مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1094|ئىنكاس: 8

يازغۇچى مۇھەممەد باغراش بىلەن سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83964
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 01:50:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى              

يازغۇچى مۇھەممەد باغراش بىلەن سۆھبەت

(سۆھبەت خاتىرىسى)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مۇھەممەد باغراش ئاكا، بىلىشىمچە سىز بىلەن ئەدەبىيات توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۇچۇن ئالدىڭىزغا كەلگەن  تۇنجى كىشى مەن ئەمەس. سىز بىلەن بەزىبىر مەسىىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۇچۇن يىراق سەھرادىن ئاتايىن ئىزدەپ كەلدىم. مەن ئۇچۇن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىشىنى خالامسىز؟

جاۋاپ: ئەلۋەتتە خالايمەن. بىراق، سىزگە ئالدىنئالا شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيايكى،بۇنداق مەسىلىدە سۇئال سورىغۇچى چۇقۇم بىلىملىك بۇلۇشى كېرەك. بىلىملىك، تەپەككۇرغا باي ئادەم يازغۇچىمۇ خىيال قىلمىغان مەسىللەرنى سوراپ، ئۇنىڭ يۇرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلامىدىكى پىكىر دۇردانىلىرىنى قېزىپ چىقرالايدۇ. ناۋادا سۇئال ئاددى، يۈزە مەسىللەر توغرىسىدا بولۇپ قالسا يازغۇچىمۇ شۇنىڭغا لايىق جاۋاپ بېرىدۇ. بۇنداق سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇپ كىتابخانلارنىڭ ۋاقتىنى ئالغاندىن كۆرە، سۆھبەت ئېلىپ بارمىغان ھەم مەتبۇئاتتا ئېلان  قىلدۇرمىغان مىڭ ياخشى.

سۇئال: توغرا دەيسىز. مەنمۇ «ئاتام ئېيتقان بايىقى» دىگەندەك سۆھبەت بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە تەييارلىق قىلىپ ئالدىڭىزغا كەلدىم. ئنشائانلا، كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقىشقا تىرىشىمەن. باغراش ئاكا، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ تىلى نەپىس، تېتىملىق، رەڭدار ۋە ئويناق. بۇ جەھەتتە سىز ئۆزىڭىزگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان يازغۇچى. قارىغاندا ئەسەرلىرىڭىزنىڭ تىلىغا ناھايتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىدىغان ئوخشايسىز. بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟

جاۋاپ: تىل-ئەدەبىياتنىڭ جېنى. تىل بىرىنچى، بىرلەمچى، ئپتىدائى ئامىل. تىلنىڭ پاساھىتى، تىلنىڭ دەللىكى ۋە تىلدىكى يۈكسەكلىك بىر ئەسەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىرلەمچى ئامىل. مەن راستىنلا ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىغا بەك ئشلەيمەن. ئاتا-ئاناممۇ ئانا تىلىمىزدا ناھايتى ياخشى سۆزلەيتتى. شۇلارنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەن كىچىگىمدىن يۇرتىمىزدىكى سالچىلار، بېلىقچىلار، دېھقانلار، ھۈنەرۋەن-كاسىپلار، سۇپى-ئشانلار... ئشقىلىپ ھەر ساھە، ھەرخىل تەبىقىدىكى ئاشۇ كىشلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانمەن. ئەدناسى كوچىدا نان تىلەپ يۈرگەن دىۋانىلەرنىڭ ناخشا-قوشاقلىرىنىمۇ بېرىلىپ ئاڭلايتتىم. يۇرتىمىزدا تىللاخان دىگەن بىر دىۋانە بار ئىدى. ئۇ كىشى تولىمۇ سۆزمەن ئدى. نۇرغۇن شېئىر-غەزەللەرنى، ناخشا-قوشاقلارنى يادا بىلەتتى ھەم كوچىلاردا يۈرۈپ ئشتىياق بىلەن ئوقۇيتتى. كىمنىڭ شېئىرى ئىكەنلىگى ئېسىمدە يوق، ئۇنىڭ ئېيتقان شېئىر-غەزەللىرىدىن مۇنداق بىر مىسرا ئېسىمدە قاپتۇ:

ئەي قۇياش توسما يۈزۈڭنى، تارتما جامالىڭغا نىقاپ...

ماڭا ئاشۇ كىشلەرنىڭ تەسىرى چوڭ بولغان. ئۈچۈنچىدىن، مەن كىچىگىمدىن شېئىر ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم. ئەلشىر نەۋائى، مۇھەممەد سىددىق زەلىلى، بابارەھىم مەشرەپ قاتارلىق كېلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ  قالتىس ھۇزۇرلىناتتىم. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىل ئشلىتىش ماھارىتىنى تەھلىل قىلاتتىم. ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىغا ئاشۇ شائىرلارنىڭ شېئرلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرى بولغان بۇلۇشى مۇمكىن. كېيىنرەك مەن ئۆزبىك يازغۇچىلىرىدن ئابدۇللا قادىرىنىڭ «مېھراپتىن چايان»، «ئۆتكەن كۈنلەر»؛ ئايبېكنىڭ «ناۋايى» قاتارلىق رومانلىرىنى ئوقۇدۇم. ئاشۇ رومانلارنىڭ تىلى ماڭا شۇنداق گۈزەل بىلىنەتتى. ئۇندىن باشقا مەن شوپۇرلۇق قىلىش جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ جانلىق تىلى بىلەن كۆپ ئۇچراشقان. ئۇلارنىڭ تىلى گەرچە قوپال بولسىمۇ لېكىن ساپ ۋە ئېنىق ئىدى. شوپۇرلار شاڭخوچى كېلەتتى. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ  دەللىك دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرلىقىغا دىققەت قىلاتتىم. مانا مۇشۇ تەسىرلەر مېنىڭ تىل ئۇستىسى بولۇپ يېتىلىشىمگە زىمىن ھازىرلىغان.

سۇئال: سىزنىڭ شوپۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تېما قىلىنغان ئەسەرلىرىڭىز خېلى مۇۋەپپىقيەتلىك چىققان. مەسلەن: «سەپداش»،  «ساۋاپ» ، «يادىكار»، «ئادەملەر»، «تەنھا ماشىنا» قاتارلىق ھېكايىلىرىڭىز  ۋە «جەزىرە»، «شوپۇرنىڭ چۈشى»، «ئاھ شوپۇر، ئاھ قىز» قاتارلىق پوۋېستلىرىڭىزدا شوپۇرلارنىڭ ھاياتى قىزغىن ھېسيات بىلەن تەسۋىرلەنگەچكىمۇ ئېيتاۋۇر ناھايتى تەبئى چىققان دەپ قارايمەن. بۇ ئەسەرلىرىڭىزدىكى بەزى ۋەقەلىكلەر ھېلىمۇ نۇرغۇن كىتابخانلارنىڭ يادىدا بار ئىكەن. بۇ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ  بىرى دەل سىزنىڭ دىيارىمىزدا  ماشىنا ئاز بىر زامانلاردا شوپۇر بولغانلىغىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۇشىنىشكە بۇلامدۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ. مەن ئەينى چاغدا  پەقەت بىر يىللا شوپۇر بولغان. ئۇ چاغلاردا كالۇنىمىزدا شوپۇر بولغان ئادەم ئالدى بىلەن ماتۇر ياساشقا (رېمىنۇت قىلىشقا) پىششىق بۇلۇشى كېرەك دەيدىغان قائدە بار ئىدى. شۇڭا مەنمۇ دەسلىۋىدە ئۈچ يىلغىچە ماشىنا رىمنۇت قىلىشنى ئۈگىنىپ ، ئاندىن ئالتە ئاي كونا شوپۇرلارغا شاگىرت بۇلۇپ ( شۇ چاغلاردا شوپۇرلۇقنى ئۈگىنىشنىڭ قائىدىسى شۇنداق ئىدى) ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگەندىم. ئالتە ئاي مۇستەقىل ماشنا ھەيدىدىم. كېيىن مەلۇم سەۋەپ بىلەن ماشىنامغا ئوت كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ماشىنامدىن ئايرىلىپ قالدىم.  كالۇندا مەن ئلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش يىل ئشلىدىم. ئاندىن شوپۇرلۇق بىلەن خوشلاشتىم...ئەينى چاغدىكى يوللار ھازىرقىدىن  كۆپ ناچار، ئاپتۇمبىللارمۇ ھازىرقىدەك ئىلغار ئەمەس ئىدى. شوپۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ جاپالىق بولىدىغان ئاشۇ يىللاردىكى كەچمىشلىرىم مېنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان ئەسلىملەرنى قالدۇرغان. شۇڭا تەبىئى ھالداماڭا پىششىق بولغان  شوپۇرلارنىڭ ھاياتى توغرىسىدا بەزى ئەسەرلەرنى يازدىم.

دىمەكچى، قانداق پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان تېمىنى مۇۋەپپىقيەتلىك يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن قانداق دېتال ، قانداق تۇرمۇشنى تاللاش بۇ پۈتۈنلەي يازغۇچىنىڭ ماھارىتىگە باغلىق. بۇ بەك مۇھىم. بۇنىڭدا چۇقۇم يازغۇچىنىڭ كۈزىتىش ئقتىدارى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەدىئى مۇھىتنى يارىتىش ئۈچۈن تۇرمۇش دېتاللىرنى، پىرسۇناژلارنى تاللايدىغان گەپ. ئەنە شۇنداق تاللاش، پىششىقلاپ ئشلەش ئارقىلىق بىر مۇۋەپپىقيەتلىك ئەسەر يارىتىلىدۇ.

سۇئال: ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ياخشى ھېكايىلەر ئازلاپ كەتكەندەك قىلىدۇ. ھېكايە توپلاملىرىمۇ كەمدىن كەم نەشىر قىلىنۋاتىدۇ. سىزنىڭچە ھېكايە ژانىرنىڭ ئەدەبىياتتا تۇتقان ئورنى قانداق بولۇشى كېرەك؟

جاۋاپ: دەرۋەقە ھازىر ئەدەبىياتىمىزدا ھېكايە ژانىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئون–يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا دىگەندەك ياخشى بولمايۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋال. 1980-يىللىردا بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ئاساسى  سالماقنى ھېكايە ئىگىللەيتتى. 1990-يىللاردىن باشلاپ پوۋېسىت ژانىرى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنىشقا باشلىدى. 2000-يىللاردىن بۇيان ھىكايە-پوۋېستلارنىڭ ئورنىنى رومان ئىگىلىگەندەك قىلىدۇ. ھېكايە ئىنتايىن قىسقا ژانىر بولۇپ، ئۇ يازغۇچىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئخچاملاش، يىغىنچاقلاش، پېرسىلاش ئىقتىدارىنى؛  شۇنداقلا يەنە يۈكسەك دەرىجىدە ئوبرازلاشتۇرۇش، سىمۇۋۇللاشتۇرۇش، تىل ئشلىتىشتىكى ئېنىقلىق، دەللىك، چوڭقۇر مەنا ۋە كۆپ مەزمۇننى قىسقا، ئىخچام سۆز بىلەن ئپادىلەپ بېرىش سەنئىتى ۋە تالانتىنى، ھېچبولمىغاندا تىپىكلەشتۈرۈش ئىقتىدار-قابىيىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان ئاز بىر قىسىم رومانلاردىكىدەك بىر تاغار قۇرۇق گەپ، سۆرەلمىلىك، ئەزمىلىك، چۇۋالچاقلىق ۋە دىتسىزلىقنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. ھېكايە ژانىرىنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ۋە شەرەپلىك. ئۇ ئنتايىن قىسقا ۋە ئخچام بۇلۇشىغا قارىماي، ئۆز ئىچىگە ئالەمچە مەنالارنى سىغدۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىكى يۈكسەك دەرىجىدە تىپىكلەشتۈرۈشتىن ئبارەت بۇ  ئەۋزەللىك ئۆز نۆۋىتىدە ئىنتايىن ئۆلمەس ھاياتى كۈچكە ئىگە خارەكتىر ئىگىلىرىنى (ئۆلمەس ئوبرازلارنى) يارىتىدۇ. مەسلەن:  زۇنۇن قادىرىنىڭ «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدىكى باقى، باھار؛ «چېنىقىش» ھېكايىسىدىكى مەتنىياز، ئىززەتخان؛ زوردۇن سابىرنىڭ «خوشنىلار» ھېكايىسىدىكى سالى، «قەرزىدار» ھېكايىسدىكى تۇرغان لېۋىر؛ مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ «ئايخان» ھېكايىسىدىكى ئايخان، «بۇ چۈش ئەمەس» ھېكايىسىدىكى توختى، گۈلشەن؛  چىخوپنىڭ «غىلاپ بەندىسى» ھېكايىسىدىكى بىلكوپ،«خامىليۇن» ھېكايىسىدىكى ئۇچۇملۇۋ، «چىنۇۋنىكنىڭ ئۆلۈمى» ھېكايىسىدىكى چېرۋەكۇپ، «قۇزام» ھېكايىسىدىكى ئولىنكا؛ مۇپاسساننىڭ «دونداق» ھېكايىسىدىكى دونداق قاتارلىق ئوبرازلار كىشىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان ئوبرازلاردۇر. ھېكايە ژانىرىنىڭ بۇنداق پاجىئەگە يۇلۇقۇشىنىڭ سەۋەبى مېنىڭچە بەزى نەشىرياتلارنىڭ ئىقتىساتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پۇل تېپىشنى كۆزلەپ پەقەت سىياسى چاتاق چىقمىسىلا نىمە بولسا بۇلىۋېرىدۇ دەپ ئالدىغا كەلگەنلىكى ئەسەرلەرنى رومان دەپ نەشىر قىلىشلىرى؛ بەزى تەھرىرلەرنىڭ دىتسىزلىغى ۋە ئەدەبىيات توغرىسىدىكى بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تۆۋەنلىگى تۈپەيلى ياخشى بىلەن ناچارنى ئايرىيالماي، قەغەز توشقۇزۇپ كەلگەن يازمىلارنى قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر رومان دەپ ئات قويۇپ نەشىرگە تەييارلىشى؛ شۇنداقلا بەزى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ تەستىن قېچىپ ئاسىنىغا يۈگۈرىشى، نەچچە يۈز يۈەن قەلەم ھەققى بېرىلدىغان ھېكايىدىن قېچىپ نەچچە مىڭ يۈەن(ياكى نەچچە ئون مىڭ يۈەن) قەلەم ھەققى ئالغىلى بۇلىدىغان ئاتالمىش «رومان»لارغا مايىل بولۇش خاھىشىى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىزدە رومان چۇقۇم بولۇشى كېرەك. يەنە كېلىپ دۆلەت ۋە دۇنيا مىقياسىدا شۆھرەت قازىنالايدىغان مەشھۇر رومانلار بولۇشى كېرەك. بۇنىڭسىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېگىشلىك شان-شەرىپىنى تاپالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىزدىمۇ خۇددى چىخوپ، مۇپاسساندەك داھى يازغۇچىلار يازغان  ھېكايىلەرگە ئوخشاش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مەشھۇر بولغان، ھېچبولمىسا ئومۇمى خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ھېكايىلەر بۇلۇشى كېرەك. بۇنىڭسىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى چىن مەنادىكى مۇكەممەللىگىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

سۇئال: «كەلكۈن» ناملىق پوۋېستىڭىز ئەينى چاغدا كىتابخانلار ئارىسىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلغاندى. ئۇنىڭ خەنزوچە تەرجىمىسىمۇ (سەرلەۋھىسى «كامالىدىن» دەپ ئۆزگەرتىلگەن)  15-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ پوۋېستىڭىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، يەنى ئۆزىڭىزگە تۇنۇش بولغان قانداق بىر ۋەقەنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلغانلىغىنى سۆزلەپ بىرەمسىز؟

جاۋاپ: مەن دەريا بۇيىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. بالىلىقىم تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكەن ئىدى. شۇڭا مېنىڭ تەپەككۇرۇمدا بىرىنچى بۇلۇپ ئەكىس ئېتىدىغىنى تەبىئەت. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بىر ئادەمنىڭ ئېڭىغا تەبىئەت تەسىر قىلغان، يىتەكچىلىك قىلغان بولىدۇ. مەن ئۈچۈن مېنىڭ تەبىئەت بىلەن باغلانغان ئەسەرلىرىم مەن ياخشى كۆرىدىغان، سۆيۈنىدىغان ئەسەرلەردۇر. مەسىلەن: «سەبداش» ناملىق تۇنجى ھېكايەمدە چىنلىق بىلەن يېزىلغان تەبىئەت تەسۋىرى بار. «گۈزەل ۋادى» ناملىق ھېكايەمدە ناھايتى كۈچلۈك شېئىرى پۇراق، تەبىئەت ھەققىدە قىزغىن بىر ناخشا بار. «جەزىرە» ناملىق پوۋېستىمدا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ دەشىت-چۆللۈكلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇنىڭدا پېرسۇناژلارنىڭ ئاڭ ئېقىمى بىلەن پېرسۇناژلار گىرەلىشىپ كەتكەن. مېنىڭ يازغان ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىدە ئالدى بىلەن ئانا تەبىئەت كۆرۈنىشى پەيدا بولۇپ، پېرسۇناژلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

«كەلكۈن» ناملىق پوۋېستىمدىكى تىللاخان ئاتا پورتىرىتى مەۋھۇم ئادەم. لېكىن ئۇ دەل شۇ تەبىئەتنىڭ، مىللى روھنىڭ، ئۇيغۇرچە تەبىئەت ئېڭىنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ پىروتوتىپى بار دىيىلسە، پىروتوتىپى دەل ئانا تەبىئەت.  ئۇ ئانا تەبىئەتنىڭ، مىللى روھنىڭ ئادەملىشىشى. كامالىدىن ئوبرازىنىڭ ئۆزى ئەخلاقىمىزنىڭ  بۇزۇلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى. كىشلەرنىڭ ئېتىقادى سۇسلاپ، مەنىۋى بايلىق ئازلاپ، كىشلەر ھەدەپ ماددى مەئىشەتلەرگە ئۆزىنى ئۇرغانسىرى ئانا تەبىئەتتىن يىراقلاشتۇق. مەسىلەن: «كەلكۈن» ناملىق پوۋېستىمدىكى كامالىدىننىڭ كۆڭلىگە قاچان پۇل ۋەسۋەسىسى چۈشتى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ تەبىئىتى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. نىيتى بۇزۇلۇپ، پۇل ئۈچۈن خەقنىڭ ئۆيىگە ئوت قويدى، نەچچە يىللاپ بىر تەكيىگە باش قويغان ھالال جۇپتى بولغان ۋاپادار خۇتۇنىنىڭ چېچىنى كەستى. پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ ناھايتى تېزلا جىنايەت يولىغا قەدەم قويدى... ئۇ مەن ئۇزاق ئويلىنىپ، ئازاپ ئىچىدە ياراتقان پېرسۇناژ . ئۇنى مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ جاراھىتى دىيىشكە بۇلىدۇ.

سۇئال: «يۈرەكتاغ» ناملىق پوۋېستىڭىزدىكى ئۈچ ئوبراز - ئىلدوس، مىراۋۇش ۋە تۇرەك پىتتىن ئبارەت ئۈچ بالىنىڭ تىراگېديىسى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇ توغرىلىق ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق ئىكەن؟

جاۋاپ: بىز زامانىۋلىشىش جەريانىدا جىق نەرسىلەرنى يوقاتتۇق. ئەمىليەتتە ئۈچ بالىنىڭ ئۆلۈمى بىر قارىساڭ بىر تىراگىدىيە. مىللى ئاڭ، مىللى روھنىڭ خارابلىشىشى، ئۆلۈشى. بىز تەبىئەتنى تاشلىۋەتتۇق. تەبىئەتكە زوراۋانلىق قىلىشىقا باشلىدۇق. تەبىئەتنى سۆيۈشنىڭ ئورنىغا قارشى چىقتۇق. ماھىيەتتە ئاشۇ ئۈچ بالىنى تەبىئەتكە قىلغان خائىنلىقىمىز ئۆلتۈردى. ئۈچ بالىنىڭ ئۆلۈمى يەنە بىر نوقتىدىن قارىساڭ، مىللى روھنىڭ قايتىدىن تىرىلىشى، يارىلىشى بولىدۇ. ئۇلار پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن بىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. ئەجداتنى ئۇنۇتماسلىقنى، تارىخنى ئۇنۇتماسلىقنى، شۇ ئاڭ بىلەن تەۋرەنمەي ياشاشنى ئۈگەتتى. تىراگىدىيىنىڭ يەنە بىر نوقتىسى ئاشۇنداق. بۇ بەك مۇھىم. مەن ئەسىرىمدە كۆتۈرۈپ چىققان مەركىزى ئىدىيە دەل مۇشۇ.

سۇئال: ئەدەبىياتىمىزدىكى تېمالار توغرىسىدا سىزنىڭ قارىشىڭىز قانداق؟

جاۋاپ: ھاياتنىڭ ئۆزى رەڭگا-رەڭ. جەمىئيەتتە ھەممە ئادەم  بىرخىل سۆزلىمەيدۇ، بىر خىل پىكىر قىلمايدۇ، بىر خىل ياشىمايدۇ. ئەمما نۆۋەتتە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى يازغۇچىلار بىر خىل يازىدۇ، بىر خىل تۇرمۇشنى يازىدۇ. بۇنى تېمىدىكى نامراتلىق دىيىشكە بۇلىدۇ. تېپىۋالغىنى ئائىلە مۇناسىۋىتى، ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت... قاتارلىق نەچچە خىللا تېما. ئۇلار مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئۆتكۈر مەسىللەرنى كۆرمەمدۇ ياكى ئۆزىنى قاچۇرامدۇ ۋە ياكى ئۇنىڭغا قۇربى يەتمەمدۇ، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ يازغانلىرى خۇددى مەكتەپتىكى مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بىرخىل فورما كىيىۋالغىنىدەك بىر خىللا ھايات شەكلىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ماھىيەتتە ئەدەبىياتتىكى بىر خىل ئاچلىق. ئەمىليەتتە يازايلا دىسىڭىز بىزدە تېما دېگەن ناھايتى كۆپ، يازغۇچىلىرىمىزنى چەكسىز ئمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. يازغۇچى بولغان ئادەم ئوغرىنى يېزىش ئۈچۈن چۇقۇم ئوغۇرلىق قىلىپ بېقىشى، ھاراقكەشنى يېزىش ئۈچۈن چىلاشقۇدەك ئىچىپ  مەسىت بۇلۇپ بېقىشى، قاتىلنى يېزىش ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈپ بېقىشى كېرەك ئەمەس-ئەلۋەتتە! بۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچى  چۇقۇم ئىژتىمائىي تۇرمۇشنى كۈزىتىشكە، ئۆتكۈر ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى بايقاشقا، ئلھام تۇلپارىنى چاپتۇرۇشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك.  ئەمما بىزنىڭ كۆپ ساندىكى يازغۇچىلىرىمىز ئۆز ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئوي-خىياللىرى، دەرت-ھەسرەتلىرى، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئىنتىلىشى، تەقەززاسى، تەقدىر-قىسمەتلىرى... قاتارلىق مۇھىم مەسىللەرنى كۆرمەيۋاتىدۇ.

سۇئال: باغراش ئاكا، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا 300گە يېقىن رومان نەشىر قىلىندى. ھەتتا بىرەر پارچە ھېكايە ياكى پوۋېسىت ئېلان قىلدۇرماي بىۋاستە رومانغا تۇتۇش قىلىدىغانلارمۇ كۆپىيۋاتىدۇ. سىز خېلى بۇرۇنلا نۇرغۇن  ياخشى ھېكايە-پوۋېسىتلارنى ئېلان قىلدۇرۇپ كىتابخانلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تىرىشچان يازغۇچى ئىدىڭىز . بۇ كەمگىچە ئاللىقاچان نەچچە پارچە روماننىڭ ئىگىسى بۇلۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە بىز سىزنىڭ بىرەر رومانىڭىزنى كۆرەلمىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلەمسز ؟ ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان رومانلىرىمىز توغرىسىدا قانداق ئويلايسىز؟

جاۋاپ: دىمىسىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  ھازىرغىچە نۇرغۇن رومانلار نەشىر قىلىندى. لېكىن ھەقىقى رومان دىگۈچىلىگى بار رومانلار ساناقلىقلا. يۇقۇرىدا دىگىنىمدەك 1980 –يىللاردا ئەدەبىياتىمىزدا ھېكايە قىزغىنلىغى قوزغالغان، نۇرغۇن ياخشى ھېكايىلەر ئېلان قىلنغان. 1990 –يىللاردا پوۋېسىت قىزغىنلىغى پەيدا بولدى. ئۇيغۇر پوۋېستچىلىغى گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى. 2000 –يىللاردىن باشلاپ  رومان يېزىش قىزغىنلىغى پەيدا بولغاندەك قىلىدۇ. ئەمما شۇنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ياخشى رومانلار يەنىلا كەم بۇلىۋاتىدۇ. ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان بەزى رومانلانىڭ سەۋىيسىنى ئەدناسى مۇۋەپپىقيەتلىك يېزىلغان  بىر ئەدەبى ئاخبارات ياكى ھېكايىگىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئاشۇ رومانلاردا  بىر تاغار ۋەقەلىك بار، لېكىن   تەم-لەززەت يوق. سىز ئوقۇپ ھىچقانداق ھۇزۇر ئالالمايسىز. گۇيا نۇرغۇن رومانلارنىڭ باشلىنىشىمۇ بىر خىلدەكلا. ئەينى چاغدا تۈزۈكرەك بىرەر پارچە ھېكايە ئېلان قىلدۇرالماي يۈرگەنلەر مۇشۇ  كۈنلەردە بايىقىدەك ئوقۇغان  كىشىنى بىزار قىلىدىغان، بەدىئى دىتسىزلىغىنى چىۋىقىغا ئالماي نەشىر قىلىنىۋاتقان نەچچە «رومان»نىڭ ئىگىسى بۇلۇپ قالدى. ھازىر نۇرغۇن رومانلاردا پېرسۇناژلار كۆپ، ئادەم سۈرەتلىك قورچاقلار، يەنى سۈنئى ئادەملەر بار، ئەمما ئوبراز بۇلالايدىغان چىن ئادەم يوق بۇلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ھەقىقى رومان دىگۈچىلىگى بار روماننىڭ بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدا تۇتىدىغان ئورنى ئنتايىن يۇقۇرى بۇلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا شۇ مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيان بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ھايات كۆرۈنىشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخى كەچۈرمىشلىرى ئنتايىن كاتتا دەبدەبە، سەلتەنەت ئچىدە نامايان قىلىنىدۇ. ئەپسۇسكى بىزنىڭ ھازىرقى كۆپىنچە  رومانلىرىمىز بۇنداق شەرەپتىن تولىمۇ يىراقتا. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي سۈپەتسىز رومانلار، ئېتى «رومان»، ئەمما خام يازمىلار ئەدەبىياتىمىزنى قاپلاپ كەتمەكتە. بۇنداق دىسەم بەزىلەر گىپىمگە قارشى چىقار بەلكىم، ئەمما بۇ ئەمەلىيەت. ئاز بىر قىسىم ياخشى رومانلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ناچار رومانلار ئەخلەت سۈپتىدە ئاسانلا كىشىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا سۈپەتسىز رومانلارنى نەشىر قىلدۇرغان بەزى ئاپتۇرلارنىڭ قاملاشتۇرۇپ بىرەر پارچە ياخشى ھېكايە يازالىشى ناتايىن.

مېنىڭ رومان يازماسلىقىمدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى، مەن قاچان بۇ يازغىنىم رومانغا ئوخشىدىكىن دەپ قانائەت ھاسىل قىلغاندا ئاندىن ئېلان قىلدۇرۇشۇم مۇمكىن ( ئاللاھ ئىشىمغا ئاسانچىلىق بەرگەي). ھازىرقىدەك بىر قىسىم ئېتى «رومان»لارنى يازغاندىن يازمىغان ياخشى دەپ ئويلايمەن.  تارىخ ھەممىگە ئادىل باھا بېرىدۇ.

سۇئال: سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدە ھېسىيات ئىنتايىن كۈچلۈك، شۇنداقلا يەنە كۆپىنچە ئەسەرلىرىڭىزدىن  شېئىرى پۇراق گۈپۈلدەپ تۇرىدۇ. شەخسەن مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ بەزىدە خۇددى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ، شا مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن. سىز ئادەتتە ئەسەرلىرىڭىزدە شېئىرى پۇراقنىڭ كۈچلۈك بۇلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلامسىز قانداق؟

جاۋاپ: ئېيىتقىنىڭىز توغرا. مەن ھەر قېتىم پوۋېسىت يېزىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالغىنىمدا ئەلىشىر نەۋائى، مۇھەممەد سىددىق زەلىلى، خوجا جاھان ئەرشى، ئابدۇرېھىم نەزارىي قاتارلىق كېلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ چىقىمەن. ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىنىڭ خۇددى شېئىرنىڭ تىلىدەك راۋان، ھېسياتلىق، يېقىملىق بۇلۇشىنى مۇھىم شەرت قىلىمەن.

ئەمەلىيەتتە پىروزا بىلەن پوئىزىيەنىڭ تىلىدا كۆپ پەرق يوق. شېئىرى تىل پەقەت شېئىرغىلا خاس بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە پىروزىغىمۇ ئورتاق. چۈنكى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا يەنىلا «ئەدەبىيات - تىل سەنئىتى». دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچىلاردىن لېۋ تولسىتوي، چىڭغىز ئايتماتوف، رابىندىرانات تاگۇر قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە شېئىرى پۇراق گۈپۈلدەپ تۇرىدۇ. بۇھەقتە مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى ناھايتى توغرا ئېيىتقان: «‹پادىشا نېكۇلاي ئۈستەلگە بىر مۇشت ئۇرغاندا، پۈتۈن ئوردا ئىچى تىترەپ كېتەتتى؛ لېۋ تولسىتوي ئۈستەلگە بىر ئۇرسا، پۈتكۈل رۇسىيە زىلزىلگە كېلەتتى › دىگەن رىۋايەت مۇبالىغە بولمىسا كېرەك. چۈنكى، لېۋ تولسىتوي شېئىر يازمىغان بىلەن چىن شائىر ئىدى.»(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر:«شېئىر ۋە شائىر»ناملىق نەسىرى شېئىرىدىن )

سۇئال: سىز كېيىنرەك يازغان  ھېكايە-پوۋېستلىرىڭىزدا، بۇلۇپمۇ «چۈش قوينىدا قالغان ئىزلار»، «كەلكۈن»، «كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تېخى ئېيتىپ تۈگىمىگەن رىۋايەت» قاتارلىق بىر قىسىم ئەسەرلىرىڭىزدە جانلىق تىل، يەنى يەرلىك دېئالىكىت-شېۋىلەردىن   ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتىڭىز. بۇھەقتە ئويلىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟ ياش ئەدىپلەرگە بۇ توغرىلىق قانداق تەۋسىيىڭىز بار؟  

جاۋاپ: تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ جېنىدۇر. بىرەر پارچە ئەسەرنىڭ مۇۋەپپىقيىتى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تىلنىڭ غەلبىسى، يەنى ئانا تىلنىڭ غەلبىسى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەدەبىياتنى بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا  يۈزدە يۈز پىرسەنىت تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ. تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تولىسى ئەسەرنىڭ تاشقى پوستىنى، قۇرۇلمىسىنىلا تەرجىمە قىلىپ ئپادىلەپ بېرەلەيدۇكى، چىن ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئەڭ يۇشۇرۇن قاتلامىدىكى ئانا تىل بىلەن ئپادىلەنگەن ئەڭ ئچكى، ئەڭ يۇشۇرۇن، ئەڭ تېرەن مەنانى تەرجىمە قىلىپ، ئپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئيتماقچى، بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ ئپادىلەش كۈچى ئىنتايىن قۇدرەتلىك. دەللىك ۋە ئېنىقلىق نوقتىسى ئنتايىن يارقىن. بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا ئىنساننىڭ ئەڭ خۇپيانە ۋە نۇزۇك (نازۇك)، ئەڭ چوڭقۇر قاتلامىدىكى ھېس-تۇيغۇلارنى، ھەتتا باشقا تىللاردا تىلغا چاقىرىپ كەلگىلى بولمايدىغان ئەڭ مەۋھۇم سېزىملارنى ئپادىلەيدىغان، ئپادىليەلەيدىغان توقلۇق ۋە مول تىل زاپىسىغا ئىگە. ئەپسۇسكى ئاتالمىش مەدەنىيەت ئنقىلاۋىدا باشلانغان تىل بۇزۇلۇشى بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ بۈيۈك ئوبرازىغا ئىنتايىن ئەجەللىك ۋە پاجىئەلىك بۇزۇلۇش ۋە بۇلغاشنى ئېلىپ كەلدى. تىلىمىزدىكى بۇخىل تارىخى ۋە يوقىتىش خارەكتىرلىك بۇزۇش ۋە بۇلغاش قىلمىشى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلاشقان بىر قەرنەدىن بېرى ھامان  بىر خىلدا جاھىلانە ۋە ئەسەبىي ھالدا شىددەت بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئانا تىلىمىزنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزدا بۇزۇلۇشى ئىش يۈزىدە مىللىي تەپەككۇرغا ـ مىللىي تەپەككۇر شەكلىگە، مىللىي تەپەككۇر  ئۇسۇلىغا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز ئپادىسىنى تاپىدىغان مىللىي ۋە پەلسەپىۋى ئاڭنىڭ، مىللىي ۋە تارىخى قاراشنىڭ سىستېمىلىق رەۋىشتە ئۈزۈلمەي داۋام ئېتىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا تولدۇرۋالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. رىۋايەت، ئەپسانە، چۆچەكلەر ئەجدادىمىزنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي تەپەككۇر شەكلى ۋە ھاياتى قاراشلىرىنى بىزگە تۇلۇغى بىلەن يەتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭدىكى سېھرى ھېكمەت يەنە شۇ ئەڭ قاتاغى(ھاياتى كۈچكە ئىگە)، قۇدرەتلىك  ۋە ئۆلمەس ئانا تىلىمىزدا ئىپادىلەنگەندۇر. ئانا تىل ـ تارىخ دىمەكتۇر. ئانا تىل  ـ ئانا دىمەكتۇر. ئۇ ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە، تارىخنى ھازىرغا، ئەجداتنى ئەۋلادقا ئۇلاشتۇرىدۇ، باغلايدۇ ھەم تۇنۇتىدۇ. ئانا تىلدىن يۈز ئۆرۈش ئىش يۈزىدە ۋەتەندىن، مىللەتتىن، ئەجداتتىن، تارىختىن يۈز ئۆرۈش دىمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمىزكى، يازغۇچى-شائىرلار ئانا تىل بايرىغىنى مەڭگۈ ئىگىز كۆتۈرۈشى، ئانا تىل بايلىغىنى جېنى بىلەن قوغدىشى، ھەر بىر پارچە ئەسىرىدە، ھەر بىر نۇتىقىدا، ھەر بىر ئېغىز سۆزىدە ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى، شانۇ-شەۋكىتىنى، پاك ۋە غۇبارسىزلىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك. شۇ كۈنلەردە ئانا تىلىمىز ئىنتايىن ئېغىر سىناققا ۋە خىرىسقا يۈزلەنمەكتە. ئانا تىل كىرزىسى تۇيغۇسى تارىخى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ھەر بىر كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردە، جۈملىدىن تەرجىمە ئەسەرلەردە، دەرىسلىكلەردە تىلىمىزنىڭ بۇزۇلۇشى تاقەت قىلىپ تۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. خېلى كۆپ ساندىكى يازغۇچى-شائىرلار،  ئالىم، زىيالىيلار، كەسپى مۇتەخەسىسلەر، ھەم تىل ئۈگۈتۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىندىغان ئوقۇتقۇچى-يېتەكچىلەرمۇ ئانا تىلىمىزدا خام سۆزلەيدۇ، ئەبجەش سۆزلەيدۇ، قوپال سۆزلەيدۇ، گاچىلىشىپ سۆزلەيدۇ، چالا سۆزلەيدۇ، زورۇقۇپ سۆزلەيدۇ، يېقىمسىز ۋە ئېنىقسىز سۆزلەيدۇ. بەزىلىرى ھەتتا ئۇمۇ ئەمەس، بۇمۇ ئەمەس سۆزلىمەيلا قۇيىدۇ ياكى باشقا تىلدا سۆزلەيدۇ. بۇ ئىنتايىن ئاددى، لېكىن ئاچچىق ھەقىقەت سۈپتىدە يۈرىكىمىزنى ئاغرىتىدۇ. مۇبادا ئانا تىلىمىزنىڭ ھالى مۇشۇ تەرىزدە داۋام قىلىۋەرسە، ئۇزۇن ئەمەس يېقىن كەلگۈسىدە پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە دۈچ كېلىشىمىز مۇمكىن. بۇ ماھىيەتتە تارىخنى ئۇنتۇش، ئەجداتنى ئۇنتۇش ھەم ئۆزىنى ئۇنتۇش دىمەكتۇر. كەلگۈسىگە قەدىرلەيدىغان ھېچنىمىسى قالمىغان بىر چىغانى(كۆك نامرات) سىياقىدا يۈزلىنىش دىمەكتۇر. ئۇ ھالدا بىزنىڭ نە قەدرىمىز، نە ئىززىتىمىز، نە ھۆرمىتىمز بۇلار؟ مەن مانا شۇنداق غەم-غۇسسە ۋە ئەندىشە ئىچىدە (ئارتۇقچىدۇر بەلكىم) ئانا تىلىمىزنى دۇغلاپ تۇرغان لاي –لاتقىلار ئارىسىدىن ئىپادىلمەكچى بولغان مەنە ئېھتىياجىغا كۆرە ئەڭ كېرەكلىك، ئەڭ زۆرۈر ۋە ئەڭ ئېھتىياجلىق كونا تىللارنى ئىزدەپ-ئاختۇرۇپ ئۈزەمنىڭ گال ۋە تۇتۇق پىكىر-تەپەككۇرۇمنى نۇرلاندۇرۇش ئىستىكىدە ئەرزىمەس ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردىم. مەن تارىخ تەرىپىدىن شاللىنىپ تاشلانغان ئۆلۈك تىللارنى قايتىدىن   تىرىلدۈرمەكچى ئەمەسمەن ھەم بۇ مېنىڭ قولۇمدىنمۇ كەلمەيدۇ. مەن پەقەت شۇ كۈنلەردە تىل قەھەتچىلىگى ئىچىدە شالغۇتلىشىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە بېيىتىش ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىش ئىستىكىدە پۇچىلنىۋاتىمەن. بۇ دەسلىۋىدە غەلىتە، چۈشىنىكسىز ۋە مەمەدانلىقتەك بىلىنەر بەلكىم. بىراق، بىز تارىخى بۇرۇچ نوقتىسىدا تۇرۇپ چوڭقۇرراق ئويلاپ باقساق،   بۇنىڭ بەكمۇ زۆرۈر ئىكەنلىگىنى، بەكمۇ تەخىرسىز ئىكەنلىگىنى   ئاستا-ئاستا بايقايمىز.

مەن ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ تىل ئۇستىسى دىگەن شەرەپلىك ئاتاققا لايىق ئانا تىل ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋاپكارلىقىنى دەڭسەپ بېقىشىنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.

سۇئال: سىز بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سېھرىي رېئالىزىملىق ئپادىلەش ئۇسۇلىنى دەسلەپ سىناق قىلىپ بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشتىڭىز. سىزنىڭچە سېھرىي رېئالىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟

جاۋاپ: ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا، چوڭقۇر مەدەنىيەت قاتلىمىغا، سىستېمىلاشقان، مۇكەممەل پەلسەپىۋى كۆز قاراشقا ئىگە بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 21-ئەسىردىن ئبارەت خىرىس، رىقابەت ۋە كىرزىس بىلەن سۈپەتلەنگەن يىپيېڭى بىر تارىخى دەۋىرگە قەدەم قويماقتا. بۇ دەۋىرنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىگى ئىقتىسادتا يەر شارىلىشىش، مەدەنىيەتتە كۆپ قۇتۇپلىشىش، تەرەققىياتتا ئۆزگىچە يول تۇتۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيەتلەر تۇقۇنۇشى ئچىدىكى دەۋىردۇر. بۇ دەۋىردە ئۆزىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكى ۋە ھەر بىر مىللەت مەدەنىيىتى جىددى تاللاشقا دۈچ كەلدى. ئۆزىنى ساقلاشتا نۇقۇل ھالدىكى «مۇداپىئە»(بىكىنمىچىلىك) ئاكتىپ چارە ئەمەس. بەلكى «ھۇجۇم»(يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلىشقا ، زامانىۋىلىققا يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىش) تاكتىكىسىلا ھەقىقى ئۈنۈملۈك ۋە بىردىنبىر چىقىش يولىدۇر.«مۇداپىئە» پاسسىپلىقتىن دېرەك بەرسە،«ھۇجۇم» تەشەببۇسكارلىقنى شۇئار قىلىدۇ. شىددەت بىلەن يۇپۇرۇلۇپ  كېلىۋاتقان زامانىۋى ۋە يېڭى مەدەنىيەتكە يۈزلەنگەن ھەرقانداق  مىللەت ۋە ھەرقانداق كىشى ئالدى بىلەن ئۆزىدە بار بولغان مەدەنىيەت ئېنىرگىيىسىنى قېزىشى ۋە ئۇنىڭدىن كۈچ ئېلىشنى بىلىشى  كېرەك. مۇستەھكەم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئارقا تېرىكى بولمىغان ھەرقانداق مىللەت ۋە ھەرقانداق كىشى يىپيېڭى ۋە يات مەدەنىيەت مۇھىتى ئالدىدا يىڭىلگۈچىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىياتتا مىللىتىمىزنىڭ مۇستەھكەم ۋە ئۇزۇن تارىخقا ئگە ئىجتىمائى ۋە پەلسەپىۋى ھايات قاراشلىرىنى قېزىش، ئۇنىڭدىن كەڭرى پايدىلنىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ مىللى مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارى ئېتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا پەقەت خەلقىمىز تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن تارىخى ۋە بەدىئى ۋاستىلەر، يەنى رىۋايەت، ئەپسانە، چۆچەك، ئىپوس ۋە قىسسەلەر ئارقىلىق يېتىش مۇمكىن.

سېھرىي رېئالىزىملىق ئپادىلەش ئۇسۇلىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان نەرسە ئالدى بىلەن شۇ خەلقنىڭ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھاياتى قاراشلىرى، قىممەت قاراشلىرى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى قېزىپ، شۇ خەلقنىڭ تەپەككۇر مەۋقەسى، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇر شەكلىنى قوللىنىپ، شۇ خەلقنىڭ بۈگۈنكى جەمىئيەت ھادىسىلىرىگە، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلىرىگە، تەرەققىيات يولى ۋە جەريانىغا تۇتقان پۇزتىسيىسى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى ئاشكارىلاپ بېرىشتىن ئبارەتتۇر. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا شۇ خەلقنىڭ كۆزى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى كۈزىتىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىنى شۇ خەلقنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، بۈگۈنكى مەدەنىيەتلەر تۇقۇنۇشى مۇھىتى ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىغى ۋە يېتىشسىزلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلىغى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىش دىمەكتۇر. سېھرىي رېئالىزىم ماھىيەتتە رېئالىزىمنىڭ يەنە بىر ئپادىلەش شەكلى بۇلۇپ، ئۇنىڭ جېنى چىنلىقتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا قوللىنىلغان سېھرىي ۋاستىلەر پەقەت چىنلىقنى كۈچەيتىش ۋە يارقىنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ۋاستەدۇركى، ئۇ ھەرگىز ئىختىيارىچە تۇقۇۋالىدىغان بىمەنە تۇقۇلما بولماستىن، بەلكى شۇ خەلق قۇبۇل قىلالايدىغان ۋە ئىشىنەرلىك دەرىجىدىكى ئىككىنچى چىنلىقتۇر. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سېھرىي رېئالىزىمنى قوللىنىش بەكمۇ زۆرۈر. ئۇنىڭ تارىخى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، جۇغراپىيىۋى ئامىللىرى ئۆزىمىزنىڭ ماكان ۋە تۇرمۇشىمىز ئىچىدە مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە. يازغۇچىلىرىمىز مۇبادا تىرىشىپ ئىزدەنسە، تۇرمۇشنى كۈزىتىش نوقتىسىنى يۆتكەشكە جۈرئەت قىلالىسا، ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ قاتماللىق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، رەڭگا-رەڭ ئىپادىلەش شەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى مەھەللىۋى تەپەككۇر دەرىجىسىدىن ھالقىتىپ، دۆلەت ۋە دۇنياۋى تەپەككۇر مۇھىتىغا يېقىنلاشتۇرالايمىز.

سۇئال: سىز ھېكايە-پوۋېسىتلىرىڭىزدا پېرسۇناژلارغا ئۆزگىچە ئىسىملارنى قۇيىدىكەنسىز. بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارامسىز؟

جاۋاپ: مەن ئەسەرلىرىمدە پېرسۇناژلارغا كەمدىن-كەم ئسىم قۇيىمەن، بۇ مېنىڭ ئۆزگىچە ئادىتىم. ئىسىم قۇيۇشقا توغرا كەلگەندىمۇ ئەڭ قەدىمىي، ئاز ئۇچرايدىغان ئىسىملارنى تاللاپ قۇيىمەن. مېنىڭچە بۇنداق قىلىش ئەسەرنىڭ مۇۋەپپيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. مەن ئۇزاقتىن بېرى قانداقلىكى جايغا بارسام شۇ جايدىكى  مەكتەپ، ئاھالىلەر كومېتىتى، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنىتلەرنىڭ نۇپۇس،تېزىملىك دەپتىرىنى كۆرۈپ چىقىپ، قەدىمىي، كەم ئۇچرايدىغان ئىسىملارنى ئۇچىرىتىپ قالسام ئېسىمدە ساقلىۋالدىم ياكى دەرھال خاتىرلىۋالدىم. ئاندىن مۆرىتى كەلگەندە ئاشۇ ئىسىملارنى ئەسەرلىرىمدە پېرسۇناژلارغا ئىشلەتتىم. ئەدەبىي ئىجادىيەت دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا مەلۇمكى، ۋەتەن-خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتكەن ئەدىبلەر چۇقۇم ئۆزى يازغان ھەربىر ئەسەرنىڭ سەرلەۋھىسى، تىلى، بەدىئىلىگى، پېرسۇناژلارنىڭ ئسىمى قاتارلىق ھەممە تەرىپىگە كۈچلۈك ئىجادچانلىق ۋە يۈكسەك جاۋاپكارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بۇلۇپمۇ بۇ زامانمىزدىكى بىزنىڭ ئەدىپلىرىمىزنىڭ قەتئى باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى. مېنىڭ ھېكايە-پوۋېستلىرىمدا مىراۋۇش، ئېلدوس، تۇرەك پىت، بەگقۇلبەگ، كۆركىلە ئىنە، نارىش بوۋا، نەمىتۇل تاسما، دانى ياغچى(«يۈرەكتاغ»)؛ چۈنچىباي، ئاتىللا،(«ئاپئاق ئېچىلغان سۈگەت گۈلى»)؛ نەمىتۇل، سەيپۇل(«ئۈرۇمچىنىڭ جىلۋىسى»)؛ قايىر، مەنسۇر، رازاق سوجاڭ («كۈلرەڭ رەسىم»)؛ ھادى، جامالىدىنباي، غىلاجىدىن،كامالىدىن، تىللاخان ئاتا، ئارتىق، سىياۋۇش، جىلان، رازىق(«كەلكۈن») قاتارلىق ئىسىملارنى تاللاپ ئىشلىتىشىم دەل مۇشۇ سەۋەپتىن. بۇنداق ئىسىملار كىتابخانلارغا ئابا-ئەجداتلىرىمىزنىڭ قانداق ئىسىملار بىلەن ئاتىلدىغانلىغىنى ئەسلىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بەلگىلىك ئىستېتىك زوق بېرىدۇ.

سۇئال: ئون-يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدىكىىگە سېلىشتۇرغاندا بىزدە ھازىر كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئازلاپ كەتتى. گېزىت-ژۇرناللارنىڭ، كىتابلارنىڭ تىراژىمۇ ئازلاپ كەتتى. ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشمۇ سۇسلاپ كەتكەندەك قىلىدۇ. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟   

جاۋاپ: مۇشۇ كۈنلەردە نۇرغۇن  ئادەملەر مەنىۋى بايلىقتىن ماددى بايلىقنى ئەلا بىلىدىغان بولدى. يەنە كېلىپ بىز ناھايتى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكەن بولغاچقا، ھەممە ئادەمدە جاھۋازلىق(ئابرۇيپەرەسلىك)، ماددى ئېچىرقاش كۈچىيۋاتىدۇ، شەخسىيەتچىلىك باش كۆتۈرۈپ، كىتاب كۆرسىمۇ  دەرھال نەپ بېرىدىغان كىتابلارنى كۆرىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر بىزنىڭ ئېتقاد، ئەخلاق قارىشىمىز سۇسلاپ كەتتى. شەخسىيەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق، شەپقەتسىزلىك كۈچىيىپ كەتتى. ھەتتا ئۆز مەخسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق، گۇناھ تۇيغۇسى بولماسلىق، جىنايەتتىن قورقماسلىق قاتارلىقلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاساسى مىلودىيىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

ئەدەبىيات مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. ئادەم، ئىنسانىيەت جەمىئيىتىلا بۇلىدىكەن، ھامان ئەدەبىياتقا مۇھتاج. كىشلەر ھامان ئەدەبىياتنى تېپىۋالىدۇ. ماددىغا تويۇنغاندىن كېيىن مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئەدەبىياتنى ئىزدەيدۇ. پەقەت شۇ چاغدىلا كىشىلەر ئەدەبىياتقا مۇراجەت قىلىدۇ.

سۇئال: سىز1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بىر-بىرىدىن سەرخىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى يازغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدىڭىز. بىراق يېقىنقى 10-15 يىل مابەينىدە ئەسەرلىرىڭىزنى كۆپ ئۇچىرىتالمىدۇق. بۇ مەزگىلدە سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزدە ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلدى دىيىشكە بۇلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

جاۋاپ: راسىت، خېلىدىن بېرى مەن كۆپ يازالمىدىم. بۇ ھەقتە بىر نەرسە دىگۈم يوق. چۈنكى بۇنىڭ ئېيتقىلى بۇلىدىغان ۋە بولمايدىغان بەزى سەۋەپلىرى بار. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا يازغۇچىمۇ ئادەم، ئۇنىڭمۇ جەمىئيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش خۇيى تۇتۇپ قالىدىغان، باتنايدىغان، سۈكۈتتە تۇرىۋالىدىغان چاغلىرى بۇلىدۇ. ئەمما مەن كۆپ يازالمىىغىنىمغا ئۆكۈنىمەن، نىمىگىدۇر تىت-تىت بۇلىمەن، كىتابخانلار ئالدىدا ئۆزەمنى قەرزدار ھېسابلايمەن. بۇ خىل تۇيغۇ ھەمىشە مېنى ئازابلايدۇ.

سۇئال: سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئەڭ مۇۋەپپىقيەتلىك چىققان ئەسىرىڭىز قايسى؟

جاۋاپ: ئاتا-ئانا بولغۇچىغا ھەممە بالىسى چىرايلىق كۆرۈنگەندەك يازغۇچىغىمۇ ھەممە ئەسىرى ياخشى كۆرۈنىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەممە ئەسىرى ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزغان، يۈرەك-قېنىنى سەرىپ قىلغان. مەن يازغان ئەسەرلىرىم ئىچىدە «سەبداش»، «ئادەملەر»، «گۈزەل ۋادى»،«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»، «تۆتقۇلاق»، «كۈلرەڭ رەسىم»،    «ئۈركۈش»،«تەنھا ماشىنا»،            «شوپۇرنىڭ چۈشى»، «ئاقساق بۇغا»، «جەزىرە»، «كەلكۈن»، «يۈرەكتاغ» قاتارلىقلارنى    بىر قەدەر مۇۋەپپيەتلىك چىقتى دەپ قارايمەن.

سۇئال: يېزىقچىلىق ئادىتىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

جاۋاپ:  يازغۇچى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش مەسىلىسىدۇر. نېمىنى يېزىشنى تۇرمۇشتىن ئىزدەش كېرەك.  قانداق يېزىش ئۈچۈن كۆپ كىتاب ئوقۇش، نادىر ئەسەرلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، تەھلىل قىلىپ، ئاشۇ ئەسەرلەردىن ئۈگۈنۈش، ئىلھام ۋە ئۆرنەك ئېلىش كېرەك. مەن ئادەتتە  ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنى كۆپ ئويلاپ كەتمەيمەن ھەم ھىچقانداق نەزىرىيىگە چۇقۇنمايمەن. ئەسلىدە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى دىگەن نەرسىنىڭ ئۆزىنىمۇ يازغۇچى-شائىرلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىشقان. مەن ئادەتتە ھەر كۈنى سەھەردە يېزىشقا باشلايمەن. ناۋادا دەسلەپ قۇلۇمغا قەلەمنى ئېلىشىم بىلەنلا ياخشى يازالىسام توختىماي يازىۋىرىمەن. ئۇنداق بولماي قالسا شۇ كۈنى زورۇقۇپ يازماي كىتاب ئوقۇيمەن ياكى باشقا ئشلار بىلەن مەشغۇل بۇلىمەن. «يۈرەكتاغ» ناملىق پوۋېستىمنى تۆت كۈندە يېزىپ چىققاندىم. بىر كۈنى ئايىغىمنىڭ بۇغۇچىنى چىگىۋاتقىنىمدا   شۇندىن ئۈچ-تۆت يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن كىچىككىنە بىر ئىشلارنىڭ ئۇنتۇلماس خاتىرىسى مېڭەمدە «يالت» قىلىپ ئەكىس ئەتكەندەك بولدى-دە، دەۋرەپ كەلگەن ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە بىرقەلەم بىلەن تېزلا پۈتتۈردۈم.

سۇئال: ئەدەبىياتتا ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئەسەرنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

جاۋاپ: ئەدەبىياتتا ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ قانداق بۇلۇشى بىر ئەسەرنىڭ بەدىئىلىگىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىگىنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەدەبىيات ماھىيەتتە بىرخىل ئۇچۇر شەكلى. يەنى، بىر قەلىبنىڭ ئۇچۇرىنى يەنە بىر قەلىبكە يەتكۈزىدۇ. شۇ ئارقىلىق كىشلەرنىڭ بىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھاياتقا، جەمىئيەتكە، مىللەتكە، تارىخقا، ئەجداتقا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە بولغان قارىشىنى يېڭىلايدۇ، ھەتتا ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئىژتىمائى ئۈنۈمى دەل مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان. ئەدەبىيات جەمىئيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. لېكىن، جەمىئيەت ئەزالىرىنىڭ تەپەككۇر شەكلىنى، تەپەككۇر ئۇسۇلىنى، بىلىش دائىرىسىنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق ئادەملەرنى جەمىئيەتكە ۋە جەمىئيەت ھادىسەلىرىگە يېڭىچە نوقتىدىن، تېخىمۇ يۈكسەك نوقتىدىن قاراشقا يېتەكلەيدۇ. ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي جەمىئىيەت بىلەن بولغان ئالاقە پەللىسىنى بۇيىتىدۇ (بۈيۈكلىتىدۇ)، ئۇلۇغلايدۇ. كىشلەرنى تۇرمۇشقا، ئادەملەرگە، ئۆزىگە يېڭىچە نوقتىدىن قاراشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بولسا ئادەملەردىكى مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزى جەمىئيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە جەمىئيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئەمىليەتتە ئەدەبىياتنىڭ ئادەملەرنىڭ روھىدىكى ئۆزگىرىشىنى قوزغىتىش ئارقىلىق جەمىئيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىگىنىڭ ئالامىتىدۇر. بىر ئۇچۇرنى ئون ئادەم ئون خىل شەكىلدە يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئادەملەرنىڭ مۇشۇ يەتكۈزۈش ئۇسۇلىدىكى پەرىق ئەمىليەتتە  شۇكىشىنىڭ مەسىلىنى كۈزىتىش نوقتىسى، تەپەككۇر شەكلى ۋە تىل ئىشلىتىش ئادىتىدىكى ئوخشىماسلىقلاردىن ئىبارەت.

ئوخشاش بىر ۋەقەنى سەن سۆزلىسەڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالىشىڭ، ئۇلارنى ئويغا سېلىشىڭ، ھەتتا ئۇلارنى ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا كۈلۈشكە مەجبۇر قىلالىشىڭ مۇمكىن. لېكىن مەن سۆزلىسەم ئۇنداق بۇلۇشى ناتايىن. ھەتتا كىشىلەر مېنىڭ سۆزۈمگە كۈلۈش ۋە ئويلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، دىققەت قىلماسلىقى، پىسەنىت قىلماسلىغى مۇمكىن. چۈنكى مېنىڭ شۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشتە قوللانغان ئۇسۇلۇم-ئىشلەتكەن تىلىم سېنىڭكىدەك جانلىق، ئېنىق، ئويناق، يارقىن ۋە قىزىقارلىق بولماسلىغى مۇمكىن. دەل مۇشۇ نوقتىدىكى پەرىق-ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى پەرىقتىن ئىبارەت.  كەسكىن ئېيتىش كېرەككى، بىر ئەسەردە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ قانداقلىغى شۇ ئەسەرنىڭ بەدىئى تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقان، قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىغان، كىشلەرنىڭ بەدىئى ئەدەبىياتتىن بەھىر ئېلىش ئادىتىنى، ئىستىتىك زوقلىنىش قۇۋۋىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتەلىگەن ۋە يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلىگەن يازغۇچى (گەرچە بىر پارچە ئەسىرىدە بولسىمۇ ئۇنى ئىشقا ئاشۇرالىغان يازغۇچى) تۇلۇق مۇۋەپپىقيەت قازانغان يازغۇچىدۇر. ئەدەبىياتىمزدا سادىر بۇلىۋاتقان تېمادىكى بىر خىللىققا  ياندىشىپ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى بىر خىللىق، قاتماللىق، رەڭسىزلىكلەر ئەدەبىياتىمىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇرىدىغان، كىشىنى بىزار قىلىدىغان، زېرىكتۈرىدىغان ئەجەللىك ئامىللار سۈپتىدە كۆزىمىزگە تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ.

ئەلۋەتتە قانداق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش بۇ، پۈتۈنلەي يازغۇچىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. چۈنكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىر خىل ۋاستەدۇركى، ھەرگىز مەقسەت ئەمەس. مەقسەت-يازغۇچىنىڭ قانداق ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشى ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىدۇر. ئۇچۇرنىڭ تەسىرچانلىغىنى-تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يازغۇچى چۇقۇم ئەڭ ياخشى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى تاللىشى كېرەك. سېنىڭ شۇ تاللىشىڭ ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ساڭىلا خاس بىر خىل ئۇسۇلۇب بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىزدە «تىلنىڭ سۈڭىكى يوق» دەيدىغان بىرتەمسىل بار. بۇ دىگەنلىك بىر خىل گەپنى ھەر خىل ئۈن-تاۋۇشتا، ئاھاڭ-رېتىمدا دىيىش مۇمكىن بۇلىدۇ دىگەنلىكتۇر. ئادەتتە ئاڭلىغۇچى سۆزلىگۈچىنىڭ تىلىنى چاينىشىدىن ، ئەزمىلىكىدىن، سۆرەلمىلىكىدىن ئەڭ بىزار بۇلىدۇ. بەدىئى ئەدەبىياتتىمۇ جايىدا قوللىنىلمىغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئوقۇرمەنلەرنى ئوخشاشلا بىزار قىلىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىپادىلەش ئۇسۇلى بەدىئى ئەسەردىكى يەتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچۇر مىقدارى، ئۇچۇر كۈلىمى ۋە ئۇچۇر ئەھمىيىتىنى ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەپسۇسكى ھازىر بىزنىڭ نۇرغۇن بەدىئى ئەسەرلىرىمىز بىرلا خىل شەكىل ۋە بىرلا خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى يېڭىلىق، زامانىۋىلىق(مۇدىرنىستىك)، ئاۋانگارتلىق قاتارلىقلار يوق دىيەرلىك. ئادەتلەنگەن، قاتمال، جانسىز، بىر خىل، ئۆلۈك ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بىر يازغۇچى ئۇ ئىزىم، بۇ ئىزىمنى قوغلاشماستىن، شۇ «ئىزىم»لاردىن پايدىلىنىشنى بىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئىزىمىغا ئايلاندۇرالشى كېرەك. ئاتالمىش ئۇسلۇپ دىگەن دەل مۇشۇ. يازغۇچى بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز توختىماي، ئۆزلۈكسىز، دائىمى رەۋىشتە ھاردىم-تالدىم دىمەي ئىزدىنىشى، ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلىشى ۋە بېيىتىشى، ئادەتلەنگەن تەپەككۇر شەكلى، تەپەككۇر نوقتىسى، تەپەككۇر ئۇسۇللىرى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان تاش قورغاننىڭ ئىچىدىن بۆسۈپ چىقىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ كەرىك (چەكسىز)، تېخىمۇ بىپايان، تېخىمۇ  رەڭگا-رەڭ، ئۆزىگە خاس يول تېپىشقا ئىنتىلىشى لازىم. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ يازغانلىرى جەلىپكار، تەسىرچان، ھاياتى كۈچكە ئىگە بەدىئى ئەدەبىياتقا ئايلىنالايدۇ. بەدىئى سەۋىيە دىگەن دەل  مۇشۇ. ئەدەبى ئەسەرنىڭ بەدىئى قىممىتى ۋە ئىجتىمائى ئۈنۈمى دەل ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىچىلىك ۋە ئەلالىقتىن كېلىدۇ.

سۇئال: سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ئەۋلاد يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. بىراق بىزنىڭ تەتقىقاتچى-ئوبرۇزچىلىرىمىز بۇ مەشھۇر قەلەم ساھىبى ھەققىدە يىتەرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارمىدى. ئاڭلىسام سىز سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى بىلەن كۆپ قېتىم ئەسرار بولغان ئىكەنسىز. بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاپ: ئەدەبىياتىمىز پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك يەنە بىر ھادىسە شۇكى، مەشھۇر يازغۇچى ۋە شائىر  سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى،  ئاتاقلىق شائىر تۆمۈر داۋامەت ئەپەندى قاتارلىق داھى سۈپەت قەلەم ئىگىلىرى ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا مۇئەييەن تۆھپىلەرنى قوشتى ۋە قۇشىۋاتىدۇ. ئەمىليەتتە ئەدەبىيات بۇ دۆلەت ئەرباپلىرى ۋە سىياسىىئۇنلارنىڭ ئۆز خەلقى بىلەن مۇستەھكەم دىل بىرلىگىنى ساقلىيالىشىغا كاپالەت بەرگەن ئەڭ ساخاۋەتلىك سورۇندۇر. يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى ئۇيغۇر پىروزىچىلىغىدا مۇئەييەن ئورۇن ۋە تەسىرگە ئىگە «شانلىق قۇربان»، «تەڭرىتاغ بۈركۈتى»، «سۇتۇق بۇغراخان» قاتارلىق بىرمۇنچە ئەسەرلەرنى بىزگە يادىكار ۋە تەۋەرۈك قىلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىنى يازغىنىمىزدا بۇ ھۆرمەتلىك يازغۇچىنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا قوشقان تۆھپىلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئەدەبىيات پەقەت شائىر، يازغۇچىلىرىنى تۇنۇيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى تەتقىقاتچى-ئوبزورچىلىرىمىزنىڭ دىققەت مەركىزىنىڭ سىرتىدا قالماسلىغى لازىم.

سۇئال: سىز يېقىندىن بېرى ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى بىرقانچە دۆلەتتە زىيارەت ۋە ئىلمى مۇھاكىمىلەردە بۇلۇپسىز. چەتئەللەردە ئەدەبىياتنىڭ تەقدىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

جاۋاپ: مەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەتلىك يازغۇچىلار ۋەكىللەر ئۈمىكىنىڭ تەركىۋىدە پاكىستان، رۇسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، شىۋىتسارىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ۋېنگىريە، نۈرۋىگىيە، لىيۇكسومبوروگ، لېخنىشتىيىن، ۋاتكان قاتارلىق 13 دۆلەتتە زىيارەت ۋە ئىلمى مۇھاكىمىلەردە بولدۇم. تىل تۇسالغۇسى تۈپەيلى چەتئەلدىكى يازغۇچىلار بىلەن كەڭ دائىرىدە مۇڭدىشالمىغان بولساممۇ، لېكىن رەسمى سورۇنلاردىكى تۇنۇشتۇرۇش تەتقىقات دوكىلاتلىرى ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەردىكى ئەدەبىياتنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ئىنتايىن يۈزەكى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم. «11-سىنتەبىر» ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىراق، ئافغان ئۇرۇشى، شۇنداقلا يېقىندا يامرىغان پۇل مۇئامىلە كىرزىسى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ دىققەت نەزەرى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى كىرىم مەسىلىلىرىگە بۇرالغاندەك قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ھەرگىز ئەدەبىياتنى تاشلىۋەتمەپتۇ. ياۋرۇپادىكى ھەرقانداق دۆلەتتە ئايرىدۇرۇم، ۋۇگزال، باغچا ۋە يول بويلىرىدا كىتاب ئوقۇۋاتقان ياش قىز-يىگىتلەرنى، بوۋاي-مومايلارنى ھەر قەدەمدە ئۇچىرتىش مۇمكىن. مەن بېرلىن، پارىژ، رىم، بۇداپىشىت قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە كىشلەرنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىنى قولۇمغا ئېلىپ مۇقاۋىلىرىنى كۆرۈپ باقتىم. كۆپۈنچىسى ئەدەبىى كىتابلار ئىكەن. ئۇلار بىزنىڭ يازغۇچى ئىكەنلىگىمىزنى ئاڭلاپ قىزغىنلىق بىلەن سالاملاشتى ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. ئومۇمەن ئۇلاردا يازغۇچىلار بەك ھۆرمەتلىنىدىكەن، قەدىرلىنىدىكەن. قەلەم ھەققىمۇ ئىنتايىن يۇقۇرى ئىكەن. گېرمانىيەدە بىر گېرمان يازغۇچىسى بىلەن قەلەم ھەققى توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە رومانىنىڭ قەلەم ھەققىگە بىر داچا، بىر ئالىي دەرىجىلىك پىكاپ سېتىۋاپتۇ. ئاشقان پۇلىغا ياۋرۇپادىكى بىرنەچچە دۆلەتنى ساياھەت قىلىپتۇ. ئۇ يەردە ئەسەر ئېلان قىلماق ۋە كىتاب نەشىر قىلماق ئىنتايىن قىيىن ئىكەن. بەدىئى سەۋىيىسى تۆۋەن ئەسەرلەرنى مەتبۇئات ۋە نەشىرياتلار يېقىن يۇلاتمايدىكەن. سۈپەتسىز ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش دۆلەتنىڭ ئابرۇيىغا بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ ئىش دەپ قارايدىكەن. شۇڭا يازغۇچىلارمۇ ئاز ئىكەن، لېكىن ئۇلار ئۆز خەلقى ئارىسىدا ئىنتايىن ھۆرمەتلىنىدىكەن. مۇشۇ ئەھۋال بىزنىڭ ھازىرقى ئەدەبىيات بازىرىمىزدىكى پاخاللىق بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرما. ئۇيەرلەردە ئەسەرنىڭ سانى ئەمەس، بەلكى ئەسەرنىڭ سۈپىتى بىر يازغۇچىغا باھا بېرىشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەم ئىكەن. ئۇ يەرلەردە يازغۇچىلار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇچىرىشىشى كەم ئۇچرايدىكەن. يازغۇچىلار بىزدەك يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ يۈرمەيدىكەن. ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كۆپرەك ھەرقايسى ئۇنۋېرسىتىتلاردا لېكسىيە سۆزلەش، ماتىريال كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى تۇلۇقلاپ تۇرىدىكەن. سانپېتىربورگ(پادىشا يېزىسى) دا پۇشكىن تۇغۇلغانلىغىنىڭ خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن مۇشائىرەگە قاتنىشىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. مۇشائىرە پۇشكىن ھەيكىلىنىڭ ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ، ھىچقانداق تەكلىپسىز ھالدا رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر ساھە خەلقىنىڭ ھەربىرى دىگۈدەك پۇشكىننىڭ بىرەر پارچىدىن شېئىرىنى يادا بىلىدىكەن ھەم دېكلىماتىسىيە قىلالايدىكەن. رۇسىيەدە ھازىرقى كۈنلەردە ئىقتىسادى تۇرمۇش دىگەندەك باياشات بولمىسىمۇ، رۇس ئەدەبىياتى ۋە رۇس يازغۇچىلىرى ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تۇلۇقلاپ تۇرغان بىر روھى تىرەك ئىكەن. 70-80 ياشلىق بوۋاي-مۇمايلاردىن تارتىپ بەش-ئالتە ياشلىق سەبىيلەرگىچە ئۆزلىرىنىڭ يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ ئات-جونىنى ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش ئىلكىدە تىلغا ئالىدىكەن، ئەسەرلىرىنى بىلىدىكەن. بۇ ھال بىزدە ئۇمۇمى خەلقىمىز ئەمەس، ئۇنۋېرستىتلارنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ بىرەر پارچە شېئىرىنى يادقا ئوقۇپ بېرەلمەيدىغان ئەھۋال رۇشەن سېلىشتۇرما-ئەلۋەتتە.

سۇئال: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا قانداق ئويلايسىز؟

جاۋاپ: مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن.  بىلىدىغىنىم، بىزدە يازغۇچى-شائىرلار جىق، لېكىن ياخشى ئەسەرلەر ئاز. بۇنىڭغا سۇخەنچىلىك قىلىش كەتمەيدۇ. بىراق شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كەلگۈسىدە نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا يەنە بىزدىنمۇ نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدىغان ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئېتراپ قىلىدىغان مەشھۇر يازغۇچىلار چىقىشى مۇمكىن. ئەمدىكى گەپ، بىزنىڭ يازغۇچى-شائىرلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش، دۇنياۋى سەۋىيىگە ئېرىشتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شان-شۆھرىتىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تۇنۇتۇش ئۈچۈن كۈچلۈك جاۋاپكارلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان پىداكار روھ بۇلۇشى كېرەك. پەقەت شۇچاغدىلا ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن زور ئۈمۈت كۈتكىلى بۇلىدۇ. ئاخىرقى ھېساپتا پەقەت تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن ئەسەرلەرلا مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.

2011-يىل مارت-ئاپرىل ئۈرۈمچى-ئۇچتۇرپان

(«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 11-سانىدا قىسمەن قىسقارتىلىپ ئېلان قىلىنغان، بۇ قېتىم  تۇلۇق نۇسخىسىنى يوللىدىم)

               



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 05:51:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئوقوپ باقماپتىكەنمەن

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

باشقىلار كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18664
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 05:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەتلىك ئاكىمىزنىڭ «سەبداش» دېگەن ھېكايىسىنى بەك ياقتۇراتتىم. ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. ئامىن...

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە    ئىملاغا دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 06:35:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ يازغۇچىنىڭ نۇرغۇن ھىكايە پوۋىستلىرىنى ئۇقۇغان ،شەپقەتلىك رەببىمىز ياتقان ئورنىنى جەننەتتە قىلسۇن ،ئامىن)يازغۇچىنىڭ دىگىلى بولمايدىغان سەۋەپلەر دىگىنى نىمە سەۋەپ بولغىيدى

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580073
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 06:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇشبۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغىنىڭىزغا تەشەككۈر…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 06:52:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننىتتە بولغاي.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7574
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7706 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 08:35:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ھاياتى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈپتۇ.بىزئۈچۈن شۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى قالدۈرۈپ كەتتى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 10:50:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغراش ئاكىمىز قاچان قازا قىلغان ،مەن ئۇقماي قالدىممۇ يا؟نىمە خەۋەر بۇ؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30498
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3586
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2014-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 05:47:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىم يوللىغان ۋاقتى  2013-12-5 06:50 PM
ئۇشبۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغىنىڭىزغا تەش ...

تەشەككۈر سىز گە ،مۇھەممەدباغراش ئاكىمىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز.

ھەركىىم ئوزتەقدىرىنىڭ تۈمۈرچىسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش