مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15537|ئىنكاس: 110

مۇھەممەت باغراش بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 40
مۇنبەر پۇلى : 15952
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7641 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:18:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

F201103310956587196709988.jpg


ئەتتىگەن سەھەردىلا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يۈرۈكۈم مۇجۇپ ئاغرىدى، ئەلۋەتتە ھەر بىر ئىنسان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. ،مىسرانىم تورى خەۋىرى ، يازغۇچى ئاكىلىرىمىزدىن ئاڭلىشىمىزچە مۇھەممەت باغراش ئاكىمىز كۆپ قېتىم خىمىيلىك داۋالىنىۋاتقان ئىكەن ،ئەپسۇس، بۈگۈن 12- ئاينىڭ 4- كۈنى سەھەر 6 دىن 40 ئەتراپىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى!بۈگۈن يەنى 4- دىكابىر ناماز پىشىن بىلەن نوغاي مەسچىتىدە نامىزى چۈشۈرۈلدىكەن، ۋاقىپ بولغايسىزلەر! ئاللاھ ئاكىمىزغا جەننەت ئاتا قىلغاي!گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغاي!

مەرھۇم مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بىلەن تونۇشۇڭ!
مۇھەممەت باغراش ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن، ئىزدىنىش روھىغا باي يازغۇچى. ئۇ 1952 – يىلى قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قارا شەھەردە تاماملىغاندىن كېيىن، 1965 – يىلىدىن 1981 – يىلىغىچە ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس، شىنجاڭ قاتناش نازارىتىنىڭ تۆتىنچى شىركىتىدە شوپۇر، تەشۋىقات بۆلۈم كادىرى، 1982 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە ‹‹شىنجاڭ ئىشچىلىرى›› گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1988 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.

  مۇھەممەت باغراشنىڭ ئەسلى ئىسىم – فامىلىسى مۇھەممەت ئوسمان. ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، باغراش كۆلىنىڭ نامىنى ئىسمىغا قوشۇپ تەخەللۇس قىلغان.

  مۇھەممەت باغراشنىڭ بالىلىق دەۋرى قايدۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قانىتىدىكى گۈزەل بوستانلىقتا ئۆتكەن. ئۇ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دېگۈدەك دوستلىرى بىلەن دەريا بويىغا بېرىپ قوي باققان، مالچىلار، سالچىلار ۋە بېلىقچىلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ شادلىق بىلەن قايغۇ، قەيسەرلىك بىلەن جاپا – مۇشەققەت، ئوڭۇشلۇق بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ئارىلىشىپ كەتكەن ئەمگەك تۇرمۇشىغا قىزىققان. ئۇلارنىڭ ئېتىز – ئېرىق، دەريا بويلىرىنى چاڭ كەلتۈرىدىغان كۈلكە – چاقچاقلىرى، مۇڭلۇق ناخشا – كۈيلىرى ۋە قىزىقارلىق چۆچەك، لەتىپىلىرىگە مەپتۇن بولغان. مۇھەممەت باغراشقا دادىسى ئوسمان ئۇستامنىڭ تەسىرىمۇ ناھايىتى زور بولغان. ئۇنىڭ دادىسى كۆپنى كۆرۈپ نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئادەم ئىدى. ئۇ ئوغلىغا ئۆزى كۆرگەن، ئاڭلىغان ئاجايىپ – غارايىپ ۋەقەلەر، چوڭ شەھەرلەر ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان خەلقلەر توغرىسىدا ئۇزۇن – ئۇزۇن قىسسىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن. مانا بۇلار ئۆسمۈر مۇھەممەتنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، ھايات ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا قارىتا كۈچلۈك مۇھەببەت ئويغاتقان.

  مۇھەممەت باغراش باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا كىتابقا ئىشتىياق باغلىغان. خىلمۇخىل مىللەت يازغۇچىلىرى يازغان ھەمدە تۈرلۈك خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىتابلار گويا جاھاننامىدەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ كەڭ، سەلتەنەتلىك، سىرلىق بىر دۇنيانى نامايان قىلىپ، سەبىي قەلبىنى نۇرلاندۇرۇۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھايات، كىشىلىك دۇنيا، جەمئىيەت ۋە ئادەملەر ھەققىدە ئويلىنىشقا، پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭدا ئۆزگىچە بىر خىل تەسەۋۋۇر قۇۋۋىتى، تەپەككۇر كۈچى يېتىلگىلى تۇرغان. ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتقا، ئادەملەرگە ۋە سادىر بولۇۋاتقان تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە باشقىچە كۆز بىلەن قارايدىغان بولغان. تۇرمۇشنىڭ بەكمۇ گۈزەل، ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھايات سەھنىسىدە ئۆزىگە خاس رول ئېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئىنتايىن رەڭگارەڭ، مۇرەككەپ بىر دۇنياغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. ھايات قاينىمى ئىچىدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە شارائىت دائىرىسىدە ئۆز ئالدىغا بىر قەھرىمان ئىكەنلىكىنى، قانداق ياشاش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئەڭ تۈپكى مەسىلىدە ھەربىرى ئۆزىگە خاس بىر خىل ھايات قارىشىغا، كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، كۆپ سانلىق كىشىلەردە دەۋر ئادەملىرىگە خاس بىر خىل ئورتاقلىق — ھاياتنى، گۈزەللىكنى سۆيۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش، ياخشى نەرسىلەرنى قەدىرلەش، قەبىھلىككە، رەزىللىككە بىردەك نەپرەتلىنىش، ھاياتنى، جەمئىيەتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەلپۈنۈشتەك ئوخشاشلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇ خىل گۈزەل ئارزۇ، يۈكسەك ئىدىيە ۋە غايە بىرلىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ۋە قۇدرەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ خىل يېڭىچە بايقاش ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن، ئۇنى ھايات ھەققىدە، ئادەملەر ھەققىدە تىرەنرەك ئويلاشقا، ئۇلارنى تەتقىق قىلىشقا، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان. ئەتراپىدىكى ئادەملەر ئۇنى ئاجايىپ بىر خىل سېھرىي كۈچ بىلەن ئۆزىگە تارتقان. ئۇنىڭدا ئادەملەرنىڭ ئارزۇسى، ئۈمىدى، قايغۇسى، خۇشاللىقى ھەققىدە ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئىستىكى، ھاياتتىكى كىشى سۆيۈپ قانمايدىغان گۈزەللىكنى، قانچە ئۇلۇغلىسا ئەرزىيدىغان ياخشى كىشىلەرنى، ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى ۋە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى جەمئىيەتكە ئىنكاس قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئادەملەرنى، ھاياتنى، گۈزەللىكنى، ياخشىلىقنى چىن قەلبىدىن سۆيۈشكە، قەدىرلەشكە ئۈندەش تۇيغۇسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن... ئۇ ئەنە شۇنداق خالىس تىلەك تۈرتكىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا قەدەم قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئاۋازىدا، ئۆزىنىڭ تىلىدا، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئاھاڭدا ئۆزى بىلىدىغان ناخشىنى توۋلاش ئىرادىسى بىلەن روھلىنىپ قولىغا قەلەم ئالغان.

  مۇھەممەت باغراش 1980 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىدا ‹‹سەپداش›› ناملىق تۇنجى ھېكايىسىنى ئېلان قىلدۇرغان. بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنىپلا كىتابخانلار ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك ئىلھام بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ ‹‹ساۋاب››، ‹‹رىزقى››، ‹‹ئالمىچى››، ‹‹ئادەملەر››، ‹‹ئېگىز بىناغا يانداشقان بوتكا››، ‹‹مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت››، ‹‹ئاقساق بۇغا›› قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە ئوچېرىك ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەگەك قەلب، ئۆتكۈر كۆزلۈك تىرىشچان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. 1983 – يىلى ‹‹ساۋاب››، 1987 – يىلى ‹‹يادىكار›› ناملىق ھېكايە توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹سوۋغات››، ‹‹سەھەر››، ‹‹يېشىل ۋادا›› قاتارلىق كوللېكتپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ‹‹سەپداش›› ناملىق ھېكايىسى 1981 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ‹‹ساۋاب›› ناملىق ھېكايىسى 1982 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ 2 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ ‹‹ئادەملەر›› ناملىق ھېكايىسى 1986 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ‹‹گۈزەل ۋادا›› ناملىق ھېكايىسى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا نەشر قىلىنىدىغان ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ ‹‹شەندەن›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹‹ئاقساق بۇغا›› ناملىق پوۋېستى يېڭى دەۋر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گېزىت – ژۇرناللارغا بېسىلغان ھەمدە ھاياتى، ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. بەزى ئەسەرلىرى ھەققىدە خەنزۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرى تەرىپىدىن بىر نەچچە پارچە باھا، ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان. ‹‹ئادەملەر››، ‹‹رىزقى›› قاتارلىق ھېكايىلەر ياپون، ھىندى، تايلاند، رومىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەت ئەل كىتابخانلىرىنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

  مۇھەممەت باغراش ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى يېڭى، ئاكتىۋال بولۇپ، ئۇلاردا دەۋر روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مۇھەممەت باغراش كۆپ قاتلاملىق مۇرەككەپ تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلەش ئۈچۈن، رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بېيىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ياسىغان.

  مۇھەممەت باغراش تىرىشىپ ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان يازغۇچى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:34:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىگىمىز مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنى يورۇق قىلغاي ،تىرىكلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ-ئىمان ئاتا قىلغاي .
ئابابەكرى ئەپەندى تىمىدىكى كىشى يازغۇچىمىز شۇما؟ بۇ كىشى مۇنبىرىمىزدىكى ئالىي ئەزاغۇ دەيمەن . مەن ئەمدى بىلدىم . ياكى باشقىلار بۇ سۈرەتنى باش سۈرەت قىلۋالدىمۇ؟

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:35:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ياتقان  يىرنى  جەننەتتىن قىلسۇن .امىن،

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10000
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3398
تۆھپە نۇمۇرى: 690
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:39:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلىرىنى ياختۇرۇپ ئوقۇتاتتىم ، بولۇپمۇ ئادەملەر ، سەبداش نامىلىق ھىيايلىرىگە بەك ئامراق ئىدىم ، چوڭلار كىىتپ بارىدۇ، ...........................................................

قوقۇنۇشلۇق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى قارشى ئالىمىز
wehime.net

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5693
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2242 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:39:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىنىڭ ھېكايىلىرى ئادەمنى ھاياجانغا سالاتتى،  ئويلاندۇراتتى،  ئەسەرلىرى شۇنداق ئېسىل ئىدى،  يازغۇچىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي .....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9626
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2860 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:39:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1257 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:41:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا ‹سەبداش›ناملىق بىر ئەسىرى ئەدەبىيات كىتابىمىزغا كىرگۈزۈلگەنىدى، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44551
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15774 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:44:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھرىبان ئاللاھ ، مەرھۇمنىڭ گۇنايىنى مەغپىرەت قىلغاي ، ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلغاي ...

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92783
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:47:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتكە قېلغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:51:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قابىلجان دەپ ئىسمى بار ئەزا شۇمۇ؟

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش