مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6084|ئىنكاس: 51

ئۇيغۇر قىزى ئاسىيا بۇيىچە ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى بۇلۇپ باھالاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98195
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1224
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2013-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 04:42:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         023447amzwbfyiir2kbjjs[1].jpg


  ۋاڭيى تەنتەربىيە تورىنىڭ 4-دىكابىر بەرگەن خەۋىرى، « ئاسىيا ۋاسكىتبول تورى » يىقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىىگە قاتناشقان تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئىپادىسىگە قارىتا باھالاش ئىلىپ باردى، باھالاشتا جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەنھەركەتچى  دىلارە دىلشات ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى شەرىپىگە ئىرىشتى، جاڭ مەن مەن ئەڭ ياخشى ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى بۇلۇپ باھالاندى. ئۇنىڭدىن سىرىت، بۇ ئىككى نەپەر تەنھەركەتچى ئۇڭۇشلۇق ھالدا ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ تاللاندى.  
  بۇ  نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە ئىلىپ بىرىلدى، جۇڭگۇ كوماندىسى گۇرپا مۇسابىقىسىدە ، تۆت مەيدان غەلبە قىلىش بىر مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن ئىككىنچى بۇلۇپ گۇرپىدىن چىقىپ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى.   يىرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا ئايرىم-ئايرىم   كورىيە كوماندىسى ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن ياپۇنيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىدىن چىممپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
  شۇنىڭ بىلەن جۇڭگۇ، ياپۇنيە، كورىيە قاتارلىق ئۈچ كوماندا  2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان17 ياشلىقلار  دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئامىرىكا، ئاۋىستىرالىيە، مالى جۇمھۇرىيىتى، مىسىر، چېخىيە، ۋېنگرىيە، سلوۋاكىيە ۋە مېكسىكا قاتارلىق 12 كوماندا  بۇ نۆۋەتلىك 17 ياشلىقلار  دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىدە ، جۇڭگۇ كوماندىسى ئەڭ چوڭ نەپ ئالغۇچى بۇلۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە دىلارە دىلشات ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى، جاڭ مەن مەن ئەڭ ياخشى ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى شەرىپىگە ئىرىشتى،  بۇ ئىككى نەپەر تەنھەركەتچى بىرلا ۋاقىتدا ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ تاللاندى،  ۋاڭ خەيمىي ئەڭ ياخشى ئىككىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ تاللاندى، خا ۋېن چىئەن قاتارلىقلار ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.   
   2013-يىللىق ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ھەر قايسى تۈرلەر بۇيىچە باھالاش ئەھۋالى تۈۋەندىكىچە؛
   ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى ؛ دىلارە دىلشات  ( جۇڭگۇ )
   ئەڭ ياخشى ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى؛  جاڭ مەن مەن ( جۇڭگۇ )
   ئەڭ ياخشى ئالدى ھۇجۇمچى؛ ئەن پاۋا ( تايلاند )
   ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچى؛ يالى شەندىلا( قازاقىستان )
   ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى ؛ دىلارە دىلشات  ( جۇڭگۇ )، جاڭ مەن مەن ( جۇڭگۇ )، Heji An ( كورىيە ) ، ئەن پاۋا (تايلاند)،  يالى شەندىلا( قازاقىستان ).
   ئەڭ ياخشى ئىككىنچى سەپ شەكلى ؛ ۋاڭ خەيمىي  ( جۇڭگۇ )، Wa Sin Cheung ( شىياڭگاڭ )، Yu-Lien Hsu ( تايلاند )، Rujiwan Bunsinprom ( تايلاند )، ساشى گاڭ ( ياپۇنيە ).
   ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى؛  خا ۋېن چىئەن  ( جۇڭگۇ )، Akari Ikemoto ( ياپۇنيە )، Tala Michael ( ئىئوردانىيە )، ۋاڭ چاڭ تېڭ  ( شىياڭگاڭ )،  ئەن پاۋا (تايلاند) قاتارلىق 12 نەپەر تەنھەركەتچى تاللاندى.
  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى  دىلارە دىلشاتنىڭ دۇنيا مۇسابىقىسىدىمۇ ياخشى نەتىجە ئىلىشىغا تىلەكداشمىز.

مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 09:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلارە ۋەتىنىمىزگە شان -شەرەپ كەلتۇرىۋاتىدۇ . ئۇ- ئۇيغۇر  !

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86618
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 09:34:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خۇش خەۋەردىن قەلبىم سۆيۈندى ، ئارىمىزدىن دىلارەگە ئوخشاش نۇرغۇن - نۇرغۇن تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ ، تالانت ئىگىلىرىنىڭ چىقىشغا تېلەكداشمەن !
  
  دېلارەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشىنى تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5307
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1178 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 09:36:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئۈچۈن شان شەرەپ ئەكەپتۇ ...تەشەككۈر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5457
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1566 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 09:53:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېتىمقى ئاسىيا 16ياشلىقلار مۇسابىقىىسىدە    كاماندىنىڭ يادىرولۇق ئەزاسى ئاساسلىق تايانچ كۈچ بۇلۇپ جۇڭگۇ كاماندىسىنى ئاسىيا چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشتۈردى    بۇ شان شەرەپگە ئاسىيادا مۇشۇ سېڭلىمىزدىن مۇۋاپىق نامىزات يوق   ، تېرىشقان تاغ ئاشار دىگەن شۇ    بارىكاللا !!

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 10:05:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلارەگە بەك قايىل بولدۇم ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئۇسسۇللا ئوينىماي ، توپلارنىمۇ ئوينىيالايدىغانلىقىمىزنى خەلقئاراغا تۇنۇتۇپتۇ ، ياشاپ كىتىڭ ، سىڭلىم ! سىز بىزنىڭ پەخرىمىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98195
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1224
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2013-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 10:08:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Img391302479[1].jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 10:38:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توپ ئوينىسىمۇ بولىدىكەنغۇ.

مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95801
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2013-6-5
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 10:38:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوي ئېگىزلىكى 2 مېتىرغا يىقىنلاپ قالا ھە

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10932
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2221 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 10:48:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى،،، ياخشى،،،،،   مۇشۇنداق ئىلگىرلىسە تونىمىغانلار  تونىۋالدۇ..


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش