رەھبەرلىك ئىقتىدارى دىگەن نىمە
رەھبەرلىك ئىقتىدارى دىگىنىمىز:-ھوقۇقنى دەستەك قىلىش ئەمەس،بەلكى باشقىلارنىڭ ئەركىن ئىشلىشىگە ھوقۇق بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.
كىچىككىنە غەلبىنى بىرەر ئادەم ئۆزى ئەجىر قىلىپمۇ قولغا كەلتۇرەلەيدۇ،لېكىن ،ئاخىرقى ھىساپتا مۇۋاپىقىيەت ئېلىپ كېلىدىغان ئۇلۇغ غەلبىنى تەنھا تىرىشچانلىققا تايىنىپ قولغا كەلتۇرگىلى بولمايدۇ.بۇنداق غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن ،باشقىلارنىڭمۇ كۇچ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىز باشقىلارنى مەلەم نىشانغا يېتىش ئۇچۇن بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلغىنىڭىزدا،ئۆزىنىڭىزمۇ رەھبەرلەر قاتارىدا ئورۇن ئالغان بولىسىز،قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ غەلبىگە ئېرىشىشى ياكى مەغلۇپ بولىشى ئۆزىڭىزنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسىگە باغلىق بولۇپ قالىدۇ.
رەھبەرلىك ئىقتىدارى دىگەن زادى نىمە؟ ناپالىئون خېئول مۇنداق دەيدۇ:“رەھبەرلىك ئىقتىدارى دىگەنلىك –غايىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىدۇر ”.كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا بۇ توغرا.
بىرەر رەھبەر ئۆز غايىسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىمەن دەيدىكەن ،ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىلغا يەنى باشقىلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان قىلىشقا دىققەت كېرەك.رەھبەر بولغۇچى ئۆز تىرىشچانلغىىغىلا ئەمەس ،باشقىلارنىڭمۇ تىرىشچانلىغىغا تايىنىپ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولىشى كېرەك.مەن رەھبەر دىگىنى بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان ئادەم بولمىسا دىگىنى كۆپۇككە ئايلىنىدۇ.
رەھبەرلىك ئىقتىدارى دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئەڭ ياخشى تەبىرى: رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى- تەسىر قىلىش كۇچى دىگەنلىكتۇر.ھەقىقى رەھبەر بولغۇچى باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ،باشقىلارنى ئۆزىگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىدۇ،باشقىلارنى ئۆزى بىلەن بىر قاتاردا بىرلىكتە ئىشلەيد ىغان قىلالايدۇ،ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن ماسلىشىپ ،ئۆز غايىسىنى ،نىشانىنى ،ئېرىشمەكچى بولغان مۇۋاپىقىيىتىگە قاراپ قەدەم تاشلاشقا رىغبەتلەندۇرەلەيدۇ ۋە ئۇلارغا كۇچ-قۇۋەت ئاتا قىلالايدۇ.
رەھبەرلىك ئىقتىدارى دىگىنىمىز:-ئالدى بىلەن بىر كىشىنىڭ ئۆزگىچىلىگى ۋە كۇزىتىش ئىقتىدارى،شۇ كىشىنىڭ ئەڭ يادرولۇق تەرىپى ھىساپلىنىدۇ. رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىس فېرىد.شىمىس مۇنداق دىگەن:“رەھبەرلەر سەپنىڭ ئالدىدا شۇنداقلا باشتىن-ئاخىر سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك،ئۇلار ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان ئۆلچەم بويىچە ئۆزىگە تەلەپ قويۇشى شۇنداقلا باشتىن-ئاخىر ئاشۇ ئۆلچەم بويىچە ئۆزىگە تەلەپ قويۇشنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشى لازىم ”.ياخشى رەھبەرلەر ئۇزلىكسىز ئىلگىرلەيدىغان،تەرەققى تاپىدىغان،ئۇگۇنىدىغان كىشىلەردۇر،ئۇلار رەھبەرلەر تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەلنى تۆلەشنى خالايدۇ،ئۆز سەۋىيەسىنى ئۇزلىكسىز ئۆستۇرىدۇ،نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىدۇ،يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئۇچۇن ھەر خىل زۆرۇر قۇربانلارنى بېرەلەيدۇ،ئۇلار ئۆز تىرىشچانلغى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشىگە ئايلىنىدۇ.
