بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققىلى ماڭا خېلى ۋاقىت بولغانىدى.بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە ئىسمى
天才在左,傻子在右،خېلى كۆپ قىسىم.بۇ يازمىلار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئۇسۇلدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىش نىيىتىم بولسىمۇ،باشقىلار قۇبۇل قىلالارمۇ دىگەن پىكىردە ئىزچىل تەرجىمە قىلىشنى خالىمىدىم.ئەمەلىيەتتە كىتاپتىكى ساراڭلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان گۇمانىزىمغا توشقان پىكىرلەر مىنى قورقۇتاتتى.لىكىن يېقىندا بۇ قورقۇنۇچنى،چۈشەنمەسلىكنى تەل-تۆكۈس يېڭىپ كەتتىم.شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ مىسرانىمغا يوللاپ قويدۇم.قېنى مۇنبەرداشلار كۆرۈپ پىكىر بېرىپ باققاي.
تالانتلىقلار ۋە ساراڭلارنىڭ ئارلىقى(1)
ھاياتلىقنىڭ مەنزىلى
بىر روھى كېسەل بار بولۇپ،ئەتىگەندىن كەچكىچە ھېچ ئىش قىلماي ئۇچىسىغا قارا يامغۇرلۇقنى كىيىۋېلىپ،قولىغا كۈنلۈك تۇتقىنىچە ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرىدۇ.ھەتتا ئولتۇرغان يېرىدىن مىدىرلاپمۇ قويمايدۇ.ئەگەر ئۇنى سۆرەپ ئېلىپ ماڭسا پەقەت قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ،ئەمما شۇنداقلا پەيتنى تاپسا يەنە ېرىپ ئاشۇ بۇلۇڭدا بۇرۇنقىدەك ئولتۇرىۋالىدۇ،ئىنتايىن جاھىل.نەچچە روھى كىسەل دوختۇرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ ئالالماي،بۇنىڭغا ئامال يوقكەن دەپ بولدى قىلىشتى.بىر كۈنى بىر پىسخىك كىلىپ،ئۇنىڭدىن گەپمۇ سورىماي،ئۇ كىسەلگە ئوخشاش كىيىنىپ،بىر كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ گەپ سۆز قىلماي ئۇنىڭ قېشىدا ئولتۇدى.كۈندە مۇشۇنداق قىلىپ،ھەش-پەش دىگۈچە بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى،شۇ چاغدا ھېلىقى بىمار ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ،ئاستا پىسخىكنىڭ يېنىغا سۈرۈلۈپ،پەس ئاۋازدا :‹‹سىزمۇ موگومۇ؟››دەپ سورىدى.
بۇنداق يۇمۇرنى مەن بۇرۇنلا ئاڭلاپ بولغان.قىززىقمىكەن؟
ماڭا ئاللىبۇرۇنلا قىززىق تۇيۇلمايدىغان بولۇپ كەتتى.
بۇنداق ئىشنى مەن بۇرۇنمۇ قىلىپ باققان،ئەلۋەتتە مەن پىسخىك ئەمەس،بىمارنى ساقايتالايمەنمۇ دىيەلمەيمەن،ئەمما ئۇ مېنى ئېتىراپ قىلغاندا،مەن ئاندىن ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسىنى،دۇنيا قارىشىنى چۈشىنەلەيمەن.
ئۇ ئەسلى ناھايىتى ياخشى بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەن،كىيىن تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ.كۈندە تاماق يەپ ،ئوبۇرنىغا كىرگەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىرەر تال تاش ياكى ئۆسۈملۈكنىڭ ئالدىغا زوڭزىيىپ،ئۇلارغا قاراپ نېمىلەرنىدۇر ئويلاپ كىتىكەن.بەزىدە ھەتتا شۇ يەردە يېتىۋېلىپ بىر نەرسىلەرنى پىچىرلايدىكەن.ئۇ ھەممىلا نەرسىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدىكەن.بەلكىم بىر تال تاش،بىر تۈپ دەرەخ،ھەتتا بەزىدە ھېچنىمە يوق ،ئۇ بۇ خىل قىلىقنى شۇنچىلىك قەيسەرلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ،باشقا ئادەملەرگە بىر ئېغىز گەپ قىلىپ باقمىغىلى نەچچە يىل بولۇپ قاپتۇ.ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدىكەن.يولدىشى ۋە بالىلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ساراڭ بولايلا دەپ قاپتۇ.
كۆپ قېتىملىق پىكىرلىشىشنىڭ ھېچ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ قېشىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىش قىلىدىغاندىن بىرى پەيدا بولۇپ قالدى.ئۇ بولسىمۇ مەن.
مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرىم مەن يالغاندىن قىلىۋاتىمەن،يانچۇقۇمدىكى ئۈنگە ئالغۇچى قەلەمنىڭ ئۈنگە ئېلىش ئىقتىدارى ھەر زامان ئوچۇق.
بۇ ئون نەچچە كۈن ناھايىتى تەستە ئۆتتى،بىكار قالساملا ئوت چۆپلەر،دەل-دەرەخلەر،تاش-داشقاللارغا قاراپ،يالغاندىن ئۇلارنى ‹‹تەتقىق››قىلدىم.مۇنداق داۋاملىشىۋەرسە،ئۆزەم روھى كېسەللەر دوخترۇخانىسىغا كىرىپ قالىدىغاندەك قىلاتتىم.
يېرىم ئاي ئۆتكەندە ئۇ ئاخرى مىنى بايقىدى،قارىماققا ئۇ ‹‹ئەمدىلا››بايقىغان مەندىن بەكلا ھەيرانلىق ھېس قىلغاندەك تۇراتتى.
ئۇ:‹‹سىز نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟››
‹‹ھە؟مەن نىمىدەپ سىزگە دەپ بەرگىدەكمەن؟سىز نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟››،-دىدىممەن مەنمۇ تېخى ئەمدىلا ئۇنى بايقىغا قىياپەتتە.
‹‹سىز زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟››،-دىدى ئۇ مىنىڭ ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سورىغان سۇئالىمدىن تەمتىرەپ قېلىپ.
‹‹دەپ بەرمەيمەن››،-دىدىممەن داۋاملىق ئالدىمدىكى سولىشىپ قالغان مايسىغا قىزىقىش بىلەن قاراپ.
ئۇ ئاستا مەن تەرەپكە سۈرۈلۈپ،مەن بىلەن بىرلىكتە ھېلىقى مايسىنى كۈزىتىشكە باشلىدى.
مەن قەستەن ئۇ مايسىنى توسىۋېلىپ ئۇنى كۆرگىلى قويمىدىم.
‹‹بۇنى مەن كۆرۈپ بولغان،ۋاي دەپ كەتكىچىلىكى يوق،ئاۋۇ تەرەپتە نۇرغۇنى بار››،-دىدى ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ.
‹‹سىز بىلەلمەپسىز،بۇ ئوخشىمايدۇ››،-دىدىممەن ئۇنى تېخىمۇ قىززىقتۇرۇپ.
‹‹قانداق ئوخشىمايدۇ؟››،-دەپ سورىدى ئۇ قىززىقسىنىپ.
‹‹دەپ بەرمەيمەن.››
‹‹ئەگەر سىز قانداق ئوخشىمايدىغانلىقىنى دەپ بەرسىڭىز،مەن سىزگە ئۆزەمنىڭ بىلىدىغانلىرىنى دەپ بېرىمەن››،-دىدى ئۇ.
مەن سەبىلىك بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم،بۇ چاغدىكى ئىپادەمنىڭ گومۇشلاردىن ھېچقانچە پەرقى يوق ئىدى.
‹‹راسمۇ؟ئەمما سىزنىڭ بىلگەنلىرىڭىز چوقۇم مىنىڭ بىلگەنلىرىمگە يەتمەيدۇ››
‹‹ھەرگىز زىيان تارتمايسىز،مىنىڭ بىلىدىغىنىم بىر چوڭ مەخپىيەتلىك،سىزنىڭكىدىن ئېنىق ياخشى!قانداق؟››،-دىدى ئۇ بالىلارچە كۈلكىسىنى زورىغا بېسىپ.
ئۇ ھازىر ئۆزىنى خېلى ئوبدانلا توختىتىۋېلىپ،مېنى بەزلىگەن تەلەپپۇزدا سۆزلەۋاتاتتى.مىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىممۇ ئۇنىڭغا ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلدۇرۇش ئىدى.
‹‹گېپىڭىز گەپمۇ؟››
‹‹گېپىم گەپ. قېنى سىز ئاۋۋال ئېيتىڭ››
‹‹قاراڭ بۇ مايسىنىڭ ئۇچىدا قۇرۇت باركەن،بۇ مايسا،مۇشۇ قۇرۇتنىڭ يېگەنلىكى سەۋەبىدىن سولىشىپ قالغان››،-دىدىممەن قولۇمنى مايسىنى توسۇشتىن قايتۇرۇپ.
‹‹بۇنىڭ نېمىسى بار؟سىزنىڭ بىلگەنلىرىڭىز ئانچىكىلا ئىش ئىكەن››،-دىدى ئۇ شۇنچىلىكمىتىڭ دىگەندەك قىلىپ.
‹‹سىزنىڭ بىلگىنىڭىزمۇ تايىنلىق ئىش››،-دىدىممەن قايىل بولماي.
‹‹مىنىڭ بىلىدىغىنىم ناھايىتى كاتتا ئىش،تېخى ھېچكىم بايقىمىغان››،-دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.
مەن ئۇنىڭ گېپىگە قىززىقمايدىغان قىياپەتتە داۋاملىق ھېلىقى مايسا ۋە مەۋجۈد ئەمەس قۇرۇتقا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم.
‹‹ئۇنىڭ دەرىجىسى بەك تۆۋەن،تۇقىرى دەرىجىلىك ھاياتلىق ھېساپلانمايدۇ ››،-دىدى ئۇ كۆرەڭلىك بىلەن.
‹‹يۇقىرى دەرىجىلىك ھاياتلىق دېگەن نېمە؟››
‹‹گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ،چوقۇم قورقۇپ كىتىسىز››،-دىدى ئۇ سىرلىق كۈلۈپ.
مەن ئۈندىمىدىم.
‹‹مەن باشتا ئېرەڭشىمەپتىمەن،كىيىن ئوندان ئويلانسام،ئىنساننى دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەسكەن.نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ يەرشارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىلانتلارنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانسىز؟بۇ نېمە ئۈچۈن؟بۇنىڭ ھەممىسى ئىنسانغا ئوخشاش ھاياتلىقنى ئىزدەش ئۈچۈن.››
‹‹بۇنى مەن بۇرۇنلا بىلەتتىم.››
‹‹ئالدىرىماي تۇرۇڭ،مىنىڭ گېپىمنى ياخشى ئاڭلاڭ،مەن باشتا ئىنسانلارغا ئوخشاش ھاياتلىقنى ئىزدەشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقىنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم،بەلكىم ئۇ پىلانىتلاردىكىلەرنىڭ ھەممىسى،ماشىنا ئادەملەردۇر،بەلكىم سىلىتسىي ئېلمىنتى ئاساسىدا قۇرۇلغان ھاياتلىقتۇ،سىز ئىنساننىڭ قانداق ئىلمىنت ئاساسىدا قۇرۇلغان ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟››
‹‹كاربون ئىلمىنتى ئاساسىدا قۇرۇلغان،بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ››
‹‹ۋوي..بىلىدىغىنىڭىز ئاز ئەمەسكەن،مەن باشتا بۇ ئالىملار بەك ئەخمەقكەن،نېمىشقا ئىنسانلار بىلەن ئوخشايدىغان ھاياتلىقنى ئىزدەپ يۈرىدۇ؟دەپ ئويلىدىم.كىيىن كاللامدىن ئۆتتى،ئالىملار ئەخمەق ئەمەسكەن.
ئەگەر ئۇ پىلانىتلاردىكىلەر ئىنسانلار يەر شارىدىكى ئىنسانلارغا ئوخشىمىسا،تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ئوكسىگىن سۈمۈرمەي،كاربونات سۇ بىرىكمىلىرىنى يىمەي،گۈڭگۈرت كىسلاتاسى سۈمۈرۈپ،سولياۋ يەپلا ھايات كەچۈرسە،ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ دىگەن گەپ.ئالىملار ئەخمەق بولمىغاچ ئاۋۋال يەر شارى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان مۇھىت ئىزدەۋاتىدۇ.ھەممەيلەن ئوكسىگىن شۈمۈرۈپ،سۇ ئىچىپ،بەسەي يىسەك،بىزدە ئورتاقلىق بولسا،ھاياتلىق تۈزۈلىشىمىز ئاساسەن ئوخشىسا،ئاندىن پىكىر ئالماشتۇرالىشىمىز مۇمكىنچىلىقى بار،شۇنداقمۇ؟››
‹‹بۇنى سىز بايقىغانما؟››،-دىدىم ئۇنىڭغا ئېتىبارسىزلىق بىلەن قاراپ.
‹‹ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ بايقىشىم ھېسابلانمايدۇ.لىكىن مىنىڭ تەپەككۇرۇم تېخىمۇ تىرەن.ھاياتلىقنىڭ كۆپ خىل شەكلى بولغانىكەن،بەلكىم ئەتراپىمىزدىكى بەزى نەرسىلەرمۇ ھاياتلىق ھىسابلىنىشى مۇمكىن.پەقەت بىز ئۇلارنىڭمۇ ھاياتى بارلىقىنى بىلمەيمىز خالاس.شۇڭا مەن ئۇلارنى تەتقىق قىلىمەن،مىنىڭچە يەر شارىدىنلا باشقا نامەلۇم خىل ھاياتلىقنى تاپقىلى بولىدۇ.››،-دىدى ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ.
‹‹ئۇنداقتا سىز قانداق ھاياتلىقنى بايقىدىڭىز؟››
‹‹چۆمۈلىنى بىلىدىغانسىز؟ئۇلارنىڭ ھاياتلىق شەكلى بىز بىلەن ئوخشىمايدۇ.››،-دىدى ئۇ سىرلىق كۈلۈپ.
‹‹مېڭىڭە ۋا،كىچىك بالىمۇ چۆمۆلىنىڭ قۇرت-قوڭغۇز تىپىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ››
‹‹ئەمما باشقىلار چۆمۆلىنىڭ ھۆجەيرە ئىەنلىكىنى بىلمەيدۇ.››
‹‹ھە؟نېمە ھۈجەيرە؟››
‹‹قانداق؟بىلمەمدىكەنسىز؟مەن سىزگە دېسەم چۆمۈلىنىڭ ھەممىسى بىر ھاياتلىقنىڭ ھۈجەيرىسى.مەن ئۇلارنى شالاڭ ھاياتلىق دەپ ئاتايمەن.خانىش چۆمۆلە مېڭە،ئەسكەر چۆمۈلە بەدەننىڭ قوغداش توقۇلمىسى،ئىشچى چۆمۈلىلەرنىڭ ھەممىسى ھۈجەيرە،ھەم ئېغىز،ھەم قول دېگەندەك.ئۇلار ئوزۇقلۇق ئىزدەش، ئۇچۇر يەتكۈزۈشقاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ،مېڭىنىڭ
نورمال خىزمەت ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.خانىش چۆمۈلە مېڭە رولىنى ئوينىغاندىن سىرت يەنە كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ.ئىشچى چۆمۆلىلەرنىڭ يېمەكلىك توشۇشى ئەمەلىيەتتە قاننىڭ ئوزۇقلۇق توشىشى بىلەن ئوخشاش.ئىشچى چۆمۆلىنىڭ نۇرغۇن رولى بار،ئۇلار يېڭى ھۈجەيرىلەرنى يىتىشتۈرىشى كېرەك يەنى بالا چۆمۈلىلەرنى.چۆمۆلىلەر ئۆز ئارا خەۋەرلىشىشتە يەنىلا خمىيىلىك ماددىلارغا تايىنىدۇ،شۇنداقمۇ؟ئادەممۇ شۇنداققۇ،سىز ھۈجەيرىلەرنى بىرمۇبىر باشقۇرمىسىڭىزمۇ ،ھۈجەيرىلەر ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ئۆزى ھەل قىلىدۇ.چۈشەنگەنسىز؟ئەمەلىيەتتە چۆمۆلىنىڭ ھاياتلىق شەكلى باشقا بىر خىل،ئۇ ھەر گىز ئادەتتىكى قۇرۇت-قوڭغۇز ئەمەس.سىز چۆمۈلە بېقىپ باققانمۇ؟بېقىپ باقمىغانسىز ھەقاچان؟سىز بىر نەچچە تال چۆمۈلە باقسىڭىز،ئۇ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ قالىدۇ،يەيدىغىنىنى ئۈزمىسىڭىزمۇ ئۆلۈپ قالىدۇ،چۈنكى ئۇ مېڭىسىنىڭ قوماندانلىقىدىن ئايرىلىپ قالدى.سىز بىر توپ باقسىڭىز ئۇلار ئاندىن ئۆلۈپ قالمايدۇ. خۇددى ئادەمنىڭ تەن ئورگانىزىمىنى ئېلىپ پەرۋىش قىلغانغا ئوخشاش،پەرق پەقەت تەن ئورگانىزىمىنى پەرۋىش قىلماقنىڭ ئاسانلىقىدا.بىز چۆمۆلىگە قارىغاندا،دائىم پەقەتلا بىر تال چۆمۆلىنىڭ كىتىپ بارغانلىقىغا دېھقەت قىلىۋالىمىز،ئەمەلىيەتتە،بىز تولۇق كۆرمىدۇق!
چۆمۈلە ئەمەلىيەتتە پەقەتلا بىر ھۈجەيرە،پۈتكۈل چۈمۈلە توپى ئاندىن بىر ھاياتلىق!شالاڭ ھاياتلىق!››
بۇ ھەقىقەتەن ئاجايىپ تەپەككۇر ئىدى.لىكىن مىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلگۈم بار ئىدى.
‹‹ئاران مۇشۇما؟››،-دىدىم شۇڭلاشقا ئۇنى داۋاملىق يېتەكلەپ.
‹‹ئەلۋەتتە بۇنچىلىك ئەمەس.تاشمۇ بىر ھاياتلىق بولۇشى مۇمكىن،پەقەت ھاياتلىق شەكلى ئوخشىمايدۇ.قارىماققا ئۇلار ھەرىكەت قىلمايدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەرىكەت قىلالايدۇ.پەقەت بەك ئاستا.ئەمما بىز ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى پاسسىپ ھەرىكەتلەنگەن دەپ قارايمىز.مەسىلەن ،شامالىنىڭ ئۇرۇشىدا،سۇنىڭ ئېقىشىدا،ھايۋانلارنىڭ تىپىشىدا ھەرىكەتلىنىش دىگەندەك.ئەمەلىيەتتە تاش ئۆزىمۇ ھەرىكەتلىنەلەيدۇ،لىكىن ئۇ ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ،چۈنكى ئۇلار قالايمىقان ھەرىكەت قىلسا ئۆلۈپ كىتىشى مۇمكىن.››
‹‹تاش قانداق بولسا ئاندىن ئۆلگەن بولىدۇ؟››
‹‹ئۇپپىرىسا،ئۇپپىراپ تۈگىسە ئۆلگەن بولىدۇ.››
‹‹ئاۋۋال تاشنىڭ ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغاندا،ئاندىن تاشنىڭ ئۆلىدىغانلىقىدىن سۆز ئاچقىلىق بولار؟››
‹‹تاش ئۇپپىرىغاندىن كىيىن قېلىپ قالىدىغىنى توپا،ياكى قۇم،يەر شارى دەل مۇشۇلاردىن تەركىپ تاپقاندۇ؟توپىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن ئاشلىق،سەي ئۈنۈپ چىقىدۇ،ئۇنى ئىنسانلار يەيدۇ.گۆشمۇ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش پەقەت ئارىلىقتا بىر ۋاستە ئارتۇق خالاس.ئىنسان ئۆلگەندىن كىيىن كۈلگە ئايلىنىدۇ،ياكى كۆمۈلۈپ چىرىپ كىتىدۇ،يەنە بېرىپ توپىدىكى ئوزۇقلۇققا ئايلىنىدۇ،ئاندىن ئاشۇ ئوزۇقلۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپا قۇملار بىرىكىپ تاشقا ئايلىنىدۇ،دىمەك تاش ھاياتلىق!››
‹‹بىرىكىپ قالغانغا قانداقسىگە ھاياتلىق بولۇپ قالغۇدەك؟››
‹‹مېڭىمۇ گۆش،نىمىشقا ئۇنىڭدا تەپەككۇر بار؟››،-دىدى ئۇ ماڭا ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ.
مەن تۇرۇپ قالدىم.
‹‹بىلەلمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟بىركىشنىڭ ئۆزىلا ھاياتلىق!ئادەم شۇنداق،چۆمۈلىدىن تەركىپ تاپقان شالاڭ ھاياتلىقمۇ شۇنداق،تاشمۇ شۇنداق،قۇم بىلەن توپا بىرىكسىلا تەپەككۇر پەيدا بولىدۇ،بۇ ھاياتلىق!تاش بىزنىڭ گېپىمىزنى ئۇقمايدۇ،ئۇمۇ بىزنى ھاياتلىق ئەمەس دەپ قارايدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە،بىزنىڭ ھەركىتىمىز بەك تېز،تۇغۇلىشىمىز تېز،ئۆلۈشىمىز تېز.مەسىلەن سىز تاش بىلەن ئۆي سالدىڭىز،بۇ چاغدا تاش تېخى ئۆزگىرىشنى بايقىمايدۇ،نەچچە يۈز يىلدىن كىيىن ئۆي ئاللىقاچان ئۆرۈلۈپ بولغان بولىشى مۇمكىن،تاشلار يەنە ئادەتتىكى تاش،چۈنكى نەچچە يۈز يىل دىگەن تاشنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ھېچقانچە ۋاقىت ئەمەس.تاشنىڭ نەزىرىدە،بىز بىر جايىمىزدا بىر ئۆمۈر تۇرساقمۇ،ئۇ بىزنى بايقىيالمايدۇ،ئۇ بىزنى كۆرەلمەيدۇ،چۈنكى بىزنىڭ بىر ئۆمۈر ۋاقتىمىز ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك قىسقا!››،-دىدى ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ.
مەن ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالدىم.
‹‹قانداق؟ماڭا يەتمەيدىغانسىز؟مىنىڭ ھازىر قىلماقچى بولغىنىم ئامال قىلىپ تاش بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش.بۇ نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،مەن يەنە ئىنسان،تاشقا ئوخشاش باشقا ھاياتلىقلارنىڭ بار يوقلۇقى توغرىسىدا ئىزدىنىمەن.بەلكىم بىز بىلمەيدىغان بىر ھاياتلىق بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا بولۇشى مۇمكىن.بىز كۆرەلمەيۋاتىمىز خالاس.››
مەن داۋاملىق ھېلىقى سولاش مايسىنى يالغاندىن تەتقىق قىلىشنى توختىتىپ،ئۇنىڭغا دەخلى قىلىپ قويۇشتىن قورقۇم،ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىلىق قەدەملەر بىلەن كىتىپ قالدىم.شۇنىڭدىن كىيىن بىرەر ئايچىغۇ دەيمەن،دائىم يول بويىدىكى تاشلارغا دېھقەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە تاشنىڭ ھاياتىنىڭ مەزىلى يوق.
مايماق تەرجىمىسى