مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1181|ئىنكاس: 12

ئالي مەكتەپ ئۇچۇر ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99380
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-11-9
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 03:25:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ئالي مەكتەپ ئۇچۇر ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنى


2013- يىلى 11-ئاينڭ 15-كۈنى شىنجاڭ يىزا ئگىلىك كەسپى ئنستوتىدا كاتتا  يېغلىش بولدى.بۇقېتمقى يېىغلشقا  سانجى شەھرىدىكى  ھەر قايسى ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنڭ ۋەكېللىرى قاتناشقاندىن باشقا يەنە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە  ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇخپىرى ۋە رىياسەتچىسى توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي،شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنڭ مۇخپىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر، 13يېشىدا كىتاب چىقىرىپ كىچىك بالا شائىر دەپ نام ئالغان ھەم ھازىرقى زامان رىياسەتچىسى ئابدىۋەلى ئابدىشۈكۈر،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇخپىرلار گۇرۇپسدىن ئابدغۇپۇر ئابدىراخمان ،شىنجاڭ يېزا -ئېگلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئالي مەكتەپ  پەن-تېخنىكا گۇرۇپسنڭ باشلقى شۇنداقلا جۇڭگۇ كەشپياتچىلار جەمئيىتىنڭ ئەزاسى بولغان مەمىلىكەتلىك ۋە شىنجاڭدىكى مۈنەۋەر 100 ياش كەشپياتچى بولۇپ باھالانغان ھازىرقى ئۇرۇمچى كائنات پەن-تېخنىكا ئېچىش شىركىتىنڭ دىرىكتورى ئەلىجان رۇسۇل ،شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستتى يىمەكلىك كەسىپىدە ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئادىلجان  ۋە ئۇيغۇرچە رادىئو ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ باشلقى ئەسقەرجان ،سانجى ئۇنىۋىرستتى ئىزىمىز گۇرۇپىسنڭ  قۇرغۇچىسى ،شىنجاڭدىكى يۈز مۇنەۋەر ياش كەشپياتچى ئەكىرەمجان ئەبەي، پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان شنجاڭ يېزا- ئىگلىك كەسپى تېخنىكا ئىنىستوىتى ئىزدەن گۇرۇپىسىنىڭ قۇرغۇچسى،  شنجاڭدىكى يۈز مۈنەۋەر ياش كەشپىياتچى دەپ ئاتالغان ئىزدەن ساغلاملىق لەمپۇڭنڭ ئىجادىيەتچىسى، ئالي مەكتەپ پەن-تىخنىكا تەتقىقات گۇرۇپىسنىڭ گۇرۇپا باشلقى مۇتەللىپ ئەمەت ........ۋە ھەر قايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى ۋە مىسىرانىم تور بىكىتىنى قۇرغۇچى ئابابەكىرى مۇختەر مىسىرانىم ئالاھىدە مىھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى.
ئالدى بىلەن ئىزدەن گۇرۇپىسنىڭ قۇرغۇچىسى پائالىيەتنى تەشكۈلۈگۈچى مۇتەللىپجان باشلاش سۆزى قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:



         بۈگۈنكىدەك ئۇچۇرلاشقان ،تورلاشقان 21-ئەسردە كىشلەر ئۇچۇر ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۇر بولماقتا ،شۇڭا ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭمۇ  ئۇچۇر ۋە بىلىم ئالماشتۇرىدىغان سورۇن ھازىرلاپ  ئۆزئارا ئۆگۈنىشىمىز ،ئۆزئارا چۇشنش ھاسىل قىلىپ ھەر قايسى ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنڭ  ئومۇمي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ جەمئىيەتنىڭ تەراقىيات تەلىۋىگە ماسلىشىپ ھەقىقي بىر ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خاس ساپا ۋە بىلىم ھازىلاپ جەمئيەت ۋە مىللەت ئالدىدىكى يۈكسەك مەسئولىيتىمىزنى تونۇش ھەققىدە سۆز قىلدى ھەمدە بۇ ئالي مەكتەپ ئۇچۇر ۋە بىلىم ئالماشتۇرىدىغان سورۇنلىرىنڭ ئۈزۈلۈپ قالماي مەڭگۈ داۋام ئىتشىنى ئۆمۈد  قىلىدىغانلىقىنى بۈلدۈردى .
ئارقىدىن ئىزدەن  گۇرۇپسىدىن ئابدىمەمەت  (ئىزدەن )دىگەن شىئر ئوقۇپ سورۇننىڭ كەيپىياتىنى يوقىرى كۆتۈردى ۋە سەرخىل نومۇرلار كۆرسىتىلىشكە باشلىدى.

پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر


پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر  



    تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇخپىر ۋە رىياسەتچىسى توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشنى ئۆمۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى ھەمدە بۇ سورۇندا ھەر قايسى ئالي مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرى قاتنىشىش ئارقىلىق كۆپلگەن بىلملەرنى ئۈگەنگىلى بولىدىغالىقىنى دەلىلىدى ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان 400 نەپەرگە  يېقىن ھەر قايسي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر قايسى تەرەپلەردە ھەر كىم ئۆز ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ تەرەققي قىلدۇرىشى زۆرۇرلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ توختىماي ئىزدىشنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە سەمىمىيىتىنى بىلدۇردى.
   شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخپىرى ۋە يىتىلۋاتقان يازغۇچى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر ئۇرمچىدە  ئۆتكۈزۇلۋاتقان تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن سورۇن ئەھلىنى خەۋەردار قىلىپ جەمئيەتنىڭ تەرەققىياتتى ۋە تەلىپى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ ئالي مەكتەپ ياشلىرىنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ بىلىم ئېلشنى شۇنداقلا بۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۆتكۈزۇشى كىرەكلىكنى ئېيتىپ سورۇن ئەھلگە ئىلىھام بەخىش ئەتتى.

بالا شائىر ئابدىۋەلى ئابدشۈكۈر ئۆزىنىڭ قىسقىچە كەچۇرمشنى قىزىقارلىق ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ سورۇن كەيپياتنى جاللاندۇرۇپ ئۆزىنڭ يۈكسەك نۈتۈق قابىلىيتى بىلەن سورۇندىكى ئوقۇغۇچىلارىنڭ ئەدەبىياتقا بولغان چۇشەنچىسىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ بەردى.

سورۇندىكى ساۋاقداشلاردىن ئەڭ مۇھىمي ئۆزىگە ئىشىنىش كېرەكىلىكنى ئېيتىپ  ھەر بىر كىشى ئۆز تەقدىرىنڭ  ئۆز ھايات  سېنفۇنىيەسىنى ئۆزى يازىدۇ  شۇڭا ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە خاس ياشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى شۇنداقلا پايىتەخىت بىلەن ئانا يۇرتىنى سېلىشتۇرۇپ ئانا يۇرۇتقا بولغان سېغىنشنى ۋە ئانا يۇرۇتقا بولغان مۇھاببىتىنى ئىپادىلىدى .
   
شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستتى مۇخپىرلار گۇرۇپىسىدىن ئابدىغۇپۇر ئابدىراخمان  شىنجاڭ ئۇنىۋىرستتى  سۇبىھى ئىجادىيەت گۇرۇپىسنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۇش بىلەن بىرگە گۇرۇپىىنڭ رولى ۋە پايدىسى ھەققىدە توختۇلۇپ گۇرۇپا بۇ بىر كوللىكتىپ بولۇپ ئۆزئارا ئۈگۈنۈش سەھنىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى  نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيىتكىلى  بولىدىغان بىر ئورۇن دەپ تەكىتلىدى ۋە سۆيۈندى.

پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر


   شىنجاڭ يېزا -ئېگلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلىجان رۇسۇل ئۆزىنىڭ كەشپياتقا كېرشكەندىن باشلاپ ئۈرۇمچى كائىنات پەن-تېخنېكا ئېچېش چەكلىك مەسئولىيەت شېركىتىنى قۇرغۇچە بولغان جەريانلارنى سۆزلەپ ساۋاقداشلارنىڭ يۈرىگىگە ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنىچ ۋە جاسارەت بېخىشلىدى .  بۇ قېتمقى پائالىيەتكە سانجى ئىنىستوتى ئىزىمىز گۇرۇپىسى شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك كەسپى تېخنىكا ئىنوستىتى ئىزدەن گۇرۇپىسىدىكى ساۋاقداشلارغا 1000 يۈەن، شىنجاڭ كائىنات پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى 2000 يۈەن تەستىق قىلىپ تەقدىم ئەتتى ۋە كەڭ سورۇن ئەھلىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالدى!  
.
   شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۈنۋىرىستىتى يىمەكلىك كەسىپىنىڭ ئاسپىرانت كەسىپىدە ئوقۇۋاتقان ئادىلجان ئوقۇش پۈتتۇرگەندىن كىيىن ھەر قايسى ئنتىھانلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ،خەنزۇتىلى ۋە ئىنگىلىز تىلىنى قانداق ئۈگۈنۈش توغىرىسىدا ياخشى ئۇسۇللارنى دەپ ئۆتۈپ ساۋاقداشلادىن ھازىردىن باشلاپ تۈرلۈك ئىنتىھانلارغا ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىزنى  تەكىتلىدى ۋە ئۆمۈت قىلدى.