ياخشى ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك،ئىشەنچلىك ئادەمنىڭ ،ئەخلاق-پەزىلىتى يوق ئادەمگە قارىغاندا رەھبەر بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن،لېكىن ياخشى ئەخلاق-پەزىلەتكە ئگە بولۇش
بىلەنلا ياخشى رەھبەر بولغىلى بولمايدۇ.بۇ پەزىلەتلەرنى كىشىلەر بىلەن چىقىشالايدىغان ئىقتىدار بىلەن بىرلەشتۇلەيدىغان بولۇشى كېرەك.رەھبەر بولغۇچى كىشىلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنۇتىشى،باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىشى،باشقىلار بىلەن سىردىشالايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىغىنى قوزغىتالايدىغان بولۇشى لازىم.ئاكتىپ روھىي ھالەتتە بولۇش،كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئاكتىپلىغىنى قوزغاش رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى شەكىللەندۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
رەھبەرلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى:
بىر ئادەم مۇۋاپقىىيەت قازىنىش،بايلىق يارىتىشتا چوقۇم ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇشى كېرەك.
دۇنيادا ئىككى خىل تىپتىكى ئادەم بولىدۇ،بىرى رەھبەرلىك قىلغۇچى ،يەنە بىرى بولسا ئەگەشكۇچى.خىزمەتكە كىرىشكەن ۋاختىڭىزدا ئۆزىڭىز تاللىغان كەسىپتە بىرەر رەھبەرلىك قىلغۇچى ياكى ئەگەشكۇچى بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسىدە چوقۇم بىر قارارغا كېلىشىڭىز كېرەك.بۇ يەردىكى پايدا-مەنپەئەت پەرقى ناھىيىتى چوڭ،گەرچە نۇرغۇن ئەگەشكۇچى خاتا ھالدا رەھبەرلىك قىلغۇچى بىلەن ئوخشاش ھەق ئېلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك قىلغۇچى بىلەن ئوخشاش ھەق ئېلىشىغا قىلچە ئاساسى يوق.
ئەگەشكۇچى بولۇش نومۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس،يەنە بىر تەرەپتىن ئېيىتقاندا ، ئەگەشكۇچى بولۇشنىڭ ھىچقانداق پەخىرلىنىدىغان يېرى يوق.نۇرغۇن رەھبەرلەر ئىشنى ئەگەشكۇچى بولۇشتىن باشلىغان،ئۇلار دەسلىۋىدە ئەقىللىق ئەگەشكۇچى بولغانلىقى ئۇچۇن كېيىن داڭلىق رەھبەر بولالىغان.ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ رەھبەرگە ئەگەشكەن كىشى ئىقتىدارلىق رەھبەر بولالايدۇ، بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ.رەھبەرگە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشى تولا ھاللاردا ناھيىتى تېزلا رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرىدۇ،ئەقىللىق ئەگەشكۇچىنىڭ نۇغۇن ئۇستۇنلىكى بولىدۇ،بۇ ئۇنىڭ رەھبەر بولغۇچىدىن نۇرغۇن بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
رەھبەر بولغۇچىلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى:
1.تەۋرەنمەيدىغان غەيرەت-شىجائەت بولۇشى كېرەك.
