭدەك "ئاراتۈركنىڭ يەرناملىرى توغرىسىدا تەتقىقات" قاتارلىق پروگراممىلارغا رېياسەتچىلىك قىلماقتا. ئۇ گېرمانىيە، روسىيە، ئاۋىسترالىيە، ئاۋىستېرىيە، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتتە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ 12پارچە ئەسىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1-،2-،3-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا، 5 پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايوننىڭ 2-ۋە 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ رومان،ھىكايە، ئوچېرىك، ئىلمىي ماقالىدىن 30 نەچچە پارچىنى ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا، خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. ئارسلان ئابدۇللا پەن يېتەكچىسى سالاھىيىتى بىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ پەن قۇرۇلىشىغا رېياسەتچىلىك قىلىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات قوشۇنىنى كۈچەيتىشتە، تەتقىقات كوللېكتىپلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا، دەرس ۋە دەرسلىك ئىسلاھاتىدا، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە،ئىلمىي پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇشتا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتىنى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىلىدىغان كەسىپلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشتە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جوڭگو تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پوست دوكتورلارنى تەربىيىلەش ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشتە، دۆلەتنىڭ "211 قۇرۇلۇشى"دىكى نۇقتىلىق كەسىپ ___ "جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى"نىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشتا ، فولكلور، مىللەتشۇناسلىق قاتارلىق كەسپلەر بويىچە ماگىستېر تەربىيىلەش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسىتىپ، فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇنىڭ بەدىلىگە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن قۇرۇلۇشىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەر مۇكاپاتىغا ئىككى قېتىم، ئاسپرانتلىق نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەر مۇكاپاتىغا بىر قېتىم ئېرىشكەن؛
لىكسىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر:
مەزكۇر تېمىنى ياكى فىلىمنى تورداشلار ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان تور بېكەت ۋە بىلوگلارغا يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز! مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكتى 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 8 - كۈنى
|
|
|
|
|
|