6-ئايدا بىزمۇ ئىككى ئائىلە شىمالى شىنجاڭ ساياھىتى قىلغان، ماشىنىنى ئۆزىمىز ھەيدەپ، يول بىلىدىغان بىرسىمىزمۇ يوق،ماشىنىنىڭ يول باشلاش سېستىمىسىغا ئەگىشىپ، نەچچە قېتىم خاتا مېڭىپ ،كەينىمىزگە يېنىپ دىگەندەك....
ئۈرۈمچىدىن سانجى يولى بىلەن مېڭىپ ،ئاندىن قارىمايدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ،تۆتىنجى كۈنى سەھەردە يولغا چىقىپ، شىخو يولى بىلەن مېڭىپ،چۈشتىن كىيىن بولغاندا سايرام كۆلىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق، ۋاھ...شىنجاڭدا مۇنداق گۈزەل جايلارنىڭ بارلىقىنى شۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ ھېس قىلىپ يەتتىم،ھەيۋەتلىك گوزىگو كۆۋرۈكى (توغرا ئاتىلىشى قانداقكىن بىلمىدىم) دىن ئۆتكەندە بەكمۇ ھاياجانلاندۇق،ئاتا-ئانام ئون نەچچە يىل بۇرۇن كەلگەندە بۇ يوللار يوقكەنتۇق
.gif)
تېمىدا يوللانغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى سارىيىدىن باشقا جايلارنى كۆرۈپ، ئېلى دەريا بويىدا مەرەژ (غۇلجىدا مۇشۇنداق ئاتايدىكەن،تەمى ۋە رەڭگى قايماقلىق ماروژنىغا ئوخشىمايدىكەن)يەپ،ئەتىسى ئاقتاش، نۆل دىگەن يەرلەرگە بېرىپ، بىر قازاقنىڭ كېگىز ئۆيىدە قوي سويۇپ مەشرەپ قىلىپ دىگەندەك شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك بىر ساياھەت قىلدۇق،ياپيىشىل ئورمان ۋە چىملىق،رەڭگارەڭ ئېچىلغان تاغ گۈللىرى ،سۆسۈنرەڭ ئۈستىقۇددۇس، يول بويلىرىدىكى ساپسېرىق قىچا ... ھازىر ئويلىساممۇ شۇنچە ھاياجان ، چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ گۈزەل مەنزېرە،گەرچە ئەتكەنچاينى جىق ئىچىۋىلىپ قورساق ئاغرىقنىڭ دەردىنى خېلى تارتقان بولساقمۇ، بۇ تېمىنى كۆرۈپ يەنە بىر بارغۇم كەلدى...
گۈزەل يۇرت غۇلجا، يەنە بىر كۆرۈشكە نىسىپ بولغاي،خەير-خوش !
.gif)