بۇنداق غەيرەت-شىجائەت ئۆزىدىن ۋە ئشلەۋاتقان كەسپىدە ئىگەللىگەن بىلىمىدىن شەكىللىنىدۇ.ئىشەنچ ۋە غەيرىتى كەمچىل بولغان رەھبەرنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى خالايدىغان ئەگەشكۇچى بولغان ئەمەس،بۇنداق رەھبەرنىڭ ئەقىللىق ئەگەشكۇچىگە ئۇزاق ۋاقىت قوماندانلىق قىلالىشىمۇ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
2.ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.
ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالمىغان ئادەم مەڭگۇ باشقىلارنى كونتۇرۇل قىلالمايدۇ.رەھبەر بولغۇچى ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىشتا ئەگەشكۇچىلەرگە ئۇلگە بولسا ئەگەشكۇچىلىرى تېخىمۇ ئەقىل تېپىپ رەھبىرىنى دورايدۇ.
3.كۇچلۇك ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولۇش كېرەك.
ھەرقانداق رەھبەر ئادىل، ھەققانىيەت تۇيغۇسىدا بولمىسا،قول ئاستىدىكىلەرگە رەھبەرلىك قىلالمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
4.قەتئى تەۋرەنمەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك.
ھەرقانداق ئىشتا دېلىغۇل بولىدىغان كىشى ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۇرەلمەيدۇ،باشقىلارغىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا رەھبەرلىك قىلالمايدۇ.
5. ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان كونكىرىت پىلان-تەدبىر بولۇشى كېرەك.
مۇۋاپىقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى پىلانلىشى ھەم پىلان بويىچە ئىشلىشى لازىم.ۋاقىتلىق چارە-تەدبىرگىلا تايىنىۋېلىپ ،رىئال،كونكىرىت پىلان بولمىسا،بۇنداق رەھبەر پالىقى يوق كېمىچىگە ئوخشاپ قالىدۇ.بۇنداق كېمىچى كۇنلەرنىڭ بىرىدە غەرىق بولماي قالمايدۇ.
6.ئېرىشكىنىدىنمۇ كۆپرەك بەدەل تۆلەيدىغان روھ بولۇشى كېرەك.
رەھبەر بولغۇچى ئۇچۇن پايدىسىزئاقىۋەتنىڭ بىرى-توھپە قوشۇشۇتۇر.بۇنداق توھپە قوشۇش رەھبەر بولغۇچىدىن ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتنى قول ئاستىدىكىلەرگە قارىغاندا ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىقراق تەلەپچان بولۇشنى شەرىت قىلىدۇ.
7.باشقىلارنى جەلىپ قىلالايدىغان مىجەز بولۇش كېرەك.
ھورۇن،چېچىلاڭغۇ،قوپال كىشى مۇۋپىقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچى بولالمايدۇ،رەھبەرلىك قىلغۇچى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك.ئەگەشكۇچىلەر مىجەزىدە تۇرلۇك نۇقسان بار ،ئىناۋىتى يۇق رەھبەرنى ھۆرمەت قىلمايدۇ.
8.ئەھۋالنى تەپسىلى،تولۇق ئىگىلىشى كېرەك.
مۇۋپىقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچىىنىڭ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئورۇننىىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى ئىگىلىشى زۆرۇر.
9.قول ئاستىدىكىلەرنى تولۇق چۇشۇنۇشى كېرەك
مۇۋپىقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچى چوقۇم قول ئاستىدىكىلەرگە ھىسداشلىق قىلىشى،ئۇلارنى چۇشۇنۇشى،ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئامالنىڭ بېرىچە ھەل قىلىپ بېرىشى لازىم .
10.كۇچلۇك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك
مۇۋپىقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يېتەرسىزلىگى ۋە خاتالىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇستىگە ئېلىشنى خالايدىغانبولۇشى لازىم.ئەگەر مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتەرسە ئۇ رەھبەرلىك خىزمىتىنى داۋاملىق ئىشلىيەلمەيدۇ.ئەگەر قول ئاستىدىكىلەر خاتالىق ئۆتكۇزسە بۇ ئۇنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىگىنى بۇلدۇرىدۇ.بۇنداق رەھبەر ئاخىرقى ھىساپتا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئويلۇشۇپ قويۇشى كېرەك.
