|
|
|
|
6-نوۋەتلىك خەلقارا تۈرك تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقتا.
خۇجا نىياز(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن)
بۇ يىل 2013-يىلى12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ بورسا شەھرىگەجايلاشقان ئۇلۇغ تاغ ئونۋېرسىتىتىدا 6-نوۋەتلىك خەلقارا تۈرك تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدىكەن،بۇ يىغىننى تۈركىيە ئۇلۇغتاغ ئونۋېرسىتىتى چاقىرغان بۇلۇپ يىغىنغا تۈركىيە، جۇڭگۇ،قازاقىستان ،مىسىر،ئىراق ،ئازاربەيجان ،ئوكرائىنا، كوساۋا، ئافغانىستان، poloniye (پولشا)، Arnavutluk(ئالبانىيە ) قاتارلىق دۆلەتلەردىن بۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 120دىن ئارتۇق فروفىسسۇر،ئالىم مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان.بۇنىڭ ئىچىدە جەمىي 194نەپەر مۇتەخەسىس ئۆزلىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇغان، 12 -ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان، جوڭگۇدىن بۇ يىغىنغا ئىككى كىشى قاتناشقان،بۇلارنىڭ بىرى،شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى فروفىسسۇرى، ئۇيغۇرشۇناس،غەيرەتجان ئوسمان،يەنە بىرى شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئىنىستىتوتىنىڭ تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىسى (ئايال) ئىكەن، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى فروفىسسۇرى، غەيرەتجان ئوسمان «جۇڭگۇدىكى خاقانىيە تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتتىن ئومۇمىي بايان»دېگەن ماقالە بىلەن قاتناشقان.
بۇ غەيرەتجان ئوسمان مائالىمنىڭ 6-نۆۋەتلىك «جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى مەدەنيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي يىغىنى» مەزگىلىدىكى يىنچۇەن شەھرى قۇملۇق كۆل مەنزىرە رايۇنىدىكى سۈرۈتى .
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز جۇڭگۇدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بارلىق تۈركىي مىللەتلەر، بۇ يىغىنغا ئالىي ئۇتۇق، ئالىملارنىڭ ئىجادىي تەتقىقاتىغا تېخىمۇ مول نەتىنجە تىلەيمىز.
bursa-uludag-universitesi
ULUDAĞ ÜNİVERSİTESİ TÜRK DİLİ BÖLÜMÜ -
bursagenel
2013-يىلى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بۇ ئونۋېرسىتېتنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ ،ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئىمزا قويغان.
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
|
|
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-5 05:12 PM
|
|
|
|
|
|