مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5892|ئىنكاس: 101

كەلپىنگە سەپەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100365
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:11:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەلپىنگە سەپەر

ساياھەت خاتىرسى

رىزۋانگۈل ئىبراھىم(بايىنغولىن ئوبلاستىلق سىفەن  مەكتەپ ئەدەبىيات گۇرۇپىسى )

تۇققان يوقلاش يۈزىسىدىن2013-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرى بىز بەش ئائىلىلىك كورلىدىن كەلپىنگە قاراپ يولغا چىقتۇق. تاغ تەرەپتىن ئۇرۇلۇپ كەلگەن سالقىن شامال يۈزلىرىمگە ئورۇلۇپ ،بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرىغا كۆتۈردى.بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ جەم بولۇپ مېڭىشىمىز تۇنجى قېتىم بولغاچقىمۇ ياكى شەھەردىكى خىزمەت بېسىمى ،ئۆي ئىشلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قوتۇلغاچقىمۇ  ، ھەممىمىزنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇراتتى .مەن سەپەرگە چىقمىغىلى خېلى ئۇزۇن  يىل بولغاچقا ،يولدىكى ھەر بىر تال گىياھدىن ھەر بىر  تۈپ دەرەخقىچە  زەن سېلىپ قاراپ ماڭدىم .ئانا يۇرتىمىزدىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغدىن تارتىپ ،يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى شېغىللىق يەرلەرگىمۇ مېھىر بىلەن قارىدىم .بۈگۈرگە كەلگەندە ،نېفىت بۇرغۇلاش ماشىنىشىنى قىزىقىپ كۆردۇق.بۈگۈر دۆلىتىمىزنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇشتىكى باش ناھىيە ئىدى.تاغ تەرەپكە سېلىنغان ئۈستى ئۇچۇق نېفىت ئەسھەلىرى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشۇپ تۇراتتى. يول ئۈستىدىكى  ئېتىزلىقتا يېڭىدىن تېپىلغان تەبئىي گاز  قۇدۇقلىرىدىن  ئوت لاۋۇلداپ كۆيمەكتە ئىدى .ئۇنىڭ ئەتراپىدا نېفىت ئىشچىلىرى قانداقتۇ بىر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىۋاتاتتى .

كۇچاغا كەلگەندە ،مەن بۇ ناھىيىنىڭ بارا-بارا نىفىتلىكلەر  تەرىپىدىن قايتىدىن قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.تەشۋىقات تاختايلىرىغا "مىڭ يىللىق كۈسەن ،يۈز يىللىق كۇچا"دەپ يېزىلغانئىدى.كۇچادا ئۆزگىرىش چوڭ ئىكەن .بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرىدىكى كۇچادىكى شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن ھازىرقى شەھەر قۇرۇلىشىدا چوڭ پەرقلەر بار ئىدى. ھازىر كۇچانىڭ ئىگىز بىنالار ھەيۋەت بىلەن كۆككە تاقاشقان ،يوللىرى كەڭرى ھەم رەتلىك ئىدى.ئەمما مېنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى ،چىڭ سۇلاسى دەۋىردىكى  شەھەر سېپىلى بولدى.قېلىن ھەم ئىگىز قوپۇرۇلغان شەھەر سېپىلى ئىچىدە ،بىر زاۋۇت سېپىلنىڭ ئىچىگە ئوغۇرلۇقچە كىرىۋالغاندەكلا ئويۇلۇپ تۇراتتى .كۆزۈمگە ئىشەنگۈم كەلمىدى.شەھەر سېپىلىغا ئوخشاش مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقنىڭ ئىچىگە زاۋۇت سېلىش ،زاۋۇتتىن پايدا كۆرگەن ئون يىللىق پۇلغىمۇ ،بۇ سېپىلنى سېتىۋالغىلى بولمايتتى –ئەلۋەتتە،ھەي نادانلىقىمىز قاچانمۇ تۈگەر دېدىم –مەن ئىچىمدە .بىز يەتتە سائەت يول يۈرۈش ئارقىلىق كەلپىنگە يېقىنلاشتۇق .كەلپىنگە يېقىنلاشقانسېرى ،قىيان سۈيى رەڭگىدىكى توپىلار كۆزگە تاشلىنىشقا باشلىدى.كۆڭلۈمدە ،بۇ يەرنىڭ توپىسى باشقا يەرنىڭ توپىسىغا ئوخشىمايدىكەن،توپىسى قىزغۇچ ،تاغلىرىنىڭ چوققىلىرى قىرلىق ئىكەن دەپ ئويلىدىم مەن . كەلپىن ئىچىگە كىرىشىمىزگىلا ،يولدىشىم ماڭا غەلىتە گەپ قىلدى:"ھەي،بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرىگە بەكمۇ ئوخشايدىكەن،ئېغىزلىرى ئىچىگە كىرگەن،ئېڭىكى سەل سوزۇنچاق ئىكەن "دېدى.مەن ئۆتكەن كەچكەن ئادەملەرگە زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدىم.ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى سەل ئىچىگە كىرگەن ،لەۋلىرى نېپىز ،ئېڭىكى سوزۇنچاق،پىشانىسى تارراق ،مەڭزىدىكى ئىككى دوككىسى گەۋدىلەنگەن كىشلەر ئىدى.يولدىشىم  كەلپىنگە تۇنجى قېتىم كېلىشى تۈپەيلى ،ھەممە نەرسىلەرگە قىزىقىپ قارىدى .ئۇنىڭ نەزىرىدە كەلپىن چەت ،تەرەققى قىلمىغان ،خەلقلىرى نامرات كىشلەر ئىدى. مەن ئۇنىڭ تىمسىقلاپ قارىشىدىن ئۆزىنىڭ كۆز –قارىشىغا پاكىت توپلاۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى .بىز تۇققانلار بىلەن كۆرەشكەندە بىر ھازاغىچە ھازا كۆتۈرۈپ تۈگەپ كەتكەن كىچىك ئاپاملار ئۈچۈن يېغلاشتۇق.ئۆز –ئارا ئەھۋال سوراشتۇق .بىز چۈشكەن جاي كەلپىنىڭ گەزلىك يېزا ئۈستۈن قاشئېرىق مەھەللىسى ئىدى.بىرنىڭ كورلىدىن كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلىغان تۇققانلار ئارقا –ئارقىدىن بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كىرىشتى .ئۇلار مېھمانخانا ئۆينى ساراي ئۆي دەيدىكەن .ساراي ئۆيدە ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ياسالغان ياغاچ كارىۋات بولۇپ ،ئەرلەر ئوڭ تەرەپتە ،ئاياللار سول تەرەپتە ئولتۇردىكەن .ئۆي كېسەكتىن ناھايىتى ئىگىز قوپۇرۇلغان بولغاچقا ،ئۆي سالقىن ،ھاۋالىق ئىدى.تام تۇرىسى ياغاچتىن ۋاسا جۇپ قىلىنىپ ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن ئىدى. 80-70ياشلىق مومايلار بىزنى تۆرگە چىقىرىپ ئۆزلىرى پەگادا ئولتۇردى.مەن  ئۇنىڭغا ئۇنىماي چوڭلار دىگەن ھۆرمەتتە چوڭ يۇقىرى ئۆتسىلە دىسەم،ئۇلار سىلەر دىگەن مېھمان ،مېھىماننىڭ يۈزى چوڭ دەپ ئۆزلىرى پەگاھدا ئولتۇردى.مەن تۆرىدە ئولتۇرۇپ ، مېھماننىڭ قەدىرىنى كەلپىنلىكلەر قىلىدىكەن دەپ ئويلىدىم.بۇ يەردە شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش داستخاننى ئالدىن سېلىپ ،ئۈستىگە نازۇ –نېمەتلەرنى تىزىپ ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالمايدىكەن.بۇنداق داستىخاننى ئۇلار يېڭى داستخان ھېسابلىمايدىكەن .تۇققانلار تۇلۇق يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن،ئۇزۇنلىقى 4-3مېتىر كېلىدىغان داستخان سېلىندىكەن.ساھىبخان يېڭى ياققان پېتىر قاتلىما نانلارنى ئىككىدىن تۆت يەرگە قويدى.ساڭزىلار تەخسىلەردە كەلتۈرۈپ  قۇيۇق تىزىلىدى. تونۇردا دۈملەپ  پىشۇرۇلغان ئالتۇنرەڭ كاۋىلار داستىخاندىن ئورۇن ئالدى.ئۆي ئارقىدىكى باغدىن ئۈزۈلگەن يازلىق ئالمىلار بۇرۇنلىرىمىزنى غىدىقلاپ،ئالدىمىزغا مېنى تېتىپ بېقىڭ دىگەندەك قۇيۇلدى.ئېتىزلىقتىكى چىلگە قوناقلار ئەسلى تەم بىلەن داستىخانغا كىردى.تاۋۇز بېشەكچلەر يوغان –يوغان تېلىنىپ داستخاندىن ئورۇن ئالدى.يولدىشىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە داستخانغا تىزىلىپ كەتكەن نەرسىلەرگە ھەيران قالغان ئىدى.داستخاندىكى يېڭىدىن ئۈزۈپ ئەكىرىلگەن مېۋە –چىۋىلەر، تونۇردىن ھازىرلا سۇيۇۋالغان نانلار ، ئەسلى تەمدىكى قوناق –كاۋىلار ھەممىزنىڭ ئىشتىھاسىنى بېلەكچىلا ئېچىۋەتتى .بىردەمدىن كېيىن بىر چىنىدىن شورپىدا ئېتىلغان سۈيقاش ئەكىرىلدى .سۈيقاش يەرلىك كىشلەر تەرىپىدىن ياسالغان ياغاچ قۇشۇقتا ئىچىلدى.ئارقىدىن چاپىتىغا يۆگەلگەن  گۆشلەر كىردى.تۆت ئادەمگە بىر بولاق قويۇلدى.گۆشلەر چاققانلىق بىلەن  گۆش بىلەن ياغ ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەكشى پارچىلاندى .بىز گۆشنى چاپتىغا يۆگەپ يېيىشكە باشلىدۇق .گۆش ھەقىقەتەن تەملىك ئىدى . چاپتا بۇغداي ئۇنىدا تەييارلانغان نېپىز نان بولۇپ،ئۇنىڭدا گۆشنى ئوراپ يىگەندە ،گۆشتىكى ماي كۆڭۈلگە تەگمەيتتى .بۇ چاپتا بىلەن بىر ئوغلاقىڭ گۆشىنى مىت قىلماي يەۋەتكىلى بولاتتى. كەلپىنلىكلەر نېمىدىگەن مېھماندوست –ھە!.  بۇلار بىزنىڭ كېلىشىمىزنى ئاڭلاپ ،قوي ئۆلتۈرۈپ جامائەتنى يىغىپ چاي قىلغان ئىكەن .ئۇلار بىزنىڭ قانچە كۈنلۈك كەلگىنىمىزنى سورىدى.بىر ھەپتىلىك كەلگىنىمىزنى ئاڭلاپ ،بىر كۈندە ئۈچ ئائىلىك چاي بېرىدىغان قىلىپ ،ئورۇنلاشتۇردى.بىز مۇشۇ تەرەققىدە ھەر كۈنى 4-3ۋاق چاي ئىچتۇق .

كەلپىندە روزى ھېيت

بىزنىڭ كەلپىنگە كەلگەن ۋاقتىمىز 2013-يىلىدىكى روزى ھېيىتقا توغرا كەلگەنئىدى .روزى ھېيىت ئەتىگەندە ،بىز شۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە بامدات نامازنى ئوقۇپ ،تۇپراق بېشىغا چىقتۇق .ئاياللار قوللىرىغا بۇغداي ،قوناق ،گۈرۈچلەرنى ئېلىپ ،ئۆيدە پىشۇرۇلغان قۇيماق ،ساڭزىلارنى نان ئۈستىگە قويۇپ ،داستخان قىلىپ ،تۇپراق بېشىغا مېڭىشتى .مېنىڭ مەرھۇم ھامماملار مۇشۇ قەبرىستانلىقتا بولغاچقا ،مەنمۇ ھاپلا –شاپلا قىلىپ ،ئاياللارغا ئەگەشتىم .تۇپراق بېشىغا مۇشۇ مەھەللىدىكى ھەممە ئاياللار دىگۈدەك  چىقىشقانئىدى .ئۇلار مەرھۇم قېرىنداشلىرىنى قوشاققا قۇشۇپ ،ھازا ئېيتىشىۋاتقانئىدى .ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى شۇنچىلىك مۇڭلۇق ،تەسىرلىك، يۈرەكنى ئېزىدىغان بولغاچقا ،مەن تۇپراق بېشىغا قەدەم ئېلىپلا يېغا ئۇلاشتى .مەن ئۆزەمنى خېلى قەيسەر ،بېشىمغا نى-نى كۈلپەتلەر كەلسىمۇ ،ئاۋازىمنى چىقىرىپ يېغلىمايدىغان قەيسەر ئايال ئىدىم.لېكىن مەن تۇپراق بېشىدىكى يېغا–زارغا پەقەت چىدىيالمىدىم .بولۇپمۇ ،ھاممامنىڭ تۇپراق بېشىغا كەلگەندە ،ئاپام ،ئاچامنىڭ "مېھرىبان ئانام ،مېرىبان ئاچام"دەپ يېغلىغاندا مەن ئۆزەمنى تۇتىۋالمىدىم .ھاممام تۇغقانلارغا ناھايتىمۇ كۈيۈنىدىغان ،يەتتە پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان ،ئۆزى تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ ،يىغقان پۇلىنى پەرزەنتىلىرىگە ۋە تۇققانلىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىشىغا ئىشلىتىدىغان ،بىز كېلىپ كەتسەك ھۆرمىتىمىزنى قىلىپ ،سىڭلىمنىڭ بالىلىرى كەپتۇ-دەپ ،بازارغىچە پىيادە ئالدىغا چىقىدىغان ،ئاغرىپ قالسا ،بالىلىرىمغا ئېغىرچىلىقنى سالماي دەپ دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئۇنىمايدىغان ،ئون نەچچە يىللىق يالغۇز تۇرمۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېسىل ئايال ھەم يۇرت ئانىسى ئىدى.گۈلخان دىسە ،پۈتۈن كەلپىندىكىلەر بىلمەي قالمايتى .بەش يىل بۇرۇن كەلگىنىمدە ،ماڭا گۈلە –قاق يوللۇق تۇتىمەن دەپ ،يوغان داسقا  گۈلە –قاق ئىلغاپ ،بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ،بىر كېلومىتىر يول يۈرۈپ ،ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ،"مۇنۇ گۈلە –قاقنى ئېلىپ كېتىڭ ،خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن يەيسىز دەپ بەرگەن ئىدى "مەن يېغلىغاچ ،گۈلخان ئاپام بەرگەن گۈلە-قاقلارنى ئوبدان ساقلاپ يېمەي قۇرتلىتىپ قويغىنىمغا مىڭ بىر ئەپسۇسلاندىم .گۈلخان ئاپامنىڭ قىزلىرى قوللىرىدىكى قوناقنى قەبرىگە سېپىپ تاشلىغاندا ،ئۇنىڭ جەننەتتە ھۆر پەرىدەك ئۇچۇپ ،غەم –قايغۇسىز ياشىنىشنى تىلىدىم .تاڭ سۈزۈلگەندە ،بامداتتىن يانغان ئەرلەر تۇپراق بېشىغا چىقىپ،بىر سەپ بولۇپ تىزىلدى ۋە مەھەللىدىكى ئەرلەر بىلەن بىرمۇ –بىر قول ئېلىپ كۆرۈشۈشتى .ئۆمرۈمدە بۇنداق ھاياجانلىق كۆرۈنۈشنى كۆرمىگەن ئىدىم . ساقاللىرى كۆمۈشتەك ئاقارغان ،پاكىز قېرىغان يۇرت چوڭلىرى، چىرايلىق پاكىز كىيىنگەن ،بېشىغا بادام دوپپا كىيىۋالغان كەلپىن يىگىتلىرى ، سەپ بولۇپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ روزى ھېيتنى تەبرىكلەۋاتاتتى .بۇلارنىڭ بىر كۆرۈشۈشى دىدار غەنىمەت دەپ يۇشۇرۇن بىشارەت بەرسە ،يەنە ئاداۋىتى بارلار مۇشۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئاداۋىتى يۇيۇلۇپ كېتەتتى .بىر مەھەللە كىشلىرىنىڭ ھېيت كۈنى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى ماڭا ئۆملۈكنىڭ ،ئىناقلىقنىڭ يارقىن كارتىسىنى سىزىپ بەردى .كەلپىنىكلەر ھەققىقەتەن ئۆم ئىدى. ئۇلار ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كېتىپ ،يۇرتداشلىرىنى ئۇچرىتىپ قالسا ،ئاتا-ئانىسىنى كۆرگەندەك بولۇپ ،ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلاتتى.ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ ،ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرەتتى .باشقا يۇرتتا تۇققان بولۇپ ئۆتەتتى .روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى بىز ھېيتلىق كىيمىمىزنى كېيىپ چايغا تەييالاندۇق.بۈگۈن نەۋرە ئاكام بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە قازان ئېسىپ كۈتۈۋالماقچى ئىدى.چاي مەھەللىنىڭ بېشىدا ئىدى .ئىشىك ئالدىغا ماڭغاندا بىر توپ تۆگىلەرىنىڭ تاغ تەرەپكە ماڭغانلىقنى كۆرۈپ ،دەرھال ئاپراتىمنى چىقىرىپ رەسىمگە تارتتىم .چۈنكى بۇنداق كۆرۈنۈشنى تېلىۋىزىردا ياكى تورلاردا كۆرۈشكە نېسىپ بولاتتى .بۇ تۆگىلەر دەل بىز كىرمەكچى بولغان نەۋرە ئاكامنىڭ ماللىرى ئىدى .ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە ،قازاندا گۆش پىخىلداپ كۆيمەكتە .كۆيىۋاتقان ئۇتۇننىڭ ئالدىدا ،ئۆچكە كالىسى ۋە پۇتلىرى بىلەن ئۈكلىنىشكە تىكلەپ قويۇلۇپتۇ .ئۇلار بىزنى ئېھتىرام بىلەن ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.ئۆي يەنىلا شۇنداق سالقىن راھەت ئىدى.چايدا بىز يەنىلا مېزىلىك قاتلىما نان ،چاپتىغا  يۆگلگەن گۆشلەرنى يىدۇق.مەن نەۋرە ئاكامنىڭ ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ داشۆدە ئوقۇيدىغانلىقنى ،چوڭىنىڭ جېجاڭ نىڭبودا ئوقۇيدىغانلىقنى ،ئوتتۇرانچىسىنىڭ شىنجاڭ داشۆدە ئىنگىلىز كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ،كىچىگىنىڭ بۇ يىل يېزا –ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتىغا ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم .كەلپىندە مەيلى زىيالى ،مەيلى دېھقان بولسۇن ،مەيلى مالچى بولسۇن ،مائارىپقا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى .نەۋرە ئاكام تاغدا مال باقىدىكەن .بالىلىرى ئۆينىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكەش ئۆگىنىش قىلىپ ،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ،داشۆدە ئوقۇۋىتىپتۇ .مېنىڭ ئاچامنىڭ بالىسى بۇ يىل داشۆگە ئىمتىھان  بەرگەن ئىدى .ئۇنىڭ ئادەتتە ھېچنىمىسى كام ئەمەس ئىدى .ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ،ئۆگىنىش قىلدۇرغان ،ئۈچ ۋاق تاماق تۈجۈپلۈنۈپ ئېتىلگەن بولسىمۇ ،ئىمتىھاندىن تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قېلىپ ،50مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپمۇ  يۇلىنى قىلالمايۋاتاتتى .مەن بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ ،ھەققى ئۆگەنگۈسى بارلار تەجىربىلىك مۇئەللىم ،ياخشى مۇھىت بولمىسىمۇ ،تۆگە بېقىپ تۇرۇپمۇ داڭلىق داشۆگە ئۆتكىلى بولىدىكەن دەپ كەلپىن يىگىتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم .

توي تەييارلىقى

بىز چايدىن يانغاندا ،تۇققانلار نەۋرە ئاكامنىڭ قىزىنىڭ تۇيىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن .خوشنا –خۇلۇملار قىڭراق كۆتۈرۈشۈپ سەۋزە توغراۋاتقان ئىكەن .چوڭ قازانلار ئېسىلىپ ،لەڭپۇڭ ئېتىلىشقا تەمشىلىۋاتقان ئىكەن .كەلپىن تويلىرىدا پولودىن  باشقا  ،لەڭپۇڭ ئېتىلىدىكەن .تۇيۇقسىز يولدا موتۇغا مېنىۋالغان ئىككى بالىنىڭ ئەتە  XX نىڭ ئۆيدە توي بار دەپ ۋاقىرىشىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقنى ئاڭلىدىم .تۇققانلاردىن سوراپ باقسام ،كەلپىندە توي ،نەزىر –چىراقلارغا باغاق تارقىتىپ يۈرمەيدىكەن .ئۇلار مەھللىمۇ –مەھەللە توۋلاپ توي بارلىقىنى ئېلان قىلىپ ،كىشلەرگە يەتكۈزىدىكەن .ئەمەلىيەتتە بىر مەھەللە كىشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تۇققان بولغاچقا ،ئۇلارنىڭ بىرسىلا توي بارلىقىنى ئۇقسا ،خەۋەر شامالدىنمۇ تېز تارقىلىدىكەن .بىز شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش نەدە چىرايلىق ،سۈپەتلىك باغاق باركىن دەپ دۇكانمۇ –دۇكان قاتراپ يۈرمەيدىكەن .باغاق تارقىتىمەن دەپ ئاۋارە بولمايدىكەن .توينىڭ مەسلىھەتىنى قىلىمەن دەپ چىقىمدار بولمايدىكەن .مەن  بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ،ھاۋاسى ياققان بولسا كېرەك ،پۇت –قولۇممۇ يىنىك بولۇپ،مېجەزىممۇ ياخشى بولۇپ قالدى .كەچ كىرىشكە باشلىدى .بىز كورلىدىن كەلگەنلەر نەۋرە ئاكامنىڭ باشلىشى بىلەن مەھەللىنى چۆگلەپ كەلمەكچى بولدۇق .يولدىشىم كورلىدا يول قۇرۇلۇش ئىدارىسدە ئىشلەيتتى .ئۇ گەزلىك كەنتىنىڭ ئاسفالىت يوللىرىنىڭ ئاز دىگەندىمۇ 20يىل ئىلگىرى ياسالغانلىقىنى مۆلچەرلەپ ،كەلپىننىڭ يول قورۇلۇش ئىشلىرىنىڭ خېلى بورۇنلا باشلانغانلىقىگە ئاپىرىن ئوقۇدى .ئەمىن قورۇلۇش ئۆيلىرىنى كۆردۇق .رەتلىك قىلىپ سېلىنغان ئۆيلەر ئالدىدا يول چىراقلىرى سۈتتەك نۇرلىرى بىلەن ئالدىمىزنى يۇرۇتۇپ بېرەتتى .توساتتىن ئاچامنىڭ "ئۇنى تۇت،ئۇنى تۇت"دىگەن ئاۋازىدىن ئەندىكىپ كەتتىم .قارىسام پاقا ئىكەن .بىز شەھەردە پاقا كۆرمىگىلى 20 يىل بولغان ئىدى .ئاچامدىن پاقىنىڭ يەل كېسەل دورىسى ئىكەنلىگىنى ئاڭلىغان ئىدىم .جۇغى كىچىك كەلگەن پاقا ئالدىمىزدىن چاقققانلىق بىلەن سەكرەپ ئۆتۈپ كەتتى .مەن ئۇنى قانداق تۇتۇشنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرغاندا ،نەۋرە ئاكام "بولدى،ئۇنى تۇتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار بۇ يەردە دەسسىلىپ ئۆلگەن پاقىلار كۆپ ،لازىم بولسا مەن تېپىپ بېرەي" دېدى .مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا پاقىنىڭ كۇرۇلدىشىنى ئاڭلاپ ،پاقىنىڭ سەكرىشىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان .شەھەردە قورۇلۇش قىلىمىز دەپ نۇرغۇنلىغان ئېتىزلار ،ئېرىق –ئۆستەڭلەر ،مېۋىلىك باغلار ئىگىز ئىمارەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى .پاقىلارمۇ ،پاختا قوڭغۇزلارمۇ ئۇلار بىلەن يوق بولدى.لېكىن كەلگۈلىكنىڭ ھەممىسى بالىلىرىمىزغا بولۇپ ،ئۇلار دىيارىمىزدىكى ھاشارەتلەرنى قۇرت-قوڭغۇزلارنى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئۆگىنەلمىدى .جانلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆرەلمىدى .ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىيالماي چوڭ بولدى-دە،كىتابلىرى  كونىراپ يىرتىلغاندا ،ئۇلارمۇ تەڭ بالىلارنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتتى ...

كەلپىنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنى

كەچ كىرىشكە باشلىدى.ئاسماندا يۇلتۇزلار چىمىرلاشقا باشلىدى .توۋا ،كەلپىنىڭ كەچلىك ئاسمېنى نېمىدىگەن گۈزەل ھە!مەن 35يىل ياشىدىم ،بېيجىڭدا ئىككى يىل ئوقۇدۇم ،شىئەندە تۆت يىل ئوقۇدۇم .بۇ جەرياندا نەنجىڭ ،شاڭخەي ،لەنجۇلارغا بېرىپ كۆرۈپ كەلدىم .كەلپىنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىدەك گۈزەل كۆرۈنۈشنى بۇ تەرەققىي قىلىغان شەھەرلەردە كۆرمىگەن ئىدىم . ئاۋۇ پارقىراپ تۇرغان شىمالىي قۇتۇپ يەتتە يۇلتۇزىنى، ئاۋۇ چوڭ چۈمۇش يۇلتۇز تۈركۈمىگە قاراڭ  ، ،مەن ئاسمانغاقاراپ يۇلتۇزلارنى تۇتاشتۇردۇم .تولۇقسىزدا ئوقۇغان جۇغراپىيە دەرسلىكىدىكى يۇلتۇز تۈركۈملىرى قەغەز يۈزىدە ئەمەس ،كۆز ئالدىمدا پاقىراپ تۇراتتى .كەلپىنىىڭ يۇلتۇزلىرى جۇغراپىيە دەرسلىكىدىكى يۇلتۇز تۈركۈمىنى خىجىل قىلاتتى .چۈنكى دەرسلىك كىتاپتىكى يۇلتۇزلارمۇ كەلپىن ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلاتتى .مەن ئاسمانغا زەڭ سېلىپ قاراپ ،يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئىچىگە مەن كەلپىن يۇلتۇز تۈركۈمى دەپ يۈرەك شەكىللىك يۇلتۇزنى خىيالىي كىرگۈزدۈم –مەن ،پارقىراپ تۇرغاب  يۈرەك شەكىللىك ئالتە يۇلتۇزغا قاراپ .

ئاستورونىمىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ،ئىككىلەنمەي كەلپىنگە كەلسە بولغىدەك دەپ ئويلىدىم –مەن.

كەلپىندە زاۋۇت –كارخانىلار يوق دىيەرلىك بولغاچقا ،ھاۋاسى ساپ ،مۇھىت بولغۇنۇش ئاز ئىدى .كۈندىزى كۆك ئاسماننى ،كېچىسى يۇلتۇزلۇق ئاسماننى بىمالال كۆرەلەيتى .كەلپىنلىكلەر ھەقىقەتەنمۇ تەلەيلىك ئىكەن دەپ ئويلىدىم مەن .

كەلپىندە توي

ئەتىسى توي بولدى .بىز ئالدىن تەييارلىغان تويلۇق كوينەكلىرىمىزنى كېيىپ ،تويغا كىردۇق .نەۋرە ئاكامنىڭ ھويلىسى ۋە ساراي ئۆيلىرى مېھمانلارغا لىق تولغان ئىدى .ئۇلار بىزنى ئىززەت ئېكرام بىلەن كۈتۈۋالدى .مەن توي ئىگىسىگە ياردەملىشىپ ،مېھمانلار ئەكىرگەن داستخانلارنى تىزىملاشقا قاتناشتىم .ئۇلار بىز شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ھويلا ئىچىگە جوزا قۇرۇپ داستىخان يىغمايدىكەن .مېھمانلار بىر چىرايلىق ئولتۇرۇپ ،داستخاننى تەڭلا ئاچىدىكەن .مەن رەختنى خاتىرلەشكە  مەسئۇل بولۇپ مېھمانلارنىڭ ئىسمىنى چاپلاققا يېزىپ،رەختكە چاپلىدىم .ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرلەش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەن .ئۇلارنىڭ ئىسملىرىدا ئىسلام دىنىغا ئائىت ئىسملاردىن باشقا ،قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ئىسملارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن .ئىسىملاردا ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان ئىسملارنى بۇيەرگە كېلىپ ئاڭلىدىم ."كەلپىننىڭ كىشى ئىسىملىرى "دېگەن تېمىدا ئىزدىنىپ بېقىش ھەققىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم .تويدا پولو  ،سەۋزىدە  تەييارلانغان سوغاق سەي ،لەڭپۇڭ قويۇلىدىكەن .ئىسراپچىلىق ۋە ھەشەمەتچىلىك بولمايدىكەن .تويغا كىرگەن ئاياللار ئىچىدە مەن دىمەتلىكلىرى بار ئىكەن .ئۇلار قارىماققا مەندىن چوڭ ،يۈزلىرىگە قورۇق چۈشكەن ، جاپانى كۆپ تارتقاندەك تۇرسىمۇ ،تېنى مەندىن ساغلام ئىكەن .ئۇلار ئايلاپ ،يىللاپ بىر تال دۇرا سېتىۋالمايدىكەن ،ئۇكۇل ئۇرغۇزمايدىكەن .ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى تولغاق يەپ تۇغىدىكەن .شەھەر ئاياللىرىغا ئوخشاش قورساق كۆتۈردۈم دەپ ياخشى يەپ ياخشى ئىچىپ ھەرىكەت قىلماي ھامىلە چوڭۇيۇپ كەتكەنلىكتىن ئامالسىز تىغ يەپ ئاپىراتسىيە قىلمايدىكەن .ھەرىكەت كۆپ ،كەچلىك تاماق مۇۋاپىق بولغاچقا توي قىلغاندىن كېيىنمۇ قىز بالا ۋاقتىدىكى زىلۋالىقىنى ساقلىيالايدىكەن .بىز شەھەر قىزلىرىغا ئوخشاش توي قىلىشتىن بۇرۇن زىلۋا ،غۇنچە بوي تۇرۇپ ،توي قىلغاندىن كېيىن ،ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان كەچتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكە –چاي ،توي –تۆكۈنگە  بېرىپ ،مايدا قورۇلغان سەيلەرنى ھورمۇن ئورۇلغان توخۇلارنى ،ئاچچىق –چۈچۈك دوفۇ شورپۇلىرىنى ئىچىپ سەمىرىۋالمايدىكەن .قورۇلغان تاماقنى ئاز يىگەچكىمىن، ئۆت ياللۇقى ئاسان  بولمايدىكەن  .توي-تۈكۈندە بىزدەك بەسلىشىپ كىيىم كېيىپ ،ئەرلەرنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋەتمەيدىكەن .كەلپىن ئاياللىرى بار كۈچى بىلەن بالىلىرىنى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇتۇشقا ئاتايدىكەن .قېرىپ مۈكچەيگەن 70نەچچە ياشلىق نۇرغۇن ئاياللارنى كۆردۈم .ئۇلارنى گەرچە يىللار مۈكچەيتكەن ،قارا قۇندۇز چاچلىرىنى يىللار ئاقارتقان بولسىمۇ ،بالىلىرنىڭ ياراملىق ئادەم بولغىنىنى كۆرۈپ ،يۈزلىرىدىن پەخىرلىنىش كۈلكىلىرى يېغىپ تۇرىدىكەن .ئۇلارنىڭ  بالىلىرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە خىزمەت قىلىدىكەن .بالىلىرى پەرىشتىدەك ئانىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ،ئېسىل پىكاپلارغا سېلىپ ،يۇرت ئاتلىتىپ ساياھەت قىلدۇرۋىتىپتۇ .مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ناھايتتى خۇرسەن بولدۇم.

ناغرا سوناي چېلىپ كېلىۋاتقان تويچىلار مېنى خىيالىمدىن ئويغاتتى .تويچىلار ماشىنلارنى چىرايلىق بېزەپ خوشال-خورام كەيپىياتتا كېلىۋاتاتتى .ياش يىگىتلەر موتوغا ئىككى ئۈچتىن بولۇپ مېنىشىپ ھەيۋەت بىلەن كېلىشىۋاتاتتى .ئۇلار مېنىڭ كۆزۈمگە شۇنچە روھلۇق ،جەسۇر ،مەردانە كۆرۈندى .تەخمىنەن 200چە مېھمان كەلگەنئىدى .كەلپىندە يىگىت تەرەپتىن قانچە كۆپ مېھمان كەلسە ،قىز تەرەپ قىزىمنىڭ ئابرويىنى قىلدى دەپ شۇنچە خوش بولىدىكەن .ناغرا-سونايلار چېلىنىپ قىزنىڭ ئۆي ئالدىدا بىر پەدە ئۇسۇلغا چۈشۈشكە باشلىدى ،رېتىمى تىز ،شوخ كەلگەن ،ناغرا-داپ پەدىسىگە چوڭلار ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى.مېنىڭ ئاچام كورلىدا رېستۇراندىن قالمايدىغان ئۇسسۇل دېسە باشتىن –ئاخىرغىچە مەيداندىن چۈشمەي ئوينايدىغان شوخ ئايال ئىدى .لېكىن بۈگۈن كەلپىننىڭ ناغرا-داپلىرى ئۇنى تەمتىرتىپ قويدى.ئۇنىڭ پۇت قولى كونا سەنەمگە تازا چۈشمەيۋاتاتتى .چوڭلار بىر قولىنى ئىگىز يەنە بىر قولىنى تۈز قىلىپ ئېچىپ سائەت سىتىرىلكىسىنىڭ يۆلىنىشى بويىچە بىر چەمبىرەك ئايلىنىپ ئوڭ قولىنى بېسىپ ئۈچنى پىقىردى .ئارقىسىدىنلا سائەت سىتىرىلكىسىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشى بويىچە يەنە بىر چەمبىرەك ئايلىنپ ،سول قولىنى بېسىپ ئۈچ قېتىم پىقىرىدى .بۇ كەلپىنىڭ كونا سەنەم ئۇسۇلى ئىدى.ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىدا ئۆملۈك ،ئىناقلىق ،شاد-خوراملىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى .مەن توساتتىن دادادمنىڭ كۆزىگە ئىسسق ياش ئالغانلىقنى كۆرۈپ تەسسىرلەندىم .بۇ توي دەل دادامنىڭ ئاكىسىنىڭ نەۋرىسىنىڭ تويى ئىدى .مۇنداقچە ئېيتقاندا ،دادامنىڭ ئاكىسى تۈگەپ كەتكەچكە،توي ئىگىسىنى دادام دېيىشكە بولاتتى .داداملار بەش ئوغۇل ،بىر قىز بولۇپ ئاكا –ئاچىلىرى تۈگەپ كەتكەن .ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن داداملار قالغان ئىدى .ئۇرۇق –تۇققان مېھرى ناھايتى چوڭقۇر بولىدىكەن .دادام 76ياشقا كىرگەن بولۇپ ،بىر پۇتى ئاقساپ يول يۈرۈشكە ئەپسىز بولسىمۇ ،بۇ تويغا بىزنى باشلاپ ئەكەلدى.ئۇ ھازىر ئاكا –ئاچىلىرىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ،مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ،كۆز يېشى قىلماقتا .مەن دادامنىڭ بۇھالىتىنى كۆرۈپ ،كۆزۈمگە ئىسسىق ياش ئالدىم.

كەچتە بىز توي ۋىچىركىسىغا بارماقچى بولدۇق .كەلپىندە ۋىچىركىنى يىگىت تەرەپتىكىلەر ئۆيدە قىلىپ بېرىدىكەن  . مەخسۇس مۇزىكا ئەترىتى تەكلىپ قىلغان بولۇپ،ھويلا- ئارام پاكىز تازلانغان ،ھويلىنى چۆرىدەپ جوزىلار تىزىلغان ئىدى . گەرچە بۇ سۇرۇن  شەھەردىكى  سورونلارغا ئوخشاش ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ ،كەلگەن مېھمانلار پوزۇر ياسانمىسىمۇ ،ئۇلاردىكى دېھقانلارغا خاس خۇشخۇيلۇق، ئىززەت-ئېھرام ،مېجەزى ئۇچۇقلق،خۇش چاقچاقلار ،سەممىي تىلەكلەر كام ئەمەس ئىدى .مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىش بىلەن تۆت جۇپ ئەر-ئايال ئۇسسۇل ئويناپ ،مېھمانلارنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلدى.ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىدىن مەردانىلىق ،ياشلارغا خاس شوخلۇق ،قىزىقچىلىق چىقىپ تۇراتتى .ياشلار ھېچبىر تارتىنماستىن بىر-بىرىنى ئۇسۇلغا تارتىپ ،سورۇننى ئەۋىجگە چىقاردى.ۋاي –ۋاي ياشاپ كەت دەپ ،توي ئىگىسىنىڭ تۇققانلىرى يانچۇقلىرىدىن ئۆرۈمە پۇللارنى چىقىرىپ ،مانا مىڭ دوللار دىيىشىپ بالىلارنىڭ يانچۇقلىرىغا قىستۇرۇشتى . ھويلىدا نەچچە كىچىك ئورەكلەر ئۇسۇلچىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا بىنا قىلىندى.ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىغا كەلپىننىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنى جۆر بولۇپ ،يۇلتۇزلار كۆز قىسماقتا ئىدى.

خاتىمە

بىز كەلپىندە توققۇز كۈن تۇردۇق .بىز بۇجەرياندا كەلپىنىڭ يەر شارائىتى ، ھېيت خوشاللىقى ،توي-تۈكۈن ، چاي-مېھماندارچىلىق بىلەن ئەسىرلەشتۇق .تۇققانلار بىلەن ئوبدان سىردىشىپ ئۇلارنىڭ غەم –قايغۇلىرىغا ئورتاقلاشتۇق . ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلىدۇق.ئارىمىزدا كەلپىنگە نىسبەتەن چۈشەنچىسى يېڭىلانغان كىشى يەنىلا يولدىشىم بولدى.ئۇ بۇرۇن مېنى كەلپىنلىك دەپ  گەپتە چېقىۋالىدىغان ئادەمدىن ئاتا-ئانىسى ۋە تۇققانلىرىغا كەلپىننى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختايدىغان ئادەمگە ئايلاندى. ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ۋاقتى بولسا ،كەلپىنگە كېلىپ ،ئويناپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى


باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7511
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 12:41:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلپىن ناھىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى توغرىلىق ئازراق ئۇچۇر بېرىۋەتكەن بولسا بەك ياخشى بۇللاتتى.بۇنى كەلپىنگە بارغان ساياھەت خاتىرىسى ئەمەس, توغقان يوقلاش خاتىرىسى دېسەك بولغىدەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-7 01:03 PM  


ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86243
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2014-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 12:50:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلپىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ كىچىك ناھىيەسى ئەمما كەلپىن خەلىقنىڭ مائارىپ سۇيەرلىگى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل  قىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100365
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 01:08:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلپىنلىكلەر ھەقىقەتەن مېھماندوست

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90909
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 791 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 01:19:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلپىن ناھىيىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرى  ئىچىدە ھاۋا كىلىماتى ياخشى ،ئەمما تېرىلغۇ يېرى ئاز ،سۈيى ئىنتايىن قىس ناھىيە بۇلۇپ ،مەملىكەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ھېساپلىنىدۇ.ئەمما كەلپىنلىكلەرنىڭ مائارىپ ئېڭى ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ ،باشقا يەردە كىشىلەر قانچىلىك پۇلى بارلىقى بىلەن پەخىرلەنسە ،كەلپىنلىكلەر قانچە بالىسىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيدىغانلىقى بىلەن پەخىرلىندۇ.ھەم كەلپىنلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭى ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ ،ئاقسۇ شەھرى ئىچىدىكى كاتتا بايلارنىڭ زور كۆپچىلىكى كالپىنلىكلەردۇر.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1357 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 02:03:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى چاغدا مۇئەللىم بىزگە ھەقىقىي ئۇيغۇر چىرايلارنى كۆرەي دېسەڭ كەلپىنگە بار دېگەنىدى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1916
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 03:21:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەمممىدىن بەك كەلپىن خەلقىنىڭ بالا تەربىيەلەش ،مۇئارىپ ئشلىرىغا  ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتەك ئېسىل روھىغا بەك قىزىقىمەن ھەم  مەسلىگۇم كېلىدۇ.

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1089
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 03:57:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-7 02:03 PM
تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى چاغدا مۇئەللىم بىزگە ھەقىقىي ئۇيغۇ ...

بىزلەرنىڭ چىرايى ساختا ئۇيغۇركەندە.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1357 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 04:06:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
unix212 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-7 03:57 PM
بىزلەرنىڭ چىرايى ساختا ئۇيغۇركەندە.

ئىشقىلىپ مەنمۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن،مۇئەللىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە چىراي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان جاي دەل كەلپىن دېگەنىدى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1089
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 04:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-7 04:06 PM
ئىشقىلىپ مەنمۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن،مۇئەللىم ئۇيغۇر ...

بەلكىم،شۇنداقتۇ.مەن ئەينەككە بەكرەك قاراپ باقاي،مەن زادى قايسى مىللەتكە ئوخشايدىكەنمەن.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش