|
|
|
|
ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن نامىدىكى ‹‹ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا نەزەر››تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئوبزۇرلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنى
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كورلا شەھىرى 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى 2-قەۋەت يىغىن زالىدا شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا نەزەر››تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئوبزۇرلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوبلاست رەھبەرلىرىدىن دىلشات رۇزى،بايىنغولىن پارتكۇم تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇتجان توختى،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىنتىنىڭ پېرۇفېسورى،فىلۇلۇگىيە ئىنىستۇتىنىڭ ماگىستىر-ئاسپىرانت يېتەكچىسى،ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم،شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستۇتىنىڭ دوتسىنتى،ئەدەبىيات پەنلىرى تەتقىقاتچىسى،نەشرىياتچى ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن،بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،‹‹كىرۇران ››جۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرۇران،بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ باش كاتىپى، ‹‹كىرۇاران››جۇرنىلىنىڭ مۇھەرىرى ئامانگۈل ئېزىز قاتناشتى. باشقا ۋىلايەت -شەھەرلەردىن كەلگەن قەلەمكەشلەر،بايىنغولىن ئوبلاستى ئىچىدىكى يازغۇچى-شائىرلار،قەلەمكەشلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاربولۇپ 120دەك كىشى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.
بايىنغولىن ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتكۇم سېكرىتارى،مۇئاۋىن رەئىس دىلشات رۇزى بۇ قېتىملىق ‹‹ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا نەزەر››تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئوبزۇرلارنى مۇكاپاتلاش يىغىندا تەبرىك سۆزى قىلدى ھەمدە بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيتى توغرىسىدا سۆزلەپ بولۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى،ئۆرپ-ئادىتى ھەققىدىكى ئۆز كۆز -قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.ئاندىن كېيىن شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستۇتىنىڭ دوتسىنتى ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن مۇكاپاتلاش پائالىيىنىڭ ئالدى كەينىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى.بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرۇران مۇكاپاتلاش قارارىنى ئېلان قىلدى.
يىغىندا ‹‹كىرۇران››جۇرنىلىنىڭ 2012-يىلى 1-سانىدىن 2013-يىلى 4-سانىغىچە ئېلان قىلىنغان ئون بەش ماقالىدىن ئالتە ماقالىنى مۇكاپاتلاش قارار قىلىندى ھەمدە ئەسىرى مۇكاپاتقان ئېرىشكەن قەلەم ساھىبلىرى مۇكاپاتلاندى.يىغىندا 2014-يىلىدىن باشلاپ ‹‹كىرۇران ››جۇرنىلىدا چىقىدىغان ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلىق قىلىپ تاللاشتا ھەر قانداق ژانىرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىملىق ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن نامىدىكى ‹‹ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا نەزەر››تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئوبزۇرلارنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-دەرىجىلىك مۇكاپات.(بىر نەپەر)
غەيرەت ئاسىم رومانلىرى توغرىسىدا .ئاپتۇرى:سادىر تۇرسۇن نىياز ئۇدۇنلۇق
2-دەرىجىلىك مۇكاپات(ئىككى نەپەر)
1.‹‹گۇگۇم››رومانىدىن تۇرسۇن مەخمۇت ئىجادىيىتىگە نەزەر. ئاپتۇرى:مۇھەممەتجان ھەسەن
2.يېڭى دەۋردىكى ‹‹يۈسۈپ -زىلەيخا››قىسىسى. ئاپتۇرى:رۇزى سوپى ئۇچتىكىن
3-دەرىجىلىك مۇكاپات(ئۈچ نەپەر)
1.يىمرىلىشتە يىمرىلگەن ئاياللار ئوبرازى ئاپتۇرى:مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
2.‹‹ساداقەت››رومانى توغرىسدا ئويلىغانلىرىم ئاپتۇرى:ئانا قىز ئەزىز ئىلتەرىش
3.سۆيگۈ مەنزىللىرىگە قانداق يەتتۇق؟ ئاپتۇرى:ئەلىجان ئۇبۇل خەنجەر
مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋىرسىنتى ئەدەبىيات پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى،دوكتۇرانت نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇنى ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە تەرەقىياتى يۆنىلىشى توغرىسدا ئىلمىي دوكلات سۆزلىدى.ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇنۋىرسىنتىنىڭ پېرۇفېسۇرى،فىلۇلۇگىيە ئىنىستۇتىنىڭ ماگىستىر-ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم ئۇيغۇر داستانچىلىقى ۋە داستانچىلىق سەنئىتى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات سۆزلىدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ يىغىن مۇۋەپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
تۆۋەندە بۈگۈنكى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدىكى بىر قىسىم تارتىلغان سۈرەتلەر يۇقۇرقى خەۋەرلەر ئاساسىدا بىرلەشتۈرۈپ يوللاندى:
مارشالنىڭ نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن خەۋىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-8 05:09 AM
|
|
|
|
|
|