«خەيرىگۈل ھەسەن نادىر ئەسەرلەر ئىتوت-ناخشا كېچىلىكى»
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 6-، 7-كۈنلىرى ،شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 13-14 - كۈنلىرى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا-تىياتىر ئۆمىكى تەييارلىغان «خەيرىگۈل ھەسەن نادىر ئەسەرلەر ئىتوت-ناخشا كېچىلىكى» تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى! بۇ كېچىلىككە ئاتاقلىق ئارتىستلاردىن خەيرىگۈل ھەسەن (ئايپاتەم)، ئادىل مىجىت، خالمۇرات ئۆمەر (چوڭ ئەيسا)، ئىززەت ئېلياس، مۆمىنجان ئابلىكىم، ئابدۇقادىر يارئېلى، ئابدۇكېرىم ئابلىمىت، ئابدۇرىھىم راخمان (قان)، قۇندۇزئاي تاش، ئامىنە ئابدۇللا، مەستۇرەئاي تۇرسۇن، ئەكبەر ئەخمەت، ئابدۇسالام ئابدۇكېرىم قاتارلىقلارنىڭ نادىر ئىتوت، قىزىقارلىق يۇمۇر ۋە نەق مەيدان ناخشىلىرى ھوزۇرىڭلاردا بولىدۇ!
سەرخىل نومۇرلاردىن ھوزۇرلىنىڭ! قانغۇچە كۈلىۋېلىڭ!
بىرلا قېتىمدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق بېلەت سېتىۋالغانلارغا «كارۋان تىياتىر كۇلۇبى» سەنئەت كېچىلىكىنىڭ بىر يۈرۈش پىلاستىنكىسى سوۋغا قىلىنىدۇ ھەمدە باھادا %10 ئېتىبار قىلىنىدۇ!
ئويۇن بولا مانا مۇشتاق بولا...!!!
ئويۇن قويۇش ۋاقتى: 2013–يىلى 12-ئاينىڭ 6-، 7-كۈنلىرى ،، 13- 14- كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 دە.
بىلەت باھاسى:
1-قەۋەت 100 يۈەن
2-قەۋەت 50 يۈەن
ئورنى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانسى (بەيگە مەيدانى تۆت كوچا يېنىدا ‹‹سەيماچاڭ يېڭى جۈيۈەن››)
16-، 63-، 106-، 912-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ يىپەك يولى مېھمانخانىسى بېكىتىدە، 61-، 70-، 801-، 919-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ داۋان ساقچىخانىسى بېكىتىدە چۈشسىڭىز يېتىپ بارىسىز.
6 -چىسلادىكى كېچىلىكنىڭ بىر قىسىم نادىر سۈرەتلىرى :