11.ھەمكارلىشىپ ئىشلەش روھىغا ئگە بولۇشى كېرەك
مۇۋپىقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەش پىرىنسىپىنى بىلىشى ۋە شۇ پىرىنسىپ بويىچە ئشلىشى،قول ئاستىدىكىلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىش توغرىسىدا نەسھەت قىلىش لازىم.رەھبەرلىك قىلغۇچى كۇچكە مۇھتاج،كۇچ ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج.
12.كەسكىن قارار چىقىرىش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك.
تېزلىكتە قارار قارار چىقىرىش ئىقتىدارى-رەھبەرلىك قىلغۇچى ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم شەرىتنىڭ بىرى.رەھبەرلىك قىلغۇچى ئېنىق،مۇھىم نىشانغا ئگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇنىڭدا شۇ نىشانغا يېتىدىغان ئېنىق پىلان بولۇشى،ھەرقانداق ئەھۋالدا كەسكىن قارار چىقىرالايدىغان بولۇشى لازىم.
13.خىزمەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
ئالاقىلىشىش دىگىنىمىز بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە ئۇچۇر يەتكۇزۇشى ھەم چۇشىنىشكە ئېرىشىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. رەھبەر بولغان كىشى ھەر كۇنى ئالاقىگە تايىنىپ بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلەرنى چۇشۇرۇپ ،كوللىكتىۋىزىملىق ئاڭنى تىكلەيدۇ ھەم ھەر خىل ئۇچۇرلارنى يىغىدۇ.رەھبەر بولغۇچى خىزمەتچىلەر بىلەن ،ئۆزىدىن يۇقۇرى باشقا رەھبەرلەر بىلەن ۋە باشقا مۇھىم تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىش مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى لازىم.رەھبەرلىك قىلغۇچى خىزمەتچىلەر بىلەن ئۇنۇملۇك ئالاقە ئورنۇتۇپ ،ئىش ئۇنۇمىنى ئۆستۇرۇش ئۇچۇن تۆۋەندىكى بىرنەچچە نوختىغا دىققەت قىلىش لازىم:
(1) ھوقۇقنى پەش قىلىپ باشقىلار بىلەن دەتالاش قىلماسلىق لازىم.ئەگەر كاللىڭىزدا “كىم سېنىڭ باشلقىڭ ئىكەلىگىنى كۆرسۇتۇپ قويىمەن”دەيدىغان ئوي بولىدىكەن،ئۇنداقتا ،يېنىڭىزدىكىلەرنى جېدەلگە سېلىپ قويىسىز،سىز ئامال قىلىپ ئۆزىڭىنىڭ ھەم خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ دىققەت-ئېتىۋارىنى نوۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەنى ھەل قىلىشقا قارىتىڭ،بۇ ئاساسى باشقۇرغۇچىنىڭ تەلىپى بولماستىن ،بەلكى ئوبىكتىپ مۇھىتنىڭ تەلىپىدۇر.
(2)پەشنى قېقىپ كارى بولماسلىق پوزىتسىيىسى تۇتۇشتىن ساقلىنىش لازىم.سىز خىزمەتچىلەردىن ۋەزىپىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى ھەم بۇيرۇقنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئانچە-مۇنچە چاخچاق قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ،ئەمما ۋەزىپە ئېنىق بولۇشى،مۇھىم ئىشلارنى ئگىلىشىڭىز لاىم.
(3)سۆز-ھەركەتكە دىققەت قىلىش لازىم.كۆپ ساندىكى خىزمەتچىلەر مۇنداق بىر پاكىتنى،يەنى رەھبەر بولغۇچىنىڭ خىزمىتى بۇيرۇق ۋە ئەمىر-پەرماننى يەتكۇزۇشتىن ئىبارەت دىگەن پاكىتنى قوبۇل قىلالايدۇ،بۇ جەرياندا كېلىپ چىققان تالاش-تارتىشلار بۇيرۇق،ئەمىر-پەرماننى يەتكۇزۇش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن،شۇڭا ئىددىيىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز-ئىبارىنى تاللاشقا ھەم تەلەپپۇزغا دىققەت قىلىش لازىم.
(4)خىزمەتچىلەر ھەممىنى چۇشەندى دەپ قالماسلىق لازىم. خىزمەتچىلەرنى سوئال سوراشقا رىغبەلەندۇرۇش ھەم ئۇلارغا مەسىلىلەرنى قايتا-قايتا چۇشەندۇرۇش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ چۇشۇنىشىنى مۇستەھكەملەش لازىم.
(5)ئۇقۇشماسلىقنى ۋاختىدا بايقاش لازىم.خىزمەتكە ئەۋەتكەندە زارلانغان،قاھشىغان خىزمەتچىلپرەرنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا ئېنىق كۆرسەتمە بېرىش لازىم،خاتا قىلغىنىنى تۇزۇتۇشتىن بۇرۇن خىزمەتچىلەردە ئارازىلىق ياكى خاتا چۇشەنچە بار-يوقلۇغىنى بايقاش لاىم.
(6)بۇيرۇقنى بەك كۆپ بېرىۋەت
مەسلىك لازىم.قالايمىقان بۇيرۇق چۇشۇرۇش ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ.شۇڭا چۇشۇرگەن بۇيرۇق قىسقا،نىشانلىق،چۇشۇنىشلىك،سەمىمى بولۇش لازىم،ئىمكانىيەت يار بەرگەندە خىزمەتچىلەر بىر بۇيرۇقنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر بۇيۇقنى چۇشۇرۇش لازىم.
(7)ئېھتىياجلىق ماتىريال بىلەن تەمىنلەش لازىم.ئوخشاش بولمىغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ.ئىشچىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ،ئۇلار ئېھتىياجلىق ماتىريالمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،يېشى چوڭراق ئىشچىلار زورۇر ئەمەس دەپ قارىغان ماتىرياللار يېڭى ئشچىلار ئۇچۇن پايدىلىق ماتىريال بولىشى مۇمكىن.
(8)بۇيرۇقنىڭ بىردەك بولماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
سىز ىىزمەتچىلەرگە بىرەر ئىشنى بۇيرۇشنى ئويلىشىۋاتقاندا ،باشقا ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ بۇيرۇق چۇشۇرگەن-چۇزۇرمىگەنلىگىنى تەكشۇرۇپ بېقىڭ،ئۇنىڭدىن باشقا ،بۇيرۇقنىڭ ۋاختى،ئوبىكتى بىر-بىرىگە زىت كەلمىسە ،بىردەكلىكنى ساقلاڭ.
(9)ئۆزى بىلەن ماسلىشالايدىغان خىزمەتچىلەرنىلا تاللىماسلىق لازىم.بەزى كىشىلەر ئەسلىدىنلا ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيدۇ،لېكىن بەزى كىشىلەرنى ھەر قېتىم بىرەر ئىشقا بۇيرىغىنىڭىزدا چاتاق چىقماي قالمايدۇ.كۆڭۇل قويۇپ ئشلەيدىغانلارغىلا ئىش يۇكلەپ،ئىشنى بېجىرمىگى تەس كىشىلەرگە سەل قارىماسلىق لازىم.بۇنداق قىلسىڭىز زىتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.
(10)كىشىلەرنى ئامال بار تەنقىت قىلماسلىق لازىم.خىزمەتچىلەرنى ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇش ئارقىلىق جازالاش خەتەرلىك.ئامال بار بۇنداق ئىشلارنى قىلماسلىق لازىم.گەرچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىنى ئۆچ كۆرسىڭىز ياكى ئاداۋىتىڭىز بولسىمۇ،خىزمەتچىلەر مۇۋاپىق خىزمەتكە قويۇلۇشنى ئارزۇ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
(11)ئەڭ مۇھىمى ئوت بىلەن ئويناشماسلىق لازىم.خىزمەتكە يېڭىدىن تەيىلەنگەن بەزى باشقۇرغۇچىلار بەزى چاغلاردا ھوقۇقى بىلەن ماختىنىدۇ.ياشتا چوڭراق باشقۇرغۇچىلار نىسبەتەن ئۇمۇتۋار كېلىدۇ،ئۇلار خىزمەتچىلەرنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشىقا ياكى ئۆزىنى ھۆرمەتلەشكە زورلاشنىڭ ئۆزىنى ئوتقا ئىتتەرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى چۇشۇنىدۇ.
(12)كۆڭۇل قويۇپ ئاڭلاش لازىم.بۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش زۆرۇر
1)باشقىلار سىزگە دىمەكچى بولغان گەپنى قىياس قىلماسلىغىڭىز ھەم خىزمەتچىلەرنى ئۆزى دىمەكچى بولغان ئىشنى سىزنى چۇشۇنىدۇ دەيدىغان ئويغا كەلتۇرۇپ قويماسلىغىڭىز لازىم.گەرچە سىز بۇ ئىشنى ھەقىقىتەن بىلسىڭىزمۇ.
2) گەپنى بۆلىۋەتمەسلىك،باشقىلارنىڭ گېپىنى سۆزلەپ بولىشىنى كۇتۇش لازىم.ئەگەر بەك ئالدىراش بولسىڭىز،ياكى ۋاقىت بلگەۇلەڭ ياكى باشقا ۋاقىتتا ئەھۋالنىڭ پۇتكۇل جەريانىنى ئىگىلەش توغرىسىدا كاپالەت بېرىڭ.
3)كۆڭۇل قويۇپ ئاڭلاشنىڭ مۇھىملىغىنى چۇشۇنۇش لازىم.خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ئۆز گېپىنى كۆڭۇل قويۇپ ئاڭلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىدىغانلىغىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز لازىم.بۇ ئادەتتە پاراڭلاشقاندىن زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ.
4)ناھىيىتى تېز ئىنكاس قايىتتۇرماسلىق لازىم.بىر گەپنى ئاڭلاپلا ئىنكاس قايىتتۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك لازىم.بۇنداق قىلىش ئەھۋال تېخى ئايدىڭلاشمىغان ئەھۋالدا ئورۇنسىز سۆزلەپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى بىلمەكچى بولىۋاتقىنىڭىزدا ،سەۋرىچان بولسىڭىز ،يۇزەكى جاۋاپ بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنالايسىز.قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ ئايىقى چىقمايدىغان ئاڭلىغىنىڭىزدا پەم بىلەن سوئال قويۇپ ،پاراڭىنىڭ تېمىسىنى يۆتكىسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر خىزمەتچىلەرنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى ۋە شىركەتنىڭ سىياسىتىنى چۇشەنمىگەن بولسا ،ئامال قىلىپ چۇشەندۇرۇرۇڭ.
14.خىزمەتچىلەرنى رىغبەتلەندۇرۇش ۋە ماختاش كېرەك.سوغۇق قان ۋە كەسكىن بولۇش تولا ھاللاردا ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.بۇنداق ۋاقىتتا،يۇز تۇرانە ئىلھام بېرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قول ئاستىنىڭىزدىكىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلھام بەرسىڭىز،ئۇلارنى ماختىسىڭىز ناھىيىتى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز.
بۇيرۇق ۋە سۇيلەش تەلەپپۇزى بىلەن كىشىلەرنى ئىشقا بۇيرىغاندا ،بەزىدە ھەقىقىتەن ئۇنۇمى بولغاندەك قىلسىمۇ،لېكىن ئىشنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ناتايىن،چۇنكى ماختاش بولۇپمۇ يۇز تۇرانا ماختاش قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يۇز-ئابرويىنى كۆتۇرۇپلا قالماي،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۇچەيتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىلەيدىغان بولىدۇ.
15.خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا جۇئەت قىلىش كېرەك.
ھىچ نەرسىنى دەماللىققا بەلگۇلىگىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا،كىشىلەرنىڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھى ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بايلىقتۇر.باشقۇرۇش ئىلمىي نەزىيەسى بويىچە ئېيىتقاندا،ئامالسىز قېلىش،ئۇچۇر مۇكەممەل بولماسلىقنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى –شۇ ئورۇندا خەتەرگە خەتەرگەتەۋەككۇل قىلىدىغان ئستىراگىيىچى چىقىش كېرەك.
دۇنيادا تۇپ-تۇز كەتكەن مۇۋاپىقىيەت يولى بولغان ئەمەس،بازارنىڭ ئەھۋالى كۇندە دىگۇدەك ئۆزگىرىپ تۇرۇدۇ،بەزى نەرسىلەرنى تولا ھاللاردا مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ،شۇڭا شىددەتلىك سودا دېڭىزىدا ئەكىن-ئازادە ئۈزەي دىسىڭىز،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدىغان غەيرەت-شىجائەتكە ئىگە بولۇڭ.بەزىلەر ھەتتا:مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش،ئادەم بولغان ئىكەنسىز، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ھەقىقى ئەھمىيىتىنى بىلىۋېلىڭ ھەم ئۇنى بېيىشنىڭ مۇھىم پىسخىلوگىيەلىك شەرتى قىلىڭ دەپ قارايدۇ.
مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تىجارەت ئەزەلدىن تىجارەتچى ئۇچۇن خىرىس،باشقىلارنى يېڭىپ غەلبە قىلسام دەيدىغان خىرىس.شۇڭا سودىدا ھەممە كىشىدە كۇچلۇك رىقابەت ئېڭى بولۇشى كېرەك.“كۆزۇڭ يەتكەن ئىكەن،يۇرەكلىك ئىشلە”دىگەن گەپ سودا ساھەسىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەجىربىسى ھىساپلىنىدۇ.
“ئامەت باتۇر كىشىلەرنى قارشى ئالىدۇ”.خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش كىشىلەردە ئىپادەلىنىدىغان غەيرەت ۋە كۇچ.دىئالىكتىك ماتىريالىزىم كىشىلەرگە: خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنىڭ غەلبە قىلىشقا ھەمرا ئىكەنلىگىنى بىلدۇرۇدۇ،خەتەرلىك يەردە ئامەت بار،ئاجايىپ نەتىجە يارىتىش نىيىتىدە بولسىڭىز، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىڭ،مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلسىڭىزمۇ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلالمىسىڭىز،ئۇلۇغۋار نىشانغا قانداق يېتەلەيسىز؟غەلبە قىلىشنى ئويلىسىڭىزمۇ ،خەتەردىن قورۇقسىڭىز ،ئاچقۇچلۇق پەيىتتە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىسىز،چۇنكى خەۋىپ-خەتەر ھەمىشە پۇرسەت بىلەن چېتىشلىق بولىدۇ.مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا خەتەر قانچە چوڭ بولسا، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ پۇرسىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
نامراتلىقتىن بېيىشقا يۇرۇش قىلىشتا،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك،كىشىلەر تولا ھاللاردا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، كىشىلەر ھاياتىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى لازىم.ھەددىدىن زىيادە ئېھتىيات قىلغاندىمۇ پۇرسەت قولدىن كېتىدۇ.ئەتراپىڭىزدىكى ئاجايىپ نەتىجە قازانغان كىشىلەرنىڭ سىزدىن ئەقىللىق بولىشى ناتايىن،بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ سىزدىن جۇرئەتلىك بولغانلىغىدا.ئەلۋەتتە ،خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ھەرگىزمۇ خەتەرگە ئۆزىنى بىھۇدە تۇتۇپ بېرىش دىگەنلىك ئەمەس، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدىغان غەيرەت ۋە شىجائەت ئوبىكتىپ ۋە رىئال بولغان ئىلىمي تەھلىل ئاساسىدا بولۇشى لازىم. ئوبىكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش،سوبىكتىپ تىرىشچانلىقنى جارى قىلدۇرۇش،خېيىم-خەتەر ئىچىدىن ئۇنۇم يارىتىش سودىگەرلەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا،بۇ كىشىلەر دائىم ئېتىدىغان شىجائەت بىلەن پاراسەتنىڭ بىرلەشتۇرۇلىشىدۇر.
16.رەھبەرلەر ئىجاتكار بولىشى كېرەك.
رەھبەرلەر ھەر ۋاقىت ئىجاتكار بولۇشى ھەم خىزمەتچىلەرنى يېڭى چارىلەرنى تېپىشقا رىغبەتلەندۇرۇشى لازىم. رەھبەرلەر دائىم كۆپچىلىككە يېڭى قاراش،يېڭى تۇرۇتكە ئېلىپ كېلىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن بۇنداق كوللىكتىپ ئالغا باسالمايدۇ ۋە تەرەققى قىلالمايدۇ.
رەھبەرلەر ھازىرقى ھالەت بىلەن قانائەتلىنىپ قالسا،كۆپچىلىكمۇ قانائەتچان بولۇپ قالىدۇ-دە،چېكىنىش كېلىپ چىقىدۇ.ئەگەر سىزنىڭ رەھبىرىڭىزنى شۇنداق ئادەم دەپ پەرەز قىلساق ،بۇ ھەقىقىتەن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋال.
تونۇش ياكى يۇزەكى تونۇش مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە،ئىجاتكارلىق بارلىققا كېلىدۇ،شۇڭا ئجاتكارلىق يۇزەكى پىكىر يۇرگۇزۇش ئەمەس.سەزگۇرلۇكنى تاساددىبى بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارىماسلىق لازىم.ئۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بولىدۇ،سىز ئۇنى خېلى بۇرۇنلا يېتىشتۇرۇپ كەلگەن.
رەھبەرلىك شەكلى ئىككى خىل بولىدۇ،بىرىنچى خىلى،قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ماختىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش،بۇ ئەڭ ئۇنۇملۇك رەھبەرلىك.ئىككىنچى خىلى،،قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ماختىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىك،بۇنداق رەھبەرلىك ھوقۇقىغا تايىنىش ئاساسىدىكى رەھبەرلىك ھىساپلىنىدۇ.
سانسىز تارىخى پاكىتلار ھوقۇقىغا تايىنىپ رەھبەرلىك ھوقۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.مۇستەھبىتلەرنىڭ ناھىيىتى تېزلا گۇمران بولۇپ تەخىتتىن چۇشۇشى بۇنىڭ مۇھىم پاكىتى،بۇ خەلىقنىڭ ھوقۇقىغا تاينىپ ئادەم باشقۇرۇدىغان رەھبەرگە ئۇزاق ۋاقىت ئەگەشمەيدىغانلىغىنى بۇلدۇرىدۇ.ناپالىئون،مۇسسۇلىن،گېتلىر قاتارلىقلار ئەنە شۇ تىپتىكى ھوقۇقىغا تايىنىپ ئەلنى سورىغان تىپلاردۇر،ئۇلارنىڭ ھوكمىرانلغى ئاللىبۇرۇن ئاياقلاشتى،
قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ماختىشى ۋە قوللىشىغا سازاۋەر بولغان رەھبەر ،ئۇزاق مەزگىل ھوقۇق تۇتالايدىغان رەھبەردۇر.
مەنبەسى :《مۇۋەپەپەقىيەت دەستۇرى》ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.