مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1732|ئىنكاس: 14

خوجا نىياز-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چەۋگەن- (دەغنەك) توپ تەنھەركىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 06:12:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى تەنتەربىيە تارىخىدا چەۋگەن- (دەغنەك) توپ تەنھەركىتى

خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن

1. چەۋگەن- دەغنەك توپ تەنھەرىكىتىنىڭ بارلققا كېلىشى

                                                                                                               

دەغنەك (چەۋگەن) توپ تەنھەركىتى ئوتتۇرا ئاسيادا ياشغۇچى تۇركى خەلىقلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ تۇرلۇك كۆڭۇل ئېچىش، تەنتەربىيە ئۇيۇنلىرى ئىچدە، ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ مەۋجۇت بۇلۇپ كېلىۋاتقان، ياشاش شارائىتگە زىچ ماسلاشقان، ئۆزىگەخاس مىللى ئالاھىدىلىكە ئىگە ، ئنسانيەت مەدەنيەت تارىخىدىكى تەنھەركەت تۇرىنىڭ بىرى. ئۇ ھەر بىر ياش ئەۋلادنىڭ جىسمانى جەھەتتن چېنىققان مۇستەھكەم ، ئىرادىلىك،قورقماس يۇرەكلىك، سەزگۈر ۋە چاققان كىشلەردىن بۇلۇپ يېتىشىپ چىقشىدا مۇھىم رول ئويناپ قالماستىن ،يەنە جەڭگىۋار ئاتلىق قوشۇننى يىتىشتۇرۇپ چىقىشتا، ئاتلىق  قۇشۇنلارنىڭ ھەرخىل ماھارىتنى سىناشتا،ئاساسلىق ئۆلچەم قىلنغان.شۇڭا ئۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر  مائارىپ تارىخى،تەنتەربىيە تارىخى،ھەربىي ئىشلار تارىخى،تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش،تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن.ئەمما يېقىنقى دەۋىرگە كەلگەندە بۇ پائالىيەت تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە توختاپ قالدى،تارىخىمۇ ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى....؟ئۇنداقتا بۇ چەۋگەن-دەغنەك توپ ھەركىتى پائالىيىتى قاچان ،قانداق بارلىققا كەلگەن،قايسى خاندانلىقتا قانداق شەكىلدە ئېلىپ  بېرىلغان؟ بۇنى ئۆگۈنۈش،تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر  مائارىپ تارىخى،تەنتەربىيە تارىخى،ھەربىي ئىشلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.

چەۋگەن « دەغنەك »-توپ تەنھەركىتى ، ئات ئۈستدە تۇرۇپ دەغنەك (ئۇچى ئىگىلگەن كالتەك تاياق) بىلەن يەردىكى توپنى ھەيدەپ (سۈرۈپ ( بەلگىلەنگەن ئارىلىقىتىن  ئوستاتلىق بىلەن ئۆتكۈزۈدىغان،قارشى تەرەپ دەرۋازا (ئىشىك-تۆشۈك) گە توپ كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندىغان، بىر خىل قەدىمكى تەنتەربيە ھەركىتى تۈرى بۇلۇپ ،ئەجداتلىرىمىز تەرپىدىن» دەغنەك «توپ تەنھەركىتى ئويۇنى   دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن. بۇيەردىكى»دەغنەك «سۆزى ئات ئۈستىدە  ئولتۇرۇپ،  يەردىكى  توپنى  توختتىۋېلىش  ياكى ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇچى ئەگرى، ئۇزۇن تاياقنى  كۆرسىتىدىغان  بۇلۇپ  تۈرۈكلەردە ‹‹دەغنەك››1، پارىس - تاجىك تىلىدا  « چەۋگەن»، رۇسچە «كىليوشكا » دەپ ئاتالغان. ( بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا پارىس - تاجىك تىلى  دەپ قارالغان چەۋگەن  سۆزى ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر تىلىدىكى چەۋىقگەن  سۆزىدىن  كەلگەن ، يەنى چىۋىق-چەۋىق  سۆزىگە  گەن سۆزى قۇشۇلۇپ چەۋىقگەن ،كېيىن بۇ سۆز چەۋگەن سۆزىگە ئايلانغان بولسا كېرەك، بۇنڭغا مىسال ئۈچۈن،تال–چىۋىق،پولات –چىۋىق سۆزىگە زەڭ سېلىڭ؟-ئاپتۇردىن )،

11- ئەسىردە ئۇيغۇر قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرى (مىلادى 850-1212) دە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاتىسى ، مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانى لوغەتىت تۈرك » ناملىق  ئەسىرىدە « چەۋگەن توپ» ھەركىتى ئۇيۇنى ھەققىدە  توختۇلۇپ كۆپلىگەن  مەلۇماتلارنى قالدۇرغان، مەسىلەن:

«چەۋگەن ئۇيۇنى» ، «چۆگەن توپ»2 مەھمۇد كاشغەرىي:«تۈركى تىللار دىۋانى» 1-توم 253-بەتكە قاراڭ)

، ‹‹چەۋگەن ئىگشتە ياردەملەشتى›› ۋە « ئۇ ماڭا چەۋگەن ئىگىپ بەردى»(1-توم 252-بەت) بۇ يەردىكى چەۋگەن  توپ ئويناشتا ، توپنى ئۇرۇش، ياكى توختىتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇچى ئەگىرى تاياقنى كۆرسىتىدۇ .

« تۇپۇق- چەۋگەن بىلەن ئۇرۇپ ئوينىلىدىغان توپ»(1-توم 492-بەت) ،

«تالاس، چەۋگەن ئۇيۇنىدا مەيداننىڭ چىكىگە تارتىلغان ئارغامچا»(1-توم، 474-بەت) دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن بىلىشكە بۇلىدۇكى «تالاس» سۆزى-دائىرىنى ئايرىش - كۆرسىتىش سىزىقى ، چىگىرا، پاسىل دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرگەن.بۇنىڭدا ئارغامچا  بەلگلىك  ئارىلىقنى مۇقۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن چەۋگەن ئۇيۇنىدا مەيداننىڭ چىكىگە تارتىلغان.

تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، دەغنەك توپ مەيدان پاسىلى - تالاس سىرتىدا ئىككى كىشى قىزىل بايراقچە تۇتۇپ، ئوڭ سول مەيداندىكىلەرنىڭ ھەركىتىگە نازارەتچى، بۇيرۇقچى ۋە رىغبەتلەندۈرگۈچى بولغان. مەيداننىڭ شەرق ۋە غەرىب تەرىپىگە كۈن ۋە ئاي شەكىللىك بايراقچىلار قادالغان ، ناخشا ، ناغرا سۇناي مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە دەغنەك توپ ھەركىتى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئويۇننىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ  مەھمۇد كاشغەرىي يەنە مۇنداق دەيدۇ:

‹‹تۇلدى –ئۇردى ،ئادەم توپى ئارا (ئاچا تاياق) بىلەن ئۇردى .بۇ تۈركىي خەلقلەرگە خاس بىر ئويۇن بولۇپ ،ئويۇن قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى ئۆزى ئويۇننى باشلاپ بېرىشنى خالىسا ،توپنى ئارا (ئاچا تاياق) بىلەن ئۇرىدۇ .كىم توپنى قاتتىق ئۇرالىسا(ئۇرغان توپى يىراق جايغا بارسا) ،شۇ كىشى ئويۇننى باشلىغۇچى بولىدۇ ››(2-توم 30-بەت)، بۇنىڭدىن قارىغاندا چەۋگەن توپ ھەركىتى مۇسابىقىسى ئويۇندا توپنى بىر ئۇرۇشتىلا بەلگىلەنگەن ئارىلىقتىن نېرىغا ئۆتكۈزۋېتىش تەلەپ قىلىنغان ۋە توپنى ئەڭ يىراققا ئۇرغان كىشى ئويۇننى باشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. توپنى بىر ئۇرۇپ ئارغامچا ئارقىلىق بەلگە قىلىنغان نىشاندىن ئۆتكۈزەلىگەن ئادەمگە مۇكاپات تەرىقىسدە  <<تاڭۇق >>(3-توم499-بەت) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يىپەك رەخت بېرىلگەن.

ئەھۋالدىن قارىغاندا،چەۋگەن توپ ھەرىكىتى ئويۇنى شارائتقا قاراپ ئاتلىق،ئاتسىز ۋە ھەرخىل شەكىلدە ئوينالغان،بۇلارنىڭ قائدە،تەرتىپلىرى ئاساسەن ئوخشاش، ئوينۇلۇش ئۇسۇللىرى ھەرخىل  بولغان، ئاتلىق ئوينالغان چەۋگەن ئويۇنىدا  ئۇتقان –ئۇتتۇرغانلىقىنى ،مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە توپنى بەلگىلەنگەن  نىشاندىن قانچە قېتىم ئۆتكۈزگەنلىكىگە قاراپ  بەلگىلىنەتتى ، يەنى توپنى بىر تۆشۈكتىن قايسى تەرەپ كۆپ ئۆتكۈزسە شۇ تەرەپ  ئۇتقان بولاتتى

چەۋگەن ئويۇنى ئوينىغاندا كۆرگۈچىلەر تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەركىتى ئويۇنلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى...مەسىلەن،ئوغلاق تارتىش،ئات بەيگلىرىگە ئوخشاش بەسلىشىش ئويۇنلىرىدا ،ئۆزلىرى خالىغان تەرەپكە  دو تىكىش ئىشلىرىمۇ بولاتتى .      

«دەغنەك  توپ» ۋە  شۇقاتاردىكى  تۈرلۈك  ئات ئۈستى  تەنتەربىيە  پائالىيەتلىرى:  دالا  مەكتىۋى،  ئەڭ مۇھىم  ھەربىي  سەنئەت  دەرىسلىگى،  مانىۋىر  جەڭ  مەيدانى  بۇلۇپ، بۇ پائالىيەتلەرگە  قاتناشقانلار،تۈرلۈك  ئۇرۇش سەنئەتلىرىنى  ئىگەللىۋالاتتى، بۇ  ئۇيۇن  قەدىمكى  زامانلاردا  چارۋىچىلىقى  تەرەققىي قىلغان تۈركىىي  خەلىقلەردە،  جۈملىدىن  ئۇيغۇرلار ئا رىسىدا   ئەڭ دەسلەپ  مەيدانغا  كەلگەن ۋە كەڭ دائىرىدە ئۇمۇمىلاشقان.                                                                                                                           جەنۇبىي سىبرىيە،  ئچكى، تاشقى مۇڭغۇليە ،گەنسۇ، شىنجاڭ، يەتتەسۇ، سىر، ئامۇ دەريا ۋادىلىردا ياشغۇچى قەدىمكى ئۇيغۇرلار (جۇڭگو تارىخى ماتىريالاردا ،«شەرقى دىڭ لىڭ »ۋە «غەربىي دىڭ لىڭ »دەپ ئاتالغانلار )  ياپۇن تارىخشۇناسى  جىيەنداۋ شىنسىنىڭ «يىپەك يۇلىدىكى  99سىر»ناملىق ئەسرىدە ئوتتۇرىغا قويغىندەك ،مىلادىدىن بۇرۇنقى 10مىڭ يىلنىڭ ئالدى - كەينىلىردە ياۋايى ھايۋانلار ئىچدە ئاتقا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى ھايۋانلارنى ئوتتۇرا ئاسيا يايلاقلىردا ئەڭ بۇرۇن تۇنىغان ،قولغا ئۈگەتكەن ۋە ئشلتىشنى (ئات مىنىش، ھارۋىغاقۈشۈشنى)بىلگەن.

    پاكىتلار: سوۋېت ئارخولوگلىرى 1939-يىللىرى ئەتراپىدا «  جەنۇبىي سىبرىيىدىكى مىڭ سۇ (مىنوسنكى) ئەتراپىغا يېقىن قارا سۇ (قارا سۆك ) دەرياسى ۋادىلىرىدىن ،مىلادىدىن  بۇرۇنقى 13-ئەسسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى ئەسىرلەرگە مەنسۇپ بولغان قەدىمى  جايلار  ۋە  قەبىرىلەردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى  5000- يىلاردىن بۇرۇنقى 1000- يىلارنىڭ  دەسلىپىگە تەئەللۇق  نەرسىلەرنى  قېزىپ  چىققان .بۇلار ئىچدە ، مىس ،مىستىن ياسالغان پىچاق، مىستىن ياسالغان جەڭ پالتىسى ،نەيزە، ساپال ، خۇمىرا ،ساپال تاۋاق ، تاشتىن ياسالغان ئەسۋاپلار ، سۆڭەك ئەسۋاپلار، ۋاشاق، ئوقيا، بېلىق قارمىقى، بېلىق تورى ،بېلىق سانچىغۇچ ئارا ،شۇنداقلا  ئات قۇشۇلغان ھارۋا   سۈرىتى قاتارلىق  بۇيۇملار  بار .سوۋېت ئالىملىرى جەنۇبىي سىبىريىدىن تېپىلغان بۇئارخىلوگىيىلىك  پاكىتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇمەدەنىيەتنى ياراتقۇچىلار  جۇڭگۇ تارىخىي كىتاپلىرىدا «شەرىقى دىڭلىڭ»، « غەربىي دىڭلىڭ» دەپ خاتىرلەنگەن دىڭلىڭ (قەدىمكى ئۇيغۇر) قەبىلىلىرىدىن قېلىپقالغان مەدەنىيەت ئىزلىرى»3 دەپ ھۈكۈم   قىلغان.                                                                                بۇخىل  مەدەنىيەت تىپىگە ياتىدىغان يادىكارلىقلار جەنۇبىي سىبىرىيە   تاغلىق   را يۇنلىرىدىن، يېنىسەي ( ئانا ساي )  ،ئوب دەرياسى ئەتراپلىرىدىن، موڭغۇلىيە خەلىق جۇمھۇريىتى تاشقى بايقال رايۇنلىرىدىن، باشئوردىسى ئۇلانباتۇر ئەتراپلىرىدىن، ئورخۇن، تۇغلا، سېلىنگا دەرياسى  ئەتراپلىرىدىن، قازاقىستان، ئالتاي تاغلىرى تەۋەسىدىن، شۇنداقلا چىن سېپىلىغا يېقىن بولغان، شىمال تەرەپتىكى ھەرقايسى جايلار (ئوردۇس-ئالتە سۇ، سۈييۈەن، رېخى قاتارلىق ....)قەدىمى جايلادىن كۆپلەپ تېپىلغان. سوۋ ېت ئارخىلوگىيە ئالىملىرى، قارا سۆك مەدەنيىتى ئۇستدە توحتۇلۇپ ،ئۇنىڭ خۇاڭخې-   بويىدىكى شاڭ، جۇ دەۋردە ئشىلتىلگەن مىس قۇرال  ،ئەسۋاپ  ئۇسكۇنلەر بىلەن ئوخشىشدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ناھايتى يۇقىرى تەرەقىقى قىلغان دېھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق مەدەنيتى  ئىكەنلىكىنى بۇ مەدەنيەتنى ياراتقۇچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ شىمالىدىن يىن،جۇ دەۋرىلرىدە مۇڭغوليە ۋە سىبىرىيگەبارغانلىقىنى ئىسپاتلىغان4 .

دىمەك ، بايقال كۆلىدىن تارتىپ ئالتاي ،بالقاش كۆلى ئەتراپلىرى ،خېتاۋ قولتۇغى ۋە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىي ساھەلىرى ناھايتى بۇرۇنلا قەدىمكى ئۇيغۇر(دىڭلىڭ)لارنىڭ پائالىيەت رايۇنى بۇلۇپ،يېنىسەي دەرياسى ۋە ئالتاي تاغلىرىنى مەركەز قىلغان بۈيۈك قارا سۆك مەدەنيىتىنى ياراتقان، مۇشۇ چاغلاردا دىڭلىڭ(قەدىمكى ئۇيغۇر)لار ھارۋىنى ئىجات قىلغان5   بايقال تاغلىرىدىكى بىىر سىن تاشقا سىزىلغان رەسىمدە تۇغ قادالغان بىرياۋداق ئاتنىڭ سەپ ئالدىدا ماڭغانلىغى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىرقانچەئاتلىق ئادەمنىڭ مېڭىۋاتقانلىقىى تەسۋىرلەنگەن(بۇنىڭدىن6000-  8000مىڭ يىل بۇرۇنقى رەسىم)   6 يەنە مىڭسۇ ئويمانلىغى (مىنوسىنكى)غا يېقىن بايقال تاغلىرىدىكى قىيا  تاشلاردا   بىرمۇنچە ئىپتىدائى ياغاچ ئۆيلەر،ئوت-چۆپلەربىلەن پۈركەلگەن ئۆيلەر، كىگىزدىن ياسالغان ئۆيلەر،ئوت-چۆپ دۆۋىلىرى،ھەركەت قىلىۋاقان توپ ئوچكە ۋە بوغىلار، يەنە كۆپلىگەن كالا،ئات ۋە قوي قاتارلىقلارنىڭ شەكلىي كۆرسىتىلگەن  7 يەنە چەرچەن ناھىسىنىڭ ئا لتۇن تاغ رايۇنى ئىچكى مۆلچەردەرياسى بۇيىدىكى قىيا تاشلارىغا (ھازىرقى دەريا ئېقىنىدىن 20مېتىر ئېگىز ) ئۇيۇلغان ئوۋچىلىق سۈرەتلىرى-ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش، بېلىق تۇتۇشقا دائىركۆرۈنۈشلەر،ئوقيا،كالتەك،ئات،قوي،ئېشەك،بۇغا،قوتاز،ئىت ، بۈركۈت ۋە ياۋايى قوي ھەم ئىسمى نامەلۇم بولغان بەزى ھايۋاناتلارنىڭ سۈرىتى تېپىلغان8 «ئالتۇن تاغدىكى قەدىمكى قىياتاش سۇرەتلىرنى  بۇنىڭدىن 6000- 8000يىللا ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن دىيىش مۇمكىن»9 نىلقا تاغلىرىدىن،ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىسىدىكى بوزدۆڭ تاغلىرى،  ئۇچتۇرپان ناھىيە يامانسۇ تاغلىرىدىن مۇ يۇقارقىغا ئوخشاش تاغ تاشلىرىغا ئۇيۇلغان ئوۋچىلىق سۇرەتلىرى بايقلغان(يامانسۇ يېزىسىنىڭ سابىق يېزا باشلىقى- ئىمام نىياز  ... بىلەن 2003-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ) . يەنە قۇمۇل تاشمىلىقنىڭ شەرقىدىكى ئاق تاش تېغىدىنمۇ يۇقۇردىكى مەزمۇندىكى ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئوقيا ئېتىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان،ئوقيائېتىۋاتقان،بەتلەۋاتقان سۈرەتلەر تېپلغان.  بۇنداق سۈرەتلەرئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھرىدىن 110-120كىلومېتىرشەرىقتىكى تېرەكلىك سايدىن 1963-يىلى گئولوگ ئا.ئاگاپەنوۋ تەرىپىدىنمۇ بايقالغان. 10مانا بۇلار ئەجداتلىرىمىزنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى تۇنۇش،بېقىپ كۆندۈرۈش،ئىشلىتىش ،ھارۋىغا قۇشۇش،ئات ئۈستىدە تۇرۇپ تۈرلۈك ماھارەت كۆرسىتىش،ئوقيا ئېتىش، جەڭ مەشىقى قىلىش قاتارلىق كارامەتلىرىنى كۆرسۈتۈپ بىرىدىغان ھەقىقىي پاكىتلاردۇر.

يازما پاكىتلار:  چەۋگەن  توپ ئۇيۇنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قەدىمكى زامانلادا مەۋجۇت ئىكەنلىكى بەدىئي ۋەتارىخىي ئەسەرلەردە شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولماقتا.مەسىلەن،خۇراساندا ياشىغان تاجىك ۋە ئىران خەلقىنڭ ئۇلۇغ شائىرى، تارىخچى،گئوگىراپ ، ھەربىي ئالىم ،ئۇبۇل قاسىم بىننى ئىسھاق فىردەۋسى (مىلادى934-1024 )ئۆزىنىڭ25  يىل (989-1014 ) ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىققان 120 مىڭ قۇرلۇق «شاھنامە» داستانىدا قەدىمكى تۇران خەلقىنىڭ پادىشاھى-ئافراسىياپ(ئالىپ ئەرتۇڭا)بىلەن ئىران پادىشاھى -سىياھۇشلارنڭ چۆگەن ئوينىغانلىغىنى ھىكايە قىلىدۇ.                                                                                   زورائاستىر دىنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى بولغان«ئاۋېىستا»(بۇكىتاپ مىلادىدىن بۇرۇنقى10-ئەسىردىن مىلادىن بۇرۇنقى7-ئەسىرگىچە ئارىلىقتا يېزىلغان) دا ئافراسىياپ ئەڭ بۇرۇن تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ، بۇ كىتاپتا ئۇ تۇران ئېلىنىڭ خاقانى   ،ئىرانلىقلارنىڭ رەقىبى سۈپپىتىدە تەسۋىرلەنگەن.«شاھنامە» دە بۇخىل كۆزقاراش تېىخىمۇ ئېنىق،تەپسىلى بايان قىلىنغان.قاراخانىيلارخانلىقى (مىلادى850- 1212) دا ئۆتكەن ئۇلۇق تىلشۇناس،ئالىم بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي « تۈركى تىلار دىۋانى»ئەسىرىدە «تۈرك-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ئافراسىياپ( تۇڭائالىپ ئەر) دەپ ئاتىلاتتى. بۇقاپلانغا ئوخشاش  كۈچلۈك، باتۇرئادەم،دىمەكتۇر» 11 كاشىغەر-ئوردۇكەنت دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خان تۇرىدىغان شەھەر-مەركەز دىگەن بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغىنى ئۈچۈن ئافراسىياپ شۇيەردە تۇرغان»12 دەپ كۆرسىتدۇ.  ھەرخىل قەدىمى كىتاپلاردىكى بايانلار ۋەبۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلار توڭا ئالىپ ئەر(ئافراسىياپ)نى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى تۇران خانلىقىدا ئۆتكەن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسەردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىرگچە ئارلىقتا) قەھىرمان قاغانلىرىنىڭ بىرى دەپ مۇئەيەنلەشتۈرىدۇ. دىمەك، چەۋگەن- توپ ئۇيۇنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 10- ئەسىردىن-7 ئەسىرگىچە  بولغان ئارلىقتا تۇران خاقانى ئالىپ ئەر تۇڭا دەۋرىلىردىمۇ ئوينۇلۇپ كېلىنگەن.

شۇنىڭدىن باشلاپ بۇئۇيۇن ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۇركى قەۋىملەر ئارسىدا نەۋرۇز ( كۆكلەم بايرىمى -يېڭى يىل، باھار )بايرىمى، ھەر تۇرلۇك بايراملاردا، ھەرتۇرلۇك كۆڭۇل ئېچىش پالىيەتلىردە، شۇنداقلا ھەربىي مەشىق سۈپىتدە ھەربىي لاگىرلاردىكى قۇشۇنلار ئارسىدا،خان ئوردىسىدا ،كەڭ خەلق ئارىسدىمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن.

بۇنىڭدىن قارىغاندا  ئۇيغۇرلادا چەۋگەن توپ ئويناش تارىخى يازما خاتىرلەردە تىلغا ئېلىنغاندىن باشلاپ ھېسابلىساق 3000-يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە .ئەمدى تارىخقا يېزىلمىغان دەۋىرلەردەچۇ؟ بۇنىڭدىن قارىغاندا چەۋگەن توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى تارىخى ناھايتى قەدىمكى زامانلاردىن باشلانغان.تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇن ( بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى) ئاسىيا يايلاقلىرىدا ، ئەڭ دەسلەپ چارۋىچىلارنىڭ ئىككى سەپ ئاتلىق قۇشۇن بۇلۇپ،قارمۇ- قارشى يۆلۈنۈشتە توپ تالىشىپ ئوينىشىدىن تەرەققىي قىلىپ بارا- بارا  ھەربىي قوشۇنلاردا ھەربىي تەنھەرىكەت تۈرى- شەكلىنى ئالغان.

بۇ ھەقتە مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نىزامۇل مۇلۈك، رۇداكى،ئىبىنسىنا، ئۆمەر ھەييام،ئابدۇراخمان جامى،ئارىپ ھىراۋىي،ئەتائى،ئەلىشىر نەۋايى،لۇتفى،سەككاكى، بابۇر ۋەباشقىلارنڭ ئەسەرلىرىدە «سوڭ سۇلالىسى تارىخى»، « ئەلنى ئىىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»،«يۈەن سۇلالىسى تارىخى ماتىرياللىرى » كۆپلىگەن نەقىللەر با ر.

ئەمدى ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلارغا كەلسەك : 1970 -يىلى  شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى تۇرپان ئاستانە قەدىمي قەۋرىستانلىغىنى قېزىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق مىلادى 5-   ئەسىردىن 7-ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان دەغنەك توپچىنىڭ ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ دەغنەك تۇتۇپ، توپ قوغلاۋاتقان  لايدىن ياسالغان ھەيكىنىلى تاپقان.

aa251d4f45945308afc3ab80.jpg

يەنە،كۆكئارت ئىگىزلىكىگە جايلاشقان، تاشقورغان ناھىسى بازىرىنىڭ شىمالىدا تەخمىنەن بىر كىلومىتىر كىلىدىغان جايدا ،قەدىمكى ئات توپى(دەغنەك توپ)مەيدانىنىڭ خارابىسى ساقلانغان،ئۇنىڭ ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 150 مېتىر، كەڭلىگى50-60مېتىر كېلىدۇ.ئىككى يېنىدا يەنە كىشىلەرنىڭ دەغنەك توپ ئۇيۇنىنى كۈرۈشتە ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ياسالغان تۈپىلىك بار.مانا بۇلار يۇقارقى يازما پاكىتلارنى تۇلۇقلايدىغان قىممەتلىك ماددى،تارىخىي پاكىتلاردۇر.ئەجداتلىرىمىزنىڭ دەغنىك توپ ئوينىغان ۋاققىتىكى ھالەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغا پولاتتەك پاكىتلاردۇر.

2.  چەۋگەن- دەغنەك توپ ئويناشنىڭ قائىدە،ئۇسۇل تەرتىپلىرى

     قەدىمكى زامانلاردا ئوردا ئەھلى-خان- پادىشاھ ۋە بەزى بەگلەر سارىيىدا مەخسۇس دەغنەك توپ ئوينىغۇچلار ھەتتا دەغنەك توپ مۇزىكا ئۆمىكى تەشكىل قىلغان. پادىشاھلاردىن تارتىپ ئەسكەر ، پۇقرالارغىچە شۇنداقلا قۇرامىغا يەتكەن يىگىتلەر،ئايالار قىز-جۇۋانلارغىچە دەغنەك توپ ئويناش ئادەت تۇسىنى ئالغان. ياپۇنيىلىك تارىخچى تىيەنبيەن شىياڭشۇڭ ئەپەندىنىڭ «جۇڭگو مۇزىكا تارىخى » ناملىق ئەسىرىدە كۆرسىتىلىشچە :«غەربىي يۇرتتكى ئۇيغۇر ئەللىرىدە قەدىمدىن تارتىپلا دەغنەك توپ ئوينالغان، توپ مۇسابىقىلىردە مەخسۇس تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان نەغمىسىمۇ بولغان، نەغمە ئات ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان »بەزى جايلاردا ، مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېگىز تۇۋرۈكلەر قادىلىپ ئۇچىغا تاختايدىن تۇرلار ياسىلىپ ،نەغمىچىلەر تۇرنىڭ ئۇستىدە نەغمە قىلىشقان .بەزى ھاللاردا دەغنەك توپ مەيدانى شارائىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئەگىشىپ ، نەغمىچىلەر مەخسۇس تەييارلانغان ئېگىزلىك مەيدان يېنىدىكى ئۆي ئۆگىزىلىردە ، پېشايۋانلاردا تۇرۇپ نەغمە قىلىشقان .  قەدىمكى چاغلاردا دەغنەك توپ ئويناش ئاتلىق ئويناش ۋە ئاتسىز ئويناشتىن ئىبارەت ئككى خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان . دەغنەك توپ ئۇيۇنى ئۆتكۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەخسۇس جاي تۇز، تەكشى مەيدان تەييارلانغان.مەيداننىڭ ئۇزۇنلىغى، كەڭلىگى ئاتلىق ئويناش ۋە ئاتسىز ئويناشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە بەزى شارائىتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا بەلگىلەنگەن. ئاتلىق ئوينىلىدىغان مەيداننىڭ ئۇزۇنلىقى 300مېتىر ،كەڭلىكى 100مېتىر ، ئىككى بېشىغا ئورنۇتۇلغان توپ كىرگۇزۇش دەرۋازىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 8مېتىر بەزى ھاللاردا مەيدان ئۇزۇنلىقى 150مېتىر، كەڭلىكى 50-60مېتىر دەرۋازا كەڭلىكى5-6 مېتىر قىلىپ بەلگىلەنگەن، دەرۋازا يىرىك تاش ياكى بىر ئۇچى يەرگە كۇمۇلگەن ،كېيىنچە بەزى دەرۋازىلار پىششق خىشتىنمۇ ياسىلدىغان بولغان . ئاتسىز ئوينىلدىغان چاغدا مەيدان ئۇزۇنلىقى 20-25مېتىر،كەڭلىكى 8-12مېتىر توپ كىىرگۇزۇش دەرۋازىسى 1-2مېتىر ئەتراپىدا بولغان .مەيدان چىكى  (قىرغىقى )گە ئارغامچا تارتىلغان ياكى دائىرە بەلگىلەش سىزىغى سىزىلغان،بۇ«تالاس»دەپ   13ئاتالغان.   چەۋگەن (دەغنەك)توپ ئوينىغان چاغدىكى دەغنەكچىىلەرنىڭ كىيىمى، ھەتتا ئاتلىرىنىڭ رەڭگى قاتارلىقلار دەغنەكچىىلەرنىڭ مەيداندىكى ئورنىغا قاراپ بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولغان. بىر كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىر خىل كىيىم ۋە بىر خىل رەڭلىك ئات مىنىپ توپ ئوينىغان.   دەغنەك توپ ئوينىىغاندا ھەر بىرتەرەپ كىشى سانى 4-6گىچە ، جەمئىي 8-12بولغان.كىيىمى سىپتا يارىشىملىق، پارقىراق بۇلۇپ چاپان بېلىنى كۈمۈش رەڭلىك بەلباغ بىلەن باغلىغان، ئەرلەر بېشىغا يارىشىملىق دوپپا، ئاياللار گۈللۈك تاج كىيىپ، قۇلىدا دەغنەك (توپ تايىقى)تۇتقان ھالدا ئاتلىرىنى مىنىپ ياكى يىتىلەپ مەيدانغا كىرىدۇ، مۇسابىقە مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلىنىدۇ.

مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، مۇسابىقىغا ئائىت تۈرلۈك چارە- تەدبىر بىخەتەرلىك كاپالەت چەكلىمىسى ئېنىق ئوتتۇرىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئوينىغۇچىلاردىن دەغنەك توپ ئويناش قائىدىلىرىنى بىلىشى شەرت قىلىنىدۇ. ئاتلىرىنى پەرۋىش قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

قايسى تەرەپ قارشى تەرەپ دەرۋازىسىغا توپنى كۆپ كىرگۈزگەن بولسا، شۇ تەرەپ يەڭگەن ھىساپلىنىدۇ بىر مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشقاندا، دەغنەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىشى ۋە ئات ئالماشتۇرىشى ئۈچۈن ۋاقىت بىرىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا مەيدان ئالمىشىدۇ.

مۇسابىقە جەريانىدا، ئاتنىڭ سۈرئىتى تىز بولغاچقا، ئۆز-ئارا  سۇقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر خىل قائىدىلەر بەلگىلەنگەن بۇلۇپ، دەغنەكچىلەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا ، خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، جازا بىرلىدۇ. يەنى ئەسلى ئورنىدا جازا بىرىش، 60مىتىر، 30مىتىردە جازا بىرىش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئوينايدىغان چەۋگەن توپ ياغاچتىن، كۆندىن يۇمىلاق، يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان . ئاتسىز (ئات مىنمەي)ئوينىلىدىغان دەغنەك توپ ئۇينىنىڭ توپى قوي يۇڭىدىن تەييارلانغان، ئۇمىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن تۇقۇلغان ، توپنىڭ دىئامىتىرى 8-10سانتېمىتىر ئەتراپىدا بولغان.

ئاتسىز دەغنەك توپ (چەۋگەن توپ)ئويناشنىڭ تەرتىپ قائىدىلىرى ئاتلىق دەغنەك توپ ئويناش بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان. ئاتسىز دەغنەك توپ ئويناش ئۇسۇلى ئاساسەن ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. ئۇ بۈگۈنكى خالېي سىپورتى تۈرىگە ئوخشايدۇ.مەيلى ئاتلىق ۋە ئاتسىز دەغنەك توپ ئويناش بولسۇن قەدىمكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدا خېلى كەڭ تارقالغان. بەزى ۋاقىتلاردا بەگزادىلار، بايلار ئوتتۇرىغا پۇل، مال-مۈلۈكلىرىنى تىكىپ قۇيۇپ، دەغنەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق باشقىلىرىنى ئۇتۇپ بايلىق توپلاش ئۈچۈن ئويناشقان. بەزى كەمبەغەللەر ،ھۈنەرۋەنلەر ئۆز بەخىتلىرىنى سىناپ كۆرمەكچى بۇلۇپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئويناپ، يېڭىلىپ مال-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلغان.                                                                                                                                                         

3.  ھون   خاندانلىقىدا چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى

     ھون خاندانلىقى  دەۋرىدە دەغنەك- توپ ئويناش ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئادەت تۈسىنى ئالغان .چۈنكى ھون خاندانلىقىدا ھەربىي تۈزۈم بۇيىچە، ھونلارنىڭ ياش يىگتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى ئاتلىق قۇشۇنغا كىرەتتى.  باتۇر (مودۇن)تەڭرىقۇت دەۋرىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى209-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 174-يىلغىچە)ھون دۆلىتىنىڭ 400 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇنى بۇلۇپ ئاتلىق قۇشۇنلار كۆك، ئاق-بوز، قارا، قىزىل تۇرۇق رەڭلىك ئاتلار بۇيىچە تۈمەن دەپ ئاتىلىدىغان بىرلىكلەرگە بۈلۈنۈپ تەشكىللەنگەن.ھەمدە تۈمەنلەر 1000 گە ،100گە،10گەئايرىلىپ، ئۇلارغامىڭبېشى، يۈزبېشى، ئونبېشى تەيىنلەنگەن. «قۇشۇنلاردا قاتتىق،ھەربى ئىنتىزام ئورنۇتۇلۇپ،ئۇلارنى كۈچلۈك ، باتۇر،چىداملىق (ئاچلىققا،ئۇسسۇزلۇققا، ئىسسىق- سوغاققا بوران چاپقۇنغا )قىلىش ئۈچۈن ئەينى زاماندىكى ئۇرۇش تەييارلىغى بولغان ئاتلىق تەنھەركەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. يەنى   ئات مىنىش، ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىش ،نەيزە سانجىش،سالما  تاشلاش،ئات چاپتۇرۇش، ئوغلاق تارتىش،ئوۋ ئوۋلاش، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئوۋلاش قاتارلىق كەسكىن ئېلىشىشلار،ئاياللارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرلۈك توپ ئۇيۇنلىرى،پۇتبول ،گولىف ۋە دەغنەك توپ(چۆگەن توپ)قا ئوخشاش يېڭى تۈرلەر ھونلاردىن بېرى تۈركلەرئارىسىدا ئوينۇلۇپ كەلگەن بۇلۇپ  كۆك تۈرك قاغانلىغى دەۋرىدە تاڭ سۇلالىسىگە قەدەر تارقالغان»    14ئەينى زاماندىكى ئۇرۇش ھازىرلىقى بولغان ئاتلىق،تەنھەركەت پائالىيىتى ....دالا مەكتىپى،ئەڭ مۇھىم ھەربى سەنئەت دەرىسلىگى، مانىۋىرجەڭ مەيدانى بۇلۇپ،بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلار،شارائىت، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى،نىشان ئارلىقى، ۋاقىت، تىز، توغرىلىقى قاتارلىقلار ئۈستىدە تىز،توغرا ھۈكۈم چىقىرىشنى ئۈگۈنىۋالاتتى، جەڭچىلەرنىڭ قەيسەرلىك روھىنى يىتىشتۈرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سەھنە يارىتىپ بېرەتتى،ئۇرۇش يۈزبەرسە ئۇلار پەقەت نىشاننى ئالماشتۇرسىلا،زەربە بىرىشتىكى سەۋرىچانلىقى،قەيسەرلىكى ۋە ماھارىتىنى دۈشمەنگەئىشلەتسىلابۇلاتتى.                                                                                           بەزى تارىخىي ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ،ھونلار باتۇرتەڭرىقۇت دەۋرىدە ،ھەر يىلى 5-ئايلاردا باھار پەسلى ئات سەمرىگەن چاغلاردا،كىشىلەر لوڭ چېڭ( ئەجدار بالىق-ئۈنگىن دەريا ۋادىسىدا،قارا قۇم بالىق؟)دا بىر جايغا توپلۇنۇپ،ھايۋانات كۈچى،دۆلەت ۋە ئەسكىرى كۈچىنى كۆرەك قىلماق ئۈچۈن،شۇنداقلا،كۆككە، يەرگە،ئاتا-بوۋىلرىغا ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگەئاتاپ نەزىر-چىراق قلماق ئۈچۈن  ئات،مال- چارۋىلىرىنى  سۇيۇپ ، تۈرلۈك مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە،ئات مۇسابىقىسى ۋەتۈرلۈك مۇسابىقىلەر بولغاندىن تاشقىرى، ئەڭ مۇھىمى دەغنەك توپ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.شۇنداقلا يەنە مىڭلارچە ۋەھشى،خەتەرلىك ھايۋاناتلارتۇتۇلۇش تەلەپ قىلىنىپ ئۇرۇش مانىۋىرى،قورشاۋ ئېلىپ بېرىلغان.«جۇڭگۇ مەلۇماتلىرىغا كۆرە،مىلادىدىن بۇرۇنقى62- يىلى ھون ئىمپىراتۇرلىقىدا  ئېلىپ  بېرىلغان پائالىيەتكە 100مىڭ ئاتلىق ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان، بۇ پائالىيەت  350 كىلومېتىرلىق دائىرىدە قانات يايدۇرۇلغان     15 ئۇلۇغ تارىخچى سىماچىيەنىڭ « تارىخىي خاتىرىيلەر 110-جىلىت،  ھونلار تەزكىرسى»دا،ھون تەڭرىقۇتى باتۇر(مودۇن) مىلادىدىن بۇرۇنقى 200 يىلى 400مىڭ كىشىلىك ھون ئاتلىق قۇشۇنلىرى بىلەن خەنگاۋزۇ(ليۇباڭ) باشچىلىقىدىكى 320مىڭ كىشىلىك خەن قۇشۇنلىرىنى پىڭ چېڭ(بۈگۈنكى شەن شىنىڭ شىمالىدىكى داتۇڭ-قۇرى بالىق) بالىق يېنىدىكى بەيدىڭشەن تاغ باغرىدا  قورشاۋغا ئالىدۇ.خەن قۇشۇنلىرى تاشقى جەھەتتە ياردەمدىن ئۈزۈلۈپ،ئىچكى جەھەتتە ئۇزۇق- تۈلۈكتىن قىسىلىپ يەتتە كىچە-كۇندۇز قورشاۋدا قالغاندا،خەن قۇشۇنلىرىنىڭ غەرىپ تەرىپىنى پۈتۈنلەي ئاق ئاتلىقلار،شەرىق تەرەپلىرىنى كۆك ئاتلىقلار،شىمال تەرەپلىرىنى قارائاتلىقلار،جەنۇپ تەرەپلىرىنى بولسا تامامەن قىزىل تۇرۇق ئاتلىق ھون ئاتلىق قۇشۇنلىرى قورشاۋغا ئالغان ئىكەن.   دېمەك  قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە ھونلار شامان دىنى ئەقىدىسى بۇيىنچە تەرەپلەرنى  رەڭ ئارقىلىق پەرىقلەندۈرگەن بۇلۇپ  كۆك رەڭ شەرىقنى ،ئاق رەڭ غەرىپنى ،قارا رەڭ شىمالنى ،قىزىل رەڭ جەنۇپنى كۆرسەتكەن،ئھتىمال،دەغنەك توپ ئۇيۇنى (ئاتلىق ۋە ئاتسىزمۇ ئوينىلىدۇ ) ئوينىغان  چاغدىكى كىشىلەرنىڭ كىيىمى ،ھەتتا ئاتلىرىنىڭ رەڭگى قاتارلىقلار مۇسابىقىلەشكۈچىلەرنىڭ مەيداندىكى ئورنىغا قاراپ بىر بىرىدىن پەرىقلىق بولۇشى ،ھەتتا بىر كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىرخىل كىيىم ۋەبىر خىل رەڭلىك ئات مىنىپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق تەرەپلەرنى بەلگىلىۋېلىپ،ئاندىن  دەغنەك توپ ئوينىشى،ئەينى زاماندىكى شامان دىننىڭ رەڭ چۈشتەنچىسى بولغان تەرەپلەرنى رەڭ بىلەن پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى بۇيىنچە پەرىقلەندۈرگەن بۇلۇشى مۈمكىن.

      باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە(مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى176-يلغىچە) ئۇيغۇرلار ھون تەڭرىقۇتىلىقى تەركىۋىگە كىرگەن بۇلۇپ ئۇيغۇرلارھونلارنىڭ ئاساسى تەركىۋى قىسمى ھىساپلىناتتى.ئۇيغۇر ئاتلىق قۇشۇنلىرى ھون ئاتلىق قۇشۇنلىرى بىلەن ھەر دائىم بىرگە پائالىيەت ئېلىپ باراتتى .ھونلارنىڭ تىلى ۋە ئۆرۇپ-ئادەتلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئدى.بۇھەقتە،«ۋېي سۇلالىسى  يىلنامىسى.ئىگىزھارۋىلىقلار(ئۇيغۇرلار) تەزكىرسى» دە: « ئىگىز ھارۋىلىقلار (ئۇيغۇرلار)قەدىمكى چاغدىكى قىزىل دى (قىزىل تۈرك)  لەرنىڭ نەسلىدىن ئىدى ،باشتا ئۇلار دىڭ لىڭلار  دەپ ئاتالغان.شىماللىقلار(شىمالىي سۇلالىلەر )ئۇلارنى  قاڭقىلار( ئىگىز ھارۋالىق)  دەپ ئاتاشقان . شىيا قەبىلىلىرى (خەنلەر) بولسا ئۇلارنى گاۋچې ۋە دىڭلىڭ دەپ ئاتىغان،ئۇلارنىڭ تىلى ۋەئۆرۈپ-ئادىتى ھونلار بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ،بەزىدە ئازراق پەرق قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىسى ھونلارنىڭ جىيەنى ئىدى.» دەپ كۆرسىتىلگەن. شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى «غەرىپ ئەلىرى ھەققىدە قىسسە» بابىدا  «ھون دۆلىتىنىڭ ئۆرۇپ -ئادىتى ، تىلى ئېگىز ھارۋىلىقلار (قاڭقىلار) بىلەن ئوخشاش ئىدى » دىيىلگەن. «كونا تاڭ يىلنامىسى»دا«ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- بوۋىسى ھونلارنىڭ ئەۋلادى ئىدى، كېيىن ۋېي سۇلالىسى زامانىدا تۇرالار دەپ ئاتالدى» دىيىلگەن .                                 يۇقارقىدەك بىرقاتار پاكىتلارغا ئاساسلانغان،دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تىلشۇناسلار ، تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ، كۆپ قېتىملىق سېلشتۇرۇش ۋە تەتقىقات، ئارقىلىق، قەدىمكى جۇڭگۇ (خەنزۇ) خەلقلىرى،ھونلار-ئۇيغۇرلار بىلەن تۈرلۈك ئالاقىلەردە بۇلۇپ كەلگەن،ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ  ھون -ئونگۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار تىلى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ھەققىدە بەرگەن تۈرلۈك مەلۇماتلىرى ئىشەنچىلىك،ھونلارنىڭ تىلى تۈركىي تىل(قەدىمكى ئۇيغۇرچە)،ئۇيغۇرلار ھونلارنىڭ ئەۋلادى دەپ تەرىپلەپ كەلمەكتە.                                                                                                         دىمەك، ھونلارنىڭ تۈرلىك تەنتەربىيە ئۇيۇنلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ    قەدىمكى تەنتەربىيە-مەدەنيىتى ھەركىتىنىڭ بىر قىسمى.                                                                                            

4.  قاڭقىل خانلىغىدا چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى ئۇيۇنى

ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ قەدىمكى، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، قەدىمكى تارىخى كىتاپلاردا خەنزۇچە ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كىلىنگەن: جۇ سۇلالىسى دەۋىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىي يايلاقلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار - دىلى ياكى چىلى دەپ ، چىن ،خەن دەۋىرىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە )سىبىرىيىدىكى بايقال كۆلى ئەتىراپلىرىدىن غەرپتە بالقاش كۆلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشىغان ئۇيغۇرلار - دىڭ لىڭلار دەپ ئاتالغان. ئالتاي ۋە تارباغاتاي تاغلىرى ئەتىراپلىرى جۇڭغار ئويمانلىقى، ئۈرۈمچى، تەڭرىخان تېغى(بۇغدا)ئەتىراپلىرىدا، ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار ۋۇ جىيې (( 乌揭   خۇجيې(  ( 呼揭) دەپ ئاتالغان16

مىلادى 135-يىلىغا كەلگەندە `دىڭ لىڭ` دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار ،سىپانىيلارنىڭ ھامىيلىقىدىن قۇتۇلۇپ، ھەر قايسى قەبىلىلىرى بايقال كۆلى ئەتىراپلىرىدىن مۇڭغۇلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئۇرخۇن ۋە تۇغلا دەريا ۋادىلىرىغا كىلىپ ئۇرۇنلاشقان. مىلادى402-يىلى جۇجان(ئاۋار)خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن دىڭ لىڭ (丁零)لار ئاۋارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ، بىر قىسىمى سېلىنگا دەرياسى ئەتىراپلىرىغا، بىر قىسىمى شىنجاڭنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتىراپلىرىغا ، يەنە بىر قىسىمى مۇڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا يېتىپ كەلگەن. دىڭ لىڭلار ئات مىنىشكە ماھىر ، ئوقيا ئېتىشقا ئۇستا بۇلۇپ ئات، كالا قوي قاتارلىق مال-چارۋىلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى.بۇ ھال ئاۋارلار بىلەن شىمالىي ۋېي خانلىقى (534-386)نىڭ كۆزلىرىنى قىزارتقان بۇلۇپ پۇرسەت تاپسىلا دىڭ لىڭ لارغا ھۇجۇم قىلىپ مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاپ ئالىدۇ. جۇجانلارغا بېقىندى بۇلۇپ قالغان بىر بۆلۈك دىڭ لىڭ ياشلىرى جۇجان خانلىقىنىڭ زىمىنى كېڭەيتىش ئۇرۇشىدا ئاساسلىق روللارنى ئويناپ غايەت زور بەدەل تۈلەيدۇ.

دىڭ لىڭ دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار مىلادى 4-،6-ئەسىرلەردە خەنزۇچە `چېلى `ياكى`تېلى`دەپمۇ ئاتىلىدۇ ئۇلار ئىشلەتكەن ھارۋىلىرىنىڭ چاقى ئىگىز ھەم چوڭ، شادىسى كۆپ بولغاچقا شىمالىي سۇلالىلەر ئۇلارنى `ئىگىز ھارۋىلىق تۇرالار`

高车零丁)  -قاڭقىللار) دەپ، جەنۇبىي سۇلالىلەر بولسا دىڭ لىڭ- تېلى (تۇرالار)دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ تىلى ھۇنلارنىڭ تىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بۇلۇپ ، بەزىدە ئازىراق پەرق قىلاتتى . ئەنە شۇ دىڭ لىڭ ، قاڭقىل،تېېلى (تۇرا)دەپ ئاتالغانلار ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىدى. 17

شىمالىي ۋېي خانلىقى (534-386)نىڭ جۇجانلارغا قىلغان بىر قېتىملىق جېڭىدە قاڭقىللاردىن 4-5يۈز مىڭ كىشى ئەسىرگە چۈشكەن ، ئۇلار ئىچكى مۇڭغۇلىيىدىكى چۇغاي تېغى ئىتىكىگە (ئەڭ دەسلەپكى ئانا يۇرتىغا) كۈچۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن تۇرالار(تېلى)ياشىغان بۇ جاي <تۇرا تۈزلەڭلىكى>دەپ ئاتىلىپ ئەتىراپقا تارقالغان.

مىلادى 487-يىلى 8-ئايدا مۇڭغۇلىيە چۆللىكىنىڭ شىمال غەرىبىدىكى قاڭقىل-تېلى(تۇرا)دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بورىكلى-پوۋۇغۇر قەبىلىسىنڭ يول باشچىسى- ئاي ئۇجىرۇ阿伏至罗) )جۇجان خانى تۇلۇنخاننىڭ شىمالىي ۋېي(توبا خانلىقى )غا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى خالىماي، ئىسىيان كۆتۈرۈپ بىر نەۋرە ئىنىسى چوڭچى بىلەن بىرلىكتە مۇڭغۇل دالاسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ 12ئۇرۇغىدىن 120مىڭ ئائىلە(تەخمىنەن600مىڭ جان)نى باشلاپ، غەرپكە كۈچۈپ تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەرىبى، بېشىبالىق، تەڭرىخان تاغ(بوغدا)، ئۈرۈمچى ئەتىراپلىرىغا كىلىپ ماكانلىشىدۇ ۋە قوغلاپ كەلگەن جۇجان خانى- تۇلۇنخان IIنىڭ نۇرغۇن قۇشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ، ئۈرۈمچى ، فۇكاڭ ئەتىراپىدا ئوردىسىنى قۇرۇپ `ئېگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى(高车国王) دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئاي ئۇجرۇ ئۆزىنى `ئۇلۇغ تەڭرىقۇت`دەپ ئېلان قىلىپ `كۆل بىلگە`دىگەن نەم بىلەن ئاتالغان . ئۈرۈمچى ئەتراپىدا تۇرۇپ خانلىقنىڭ شىمالىي رايۇنلىرىنى باشقۇرۇپ، ئاۋارلادىن مۇداپىئە كۆرگەن. ئىنىسى چوڭچى يانداش خان بۇلۇپ `كۆل بەگ`دەپ ئاتىلىپ قاڭقىل خانلىقىنىڭ غەرىبىي جەنۇپ تەرەپىنى يەنى، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ۋە قارا شەھەرنىڭ شەرقىدىن لوپنورغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان. باش ئوردىسى تۇرپان ئەتىراپىدا بولغان. بۇ خانلىق 487-يىلىدىن 546-يىلىغىچە 60يىل مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان. بۇ خانلىق مىلادى 546-يىلىغا كەلگەندە جۇجانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا كېتىۋاتقاندا ، ئالتايدىن باش كۈتۈرۈپ چىققان تۈركلەرنىڭ ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچىراپ 50مىڭ ئۆيلۈك ئادىمى (تەخمىنەن300مىڭ كىشى) كۆك تۈركلەرگە قۇشۇۋېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن قاڭقىل خانلىقى كۆك تۈركلەرگە قۇشۇۋېلىنىپ ، كۆك تۈركلەرنىڭ كۈچۈيىشى، مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئاساسلىق روللارنى ئوينىغان.

قاڭقىل خانلىقىنى قۇرغان ئۇيغۇرلار قاڭقىل خانلىقى ۋە كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە تۈركلەر بىلەن بىرگە دەغنەك توپ ئويناش ئادىتىنى زادىلا تاشلىمىغان.

1970-يىلى شىنجاڭ ئارخىولوگىيە خادىملىرى تۇرپان ئاستانىنىڭ قەدىمكى قەبىرىستانلىقىنى قېزىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق مىلادى5-،7-ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان دەغنەك توپچىنىڭ لايدىن ياسالغان رەڭلىك ھەيكىلىنى تاپقان . ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى 37سانتېمىتىر بۇلۇپ، بۇرۇت قۇيۇۋالغان بىر دەغنەك توپچى ئات ئۈستىدە ئولتۇرغان. ئۇ بېشىغا دوپپا، ئۈستىگە تامبال ۋە تون، پۇتىغا ئۈتۈك كىيگەن، ئىككى كۆ زى يەردىكى توپقا تىكىلىپ، ئوڭ قۇلىدا توپ كالتىكى كۆتۈرۈپ ئاق ئاتقا مىنىپ ناھايىتى چاققان ، تەڭداشسىز قەيسەرلىك بىلەن ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھالىتى كۆرسۈتۈلگەن. 18

مانا بۇلار قاڭقىل خانلىقى ياكى تۈرك خانلىقى دەۋىرىدە تۇرپان رايۇنىدا ئۇيغۇرلار ياكى تۈركلەرنىڭ دەغنەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بىرىدىغان دەللىلەردۇر.

5. كۆك تۈرك خانلىقىدا چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى ئويۇنى

كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە (مىلادى 552- 745-يىلغىچە) تۇرك - ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسىكەرلىرى  دەغنەك توپ ئويناش پائاليتى داۋاملىق قانات يايدۇغان .بۇ ھەقتە« تۇرك قامۇسى»دا :«بۇگۈنكى ئات ئۇستدە ئوينىلىدىغان دەغنەك توپ ئۇيۇنى ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۇركى قەۋىملەرنىڭ  قەدىمكى زاماندىكى ئات ئۇستدە ئوينىلىدىلىغان ئۇيۇنلىرنىڭ بىرى ئىدى » 19 دەپ كۆرسەتكەن بولسا ،تۇرك مەدەىنيەت تەتقىقاتچسى ،تارىخشۇناس، پىروفىىسور ئىبرايىم كافەس ئوغلى «تۇرك مىللىى مەدەنيىتى» ناملىق ئەسردە«پۇتپول ۋە چەۋگەن توپ ھونلاردىن بىرى تۇركلەر ئارسدا ئوينالغان بۇلۇپ كۆك تۇرك خانلىقى دەۋردە تاڭ خانلىقى (جۇڭگو )غا تارقالغان ئىدى. 20 دەپ كۆرسەتكەن.

تارىخ ھەققىي ئەھۋالنى ئاشكارلىغۇچىدۇر . بۇ ھەقتە تاڭ سۇلالىسنىڭ خانى- تاڭ تەيزۇڭ (-627650)  ئەنفۇ قوروقدا ئەتراپتىكە ئەمەلدارلارغا مۇنداق دېگەن: «ئاڭلىشىمچە غەربى رايۇنلۇقلار ( كۆك تۇرك  خانلىقتىكىلەرنى دېمەكچى )چەۋگەن- دەغنەك توپ ئويناشقا ئامراقكەن، ئۇلار توپ ئوينىغاندا ، ئەتراپىنى نۇرغۇن ئادەم  ئورىۋېلىپ كۆرىدىكەن. تۆنۆگۈن شېڭشىيەن راۋىقى يېنىدىكى غەربىي  رايۇنلىقلار    مەھەلىسدە توپ ئويناپ پېقىرغا كۆرسەتمەكچى بۇلۇشۇپتكەن،ئۇلار پېقىرنى ئات توپىغا ئامراقكەن دەپ چۈشۈنۈپ، خاس پېقىر ئۈچۈنلا ئوينغان   ئوخشايدۇ.پېقىرنى قىزىقتۇرۇپ ،تاماشامنى كۆرمەكچى بولسا كېرەك.نەدىمۇ ئۇنداق ئوڭاي ئىش بولسۇن! پېقەر ئاگاھ بۇلۇش مەقستدە توپنى كۆيدۇرۇپ تاشلىدىم » بۇ يەردە تاڭ تەيزۇڭ چاڭئەندە «دەغنەك تۇپ ئويناشقا ئامراق »كىشلەرنى «غەربىي رايۇنلۇق»دىگنى، كۆك تۇرك خانلىقدىن كەلگەن تۇرك ،ئۇيغۇر قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن. چۇنكى تارىخىي مەنبەلەرگەئاساسلانغاندا يالغۇز چاڭئەندىلا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارئاھالىسنىڭ سانى ،بەزىدە بىر قانچە مىڭدىن ئاشاتتى.سوڭرىن مەھەلىسدە چالغۇ ياسغۇچىلار ،چاڭلۇ مەھەلسدە ھاراق ياساپ ساتقۇچىلار،بوجىن،چىڭشۇ،مەھەلىلىرى بىلەن پۇنىڭ مەھەلىسدە زەردەشت (ئاتەشپەرەسلىك) دىنى ئەھكاملىرنى بىلىدىغان ساۋپاۋ راھىپلىرى ياشىغان .خوتەنلىكلەر تۇلاراق لى چۇەن ،چاڭشۇ،يۇڭپىڭ مەھەلىردە ياشغان.... ئۇيغۇرلار ياشىغان مەھەلىلەر ناھايتى ئاۋات ئىدى ....ھاراق دۇكانلىرى ،مال سارايلىرى، دەڭلەر بولغان.بۇ مەھەللە- گۇزەلەردە ئۇيغۇر ناخشا- ئۇسۇللىرى تىياتىرلىرى   胡戏)   قۇيۇلۇپ تۇراتتى .» 21 مانا بۇلار تاڭ دەۋردىكى چاڭئەندە كۆك تۇرك خانلىقى تەۋەسدىن بارغان تۇرك-ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايتى كۆپلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاش-تاماق ،ھاراق-شاراپ ،شورپا،دۇكانلىرى ئاچقانلىقى، تۇرك مال- سارايلىرنى قۇرغاندىن تاشقىرى ،تۇرك - ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئاتلىق دەغنەك توپ ئويناش ماھارىتىنى626-  يىلى ئەمدىلا تەخىتكە چىققان تاڭ خانلىقى پادىشاسى تاڭ تەي زۇڭغا كۆرستۈپ تۈرك-ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربى ماھارىتىنى كۆرەك قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

تارىخى ماتېرىياللارنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، شەرقى تۈرك خانلىقىغا قاراقاغان- ئېل قاغان (621-630)قاغان بولغان، تاڭ خانلىقىغا لى شىمىن -تاڭ تەيزۇڭ (627-650)قاغان بولغان ، بۇ ئىككى خانلىق ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئىشمۇ يۈز بەرگەن .

مىلادى 626-يىلى تاڭ خاندانلىقىغا لى شىمىن - تاڭ تەيزۇڭ ئەمدىلا تەخىتكە چىقىپ تۇرىشىغا، تۈركلەرنىڭ ئېلى قاغانى 400مىڭ كىشىلىك تاللانغان ئاتلىق قۇشۇننى باشلاپ چاڭئەنگە40 نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان شەھەر سىرتىدىكى ۋېيشۇي دەرياسىغا سېلىنغان كىچىك كۆۋرۈككە قىستاپ كىلىدۇ. ۋەزىيەت ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا، لى شىمىن ئىلاجىسىز قۇشۇننى باشلاپ كۆۋرۈكنىڭ جەنۇبىدا سەپ تارتىپ تۇرىدۇ. لىكىن، ئەينى ۋاقىتتا، تاڭ خانلىقى يېڭىدىن قۇرۇلغان كۈچى كۈچلۈك بولمىغاچقا، سۈلھى تۈزۈپ، ئالتۇن- كۆمۈش، تاۋار- دۇردۇن  بىرىش ھىسابىغا چاڭئەننى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇلار كىچىك كۆۋرۈك بۇيىدا ئىتتىپاق تۈزىدۇ. ئېل قاغان ئۆزىنىڭ ھەربى كۈچىنى كۆرسەتمەكچى بۇلۇپ ئات تۇپى ئۇيۇنى ئويناپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ئات ئۈستىدە ، يەردىكى پىرقىراپ كىتىۋاتقان توپنى قوغلايدۇ. مانا بۇ ۋەقە تارىختا «كىچىك كۆۋرۈك يېنىدا ئىتتىپاق تۈزۈش »دەپ نام ئالىدۇ . سوڭ سۇلالىسىدىكى لىياۋ بەگلىكىنىڭ رەسسامى چىڭ جىزى ، ئاشۇ تارىخى پاكىتقا ئاساسەن «كىچىك كۆۋرۈك يېنىدا ئىتتىپاق تۈزۈش»دىگەن ئاشۇ تارىخى رەسىمنى سىزىپ چىققان.رەسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ جاڭ بىر چى ئالتە سۇڭ سەككىز فۇڭ بۇلۇپ رەسىمدە ئات توپى ئويناۋاتقان ئىككى نەپەر ماھىرنىڭ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، يەردىكى پىرقىراپ كىتىۋاتقان ئات توپىنى قوغلاپ كېتىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. شۇنداقلا يەنە ئاشۇ رەسىمدە ئات ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناش ، ساز چېلىش ۋە سېرىك ئۇيۇنى قاتارلىق ھەرىكەتلەر سۈرەتلەنگەن 22مانا بۇلار كۆك تۈرك خانلىقىدىكى ئادەتتىكى پۇقرالاردىن تارتىپ دۆلەت باشلىقلىرىغىچە ھەتتا ئاتلىق قۇشۇنلارغىچە دەغنەك توپ ئويناشنى بىلىدىغانلىقى، ئاتلىق دەغنەك توپ ئويناش ئەسكەرلەرنىڭ كۈچ ھەيۋىتىنى كۆرسىتىدىغان، ماھارىتىنى سىنايدىغان كۆرەك پائالىيىتى شۇنداقلا ئۇرۇش تەييارلىقى- مانىۋېر ئىكەنلىكىنى ، دەغنەك توپ مۇسابىقىسىدە  ئۇتۇپ چىققۇچىلار شۇ زاماندا ئەڭ باتۇر، داڭدار كىشىلەردىن سانىلىپ ، ئەل ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىلەرگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. دىمەك شۇ زاماندا ئاتلىق قۇشۇن دۆلەتنىڭ تۆۋرىكى ھىساپلانغان بولسا، ئات توپى ۋە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئوۋ ئوۋلاشش دۆلەتنىڭ ھەربى كۈچى، ئەسكەرلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان ، مەشق مەيدانى، ئاتلىق قۇشۇنلارنىڭ ھەربى ئۇرۇش مانىۋېرى بۇلغان.

كۆك تۈرك خانلىقىدا ، دەغنەك توپ مۇسابىقىسىدىن باشقا تۈرلۈك ئات ئۈستى تەنھەركەت پائالىيىتىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. سورۇن ئەھلى كەيپىياتنى شاد-خورام قىلىش ئۈچۈن ناغرا-سۇناي قاتارلىق تۈرلۈك چالغۇئەسۋابلار تەڭكەش قىلىنغان ناخشا-ئۇسۇل كۈيلىرىنى ياڭراتقان.

6. ئۇرخۇن   ئۇيغۇر خانلىقىدا چەۋگەن توپ ھەرىكىتى ئۇيۇنى

                                                                        

مىلادى627-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان بۇساد تېكىن توققۇز ئۇيغۇر ئۇرۇقلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، شەرقى تۈرك قاغانى - ئېلىك قاغاننىڭ زۇلمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرەيدۇ.ئېلىك قاغان ئوغلى يۇقۇق شاتىنىڭ قوماندانلىقىدا 100مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىشى ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇساد تېكىن بولسا 5000ئاتلىك ئەسكەر بىلەن مالىيېشىدىن (يايلى تاغ)دىگەن تاغدا ئاز كۈچ بىلەن نۇرغۇن قۇشۇن ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ. شەرقى تۈركلەرنى مۇنقەرز قىلىدۇ. ئۇيغۇرلانىڭ ھەيۋىسى شىمالنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇساد تېكىن ئۆزىنى «ئالىپ ئېلتەبىر»دەپ ئاتاپ ، تۇغلا دەرياسى(تۇرا دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ-ئا)بۇيىدا تۇغلا ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرىدۇ. 23

بۇساد تېكىن ھەققىدە تارىخى ماتېرىياللاردا مۇنداق دىيىلگەن:«بۇساد جاسارەتلىك، تەدبىر كۆرسىتىشكە ماھىر، ئوق ئېتىشقا ئۇستا مەرگەن ئىدى. ھەر قېتىمقى ئۇرۇشتا، قۇشۇننىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچىلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىناتتى. ئاز ئەسكەر بىلەن كۆپ دۈشمەننى يېڭەتتى. ھۇجۇم قىلغاندا يەڭمەي قالمايتى، يېڭىلگەنلرنى بويسۇندۇرماي قالمايتى. ئۇ ھەمىشە ئۇرۇش مەشىقى قىلاتتى ۋە شىكارغا چىقاتتى».24

بۇ يەردىكى «تەدبىر كۆرسىتىشكە ماھىر، ئوق ئېتىشقا ئۇستا مەرگەن ئىدى. ھەمىشە ئۇرۇش مەشىقى قىلاتتى ۋە شىكارغا چىقاتتى»دىگەن تارىخى پاكىتلاردىن ، بۇساد تېكىن باشچىلىقىدىكى توققۇز ئۇيغۇر ئۇرۇقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش مەشىقى - ھەربى ئۇرۇش مانىۋىرى ، ئات ئۈستى تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيىتى-ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى، ئوغلاق تارتىشىش، ئوۋ ئوۋلاش ،دەغنەك توپ ئويناش، سالما تاشلاش، قېلچۋازلىق ، Sشەكىللىك قورشاۋ ھاسىل قىلىش ، قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش، ئات بەيگىسى ، ئات ئۈستىدە يۈگىرەپ كېتىۋېتىپ يەردىكى نەسىنى ئات ئۈستىگە ئېلىپ قېچىش قاتارلىق ھەربى ئۇرۇش تۈسىنى ئالغان ھەر تۈرلۈك ئات ئۈستى تەنتەربىيە پائالىيىتى (جۇملىدىن دەغنەك توپ ئويناش)مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكى ئېنىق. چۈنكى ،تۈرك-ئۇيغۇر قۇۋملىرى ھەر يىلى يېڭى يىل بايرىمى (كۆكلەم بايرىمى نورۇز بايرىمى) مىلادىيە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ، كۆكلەم بايرىمى (باھار بايرىمى)مىلادىيە 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ياز بايرىمى، مىلادىيە 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ؛كۈز بايرىمى مىلادىيە 9-ئاينىڭ29-كۈنلىرىدە بىر جايغا جەم بۇلۇشۇپ ، مال-چارۋا، ئات ئۇلاقلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ ئەجدادلىرىنى ئەسلىشەتتى. ھەر خىل يىغىن-كېڭەشلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئادەم ۋە مال - چارۋىلارنىڭ سانىنى ئالاتتى. يېڭى يىللىق ۋەزىپىلەرنى ئۇرۇنلاشتۇراتتى. تۈرلۈك مۇزىكا سادالىرى  ئىچىدە تۈرلۈك- تۈمەن ئات ئۈستى ۋە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزەتتى. ئوقيا ئېتىشقا كۈچى يىتىدىغان، قۇرامىغا يەتكەن ياش يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئاتلىق قۇشۇن بۇلۇپ ئۇيۇشاتتى. ھەر قايسى قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز قەبىلىسىدىكى ئاتلىق قۇشۇنلارغا باشچىلىق قىلاتتى. ئۇيغۇرلار بۇساد قاغان دەۋرىدە (مىلادى627-يىلىدىن646-يىلىغىچە) كۈچۈيۈشكە باشلىغان بۇلۇپ «يېڭى تاڭنامە»،«كونا تاڭنامە»،«قانۇنلار قامۇسى»دىكى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت بايانلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرى سانى جەمئىي100مىڭدىن ئارتۇق بولغان. بايان قاغان مىلادى651-يىلى 50مىڭ ئاتلىق ئەسكەر چىقىرىپ غەربى تۈركلەر قاغانى ئاشىنا قۇلىغا قارشى، بېشىبالىق جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىدا ئۇرۇش قىلغان. تاڭ سۇلالىسى بۇ ئۇرۇشقا ئۇرۇش مىۋىلىرىگە تەڭ شىرىك بۇلۇش ئۈچۈن ئەسكەر چىقارغان . بايان قاغان ئاشىنا قۇلنى قوغلاپ تاشكەنتكە بارغاندا 657-يىلى تاشكەنت بېگى ئۇيغۇر ئىنسال تارقان ئاشىنا قۇلنى بايان قاغانغا تەقدىم قىلغان. بايان قاغان يەنە 50 مىڭ ئۇيغۇر ئاتلىق قۇشۇنلىرىنى باشلاپ،ئورخۇندىن  شەرىقتە تاڭ خاندانلىقىنىڭ كورىيىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ تاكى پىيوڭياڭغىچەبارغان.

دىمەكچىمىزكى ، شۇنچە نۇرغۇن ئاتلىق قۇشۇنغا ئىگە ئۇيغۇرلار ئۆز ئاتلىق قۇشۇنلىرىنىڭ ھەربى قۇدىرىتىنى ئاشۇرماق ھەم كۆڭۇل ئاچماق ئۈچۈن ئات ئۈستى ھەر خىل ھەربى مەشىق پائالىيەتلىرى (جۈملىدىن دەغنەك توپ پائالىيەتلىرىنى )ئېلىپ بارغان.

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادى605-846)بىلەن تاڭ خاندانلىقى ئوتتۇرىىسىدا تۈرك-ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇ مەدەنىيىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن .تاڭ خاندانلىقىنىڭ كەييۇەن يىللىرى (713-742)،تىيەنباۋ يىللىرى(742-756)دا چاڭئەن،لوياڭلاردا بىر مەھەل «ئۇيغۇرلىشىش» ئەۋج ئالغان25 ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ھەۋەس قىلىش، ئۇيغۇرچە ياسىنىش (ئۇيغۇر كىيىم-كىچەكلىرىنى كىيىش)،ئۇيغۇر ئاتلىرىنى مىنىش، زىبۇ- زىننەت تاقاش، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگۈنۈش 50يىلدىن ئارتۇق دەۋران سۈرگەن. 26 ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇشۇنلىرى ئۆڭلۈك- سۆيگۈن تۇپىلىڭىنى باستۇرۇپ، چاڭئەن ۋە لوياڭلارنى مۇھاسىرىدىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ھەۋەس قىلىش تېخىمۇ ئەۋج ئالغان . ئۇرخۇندىن ، خوتەندىن كەلگەنلەر دىنىي ئېتىقادىنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر مەدەنىيەت ھالىتى - نەغمە ئۇيۇنلار بىردەك بولغان ،بىرسى-بىرسىنى چەتكە قاققانلىق ھەققىدە تارىخى ماتىرىياللاردا قىلچىمۇ ئۇچۇر يوق.

ئارخىئولوگىيىلىك قىدىرىشلاردىن تېپىلغان تاڭ دەۋرىگە ئائىت رەڭلىك - رەڭسىز ساپال قاچىلارنىڭ كۆپىنچىسى غەربى رايۇنلۇقلارنىڭ ئوبرازى بۇلۇپ قاڭشارلىق، بادام قاپاق (ئۇرا كۆز)، كۆكۈش كۆز،ئات ياكى تۆگە مىنگەن ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن تاڭ گاۋزوڭ (649-يىلى تەخىتكە چىققان)نىڭ ئوغلى لى شىيەننىڭ قەبرە تېشىدا ، غەربى رايۇنلۇقلارنىڭ رەسىىمى ،قىزىقارلىقى ،غەرىبى رايۇندىن كەلگەنلەرنىڭ دەغنەك( چۆگەن) توپ ئويناۋاتقانلىقىنىغا دائىر رەسىملەر بار. 27 بەزى تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، غەربى تۈركلەرنىڭ ئوڭ قانات بەش ساداق ئېركىنلىرى ئىچىدە ، قۇشۇ كۇلى ۋە قۇشۇ چۇباندىن ئىبارەت ئىككى سانغۇن شۇنداقلا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاتاقلىق سانغۇنلىرىدىن بىرى بولغان ، غەربى تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن كىلىپ چىققان قۇشۇخان قاتارلىقلار  ناخشى كۈيلەرگە ئۇستا بولغاندىن تاشقىرى، قوللىرىغا دەغنەك ئېلىپ توپ ئوينايدىغان داڭلىق دەغنەكۋاز ، قېلىچۋاز، جانبازلاردىن بولغان.

7.  گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا چەۋگەن توپ  ھەرىكىتى ئۇيۇنى

كۆك تۈركلەردىن كېيىن بارلىق تۈركى قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ مۇڭغۇل دالاسىدا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان ئۇيغۇرلار 840-يىلى دىپلۇماتىيە جەھەتتىكى سەۋەنلىك، تەبئىي ئاپەت،مال-چارۋىلارنىڭ كۆپلەپ ئۈلۈشى، ۋابا كىسىلىنىڭ تارقىلىشى، ئىچكى ئاپەت- ئوردىدىكى ھۇقۇق تالىشىش كۆرەشلىرى ،تاشقى ئاپەت قىرغىزلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا باستۇرۇپ كېلىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ سىياسى سالاھىيىتىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقتىن، قېرىنداش ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىر مەركەزگە ئۇيۇشقان، بىر ھاكىمىيەت بۇلۇپ شەكىللەنمەستىن بەلكى،شەرىققە ۋە غەرىپكە قاراپ كۆچۈپ(قەدىمقى ئۇيغۇر زىمىنلىرىغا )  مۇستەقىل ئۈچ ئۇيغۇر خانلىقى ھالىتىدە ياشاشقا باشلىغان؛«شەرقتە ھازىرقى نىڭشىيادىكى لىڭۋۇدىن تارتىپ،غەرپتە دۇنخۇاڭ ، يۈمىن ئەنشىگىچە»》28«شىمالىدا گوبى چۆللىگىچە»جەنۇپتا كۆكنۇر(چىڭخەي)گىچە سۇزۇلغان تەخمىنەن 540مىڭ كۋادىرات كىلومىتىر زىمىن ئۈستىدە ، شەرىقكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ قۇرغان گەنجۇ (خېشى) ئۇيغۇرخانلىقى (847-يىلىدىن1036-يىلىغىچە200 يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولغان) (29) «شەرقتە قۇمۇلدىن غەرپتە ئاقسۇنىڭ مۇزئارت داۋىنىغىچە، شىمالدا ئىلى دەرياسىدىن جەنۇپتا چەرچەنگىچە» بولغان تەخمىنەن500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە 850-يىلى قۇرۇلۇپ 1369-يىلىغىچە 500يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان قۇچۇ ئىدىقۇت (ئۇيغۇرىيە-ئۇيغۇرىستان ۋە ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى دىگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان-ئا) ئۇيغۇر خانلىقى،« شىمالدا بالقاشتىن جەنۇپتا كەشمىرگىچە، شەرىقتە كۇچاردىن غەرىپتە خارەزىمگىچە» بولغان 3مىلىيۇن كۋادىرات كىلومىتىربولغان زىمىن ئۈستىدە قەشقەر ۋە بالاساغۇننى قوش پايتەخىت قىلغان قاراخانىيلار خانلىقى 850-يىلىدىن 1212-يىلىغىچە 362يىل مەۋجۇت بولغان 30 بۇلۇپ، بۇ دەۋرلەردە دەغنەك (چەۋگەن)توپ ئويناش داۋاملىق ئەۋىج ئالغان.

يازما ھۆججەتلەرگە قارىغاندا ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا دەغنەك توپ ئويناش پائالىيىتى مەخسۇس خانلىق ئوردىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن توپ ئوينىغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس كىيىم كىچەك ، ئالاھىدە تائام، زىياپەت ھازىرلانغان ،توپ ئوينىغۇچىلار ۋە كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە-تۈزۈم ئېلان قىلىنىپ خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا تىگىشلىك جازا ياكى جەرىمانە قۇيۇلىدىغانلىقىنى، دەغنەك توپ مەيدانى ئالدىغا ھەممە ئاۋام خەلقىنىڭ يىغىلىپ توپ مۇسابىقىسىدىكى تۈرلۈك ماھارەتلەرنى كۈرىشى، توپ ئويناش ئىقتىدارى بار كىشىلەرنىڭ توپ ئويناشقا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى، كەلمىگۈچىلەر گە  ئوردا تەرەپىدىن ئېغىر جەرىمانە قۇيۇلىدىغانلىقىنى جاكارلانغان. توپ مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن   «ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ناخشا-ئۇسۇلچىلار بىلەن مۇزىكىچلارنىڭ دەغنەك(چەۋگەن )توپ مەيدانىغا كېلىپ، ئۇيۇن كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن» 31

بۇ ھەقتە يەنە تاڭ گېڭيۇ قاتارلىقلار تۈزگەن «دۇنخۇاڭنىڭ ئىجىتىمائىي ،ئىقتىسادىغا دائىر يازما ھۆججەتلەرگە ئىزاھات» نامىلىق كىتاپقا دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان 2842P - نۇمۇرلۇق بىر يازما ھۆججەتكە «دەغنەك توپ ئۇيۇنىغا دائىر مۇنداق مەزمۇن كىرگۈزۈلگەن:

...يىل...29-كۈنى دەغنەك توپ ئۇيۇنى نەغمىچىلىرىگە قۇشۇمچە ياردەم پۇلى باغاقچىسى ،...29-كۈنى...ئۇرۇش -جىدەل، چىقىرىشقا بولمايدۇ... بۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ھەممە ئاۋام دەغنەك توپ مەيدانى ئالدىغا يىغىلىدۇ. كەلمىگۈچىلەرگە ئوردا ئېغىر جەرىمانە قۇيىدۇ...ئۇلارنىڭ ياردەم پۇلى يەتكۈزۈلۈپ بىرىلمەيدۇ، ناۋادا خىلاپلىق قىلىنسا، دەل ۋاقتىدا جەرىمانە تۆلىتىۋېلىنىدۇ...»ھۆججەتنىڭ ئاخىرىغا يەنە 12دەغنەك توپ ماھىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان.

تاڭ گىڭيۈ، لۇخۇڭجى قاتارلىق ئالىملار بۇ ھۆججەتنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ دۇنخۇاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك دەغنەك توپ پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، دەغنەك توپ ئويناشقا 12ماھىر قاتنىشىدىغانلىقنى، ئۇلارنىڭ 6سى توققۇز چاۋۇپ ئۇيغۇرلىرى، بىرى كۇچالىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، توپچىلارغا ۋە سازەندىلەرگە ئوردا مەخسۇس قۇشۇمچى ياردەم پۇلى بىرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەن.

دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان، مىلادى 980-يىلى پۈتۈلگەن 1366 S-نۇمۇرلۇق «بەيئتچىلەر قۇشۇنى مەھكىمىسىنىڭ ئۇن، ياغ ھىسابات ھۆججىتى »دە:

«......-كۈنى ،كونا 10-يېزىدىن دەغنەك توپ مەيدانىدىكى 42ئادەمگە ئۇيغۇر تۇقۇچى ئېلىندى»دەپ پۈتۈلگەن بولسا، 3945P-نۇمۇرلۇق «بەيئەتچىلەر قۇشۇنى ھېراۋۇل مەھكىمىسىدىكى ئەمەلدارلار قوي باقتۇرغان ھىسابات ھۆججىتى  »دە :

«مەھكىمە 2ئېرىك قۇينى 7-ئاي ئىچىدە دەغنەك توپ ئۇيۇنىدىكى زىياپەت ئۈچۈن ئىشلەتتى، ھىساپ دەپتىرىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ»دەپ يېزىلغان.

مانا بۇ يازما ھۆججەتلەر گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا دەغنەك توپ ئويناشنىڭ خانلىق  ئوردىسى تەرىپىدىن تەشكىللەپ ، باشقۇرۇلغانلىقى بۇنىڭ كەڭ خەلقچىل تۈسكە ئىگە خاندانلىق تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ كاتتا دەغنەك توپ مۇسابىقە پائالىيىتى بۇلۇپ ، بارلىق چىقىم خانلىق ئوردىسى تەرىپىدىن بىرىلىپ ، داڭلىق دەغنەك توپچىلارغا ۋە سازەندىلەرگە ئوردا خەزىنىسىدىن مۇكاپات بۇيۇملىرى تارقىتىلىپ بىرىلگەنلىكى ، خاندانلىقنىڭ بۇ ئىشقا پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا دۇنخۇاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك دەغنەك توپ پائالىيىتىگە توققۇز چاۋۇش ئۇيغۇرلىرى، بىر نەپەر كۇچالىق ئۇيغۇر (بۇلار ئۆز يۇرتلىرىدا داڭدار دەغنەك توپ  ماھىرلىرى بولسا كېرەك -ئا) قاتناشقانلىقىدىن قارىغاندا  شۇ چاغدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقە پائالىيىتىگە توققۇزچاۋۇپ ئۇيغۇرلىرى - سەمەرقەنت، بۇخارا ، تاشكەنت ئۇيغۇرلىرى(بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋىردىلا گەنجۇ، دۇنخۇاڭ شەھىرى ئەتىراپلىرىغا كىلىپ ماكانلاشقان)، كۇچا ئۇيغۇرلىرىدىن باشقا، قۇچۇ(تۇرپان)ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىن ۋە قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەسىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ بولسا كېرەك. چۈنكى، گەنجۇدىن خارەزىمگىچە بولغان بىپايان زىمىندا ، قۇرۇلغان ئۈچ ئۇيغۇر دۆلىتى(گەنجۇ، قۇچۇ، قاراخانىيلار)دەۋرىدە يىپەك يۇلى راۋانلىشىپ، يېڭى گۈللىنىش مەنزىرىسى شەكىللەنگەن. بۇ ھال ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مۇقىم راۋجلىنىشى، ئۇيغۇر تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى، ئۇيغۇر مەدەنىي ھاياتى ۋە سەنئەت مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئېلىپ كەلگەن. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئىدىقۇت (قۇچۇ)ئۇيغۇرىستان- ئۇيغۇرىيە خانلىقى ۋە خوتەن بۇددىسىتلىرى ئارىسىدا ئىقتىسادىي ، مەدەنىي ۋە دىنىي ئالاقە بولغاندىن تاشقىرى، قاراخانىيلار خانلىقى بىلەنمۇ تۈرلۈك ئالاقىلەردە بۇلۇپ كەلگەن. بۇنى مىلادى11-ئەسىردە ئۆتكەن ئەرەپ ساياھەتچىسى مەرۋىزى قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرىسىدا قەشقەردىن يەكەنگە، يەكەندىن خوتەنگە، خوتەندىن كېرىيەگە، كېرىيىدىن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەربى سودا ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان شاجۇ شەھىرىگە قاتنايدىغان چوڭ بىر سودا -قاتناش يولى بار ئىدى... 32 دىگەن بايانلىرىدىن تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇقلارشتۇرىۋېلىشقا بۇلىدۇ.

8 . قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى چەۋگەن توپ ھەرىكىتى ئويۇنى

قاراخانىيلار دەۋرىدە دەغنەك توپ ئويناش يۇقىرى پەللىگە كۈتۈرۈلۈپ، ئوردا ئەھلىدىن تارتىپ جەڭچى،  پۇقرالارغىچە بۇ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئەۋج ئالغان.

بۇ ھەقتە 11-ئەسىردە قاراخانىيلار دۆلىتىدە ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى ، پەيلاسۇپ شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلار دۆلىتىگە ئەلچى ۋە ھەربى ئەمەلدار بۇلىدىغان كىشى ئۇقۇمۇشلۇق بۇلۇش بىلەن بىر قاتاردا دامكا-شاھمات،چەۋگەن توپ ئۇيۇنى ...قاتارلىقلارنى بىلىشى كېرەك دىگەن. ئۇ «قۇتادغۇ بىلىك»داستانىدا:

          «يا چەۋگەن، يا ئوۋ، يا يۇرت ئەل كۆرگەلى           

           ئاتلانسا گەر بەگ سەپەر قىلغىلى»   549-بەت

         «يەنە دامكا-شاھماتنى ئۇ بىلسۇن خوپ،

           ئۇيۇنغا چۈشكۈچىنى ئالسۇن ئۇتۇپ،

           ئۇ بىلسۇن چەۋگەننى، ئاتار بولسۇن ئوق،

           يەنە قۇشچى ۋە ئوۋدا تەڭدىشى يوق» 516-بەت

دەپ يازغان. يەنە «چەۋگەن- ئاتلىق ئۇينىلىدىغان توپ ئۇيۇنى »(1364-بەت)دەپ كۆرسەتكەن.

11-ئەسىردە قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرى (مىلادى 850-1212) دە ئۆتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى، تۈركى خەلقلەرنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، دۇنيا تۈركىلوگىيە ئىلىمى، سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاتىسى مەھمۇدكاشغەرىي«تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە  چەۋگەن ھەققىدە توختىلىدۇ :

ئۇ «تالاس، چەۋگەن ئۇيۇنىدا مەيداننىڭ چىكىگە تارتىلغان ئارغامچا»(1-توم، 474-بەت) دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن بىلىشكە بۇلىدۇكى «تالاس» سۆزى-دائىرىنى ئايرىش - كۆرسىتىش سىزىقى ، چىگىرا، پاسىل دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرگەن. تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندادەغنەك توپ مەيدان پاسىلى - تالاس سىرتىدا ئىككى كىشى قىزىل بايراقچە تۇتۇپ، ئوڭ سول مەيداندىكىلەرنىڭ ھەركىتىگە نازارەتچى، بۇيرۇقچى ۋە رىغبەتلەندۈرگۈچى بولغان. مەيداننىڭ شەرق ۋە غەرىب تەرىپىگە كۈن ۋە ئاي شەكىللىك بايراقچىلار قادالغان ، ناخشا ، ناغرا سۇناي مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە دەغنەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

«تۈركى تىللار دىۋانى»دا يەنە« ئۇ ماڭا چەۋگەن ئىگىپ بەردى»(1-توم 252-بەت)دەپ يېزىلغان. بۇ يەردىكى چەۋگەن- توپ ئويناشتا ، توپنى ئۇرۇش، ياكى توختىتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇچى ئەگىرى تاياق ،بەزى مەنبەلەردە چەۋگەن دىگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدىكى چەۋىقگەن  سۆزىدىن  كەلگەن ،چىۋىق-چەۋىق سۆزىگە  گەن سۆزى قۇشۇلۇپ چەۋىقگەن بولغان ،كېيىن بۇ سۆز چەۋگەن سۆزىگە ئايلانغان بولسا كېرەك.«تۈركى تىللار دىۋانى»دا يەنە:« تۇپۇق- چەۋگەن بىلەن ئۇرۇپ ئوينىلىدىغان توپ»(1-توم 492-بەت)دەپ يېزىلغان.

مىلادى 1003-يىلى شەمسۇل مانى غەرىپ ھەققىدە يازغان    « قابۇسنامە» نىڭ 18-بابىدا«ئاتقا مىنمەك ، شىكار قىلماق ۋە چەۋگەن ئوينىماق پادىشاھ ۋە ئەھلى ھۆكۈمەت ئىشىدۇر» دەپ يازسا ،19-بابىدا «چەۋگەن ئويناشتا ھەممە كىشى بىراقلا ئاتلانماسلىقى كېرەك ، مەيدانغا سەككىزدىن ئارتۇق كىشى چۈشمىسۇن، بىر ئادەم مەيداننىڭ يان تەرىپىدە تۇرسۇن ، يەنە بىر ئادەم مەيداننىڭ ئايىقىدا تۇرسۇن، ئالتە كىشى مەيدانغا چۈشۈپ توپ سوقسۇن »دەپ يازغان.

قاراخانيلار دەۋرىدە دەغنەك توپ ئويناش پائالىيىتى ناھايىتى قىزغىن ئەۋج ئالغان . ھەممە كىشى دەغنەك توپ ئويناشقا ھەۋەس قىلىدىغان بۇلۇپ قالغان. خانلىق ئوردىسىدا مەخسۇس دەغنەك كوماندىسى، مۇزىكانتلار ئۆمىكى ئات باقارلار تەشكىل قىلىنىپ بەلگىلەنگەن مۇددەتتە خانلىك ئوردىسى تەرەپىدىن قەرەرلىك دەغنەك توپ مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇلغان.ئۇتۇپ چىققۇچىلار مۇكاپاتلانغان. دەغنەك توپ ئۇيۇنىدا يېڭىپ چىققان كىشى ئۆز دەۋرىنىڭ ھەر جەھەتتىن يىتىشكەن كىشىىسى ھىسابلىناتتى. دەغنەك توپ ئويناشقا قاتنىشىدىغان كىشىلەر يىگىتلەر، قىز جۇۋانلار ئاتلىرىنى پەرۋىش قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاس قۇشۇنلىرى ، خانىدان ئەزالىرى بىلەن ۋالىيلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ ، چىگىل، قارلۇق، ئوغراق ۋە باشقا قەبىلە تەشكىلاتلارگە تەۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئاساسەن ئاتلىق قۇشۇندىن تەركىپ تاپقانلىقى مەلۇم. تارىختا ، تۈركى قۇۋملار ئاتنىڭ كۈچىدىن ھەرخىل شەكىلدە پايدىلانغاندىن تاشقىرى، گۆشىدىن، سۈتىدىن ۋە تىرىسىدىنمۇ پايدىلىناتتى. كەڭ كۆلەمدە ھەرىكەتچانلىقنى ۋە تىزلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ، كۆچمەنلىك ھاياتتىدا مىنىدىغان ، ۋە يۈك تۇشۇيدىغان ۋاستە خىزمىتىنى ئۆتىگەن ئات، غالىپ ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئەڭ ياراملىق ۋاستىسى بولغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئات ئۇلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە «ئېل»لەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. بۇنى كۆزدە تۇتقان ئالىمىمىز مەخمۇد كاشغەرى«ئات تۈركى خەلقلەرنىڭ قانىتىدۇر»دەپ تەبىر بىرىپ ئاتلىق قۇشۇننىڭ قاراخانىيلار دۆلىتىدىكى ئورنىغا ،يۈكسەك توغرا باھا بەرگەن، ھەمدە تارىختىكى تۈركى قۇۋملارنىڭ جەڭ غەلبىسىنىڭ سىرىنىڭ ئەنە شۇ ئاتلىق قۇشۇننىڭ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىغان. پۈتۈن مىللەت ئاتلىق قۇشۇن بۇلۇپ ئۇيۇشۇشتىن ئىبارەت بۇ خۇسۇسىيەتنى ئۇيغۇر- تۈركى قەبىلىلىەر پۈتكۈل تارىخدا قەدىمدىن باشلاپ داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن . مەسىلەن،ھۇنلار-ئونگۇرلار باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-مىلادىدىن بۇرۇنقى 176-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) 400 مىڭ ئاتلىق ئوقياچى قۇشۇن بىلەن لىيۇباڭ باشچىلىقىدىكى 320 مىڭ كىشىلىك خەن قۇشۇنىنى  داتۇڭ (قۇرى بالىق)دا 7كىچە-كۈندۈز قورشاۋغا ئالغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 62-يلى ھۇن ئېمپىراتۇرلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش پائالىيىتىگە 100ئاتلىق ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان،بۇ پائالىيەت 350كىلومىتىر دائىرىدە قانات يايدۇرۇلغان.

كۆك تۈرك خانلىقىدا، مىلادى 626-يىلى تۈركلەرنىڭ ئېل قاغانى قاراخان 400مىڭ كىشىلىك خىللانغان ئاتلىق قۇشۇننى  باشلاپ چاڭئەنگە 40نەچچە چاقىرىم كىلىدىغان شەھەر سىرتىدىكى ۋېي شۇي دەرياسىغا سېلىنغان كىچىك كۆۋرۈككە قىستاپ كىلىدۇ، تاڭ گاۋزۇڭ-لى شىمىن(627-650)سۈلھى تۈزىدۇ.

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرى پۈتۈن شەرقى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنى زىل- زىلىگە كەلتۈرگەن ئىدى. كۆيدۈرگۈچ قوراللار پەيدا بۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاتلىق ئەسكەرلەر باشقا ئەسكىرى تۈرلەرگە قارىغاندا، تەڭ كەلگىلى بولمايدىغان ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى.«جۇڭگو(تاڭ خاندانلىقى)نىڭ ئاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىرىدەك ياخشى ئەمەس»33   ئىدى. شۇڭلاشقا ، ۋەقە يۈز بەرسىلا تاڭ ئوردىسى ھەر دائىم ئۇرخۇن- ئۇيغۇر خانلىقىدىن ھەربى ئاتلىق قۇشۇننى ياردەم بىرىشكە تەلەپ قىلاتتى.

ياڭ شېڭمىن ئەپەندى «قەدىمكى ئۇيغۇرلار »نامىلىق كىتاۋىدا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاقانلىقى ئاتلىق قۇشۇنلىرىنى «پەقەت ئون ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىدىن تەشكىللەنگەن 100 مىڭ ئەتىراپىدائاتلىق ئەسكەرلىرى بار ئىدى»34  دەپ يازىدۇ ، ئەمما  ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا                مۇيۇنچۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بۈكۈخان   ھۈكۈمرانلىق  قىلغان دەۋرلەردە  ئۇيغۇر خانلىغى تازا گۈللەنگەن دەۋر بۇلۇپ (747-780-يىللار) ساياھەتكە كەلگەن ئەرەپ جۇغراپىيەشۇناسى- تەمىم ئبىن بەھرۇل  مۇتەۋۋى ئۆزىنىڭ«ساياھەتنامە» ناملىق ئەسىرىدە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا ،ھۈكۈمداردىن باشقا،17 ئاتامان(تۈمەن بېشى) ھەربىرىنىڭ قۇلىدا 13 مىڭ ئاتلىق ئەركەكتىن تۈزۈلگەن 221مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن بار ئىكەن35 دەپ مەلۇمات بىرىدۇ..    گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئىدىقۇت(تۇرپان)ئۇيغۇر خانلىقىدا خېلى كۆپ ساندىكى ئاتلىق قۇشۇنلار بار بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقى سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. بەزىبىر پارچە پۇرات ماتىرياللاردا كۈرسۈتۈلىشىچە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاىلىقىدا  15 مىڭ ئەتراپىدا ئاتلىق ئەسكىرى بولغان

قاراخانىيلار خانلىقىنىىڭ ئارمىيىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇمات يوق. لىكىن مەھمۇد كاشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دا :«1041-1042-يىللاردا ياباقۇلار ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان غەيرى مۇسۇلمان تۈركى خەلىقلەرگە قارشى بەكەچ ئارسلان تېكىننىڭ قوماندانلىقىدا ئەۋەتىلگەن قاراخانىيلار ئارمىيىسىنىڭ 40مىڭ كىشىلىك ئىكەنلىكى»نى يازىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىگ»دە   4000 ئەسكەرنىڭ بىر قۇشۇن، 12مىڭ كىشىلىك ئارمىيىنىڭ بولسا چوڭ قۇشۇن ئىكەنلىكى »نى يازىدۇ. 36

دىمەك بۇنچە كۆپ ھەربى قۇشۇن بار ئەلدە ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئوغلاق تارتىشىش، ئوۋ ئوۋلاشتىن تاشقىرى دەغنەك توپ مۇسابىقە پائالىيىتى ئېلىپ بارماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. بۇنى مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەرلىرىدىكى يۇقىرىقى بايانلاردىن بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.                                                                                          قاراخانىيلار خاندانلىقىدا دەغنەك توپ ئويناش ھۆكۈمەت ئەرباپلىرى -ئەمەلدارلىرى،خاس ئاتلىق قۇشۇنلار ئىچىدە قانات يېيىپ قالماستىن بەلكى ، بەزى فېئۇدال ئەمەلدارلار، بەگزادىلەر ، ئىقتىسادى بار بايلار ھويلىسىدىمۇ دەغنەك توپ كوماندىلىرى، مەخسۇس ئاتخانا، ئات باقارلار تەشكىل قىلىنغان. دەغنەك توپ مۇسابىقىسى ئوغۇللار، قۇرامىغا يەتكەن يىگىتلەر ، ئاياللار، قىز جۇۋانلارنىڭ قاتنىشىشدا ئۆتكۈزۈلگەن بەزى  بايلار ئوتتۇرىغا پۇل، مال- مۈلۈكلەرنى تىكىپ قۇيۇپ دەغنەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۇتۇپ بايلىق توپلاش ئۈچۈنمۇ ئويناشقان.

مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ھەقتە <<ئۆملەشۈ>>دېگەن سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىپ : <<ئۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئىشتان تىكىپ چەۋگەن ئوينىدى >> دەپ يازىدۇ1-tom 242-bet)) بۇ ئويۇنىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنى ، بۇ ئويۇن تاماشىبىنلار بەسلەشكۈدەك ، دو چىققۇدەك كەڭ كۆلەملىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .

9. چەۋگەن توپ تەنھەركىتىنىڭ قوشنا ئەللەرگە تارقىلىشى

كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە  دەغنەك(چاۋگەن)توپ ئويناش گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قۇچۇ(تۇرپان) ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىدىن ھالقىپ ئەتىراپتىكى قوشنا ئەل خەلقلىرىگىمۇ، ئۇيغۇر- تۈركى خەلقلەر ئارقىلىق تارقالغان. بۇلۇپمۇ سۇڭ سۇلالىسى  ، سامانىيلار خانلىقى ، سالجۇقىيلار خانلىقى ، غەزنەۋىلەر خانلىقى ،مۇڭغۇل يۇەن سۇلالىسى، چاغاتاي خانلىقى ۋە يەركەن سەئىدىيە خانلىقىدىمۇ دەغنەك توپ ئوينۇلۇپ كىلىنگەن.

بۇ  ھەقتە ، مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئاتايى، ئەلىشىر نەۋايى، لۇتىفى، سەككاكى، بابۇر شەمسىۇل مائانى،«سىياسىەتنامە»،روداكى، ئىبىن سىنا، ئۆمەر ھەييام،ئابدۇراخمان جامى،ئارىپ ھىراۋى، ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى »،«ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» ، «يۇەن سۇلالىسى تارىخى ماتېرىياللىرى»دە، كۆپلىگەن نەقىللەر بار.

14-ئەسىرنىڭ ئاخرى، 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر شائىرى ئاتايىنىڭ شېئرلىرىدا «چەۋگەن»(دەغنەك)كۆپ قېتىم مىسالغا ئېلىنغان. مەسىلەن ئۇ بىر غەزىلىدە:

گويدەك بولدى ئەتائى ھەر تەرەپ سەركەشتە ھەل،

ئول سەنەملەر شەھسۇۋارى ئەزىم چەۋگەن قىلغالى 37 (ئۇ گۈزەللەر چەۋەندازنىڭ چەۋگەن ئوينىشى ئۈچۈن ئەتائى توپقا ئوخشاش ھەر تەرەپكە ئايلىنىپ يۈرىدىغان بولدى)دەپ يازغان.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان ئۇلۇغ شائىر، پەيلاسۇپ ئەلىشىر نەۋايى (1441-1504)«چاھار دىۋان»، « خەمىسە»قاتارلىق ئەسەرلىرىدە «چەۋگەن» توپ ئۇيۇنىنى ناھايتى كۈپ تىلغا ئالىدۇ،ئۇ «سەبئەئى سەييار» داستانىدا چىن مەلىكىسىنىڭ چەۋگەن توپ ئويۇنى ئۆتكۈزۋاتقان مەيدانغا ئاتلىنىۋاتقانلىغىنى يازىدۇ.                                                                         15- ئەسىردىن 16- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىگە ئىشلەنگەن قىستۇرما سۈرەتلەردىن« چەۋگەن  » ئويناۋاتقانلارنىڭ سۈرەتلىرى خېلى كوپ ئۇچرايدۇ.1982- يىلى تاشكەنىتتە نەشىر قىلىنغان «ئەلشىر نەۋايى ئەسەرلىرىگە ئىشلەنگەن رەسىملەر »ناملىق قىستۇرما سۈرەتلەر توپلىمىدا «چەۋگەن» (دەغنەك)توپ ئۇيۇنى تەسۋىرلەنگەن،15-،16-ئەسىرلەردە سىزىلغان رەسىملەردىن 5 پارچە رەسىم بىرىلگەن .

يۇقارقىلاردىن باشقا   قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامانغا مەنسۇپ ئۇيغۇر ئەدىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ دەغنەك(چۈگەن)توپ ئويناشقا دائىر نەقىللەر بار. مانا بۇلاردىن ئۆزدەۋرىدە دەغنەك توپ ئۇيۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايتى كەڭ ئۇمۇملاشقان ھەركەت ئىكەنلىكنى يۇقرى تەبىقە كىشلىرى ۋە ئاددى خەلىقنىڭ ئۆزبالىلىرىنى دەغنەك توپ ئۆگۈتۇشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكنى بىلگىلى بولىدۇ.                                                                                                           قەدىمكى دەۋىردە دەغنەك (چەۋگەن ) توپ ئويناش شۇنچە كەڭ تارقالغان بولسمۇ ، كىيىنكى دەۋىردىكى ئىجتمائىي ئۆزگۇرۇشلەر ، خەلقىمىز ئۇستىگە چۇشكەن تۇرلۇك ئازاپ - كۇلپەتلەر ، ۋەيرانچىلىقلار نەتىجىسدە ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرىغان تالاي مەدەىني مىراسلىرىمىز  ،ئېسىل مىللى ئەنئەنىلىرىمىز بىلەن بىر قاتاردا دەغنەك توپ ئويناش ھەركىتىمۇ چوڭ شەھەرلەردە ئوينالماي ئاستا- ئاستا چەت ، ياقا جايلاردا ئاندا - ساندا ئوينۇلۇپ يۇقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان.                                                                                                                                                        20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ،تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە،ئاتتىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ روھى كەيپىياتى سۇسلۇشۇپ، زور ئاتلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلمايدىغان بۇلۇپ قالغان.خەلقىمىز ئەمدى ئات بەيگىسى،ئوغلاق تارتىش ئۇيۇنلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلەلىگەن، دەغنەك توپ ئويناش ئۇچتۇرپان ناھىسىنىڭ ئاچىتاغ يېزىسىدىكى جايتاغ(جايتاش) كەنتىدىكى نورۇزلۇقتا 1910-يىللارغىچەئوينۇلۇپ كېلىنگەن. 38        ھىندىستاندا بۇ دەغنەك توپ ئۇيۇنىنى ئويناش بابۇرنىڭ ئوغلى ھۈمايۇن (1530-  1556)دەۋرىدە كەڭ تار قالغان.كېيىنكى ۋاقىتلار غا كەلگەندە ئېنگىلىزلار ھىندىستاندا بۇ ئۇيۇننى كۈرۈپ ،ئۆگۈنۈپ ياۋرۇپاغا ئاپىرىپ ئويناشقان .شۇنىڭ بىلەن ئات ئۈستىدە تۇرۇپ توپ سۈرۈش ياۋرۇپادا  «  konno polo  »نامى بىلەن ئاتىلىپ دۇنياغا تۇنۇلغان. دېمەك دەغنەك توپ ئۇيۇنى تارىخى ھوججەتلەردىن،ئارخىئولوگىيىلىك پاكىتلاردىن قارىغاندا  ئۇيغۇر- تۈركى خەلىقلەرنىڭ ياشاش شارائىتلىرى ،شۇغۇللانغان  ھەرىكەتلىرى بىلەن زىچ ماسلاشقان ئات ئۈستى تەن ھەركەت پائالىيىتى بۇلۇپ(بەزى ھاللاردا يېزا -قىشلاقلاردا ئات مىنمەي ئوينۇلاتتى. ھازىر مۇز ئۈستىدە ئوينۇلىدىغان تۈرىمۇ بارلىققا كەلدى -ئاپتۇردىن ) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ قەدىمقى تەنتەربىيە ھەركىتى ئۇيغۇرلاردا ئۇنتۇلغان بىلەن  دۇنيادا ،دۇنياۋى تەنھەركەت تۈرلىرىنىڭ بىرى سۈپپىتىدە ھەر قايسى ئەل سەھنىلىرىدە ئوينۇلۇپ  بۇخىل مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ھەيران قالدۇرماقتا؟!گەرچە 1959-يىلى 10-سىنتەبىر كۈنى كۆكخوت شەھرىدە ئۆتكۈزىلگەن جۇڭگۇ مەملىەتلىك1- نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ دەغنەك توپ ئويناش مۇسابىقىسىدە ،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئۇيغۇر ،قازاق قاتارلىق  مىللەتلىرىدىن تەركىپ تاپقان دەغنەك توپ كوماندىسى مۇسابىقىغە قاتنشىپ ،مەملىكەت بۇيىنچە3-لىككە ئېرىشىپ دەغنەك توپ ئويناش ھەركىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ،ئەپسۇسكى شۇندىن كېيىنكى تۈرلۈك سىياسى بوران- چاپقۇن،ئۇر-چاپ ۋەكىشىلەر ئىدىيىسى (روھىيىتىنىڭ)چېچىلىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن جانلىنالماي يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى ....  نۈۋەتتە،دەغنەك  توپ ھەركىتى خەلىقئارا تەنتەربىيە مۇنبىرىدە ئاتلىق تەنتەربىيە تۈرى بولغاچقا، ئەجداتلىرىمىز ياراتقان، شۈھرەتىمىزنى  تاراتقان ،مىللي روھنى  ئۇرغۇتقان، دەغنەك توپنى  ئوينايلى!

       ئىزاھاتلار

                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                             

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-5 06:14 PM  


شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 08:55:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ قىزىقارلىق ئۇيۇنلار باركەن . لىكىن ھازىر ئوينىمايدۇ .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1335
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 10:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھەت ئەتىراپلىق يېزىپسز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74652
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3267
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-2-3
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 11:07:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ...مەن ياختۇدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98967
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 10:08:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غوجا نىياز ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىنى يېزىپ تەقدىم ئەتكىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. ...

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 10:28:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ شۇنداق ئوينىغۇم كەلدى، بىراقزە ئات مىنەلمەيمەن.

بىر ھىكايەتتە؛ لوقمان ھەكىمنىڭ بەرەس كىسىلى بولۇپ قالغان بىر پادىشاھنى چەۋگەن ئوينىتىش ئارقىلىق ساقايتىقانلىقنى ئۇقۇۋىدىم.

تېما يوللىغۇچىغا ئېھتىرام.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10595
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 12:16:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي،تولىمۇ ئېسىل ئۇيۇن ئىكەنتۇق…

قەلەم ــــ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 04:44:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر تۇنجى قېتىم  ئاقسۇ گېزىتىدە 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 5- كۈنى 4-بەتتە ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى  تارىخ ماتىرياللار ئىشخانىسىدىن يولداش  ياسىن قاسىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  ئالاقە ئىۋەرتىپ «ئاقسۇ گېزىتى'» ئىدارىسى ۋە مەن خوجانىياز غا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ  ،ئۇيغۇر تەنتەربىيە تارىخى مەدەنيىتىگە  دائىر تېخىمۇ كۆپ ماتىريال ئېلان قىلىپ ،تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن مەن بۇ ئەسەردىكى بەزى كام قالغان تەرەپلەرنى تۇلۇقلاپ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى » ئىلمىي ژورنېلى 1990-يىللىق 1-سان 38- بەتتە قايتا ئېلان قىلدىم.بەزىلەر  ئالدىراپلا  ئۇرۈمچىدىكى بەزى گېزىت،ژورناللارغا  بۇ ماقالامنى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا، ئۆز نامىدا ئېلان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپ  خەلق  ئالدىدا سەتلەشتى. بۇ نۆۋەت 2013-يىلى  9-ئاينىڭ 22-25-كۈنىگىچە  يىنچۇەن شەھرىگە جايلاشقان «شىمال مىللەتلىرى ئونۋېرسىتىتى»ئېچىلغان مەملىكەتلىك «جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى مەدەنيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»يىغىنغا ئۈلگۈرتۈپ  بۇ ئەسەر تېخىمۇ تۇلۇقلاش بىلەن قايتا   بۇ يىغىندا ئوقۇلدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 11:49:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yolluqtekin يوللىغان ۋاقتى  2013-12-6 04:44 PM
بۇ ئەسەر تۇنجى قېتىم  ئاقسۇ گېزىتىدە 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 5- ...


بۇ ئەسەر تۇنجى قېتىم  ئاقسۇ گېزىتىدە 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 5- كۈنى 4-بەتتە ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى  تارىخ ماتىرياللار ئىشخانىسىدىن يولداش  ياسىن قاسىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  ئالاقە ئىۋەرتىپ «ئاقسۇ گېزىتى'» ئىدارىسى ۋە مەن خوجانىياز غا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ  ،ئۇيغۇر تەنتەربىيە تارىخى مەدەنيىتىگە  دائىر تېخىمۇ كۆپ ماتىريال ئېلان قىلىپ ،تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن مەن بۇ ئەسەردىكى بەزى كام قالغان تەرەپلەرنى تۇلۇقلاپ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى » ئىلمىي ژورنېلى 1990-يىللىق 1-سان 38- بەتتە قايتا ئېلان قىلدىم.بەزىلەر  ئالدىراپلا  ئۇرۈمچى كەچلىك  گېزىتى ۋە شىنجاڭ ياشلىرى ژورناللارغا  بۇ ماقالامنى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا، ئۆز نامىدا ئېلان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپ  خەلق  ئالدىدا سەتلەشتى. مەن ئۈرۈمچىگە بارغاندا شىنجاڭ  ئونۋېرسىتىدىكى ئەھمەد سۇلايمان ،ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىدىكى مۇھەممەتجان مۆمىن ،كەچلىك گېزىتتىكى گۈلبادام ۋە يەنە بىر قىسىم ئىلىم سۈيەرلەرگە  بۇ پاكىتنى 1990-يىلىلا  كۆرسۈتۈپ  بۇ ئادەمنىڭ بۇنداق كۆچۈرمىكەچلىك ،ئەخلاقسىزلىق قىلماسلىقىنى ،سورۇنلاردا ئۇچراشقاندا بۇ گەپلەرنى دەپ قۇيۇشنى تاپىلىغان ئىدىم . بۇ ئەسەرنى يەنە داۋاملىق تۇلۇقلاپ «ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنېلى» 2011-يىللىق 4-ساندا( 10-بەتتىن 23-بەتكىچە) ئېلان قىلىنغان. مەن بۇ نۆۋەت 2013-يىلى  9-ئاينىڭ 22-25-كۈنىگىچە  يىنچۇەن شەھرىگە جايلاشقان «شىمال مىللەتلىرى ئونۋېرسىتىتى»ئېچىلغان مەملىكەتلىك «6-نۆۋەتلىك جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى مەدەنيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»يىغىنغا ئۈلگۈرتۈپ  بۇ ئەسەر   بۇ يىغىندا ئوقۇلۇپ ، ئىمىن ئەھمىدى باشچىلىقىدىكى يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئاقىشلىرىغا ئېرىشكەن،.....  بۇ نۆۋەت  بۇ كىشى يەنە  ئىلگىرىكى سەتچىلىكىنى بولدى قىلماي يەنە يازغىلى بىر نەرسە تاپالمىغاندەك ،خوجا نىياز بۇ ئەسىرىنى ئۇنتۇلۇپ قالدى دەپ قارىدىمۇ يەنە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈندىكى سانىغىمۇ  مېنىڭ بۇ ماقالامنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرىنى  ئۈزۈپ ئېلىپ قۇراشتۇرۇپ، يەنە بىر ماقالە قىلىپ ،تارتىنماستىن، يۈزى قىزارماستىن  باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى مىنىڭ دىيشكە ئۈلگۈرۈپتۇ.....ئىلىم سۈيەر دوسلارنىڭ  سېلىشتۇرسىلا ماقالىنىڭ  ھەقىقى ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرىقلەندۈرەلەيدۇ.  شۇڭا دوسلار كۈرۈپ ھەق ناھەقنى ئايرىپ باقسىكەن.......؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-12 01:12 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97962
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2014-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 12:48:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
超赶 توپ دىگەن شۇدۇ، خەن سۇلالىسىدە تارقالغان، ئۇيغۇرلار شۇلاردىن قۇبۇل قىلغان .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش