|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى چوڭ - كىچىك، دوس بۇرادەر، ئاكا-ئېنى، ئاچا- سىڭىل قىرىنداشلار،ھەممىڭلارغا كەمىنە نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇردىن ئوتلۇق سالام ۋە ئالىي ئىھتىرام. ئۇزۇندىن بىرى مۇنبەرگە كىرگۈدەك،ھەم سىلەرنىڭ ئىسىل تىمىلىرىڭلارغا باھا،ئىنكاسلارنى يىزىپ پىكىرلەشكۈدەك ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم.قارىسام بۇ مەۋھۇم ئائىلىدىكى قىرىنداشلار خېلىلا كۆپىيىپ قاپتۇ.بۇ مۇنبەردىن ئىبارەت مىھرى ئىسسىق مەۋھۇم ئائىلىمىزنى سىغىنىپ يىقىندا ئىجادىيتىمدە ئىشلەنگەن ماۋۇ تۆت تال ناخشىنى ئىپكەلدىم،بەھىرلەنگەيسىلەر.
خارلانغان سۆيگۈ
تىكسىتى:نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر
مۇزىكىسى:نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر
ئاككورتلاشتۇرغۇچى:ب سىتودىيسى
ناخشىدا تۇرەخمەت ئىسلام
يۈرۈپتىمەن باغلاپ ساڭا ئەقىدە،
رەت قىلدىڭ يار لىكىن مىنىڭ سۆيگۈمنى
ياكى تەقدىر شۇنداقمىكىن بىلمىدىم،
قانداق قىلسام قوبۇل قىلارسەن كۆڭلۈمنى.
خالىي ئەمەس،ئىنسان دىگەن نۇقساندىن،
چۈنكى خام سۈت ئەمگەن بەندە ئەمەسمۇ.
ھازىر كۆڭلۈڭ ماڭا چۈشمەي يۈرگەن بىلەن،
يەنە باشقا بىر ئىنسانغا چۈشمەسمۇ.
ئوخشاتقانتى،ئايغا سىنى كۆزلەرىم،
ئەسلى خاتا كۆرۈپ قالغان ئىكەنمەن.
زەپ خارلاندى پاك غۇبارسىز چىن سۆيگۈم،
ئۆز-ئۆزۈمگە دەيمەن نادان ئىكەنمەن.
ناخشا ئادىرىسى http://www.uzar.cn/music/play.php?mid=319
زارلىما
تىكسىتى:نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر
مۇزىكىسى:نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر
ئاككوردلاشتۇرغۇچى:ئەخمەتجان مۇھەممەتئەلى
ناخشىدا تۇرەخمەت ئىسلام
يۈرۈپتىمەن ئەقىدە باغلاپ،
سىنى ماڭا سادىق دەپ چاغلاپ.
قىلدىڭ كەچكۈز سۆيگۈ بىغىمنى،
يۈرۈكۈمنى ھەسرەتتە داغلاپ.
زەپ قىينالدىم ھەسرەت پىغاندا،
ۋاپا،ئىنساپ يوقمۇ جاھاندا.
سۆيگۈ ئۈچۈن جاپالار چەكسەم،
نىچۈن سۆيگۈم قالدى ئارماندا؟
ۋاپادار دەپ ئويلىغان سىنى،
بەرگەن ۋەدە قەسىىمىڭ قېنى؟
ئىشەندۈرۈپ ساختا سۆيگۈڭگە،
ئەمدى دەرتتە قالدۇردۇڭ مىنى.
خۇش قال نىگار ئەمدى زارلىما،
بولدى يۈرەك سىنىڭدىن خاپا،
مۇھەببىتىم بولسىمۇ چەكسىز،
قىلالمىدىڭ ۋەدەڭگە ۋاپا.
ناخشا ئادرىسى: http://v.youku.com/v_show/id_XNjA3NDk2ODEy.html
سۈرەتلىك: http://v.youku.com/v_show/id_XNjA3NDk2ODEy.html
ئامرىقىم بولغىن
تىكسىتى:نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر
مۇزىكىسى:روزاجى مۇھەممەت
ئاككوردلاشتۇرغۇچى:ئىمام ئابلىمىت
ئابابەكرى مۇھەممەد (سەھەر سىتودىيسى)
ناخشىدا:شۆھرەت ئەيسا
مەن سۇ بولاي بىلىقىم بولغىن.
پەرۋانەڭمەن چىرىقىم بولغىن.
تائابەتكە ئۆتەيلى بىللە،
مەڭگۈ مىنىڭ ئامرىقىم بولغىن.
خالىمايمەن سەندىن باشقىنى،
تاپالماسمەن سەندەك ياخشىنى.
قۇياشىمسەن، يورۇماس سەنسىز،
مەن ئاشىقنىڭ سۆيگۈ ئاسمىنى.
يايرىم سەنچۈن بۇ جېنىم پىدا،
يۈرۈكۈمدىن چىقار شۇ نىدا.
بۇ كەڭ ئالەم زۇلمەتتۇر سەنسىز،
تەقدىر بىزنى قىلمىغاي جۇدا.
ناخشا ئادرىسى: http://www.18yax.com/mp3/play.asp?id=2358
جان ئانا
تىكسىتى:نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر
مۇزىكىسى:ئاككوردلاشتۇرغۇچى:سېمفونىيە سىتودىيسى
ناخشىدا:نۇرفىيە ئەخەت
ئەجرىڭگە كۆز يۇمالماس ھىچكىم،
قولۇڭدىن گۈل ئۈنسۇن جان ئانا.
يولىمىسۇن قايغۇ ئەلەملەر،
خۇشاللىق يار بولسۇن جان ئانا.
سەن بولغاچقا كۆزلەر بولماس نەم،
سەن بولغاچقا بىزدىن يىراق غەم،
ئۆتمەكتىمىز شادلىقتا ھەردەم،
ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن جان ئانا.
سەن بولمىساڭ كۆكلىمەس ھايات،
سەنسىز شىرىن خىياللار بەربات،
سەن بىزلەرگە كۈچ-قۇدرەت،قانات،
تىنىڭ ساغلام بولسۇن جان ئانا.
ناخشا ئادرىسى: http://www.sarkuy.cn/mp3/play/793
بۇ ناخشا يىڭى ناۋا پىروگىراممىسىنىڭ 29-سانىغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ 2-نومۇرلۇق ماھىر ئورۇنلىغان.
بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ. http://www.sarkuy.cn/mtv/play/857
ئىجادىيەتلىرىمگە دوستانە پىكىر تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
|
|
|
|
|
|