پۇلغا يارىمايدىغان «بارىكاللا»
بۇرۇنقى زاماندا بىر بېلىقچى دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇۋاتقاندا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان جاۋاھىراتتىن بىرنى سۈزۈۋاپتۇ. كۆڭلىدە « بۇنداق ئاز ئۇچرايدىغان نەرسىنى پادىشاھىمىزغا سوۋغا قىلسام خۇشاللىقىدىن ماڭا نۇرغۇن ئىنئاملارنى بېرىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغان بېلىقچى بۇ جاۋاھىراتنى پادىشاھقا سوۋغاقىلىش ئۈچۈن ئوردىغا يول ئاپتۇ.
بېلىقچىنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن جاۋاھىراتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ھەم نەپىسلىكىنى كۆرۈپ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ بېلىقچىدىن سوراپتۇ:
- بۇ جاۋاھىراتنى نەدىن تاپتىڭ؟
-دېڭىزدىن سۈزۈۋالدىم
-بارىكاللا – دەپتۇ پادىشاھ، يەنە سوراپتۇ:
- بۇ جاۋاھىراتنى ئۆزۈڭ يالغۇز سۈزۈۋالدىڭمۇ؟
- ھەئە پادىشاھىم.
-بارىكاللا- دەپتۇ پادىشاھ ۋە يەنە داۋاملىق سوراپتۇ:
- بۇنى ماڭا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟
- شۇنداق پادىشاھىم.
- بارىكاللا – دەپتۇ پادىشاھ – مەن سوۋغاڭنى قوبۇل قىلدىم ، سەن ئەمدى قايتىپ كەتسەڭ بولىدۇ.
پادىشاھنىڭ ئۆزىگە بىرەر نەرسە ئىنئام قىلىشىنى تەمە قىلغان بېلىقچى بۇ جاۋابتىن كۆڭلى پەرىشان بولۇپ ئوردىدىن يېنىپ چىقىپتۇ.بازاردا كېتىۋېتىپ يول بويىدىكى ئاشخانىلاردىن كېلىۋاتقان مەززىلىك تائاملارنىڭ پۇرىقىدىن ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلگەن بېلىقچى بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ دە بىر كىشىلىك كاۋاپ بۇيرۇتۇپتۇ. كاۋاپنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇئاشخانا خوجايىنىنى چاقىرتىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- ئۇستام، مۇشۇ كاۋاپنى ئۆزىڭىز پىشۇردىڭىزمۇ؟
-ھەئە
-بارىكاللا- دەپتۇ بېلىقچى ۋە يەنە سوراپتۇ:
-قوينى ئۆزىڭىز باققانمۇ؟
- ھەئە
بارىكاللا - دەپتۇ بېلىقچى ۋە داۋاملىق سوراپتۇ:
قويىڭىز قوچقارمۇ ياكى ساغلىقمۇ ؟
قوچقار
- بارىكاللا – دەپتۇ بېلىقچى – كاۋىپىڭىز ھەقىقەتەن تەملىك ئىكەن، مەن تولىمۇ ھۇزۇرلىنىپ يېدىم، ئەمىسە مەن قايتاي.
بېلىقچى شۇنداق دەپ قايتىشقا تەمشەلگەنىكەن، كاۋاپچى ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ دەپتۇ:
- قانداق ئادەمسىز؟ كاۋاپنى يەپ بولۇپ ئۈچ قېتىم قۇرۇق بارىكاللا دەپلا پۇل تۆلىمەي ماڭىدىغان ئىش بارمىكەن؟
بېلىقچى دەپتۇ: بۇ ئۈچ بارىكاللىنى پادىشاھىم ماڭا ھەدىيەقىلغان، پادىشاھ ھەدىيە قىلغان نەرسىنى سىز كۆزگە ئىلمىسىڭىز پادىشاھنى كۆزگەئىلمىغان بولۇپ قالارسىزمىكىن، ئاغزىڭىزغا بېقىپراق گەپ قىلىڭ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ كاۋاپچىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەپتۇ. « سەن بىلەن بۇ يەردە ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم يوق، بۇ دەۋانى پادىشاھىمىز ئۆزىبىر تەرەپ قىلىدۇ» دېگىنىچە بېلىقچىنى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا سۆرەپ مېڭىپتۇ.
دات پادىشاھىم، بۇ كىشى مېنىڭ ئاشخانامدىن كاۋاپ يەپ پۇل تۆلەشنىڭ ئورنىغا قۇرۇق بارىكاللىدىن ئۈچنى ئېيتىپ ماڭماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ بەرگەيلا.
- راست شۇنداقمۇ – سوراپتۇ پادىشاھ بېلىقچىدىن.
- ئۇنىڭ « قۇرۇق بارىكاللىدىن ئۈچنى ئېيىتپ ماڭماقچى دېگىنى يالغان پادىشاھىم، بۇ ئۈچ بارىكاللىنى باياتىن ئۆزلىرى ماڭا ھەدىيە قىلغان، مەن بۇئۈچ بارىكاللىغا ئۇنىڭ ئاشخانىسىن كاۋاپ يېدىم، ئەمما ئۇ بۇ ئۈچ بارىكاللىنى قۇرۇق بارىكاللا دەپ ئۆزلىرىگە ھاقارەت كەلتۈردى.
ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئۆزىنىڭ بېلىقچىنى قۇرۇق يولغا سېلىپ قويغىنىدىن خىجىل بولۇپ كاۋاپچىغا كاۋاپنىڭ پۇلىنى بېرىپ يولغا ساپتۇ.بېلىقچىغا بولسا نۇرغۇن بايلىق ئىنئام قىلىپ يۇرتىغا يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-4 01:33 PM