      سانجى ئۈنۋىرىستىتى ئىزىمىز گۇرۇپىسىنىڭ قۇرغۇچىىى، شىنجاڭدىكى 100مۈنەۋەر ياش كەشپىياتچى ئەكىرەمجان ئۆزىنىڭ ئىزىمىز كومپئيوتىر تەربىلەش مەركىزنى قۇرغۇچە بولغان سەرگۈزەشتىلېرىنى سۆزلەپ ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرىشنىڭ موھىملىقى ،ئەھمىيەت بېرىشنڭ تولىمۇ زۆرۇرلىكىنى تەكىتلىدى.ئادەم ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە تىرىشقاندىلا ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى ئەمىلي تۇرمۇشتىكى سەرگۈزەشتىسى ئارقىلىق مىساللارنى ئېلىپ بەردى.  

       شىنجاڭ يېزا-ئىگلىك ئۈنۋىرىستىتى رادىئو ئاڭلىتىش بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئىككىنجى قېتىملىق ئالي مەكتەپ ئۇچۇر ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى شىنجاڭ يېزا-ئىگلىك ئۈنۋىرىستىتىدا ئۆتكۈزىشنى ئۆمۈت قىلدى ۋە تەكلىپ قىلدى. . ئاخىرىدا شىنجاڭ يېزا -ئىگلىك كەسپى تېخنىكا ئىنىسوتىنىڭ ئىزدەن گۇرۇپىسىنىڭ  شوخ ئۇسۇللۇق ناخشىسى بىلەن پائالىيەت ئاخىرلىشىپ ھەممەيلەن قىيمغان ھالدا سورۇندىن ئايرىلدى.

پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر







  



  


شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك كەسپى ئنستوتى ئىزدەن تەرەققىيات گۇرۇپىسى         
  

مەنبە-nabijan527:نەبىجان نۇراخۇن


شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك كەسپى ئنستوتى ئىزدەن تەرەققىيات گۇرۇپىسى ئاخپىرات گۇرۇپىسىدىن نەبىجان نۇراخۇن تەييارلىغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nabijan527 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-6 04:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4676
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 622 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 06:11:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززق ئىش مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا ھېچقايسى رەسىم ئېچىلمايۋاتىدىغۇ؟! نىمبولغاندۇ........

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7565
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7708 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 08:26:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە ،مۇشۇنداق پائالىيەتلەر كۆپرەك بولسا ياخشى بۇلاتتى.خەنزۇچە پائالىيەتلەر بەكلا كۆپ .مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە ئىلمىي پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر سىتۇدىنت  بالىلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلدىغان بىر سورۇنى  بولسا دەپ قارايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-6 11:18 PM  


ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2557
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21685
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9908 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 09:15:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەۋرىمىزدىكى كەسكىن رىقابەت ئالدىدا ياشلىرىمىزنىڭ تېڭىرقاپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى بىلىم، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يىغىلىشىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
ياشلىرىمىزدىكى ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى كۆپرەك تەشۋىق قىلىنىپ ‹‹ئۇيقۇدىكى›› ئالىي مەكتەپ سىتودىنتلىرىنىڭ قەلبىدە مەلۇم سىلكىنىش ھاسىل قىلىنسا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ياراملىق ياشلىرىمىز مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن.

ئىلگىرلەڭلەر ياشلار!
دەۋىرنىڭ كۆزى سىلەردە.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئۈمىدۋار بول،تەڭشىلىدىغان جاھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6671
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8351
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 11:33:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ دائىم ئۇيۇشتۇرۇلۇپ  ياشلارغا تېخىمۇ روھىي رىغبەت ۋە ئۈمىد بېغىشلىغۇسى

بىدئەت پەقەت ئېتىقادىي ئەمەللەردە بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 03:25:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاددىي  ساددا  ھەم  ئەھمىيەتلىك  يىغىلىش  بولۇپتۇ  ،  داۋاملىق  تىرىشىڭلار  سىتۇدنىت  باللار  ،  ھەرگىز  مىنى  دورىماڭلا..

ئۆچمەس  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 08:24:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە ئىلمىي پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرسا ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىللىرىنىڭ بىلىم ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولوپ تۇرىشىغا پايدىلىق ئىدى.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:21:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ يىزا ئگىلىك كەسپى ئنستىتوتى  دىگەن قايسى مەكتەپ بوپكەتتى ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100042
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:34:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى مەكتەپ ئۇ  ،   سانجىدىكى مەكتەپ شۇمۇ      مىنىڭ بىرنەۋرە ئاچام ئۇقۇغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99380
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-11-9
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:47:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2013-12-7 11:21 AM
شىنجاڭ يىزا ئگىلىك كەسپى ئنستىتوتى  دىگەن قايسى مەكتەپ ...

شىنجاڭ يىزا-ئىگىلىك كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى شۇ ئالي تېخنىكومنى ئاساس قىلغان يەنى
(新疆农业职业技术学院)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش