مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4681|ئىنكاس: 30

ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات ھەققىدە پاراڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98195
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 485 سائەت
تىزىم: 2013-9-25
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 08:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

16ياشلىق ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات  دۆلەت ياشلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا باشچىلىق قىلىپ ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى ئالدى


  30-نويابىر كەچ،   سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە  ئىلىپ بىرىلغان 3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە. جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى 62-50 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن ياپۇنيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى گۇرپا مۇسابىقە باسقۇچىدا ياپۇنيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىكى ئۆچىنى ئىلىش بىلەن بىرگە   3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىممپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقىدە  بوي ئىگىزلىكى 1.93 مىتىر كىلىدىغان ئوتتۇرا ھۇجۇمچى شىنجاڭلىق ئۇيغۇر قىزى  دىلارە دىلشات 16 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىپ، ئۇ كوماندىدىكى ئەڭ كۆپ نۇمۇر ئالغان تەنھەركەتچى بۇلۇپ قالدى.

            دۆلەت ياشلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ گار ئاستى ھۆكىمىرانى

  جۇڭگۇ كوماندىسى  ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىممپىيۇنلىقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈردى،  بۇ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ تارىختا ئىككىنچى قىتىم بۇ مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشى ھىساپلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ يىل دۆلەت ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى تۈرلۈك مۇسابىقىلىرىدە ياپۇنيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن، يولۋاسنىڭ چىشىنى يۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.  ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭخۇا تەيبىي بىلەن كورىيە بىلەن بولغان ئىككى مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىدە، دىلارە دىلشات ئايرىم-ئايرىم  26 نۇمۇر، 7قىتىم گاردىن قايتقان توپ ۋە 17 نۇمۇر، 7قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.  خەلىقئارا مۇسابىقىدە، بۇنداق سانلىق مەلۇماتنى پەقەت ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچىلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ،  كىسىپ ئىيتىشقا بۇلىدكى؛  دىلارە دىلشات  دۆلەت ياشلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇشدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى.
    1712341v01rb0vu1jk3uz1[1].jpg
   
  بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىىدىكى كۆپ قىسىم تەنھەركەتچىلەر گۇاڭدۇڭ ئاياللار ياشلار كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىلىرى، 16 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى  دىلارە دىلشات دەل بۇ كوماندىنىڭ ئىچكى سىپىنىڭ يادروسى.  2008-يىلى 11 ياشقا كىرگەن دىلارە دىلشاتنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.82 مىتىردىن ئىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئىگىز بوي تۇرقى ۋە بەدەن ساپاسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى تىرىنىرىغا يېقىپ قالغان. نەچچە يىل جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق،  ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ قىزچاق ناھايىتى تىز ئالغا بىسىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرغان.
  2011-يىللىق 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىنى قىزلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە بىردىنلا دىلارە دىلشاتنىڭ نامى چىقىپ كەتكەن. ئۇ چاغدا ۋاسكىتبول مەشىق قىلغىنىغا پەقەت ئۈچ يىل بولغان دىلارە  گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بۇلىشىغا ئاكتىپ ياردەم بەرگەن، ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىدە  23 نومۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان. ئۇ ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 22 نومۇر، 10.5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ نۇمۇر ئىلىش شاھى ۋە گاردىن قايتقان توپ ئىلىش شاھى بولغان. ئۇنىڭدىن سىرىت ئوتتۇرچە گارغا توپ ئىتىپ چۈشۈرۇش نىسپىتى %65 گە يەتكەن،  ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 3.5 قىتىم توپ تارتىۋالغان، ئۇ يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن پۈتۈن كوماندا بۇيىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرغان.
  گۇاڭجۇ كوماندىسى باش تىرىنىرىنىڭ دىلارە دىلشاتقا بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقۇرى؛ « ئۇنىڭ قول سېزىمى سىلىق، يۆتكىلىشى چاققان، بەدىنى قاۋۇل، ئىچكى سەپتىكى كۈچى قالتىس، ھەم نۇمۇر ئالالايدۇ ھەم گاردىن قايتقان توپ ئالالايدۇ.   دۇفىڭدىن كىيىنكى يەنە بىر شىنجاڭلىق گۇاڭدۇڭ ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى، دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان تەنھەركەتچى.  بۇ مۇسابىقە پەسلىدە،  دىلارە WCBA بىرلەشمىسىدىكى چىمپىيۇن شەنشى كوماندىسىغا يۆتكەلدى، يىقىندا كوماندىغا قوشۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈنجى WCBA بىرلەشمىسىگە كىرگەن شىنجاڭلىق تەنھەركەتچى بۇلۇپ قالىدۇ ».
       023447amzwbfyiir2kbjjs[1].jpg
  
  1963-يىلى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى ئالغان، كىيىنكى ئون نەچچە يىلدىمۇ ئىزچىل دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك قوشۇن بۇلۇپ كەلگەن، كىيىن تەدىرىجى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، بۇ ئەسىرنىڭ بىشىدا، نەتىجىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى رەسمىي شىنجاڭ ئاياللار  قول توپى كوماندىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئەمدىلىكتە شىنجاڭنىڭ ۋاسكىتبول تەنھەركىتى پەقەت پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە قانات يايدۇرلىۋاتىدۇ.  بىراق بەدەن ساپاسى ياخشى شىنجاڭ ۋاسكىتبول ئىختىساسلىقلىرى ئۈزلۈكسىز مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا نەزەر تاشلىدى. ئادىلجان سۇلايمان تۇرۇشلۇق 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى بىلەن دۇفىڭ تۇرۇشلۇق گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن باشقا يەنە، چۇڭچىڭ، چاڭشا قاتارلىق جايلاردا گۈلمىھرە قاتارلىق شىنجاڭلىق ئايال ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كۆلەڭگىسنى كۈرۈش مۇمكىن.   دىلارە دەل دۇفىڭدەك ۋاسكىتبول چولپىنىغا يولۇقۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتۈنلەي ۋاسكىتبول بىلەن ئۇچرىشىش باقمىغان كىچىك ئوقۇغۇچىدىن تەدىرىجى ئۆسۈپ يىتىلىپ جۇڭگۇ ئاياللار ۋاسكىتبولىنىڭ ئۈمۈت يۇلتۇزىغا ئايلاندى.

        دۇفىڭنىڭ  تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئاتا ئارزۇسىنى ئاقلاش

  دىلارە بىر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرى بىر ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى ئىدى، بىراق شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا كىرەلمىگەن، كىيىن ھەربىي قىسىمغا كىرىپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن  دۇفىڭنىڭ ھەدىسى بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان ياخشى دوسلاردىن بۇلۇپ شەخسىي شەخسىي مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى. شۇڭلاشقا دىلارە كىچىكىدىن باشلاپلا، دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى  دۇفىڭنى تۇنۇيتتى، بۇ ئۇنىڭ « چوڭ ئۇستاز » سابىق  دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دۇفىڭنى ھۆرمەتلىشىگە كۇپايە قىلاتتى؛ « مەن كىچىكىمدىن باشلاپ دۇفىڭ ئاكامنى ھۆرمەتلەيتتىم، دائىم تىلۋۇزۇردىن ئۇنى كۈرەلەيتىم، شىنجاڭدا ئۇنى تۇنىمايدىغان ئادەم كۆپ بولمىسا كىرەك ».
   دىلارە 11 ياشقا كىرىپلا، بوي ئىگىزلىكى مەكتەپتىكى كۆپ قىسىم ئەر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېشىپ كىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دۇفىڭنى ئىزلەپ تاپىدۇ. شۇ چاغدا دۇفىڭ دىلارەنىڭ بەدەن شارائىتىنى كۈرۇپ، ئۇنى ياخشى تەنھەركەتچى بۇلالايدۇ دەپ قارايدۇ، شىنجاڭدا كەسپىي ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى بولمىغاچقا، دۇفىڭنىڭ تەۋىسىيە قىلىشى بىلەن دىلارەنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى گۇاڭدۇڭغا ئىلىپ بىرىشنى قارار قىلىدۇ.
2008-يىلى، دىلارەنىڭ ئانىسى ئۇنىڭدىن گۇۋاڭدۇڭغا بىرىپ ۋاسكىتبول مەشىق قىلىشنى خالامسىز دەپ سورايدۇ، 11 ياشلىق دىلارە قىلچە ئىككىلەنمىگەن ھالدا ماقۇل بۇلىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاختىدا بۇنىڭدىن كىيىن نۇرغۇن دىمەتلىكلىرىدىن كۆپ جاپالىق مەشىق قىلىدىغىنىنى  قىلچە خىيالغا كەلمەيدۇ. « ئۇ چاغدا مەن ئازراقمۇ توپ ئويناشنى بىلمەيتتىم، كۆپ ئىشلارنىمۇ ئويلىمىغان، مەن قىلالىساملا بولدى دەپ قارىغان، بىراق كۆپ ھاللاردا يەنىلا سىرتقى دۇنياغا قاراش كىرەككەن ».  دىلارە   ئېگىلمەس-سۇنماس روھى بىلەن ئۈچ يىل كەسپىي مەشىقنى قۇبۇل قىلىدۇ.
ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان دادىسىمۇ ۋاسكىتبول مەشىق قىلىپ باققان، دىلارەگە كىچىگىدىنلا  قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان ئىدىيە سىڭدۈرۇلگەن، بۇ تەرەپتىمۇ  دىلارە شەھەردە چوڭ بولغان باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدۇ.
  دۇفىڭ مۇخبىرنىڭ تىلفۇن  زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛  « مەشىقتە بەكمۇ جاپا تارتىدۇ، مۇسابىقىدە بەك  تىركىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن شارائىتىمۇ خىلى ياخشى، بىر ناھايىتى ياخشى مايسا، بۇنىڭدىن كىيىن ئەگەر قەتئىي بوشاشماي تىرىشسا، چۇقۇم بىر مۇنەۋەر ۋاسكىتبولچى بۇلىدۇ ».
  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە  دىلارە دۇفىڭنى ھۆرمەتلەشدىن باشقا يەنە ئۇنىڭدىن كۆپ مىننەتدار؛ « ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمى ۋە ئىلھامى بەك كۆپ، بەك كۆپ، مەن ئىزچىل  ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئۇنىڭ داۋاملىق تىخىمۇ كۆپ چىمپىيۇنلىقنى ئىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ».
  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشاتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى كەسپىي ھاياتىنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىغا تىلەكداشمىز.

  مەنبە ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛http://waskitbol.com/forum.php


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-4 10:58 PM  


شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 10:57:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس . ئۇيغۇرنىڭ پەخرى .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5030
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1418 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 12:28:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر قىزلىرىمىزمۇ بوش ئەمەسكەن،
نەتىجە تىلەيمەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92216
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 02:47:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىگز بولمىغان بولسا ئەپ قۇياتتىم !!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tohtihan1 + 10 ھاڭگا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100042
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 03:46:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيۇم يەنە 10سانتىمىتىر ئۆسكەن بولسا مەنمۇ ۋاسكىتبولچى بولتىم  1.85ولسا

مۇھەببەتسىمان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7452
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 03:57:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن،تېخىمۇ تىرىشىڭ دىلارە.

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5625
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1383 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 05:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن،تېخىمۇ تىرىشىڭ دىلارە.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئېرپان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 6322 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 09:11:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن ....................................

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.

ئاشىق كۈيى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1693
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12284
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 02:22:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
123520 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-5 12:47 PM
ئىگز بولمىغان بولسا ئەپ قۇياتتىم !!

قانداق ؟  بويۇڭ دىلارەنىڭ يېرىمىچىلىك كىلەمدىكەن ؟

بىر ساڭىلا كۈيىدۇ يۈرەك،
خۇددى تىنىم ئوتتا كۆيگەندەك.
بىر جــىنـىـمـغـا بـىـرلا يار كــېــرەك،
يار تۇتـمايـمـەن سـىـنـىـڭـدىن بــۆلــەك.

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 08:41:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
123520 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-5 02:47 PM
ئىگز بولمىغان بولسا ئەپ قۇياتتىم !!

بۇ ئەر ئىزدەش ئېلانى ئەمەسكەن.ساۋادىڭىز باردۇ ھە؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش