كۆڭلۈم يېرىم، پەرىشان ھالىم،
ئۆتۈپ ئېغىر مۇسىبەت باشتىن.
ھەسرەت چېكىپ «يۈرەكتاغ» غەمدە،
تەپچىپ ئاقار يېرىلغان تاشتىن.
«سۆگەت گۈلى» ئېچىلغان سەھەر،
ئەسكە چۈشەر ئۇنتۇلغان كۈلپەت.
پۇراق چېچىپ «تۆتقۇلاق» باغدا،
چىللاپ كېلەر «سەبداش»قا ئۈلپەت.
«ئېگىز بىنا يېنىدا بوتكا»
بېرىپ تۇرار ھاياتقا ساۋاق.
«ياۋا رەيھان» ئېچىلغان كېچە،
چىقار ئەلنىڭ قولىغا تاۋاق.
«ئاقساق بۇغا» يىغلىغان دالا،
«رىزقى» بېرەر «ئالمىچى» ئەرگە.
كۈلۈپ كېتەر «ئادەملەر» بىغەم،
«تەنھا ماشنا» توخىتىغان يەرگە.
«كەلكۈن» باسقان قەدىمىي قىشلاق،
ياتار مۇڭلۇق «جەزىرە» چۈشەپ.
«ساۋاپ» ئىزلەپ «شوپۇرنىڭ چۈشى»،
«كۈلرەڭ رەسىم» دىللاردا لەيلەپ.
كۆڭلۈم يېرىم، پەرىشان ھالىم،
دەردكە تولۇپ چىرايلىق ھايات.
ئەسلەر باغراش ئىپتىخار بىلەن،
پاختا يۇرتى-جەلبكار ئاۋات.
مەنبە :ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-5 02:31 PM