|
|
|
|
رامزاندىكى قەشقەر . ( رامزان ئېيىدىكى قەشقەر ئەسلىمىسى )
. نىيازئەلى ئادىل . مارالبىشى چوڭ بازار،
بىلىق كاۋاپ پۇرايدۇ.
ئاپئاق ساقال، ئاق كىيىملىكلەر،
مارالبىشى چوڭ مەسچىت ئالدى،
ئەرەبتىكى ئاۋات كوچىدەك،
ھەممە مەسچىتكە ئالدىرايدۇ.
ناھىيەدىكى ئۆتۈشمە يولدا،
قىزىل پەردىلىك ئۆي ئىچىدە،
بىر قىز ئۆتكەنلەرنى توۋلايدۇ.
.
دۆڭباغ، پېشىن ۋاقتى،
ھەممە يەرلەر چىلگە پۇرايدۇ.
قوغۇن تاۋۇز، يېمەك ئىچمەك،
ئۇيغۇر سوقمىقى ئەكەلگەن ھارۋا،
پەخىرلىنىپ خېرىدار توۋلايدۇ.
بازار يولى بويىدىكى مەسچىت،
ئىشكىگە قۇلۇپ سېلىقلىق،
ئەرلەر خېرىدار توۋلاش بىلەن،
ئاياللار ئۈستىباش بىلەن،
بارچە يايمىلار ئېچىقلىق.
.
دوغاپ ئىچەر ساقاللىق بوۋاي،
بازار بولدى سېرىقبويادا.
ئاق پولو تۇرۇپ قالدى گېلىگە،
سۇ ئىچىدۇ
توپا قونغان ئەسكى تاۋاقتا.
تومۇز ئىسسىق يۈزىنى يۇيدى،
ئۆزى ئىچكەن ساراڭ دوغاپتا.
يەپ ئىچىدۇ ھەممە تالاشتا،
.
لاي سۇ ئاققان چوڭقۇرچاق،
كىچىك بالىلار بەھۇزۇر ئۈزمەكتە سۇدا.
كۆك ئېشەكنى يىتىلەپ قىزچاق،
غىڭىشىيدۇ تونۇش ئاھاڭدا.
قاتار سېلىنغان ئۆيلەر
رەتلىك ھەم تىزىق،
يەر تەۋرەشتىن قالغان خارابە،
مانا ھازىر يېڭى مەھەللە.
يات پۇرايدۇ قىزىل دەرۋازا،
بەكمۇ تىنىچ بولغىنى قىززىق.
توپا تام ئۆي، توپىلىق يوللار،
ئادەم قاينار تولىمۇ تىنجىق.
.
قەشقەر، بارچە ئاشخانا تاقالغان،
خاتىپ سۆزلەر ھېيتكاھتا؛
( ھېچقايسى يەر قەشقەرچە ئەمەس،
مىسىر، دۇبەي، تۈركىيە، ھەتتا ئەرەپمۇ،
« يىراقتىكى موللا داموللا »
مەنچە ئەمەس چەتئەللىكلەرمۇ،
ئۆز تۇپىرىقىڭ ھەممىدىن ئېسىل،
چەتئەلنى ماختىغانلار كىسپۇرۇش،
چوڭ بىلمەيدۇ سېنى چەتئەللىكلەرمۇ. )
.
ھېيتكاھتىكى پاراڭدىن،
چەتئەللىكلەر بىخەۋەر،
ئۇلار ئاۋارە ئۆز غېمى بىلەن،
يەنە لاي سۇ ئىچىدۇ قەشقەر،
قەشقەر توپىسى ئاققان سۇ،
قەھۋەدىنمۇ ئارتۇق.
ئەمما بۇ رامىزان ئېيى،
قاراپ باقسام،
قەدىمى قەشقەر يۈزىدە تارتۇق.
.
2013 ـ يىلى 11 ـ نويابىر دۈشەنبە
غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى
شىمالدىكى شىۋىرغان
.
نىيازئەلى ئادىل
.
كېچە چىققان شىۋىرغان،
سۈرگۈن قىلدى خازانلارنى.
شەرىقتىكى بۇلۇڭلارغا،
يايلاقتىكى ئازگاللارغا،
گاھى يىلان باغرى يورغىلاپ،
گاھى قۇيۇن بولۇپ پىرقىراپ،
قۇتىرىشار ئاسغالىت يولدا.
بىر قارىسا؛
قۇم ـ توزانلىق سەھرايىكەبىردەك،
بىر قارىسا؛
چاڭ ـ توزانلىق خوتەن، تۇرپاندەك.
ئەمما رەڭگى ئاپئاق ئۇنىڭكى،
كۆكنى سۆيدى پەرىشتىلەردەك.
دۆۋە ـ دۆۋە بارخان ياسىدى،
يايلاقتىكى ئويمان ـ چوڭقۇرغا.
بىر قاراشتا ئوخشايدۇ، خۇددى،
ئاق تون كىيگەن تەكلىماكانغا.
.
تۈنۈگۈنكى شىۋىرغان،
بۈگۈن ئايلاندى لەيلىمە قارغا،
سانسىزلىغان مامىكاپ ئۇرىقى،
ئۇچۇپ يۈرەر سوغۇق ھاۋادا.
گاھ، بىرلىرى ئوخشايدۇ خۇددى،
تويى بولغان گۈزەل قىزچاققا،
گاھ بىرلىرى ئوخشايدۇ يەنە،
ئاق ئېچىلغان لەيلىقازاققا.
لەپ ـ لەپ يېغىپ چۈشىۋاتقان قار،
ئادەملەر تۈگۈلگەنچە قايتار ئۆيىگە.
لالما ئىتلار ئولىشىۋالغان،
ئەخلەت تۆكۈش ۋاگونلىرىغا.
ئېگىز ـ ئېگىز قاڭالتىر ئۆيلەر،
قولتۇقلىشىپ ماڭغان قىز ـ يىگىت،
ئوخشار خۇددى موسكىۋانىڭ كوچىللىرىغا.
بادام دوپپا كىيگەن ئۇيغۇرلار.
ئوخشىمايدۇ ھەرگىز روسلارغا.
مۇزلاپ قالغان قۇلىقى ئۆزىنىڭ،
شۈمشەرىگەن تېنى ئۆزىنىڭ،
ئۆركەشلىگەن قېنى ئۇيغۇرنىڭ،
دوپپا كىيگەن بېشى ئۇيغۇرنىڭ،
ئوخشىمايدۇ ئېسكىموسلارغا.
مۇزلىسىمۇ قۇلىقى، بېشى،
پەرۋا قىلماس شىۋىرغان، قارغا.
.
قار لەپىلدەپ چۈشمەكتە بۈگۈن،
تەڭرىتاغقا، ئابرال تېغىغا.
تەلكە داۋان مۇزلىغان بىلەن،
مۇز داۋاندىن قار كەتمەس ئەسلا.
خانتەڭرى ھەم قار كەتمەس چوقا،
ئەمما جۇدۇن بولدى كەڭسايدا.
قارغا تولدى ئەۋلىيا چوقا.
يەنە باھار كەلسىمۇ بىراق،
ئاھ، مۇز داۋان، خانتەڭرى چوقا،
تۇرار ھامان مۇزنىڭ ئاستىدا.
.
2013 ـ يىلى 21ـ نويابىر پەيشەنبە
غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tvnlirikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-5 01:41 PM
|
|
|
|
|
|