مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1244|ئىنكاس: 8

ئافراسىىياپ كىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 08:44:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  • ئافراسىىياپ كىم؟


    •                                يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق



    <تۈركىي تىللار دىۋانى>دا بىز ئۇچراتقاندەك تۇڭا ئالىپ ئەر ياكى پارىس مەنبەلىرىدە ئافراسىياپ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بىر تارىخىي شەخىس ھەققىدە ئەڭ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىمىز. قوشاقلار، مەرسىينامىلەر، يەر-جاي ناملىرى، رىۋايەتلەردە ھەم ئالىپ ئەرتۇڭاغا باغلانغان خاتىرىلەرنى كۆرىمىز. ئۇنداقتا تۇڭا ئالىپ كىم؟ئۇنىڭ تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ھازىرغىچە تۇڭا ئالىپ ئەر ئافراسىياپ ھەققىدە تېخى سېستىمىلىق چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ باھادىر ئەزىمەتنىڭ مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدا تۇتقان ئورنى تېخى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىدى. ئەگەر بىز ئەتراپلىق ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىزدىنىدىغان بولساق ئافراسىياپ ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىزدا گەپ يوق. چۈنكى ئافراسىياپ ھەققىدىكى تارىخىي ئۇچۇرلار ئاز ئەمەس.

    بىز ئالدى بىلەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى، <دىۋان>دا ئون پارچە مەرسىيىنامە ئالىپ ئەرتۇڭاغا بېغىشلانغان. ئۇنىڭدا بىرتەرەپتىن ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ باھادىرلىقى، خەلقپەرۋەرلىكى، يوقسۇللارغا بولغان غەمخورلۇقى مەدھىيلەنگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق ئۇلۇغ خاقانغا كەلگەن ئەجەل ئوقىدىن ئەل-ۋەتەننىڭ قاتتىق قايغۇ-ئەلەمگە پاتقانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇ مەرسىيىنامىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدا پۈتۈلگەن ياكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتۈپ داۋاملىشىپ كەلگەن.

    <دىۋان>دا يەنە بىرمۇنچە مەنسەپ دەرىجە ئاتالغۇلىرىمۇ ئافراسىياپقا باغلاپ چۈشەندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، خان-تۈركلەرنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھى، ئافراسىياپ ئەۋلادىدىن بولغان ئوغۇللارمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ. خاقان-ئافراسىياپتۇر. مۇنداق ئاتاشتا ئۇزۇن بىر قىسسە بار(3-توم.513-بەت).

    دېمەك، خان ۋە خاقان ئافراسىياپقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەل نامى بولۇپ، ئىككىسى پەرقلەندۈرۈلگەن. خاقانلىق ئافراسىياپقا مەنسۇپ. خانلىق بولسا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەنسۇپ، دەپ كۆرسەتكەن. خاندىن خاقاننىڭ ئىمتىيازى چوڭ بولغان. <قاتۇن-خاتۇن، خانىكە، ئافراسىياپنىڭ قىزلىرىغا خاس نام>(1-توم206-بەت).

    تېكىن-بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى قۇل دېمەكتۇر. بۇ سۆزنىڭ ئافراسىياپ ئوغۇللىرىغا قانداق كۆچكەنلىكىگە كەلسەك، ئۇلار ئۆز ئاتىسىنى بەك ھۆرمەتلەپ، ناھايىتى چوڭ كۆرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئىشتا ئاتىسىغا مۇراجىئەت قىلسا ياكى خەت يازسا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ <قۇلىڭىزپالانى مۇنداق قىلدى، قۇلىڭىز پوكۇنى مۇنداق قىلدى >دەيدىكەن. كېيىنچە بۇ سۆز ئۇلارغا ئات بولۇپ قالغان. باشقا ئوغۇللاردىن ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ سۆزنىڭ يېنىغا يەنە بىر سۆز قوشۇپ ئىشلىتىدىغان بولدى(1-توم 206-بەت).

    <دىۋان>دا يەنە بەزى يەرجاي ناملىرىمۇ ئافراسىياپقا تۇتىشىدۇ. <بارىسخان>ئافراسىياپنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى. بارىسخان شەھىرىنى شۇ سالدۇرغان. مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ئەنە شۇ شەھەردىن. بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇر خاقانىنىڭ بىر يىلقا باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يەردە يىلقا باققان. كېيىن ئۇ يەر شۇنىڭ نامى بىلەن بارىسخان دەپ ئاتالغان (3-توم 625-بەت).

    يۇقىرىقى مەلۇماتتىكى ئافراسىياپنىڭ ئوغلى بارىسخان بىلەن ئۇيغۇر خاقانىنىڭ يىلقا باشقۇرغۇچىسى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتىن ئافراسىياپ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى زىچ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولىدۇ.

    يۇقۇرىقىلاردىن باشقا <بارماق>، <بارچۇق>، <قاز>، دېگەن شەھەرلەرمۇ مۇشۇ ئافراسىياپ ۋە ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىغا باغلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

    بىز بۇنىڭدىن ئافراسىياپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا ئوينىغان تارىخىي رولىنىڭ ناھايىتى چوڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

    ئالىپ ئەرتۇڭا ھەققىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تېخىمۇ روشەن مىسرالار بىلەن ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

    276. بۇ- تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر،
    جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلەر.

    277. بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگۈلۈك،
    تۇڭا ئالىپ ئەر ئىدى بەختى بەلگۈلۈك.

    278. ئىلىمدە بۈيۈك كۆپ پەزىلەتلىك دىلى،
    بىلىملىك، ئەقىللىق، خەلقنىڭ خىلى.

    279. ئىدى ئۇ سەرخىل، زېرەك ئەر ئوغلان،
    دۇنياغا زېرەكلەر بولار ھۆكۈمران.

    280. تاجىكلار دەيدۇ ئۇنى ئافراسىياپ،
    ئۇ ئافراسىياپ تۇتتى ئەللەر تاللاپ.

    281.جاھاننى تۇتاي دەپ سۇنۇشقا ئىلىگ،
    كېرەك كۆپ پەزىلەت بىلەن كۆپ بىلىك.

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ باھادىر خاقانغا مۇنداق بىرنەچچە تەرەپتىن ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز.

    بىرىنچى، پۈتۈن بەگلىكلەرگە نەزەر سېلىنغاندا، جاھاننىڭ ئەڭ سەرخىل، ياخشى بەگلىرى مانا شۇ ئافراسىياپ دەپ جاكارلايدۇ ھەم ئۇنى بەگلىكلەرنىڭ ئۈلگىسى قاتارىغا قويىدۇ.
    ئىككىنچى، تۇڭا ئالىپ ئەر ئىلمىي پاراسەتتە بۈيۈكلۈككە يەتكەن. پەزىلەتتە يېگانە، ھەقىقىي بىلىملىك ۋە ئەقىللىقلىقى بىلەن خەلققە باشپاناھ بولغا خاقان ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
    ئۈچىنچى، ئالىپ ئەرتۇڭا زېرەكلىكى ، باتۇرلۇقى، ياراملىقلىقى بىلەن جاھان سورىغانلىقى، چۈنكى دۇنياغا ھۆكۈمدار بولۇش ئۈچۈن پەزىلەت بىلەن بىلىم ھازىرلانمىسا بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

    يۇقىرىقى باھالار بىلەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى، باھاسى، خاراكتىرى تامامەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئىككى ئالىم باھادىر خاقان ئالىپ ئەرتۇڭاغا يۇقىرى دەرىجىدىكى قەدىر-قىممەت ۋە ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن بەرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن بەگلىكلەرگە ئالىپ ئەرتۇڭانى نەمۇنە ۋە ئۈلگە قىلىپ تىكلەپ بەرگەن.

    ئافراسىياپ ھەققىدىكى مەلۇماتنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ پارىس مەنبەلىرىدىن ئالغان، مەھمۇد كاشغەرىي خەلق ئىچىدىن ئالغان. پارىس مەنبەلىرىدە ئافراسىياپ ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن كىشى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى <شاھنامە> دە ئافراسىياپنى گەرچە سەلبى تىپ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان بولىسمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن باھا بەرگەن. بىز فىردەۋسىنىڭ بايانلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:

    ئافراسىياپ كەلمىش ئەسكىرى يۈزمىڭ،
    تۈركلەرنىڭ تاللانغان لەشكىرى يۈزمىڭ.

    بۇ خەۋەردىن كاۋۇس دىلى بولدى تەڭ،
    بەزمە تۈگەپ باشلىناتتى ئەمدى جەڭ.

    ئۇلارغا شاھ دېدى: بۇ ئافراسىياپ،
    جىسمىدا يوقمىدۇ ھاۋا، ئوت، توپا، ئاب.

    يەزدان ئۇنى نېمىدىن ياراتقانكىن،
    يا باشقا ئۇرۇقتىن ياراتقانمىكىن.

    يۇقىرىقى كەيكاۋۇسنىڭ باياناتىدا ئافراسىياپنىڭ سۇ، ھاۋا، تۇپراق، ئوتتىن ئىبارەت تۆت ئونسۇرەدىن يارىتىلغان ئادەم ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى يەزدان يەنى زەردوش دىنىنىڭ خۇداسى (باشقا ئالاھىدە نەرسىدىن ياراتقانمىكىن) دەپ گۇمان قىلىشىدۇ. چۈنكى ئافراسىياپنىڭ پاراسىتى، جەڭدىكى تاكتىكىسى، ئۆلۈمنى مەنسىتمەسلىكى ھەم ئۇنى يېڭەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىران شاھلىرى ئافراسىياپنى تەڭرىنىڭ ئەزىز قىلغان ئوغلى ئوخشايدۇ، دەپ باھا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

    ئافراسىياپنىڭ ئۆزىنىڭ سەركەردە ۋە ۋەزىر-ۋۇزرالىرى بىلەن قىلغان كېڭىشى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك.

    خان يىغدى مەجلىسكە دانىشمەنلەردىن،
    سەزگۈر ھەم دانا-ئىش بىلەرمەنلەردىن.

    ئۇلارغا دېدى: بۇ بوينۇمغا پەلەك،
    قىلمىغانمۇ قىسمەت ئۇرۇشتىن بۆلەك.

    مېنى قەستلەپ كەلگۈچى نى-نى پەھلىۋان،
    ئىلكىمدە بولغانتى يەر بىلەن يەكسان.

    جاھان خاقانى سالسا جەبرى -جاپا،
    ياخشىلىق تۈگەپ ، بارچە بولار خاپا.

    قىڭغىرلىق كۈچىيەر، قالماس توغرىلىق،
    ھەريەردە ئەۋج ئالار يالغان ئوغرىلىق.

    جېنىمدىن تويدۇردى زورلۇق جەڭ-جېدەل،
    ياخشىلىققا بۇيرىدى تەڭرى ئەزەل؛

    بۈگۈن جارى قىلاي سۈلھى ئادالەت،
    قايغۇ تۈگەپ، راھەت تاپقاي كامالەت.

    ئۈچتىن ئىككى جاھان ئاياغ ئاستىمدا،
    ئىران، تۇران ساراي ماڭا دەستىمدە.

    ھەر بوي بەرمەس باتۇرلار بېشىدا تاج،
    تۇرۇقلۇق تۆلەيدۇ ماڭا نۇرغۇن باج.

    ئافراسىياپنىڭ يۇقىرىقى نۇتقىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇرۇشخۇمارشاھ ئەمەس، بەلكى تىنچلىقپەرۋەر خاقان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەلگە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ئورنىتىش ئۈچۈن خاقان بولغانلىقى، ھەرگىزمۇ قىسمىتىگە ئۇرۇش، پاراكەندىچىلىك ، قان تۆكۈش پۈتۈلمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇرۇشتىن ئەلنىڭلا ئەمەس، ئۆزىنىڭمۇ باغرى قانغا تولغانلىقىنى ئېيتىپ، تىنىچلىققا بولغان ئارزۇسىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئۇ تىنىچلىق سۈلھىسى ئۈچۈن ئىنىسى گەرسىۋەرنى ئىرانلارغا ئەۋەتىدۇ. بۇيرۇق مۇنداق دېدى:

    دېگىل -ئىرانغا ھېچ دەۋايىمىز يوق،
    دېگىن سۆزىمىز چىن، كۆڭلى بولسۇن توق.

    بىزنىڭكى چىندىن تا جەيھۇن قىرغىقى،
    بىزگە بەس سوغدىلەر يېرى- تۇر تېغى.

    ئىران بىلەن تۇران بىر ئىدى دائىم،
    بىلمەي جېدەل، ياشار ئىدى مۇلايىم.

    كەچۈرۈم، ئىستەيلى ئېزگۈ-ئامانلىق،
    ئۇنتۇلماس ئۇرۇش، يوقالسۇن يوقالسۇن يامانلىق.

    ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى- (مىلادىيە 934-1025) ئىراننىڭ 4000يىللىق ئەپسانىۋى ۋە ھەقىقىي تارىخىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىپىك ئەسەر <شاھنامە> نىڭ مۇئەللىپى. ئۇ گەرچە ئىران مەيدانىدا تۇرۇپ ئافراسىياپنى دۇشمەن كۈچ سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى بايانلاردا يەنىلا ئافراسىياپنىڭ ئۇلۇغۋار سىيماسى چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇ تىنىچلىق ئۈچۈن سۈلھى تۈزىدۇ.

    ئۇنداق بولسا ئالىپ ئەرتۇڭا ئەپسانىۋى شەخىسمۇ؟ تارىخىي رېئال شەخىسمۇ؟ يۇقىرىقى بايانلارنىڭ ۋە مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىخىي شەخىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىزگە خەلق يەتكۈزۈپ بەرگەن ئۇچۇرلار ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرلاردۇر. <تۈركىي تىللاردىۋانى>دىكى مەرسىيىلەر، رىۋايەتلەرۋە يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئافراسىياپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ شەك-شۈبھىسىز تارىخىي شەخىس ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر ئۇ توقۇلما بەدىئى ئوبراز ياكى ئەپسانىۋى شەخىس بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ شەنىگە بارلىققا كەلگەن مەركىزىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن تارىخىي ئۇچۇرلارنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولماي قالىدۇ.

    بۇ خۇسۇستا 19-ئەسىرلەردە بېرىلگەن يەنە بىر ئۇچۇر ئافراسىياپنىڭ تارىخىي شەخىس ئىكەنلىكىنى، ئۇنى بۇ زېمىندىكى خەلق نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئەسلەپ، خاتىرىلەپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.19-ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ تارىخچىسى موللامۇسا سايرامى <تارىخىي ھەمىدى> دېگەن كىتابىدا ھازىرغىچە بىز تازا ئېتىبار بەرمىگەن، بىراق تارىخىي ۋە تەتقىقات قىممىتى ناھايىتى زور بولغان مۇنداق ئۇچۇردىن ۋاقىپلاندۇرىدۇ:

    ئەلقىسسە، يەنە بىر غارايىب شۇدۇركى، موغۇلىستان تەۋەلىكىدىكى ئالتە شەھەرنىڭ شەرق ۋە جەنۇب بۇرجىكىنىڭ ئارىلىقىدا لوپ دېگەن بىر چوڭ مەشھۇر زېمىن بار. <تارىخىي رەشىدى>نىڭ ئاپتورى مىرزاھەيدەر كۆرەگان بۇرۇنقى تارىخىي كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ يازغان كىتابىدا لوپ دېگەن جايدا 17چوڭ شەھەر بولغانلىقىنى ۋە شەھەرنىڭ ناملىرىنى، تەكتى ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلغانىدى ھەم ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى، زېمىنىنىڭ ئاۋاتلىقىنى يازغانىدى. شەھىرى كىتىك، شەھىرى تەركەن، شەھىرى چەمەن، شەھىرى لوپ ھازىرمۇ مەشھۇر. قالغانلىرى بولسا قۇم خەزىنىنىڭ ئاستىدا قالغان. بوران چىقسا بەزىلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ-دە، يەنە كۆمۈلۈپ قالىدۇ، بۇ گەپنى بايان قىلىدىغان بولساق:<كۈنلەرنىڭ بىركېچىسى غەرب ئىلاھى پەيدا بولۇپ، ئاسماندىن خۇددى بالادەك قۇم ياغدۇرۇپتۇ، شەھەرلەر ئادەملىرى بىلەن قوشۇلۇپ قۇمنىڭ ئاستىدا قاپتۇ. ئافراسىياپنىڭ قەبرىسىمۇ مۇشۇ جايدا ئىكەن دېگەن گەپ بار>.

    يۇقىرىقى مەلۇمات بىزگىچە مەلۇم بولغان ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى ھەققىدىكى يېگانە ئۇچۇر. بۇ مەلۇمات بىزنىڭ مۇنداق بىر قانچە مۇھىم ئىشنى دەلىللىشىمىزگە ئاساس بولىدۇ: بىرى، تۇڭا ئالىپ ئەر-ئافراسىياپ دېگەن بۇ تارىخىي شەخىسنىڭ قەبرىسى ھازىرقى شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدىكى شەھىرى كىتىك ۋە شەھىرى لوپ ياكى تارىم بويلىرىدا ئىكەن. موللا مۇسا سايرامىغىچە بولغان 2500يىلدىن ئارتۇق تارىخىي مۇساپە جەريانىدا خەلقىمىز ئەۋلادتىن ئەۋلادقا بۇ ئۇلۇغ خاقاننىڭ نامىنى يادلاپ كەلگەن ۋە قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن؛ يەنە بىرى، ئافراسىياپ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ياشىغان پادىشاھ بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامىيەتتىن كېيىن، كىشىلەر بۇ باھادىر خاقاننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالغان.

    يۇقىرىقى مەلۇماتتا كۆرسىتىلگەندەك، خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ئادەم قارىغان. شۇڭا مىڭ يىل مابەينىدە بۇ قەبرە چۆلدەرەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلۈپ، ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى ئەلنىڭ نەزەرىدىن ھەرگىزمۇ چۈشۈپ قالمىغان. شۇڭا موللامۇسا سايرامى ئۆزى ئاڭلىغان خەۋەرلەرگە ئاساسەن<ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى مۇشۇ يەردە دېگەن گەپ بار> دەپ ئالاھىدە قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئەگەر موللامۇسا سايرامى ئافراسىياپ ھەققىدە خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگەئىگە بولمىغان بولسا ، تۇپتۇيۇقلا ئۈچ ئادەمنىڭ نامىنى ئاتاپ، ئەسىرىدە ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرنى بىزگە قالدۇرمىغان بولاتتى.

    يەنە بىر دەلىلنى يەنىلا<تۈركىي تىللار دىۋانى> بېرىدۇ: <تارىم -تېكىنلەرگە، ئافراسىياپ ئەۋلادىدىن بولغان خېنىملارغا، شۇنىڭدەك ئۇلۇغ ئۇششاق بالىلارغا خاس سۆز . خاقان ئەۋلادىدىن باشقىلار ھەرقانچە يۇقىرى مەرتىۋىلىك بولسىمۇ، بۇ سۆز ئۇلارغا ئىشلىتىلمەيدۇ. خان ئەۋلادىدىن بولغان ئاغىچا خېنىملارغا ، ئۈنۋان ئورنىدا ئالتۇن تارىم دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ>.

    يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن بىز ئافراسىياپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا ماكانى تارىم ۋادىسى بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمىز. چۈنكى تارىم مەركىزىي ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى بىردىنبىر ئىچكى ئانا دەريا، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان مۇقەددەس دەريا. ئافراسىياپ بۇ مۇقەددەس ئانا دەريانى ئۇلۇغلىغان ۋە ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇ مۇقەددەس ئانا دەريانى ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە ئەۋلادلىرىنىڭ تارىم دەرياسىدەك ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشى ۋە ئەلگە ئۈزلۈكسىز نەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارغا <تارىم> دېگەن شەرەپلىك نامنى مىراس قالدۇرغان. ئۇلار <تارىم> دېگەن بۇ نام بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاناماكانىغا بولغان ساداقىتىنى ۋە مۇھەببىتىنى نامايان قىلىپ تۇرغان. بۇنىڭدىن بىز ئافراسىياپنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىرنەچچە ئەۋلادئىزباسار ئەۋلادلىرىنىڭ كىندىك قېنى مۇشۇ تارىم ئېتىكىگە تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بىز يەنى يۇقىرىقى مەلۇمات بىلەن ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىرلەشتۈرگەندە ئافراسىياپ ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىك جايىنى مانا مۇشۇ مۇقەددەس تۇپراققا دەپنە قىلدۇرغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرالايمىز.



    http://www.blogbus.com/kashgheri-logs/52623742.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yipek-yoli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-6 08:45 PM  


باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7571
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7692 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 12:53:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغلۇق ئەپەندى يازمىسنى كۆرگىنىمدىن  شۇنداق خۇرسەنمەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 02:07:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالپ ئەر توڭا توغىرلىق خېلى كۆپ بايانلار بار ئىدى تۇللۇقتىكى ۋاقتىمىزدا

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 02:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ تەتقىقاتى پاكتلارغا تويۇنغان!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91671
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2013-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 03:11:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئالىمىمىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن  بىباھا گۈھەر ئىدى دە ،  يازمىللىرى ئەقلىي پىكىرلار بىلەن تولغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 04:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇقەددەس تۇپراققا دەپنە
ئافراسىياپنىڭ كىملىكنى قۇرئان كەرىم بىلەن قىسسەسۇل ئەنبىيا دىن ئىزلەڭ !
1.مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يازغان كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان ئافراسىياپ دەل قۇرئان كەرم بىلەن قىسسەسۇل ئەنبىيا ۋە ھەدىسلەردە ئېنىق  خاتىرلەنگەن.
2.ئافراسياپنىڭ سىپىل سالدۇرىش،توسما ياسىتىشى، دونيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ جايلىششى ۋە جەمشىتنامە دېگەن كىتابتىن ئىزلىسىڭىز ھەقىىقى ئۆلچەملىك جاۋاپقا ئىزشەلەيسز.
ئاخىرىدا بۇ يازمىنى تۇلۇق ئۇقۇسىڭىز چۈشۈنسىز.
مەنبەسى ئىسكەندەرزۇلقەرنەيننىڭ تۈرك ئەللىرىنى ئىستىلاھ قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن، 2)«قەدىمكى بالاساغۇن شەھرى» يېنىدىكى «شۇ قەلئەسى» ئىزناسىدىن،   بۇلار ھازىرمۇ بۇشۇ زىمىندا بار .ئاتۇشتا ھازىرمۇ تىلدىن تىلغا ئېيتىلىپ كەلمەكتە.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 05:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ ۋاپاسىز دۇنيا قالدىمۇ
پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ ئەمدى يۈرەكلەر يىرتىلۇر
ئەرلەر بۆرىدەك ھۇۋلاپ ياقا يىرتىپ ئاھ ئۇرۇشتى
چىرقىراپ ئۈنلىرى پۈتۈشۈپ يىغلاپ كۆزلىرى ئۆرتىلۇر .....
.... تۈركىي تىللار دىۋانى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-7 06:05 PM  


خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95925
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 381
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 06:08:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nomu يوللىغان ۋاقتى  2013-12-7 04:34 PM
ئافراسىياپنىڭ كىملىكنى قۇرئان كەرىم بىلەن قىسسەسۇل ئ ...

  دەلىلىڭىزدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم .  دىۋاندا ئېيتىلغان ئىسكەندەر[ ئالېكساندىر ماكىدونوۋېسكى ] بىلەن  قۇرئان كېرىمدىكى ئىسكەندەر نىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىگە  گۇمانىم بار ئىدى . لېكىن مەخمۇت بوۋىمىز مۇشۇ جەھەتتە خاتالاشقانمۇ قانداق ؟   بۇ بەك چوڭ سۇئال بولغاچقا  ، مۇنبەر يۈزىدە گۇمانىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا  پېتىنالماي يۈرگەنتىم ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95925
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 381
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 06:17:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خان - پادىشاھ .  بەزىدە ئىمپىرىيە ھامىلىغىدىكى ئىلىك خان .
خاقان -  شاھىنشاھ ، يەنى شاھلارنىڭ شاھى ، ئىمپىراتور .
  تېكىن . تېگىن - شاھزادە  ، خانزادە .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش