|
|
|
|
ئاپتور: نىجات ئەكبەر
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزدا ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، يەنى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى تاشلاپ، ئۇيغۇرچە يېڭى ئىسىم قويۇش ئەۋج ئالدى. ھەر نەرسىنىڭ ياخشى يامان تەرىپى بولغىنىدەك، باشقا تىللاردىن ئۆزلىشىپ تىلىمىزغا سىڭىپ كىرگەن سۆزلەر ئىجابىي تەرەپتىن باشقا تىللارنىڭ تىلىمىزغا سىڭىپ كىرىپ تىلىمىزنىڭ شالغۇتلىشىپ، ئاسسىمىلياتسىيەلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا، سەلبىي تەرەپتىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايلا، قالايمىقان ئىسىملارنى قويۇش ۋە ئۆزى قويغان ئىسىمنى قاتتىق تەشۋىق قىلىش، بىر خىل ئاتالغۇنى قارىقويۇق نەچچە خىل ئاتاپ بېقىش، ئۆزلىشىپ بولغان ئىسىملارنى ئۆچمەنلىك بىلەن «پىپەن» قىلىپ، ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرۇش... قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەردى. مەسىلەن: 挖掘机 ،炒面 ،微信 ،推土机... قاتارلىق ئاتالغۇلارنى قېزىش ماشىنىسى، قازغۇ، ئۈسكەك، ئىتتەرگۈ، چۆپقورۇما، قورۇما، بوسو... دېگەندەك ئاتاپ باقتى. ئەمما خەلقنىڭ ئاغزىغا تولۇق سىڭىپ كىرەلمىدى؛ «ۋېيشىن» ئاتالغۇسى تولا تالاش-تارتىشتا قېلىپ، ئاخىرى «ئۈندىدار» ئاتالغۇسى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن كىشىلەرگە سىڭىپ رادىيو-تېلېۋىزىيەلەردە شۇ بويىچە ئېلىندى. ئەمما ئۇنى قوللىمايدىغانلار تا ھازىرغىچە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.
2009-يىلى يېڭى تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى» دە، رۇس تىلىدىن كىرگەن «-ىئو، -ىئا» بىلەن ئاخىرلاشقان بەزى سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ «رادىيو، پىيانىنو، خىرىستىيان» دېگەندەك ئاتاش بېكىتىلدى. ئەمما بۇنىڭغىمۇ قارشى چىقىپ «زادى رادىئو دېيىش كېرەك» دېگەنلەرمۇ بولدى. ئۈرۈمچى شىنخۇا جەنۇبىي يولىدىكى «رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ۋىۋىسكىسى يېڭى ئىملا بىلەن توغرىلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە ۋىۋىسكىغا قاراپ :«يائاللا، بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ نامىنىمۇ خاتا يېزىپتۇ... ‹رادىئو› نى ‹رادىيو› دەپ يېزىپ قويۇپتۇ» دېگەنلەرنى كۆپ ئۇچراتتىم.
ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ يا ئۆزىمىز ياسىغان سۆزنى ياراتمىساق، يا تىل-يېزىق كومىتېتى بېكىتكەن ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلمىساق... بىزنىڭ ئانا تىل-يېزىقىمىز زور خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىۋەرسە، ئانا تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇش، ساقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تەمسىز، مەنىسىز تەركىبلەر كۆپىيىپ، ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى «ئەخلەتخانا» غا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئىش ھە بىرىمىز قاتتىق ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.
*** *** ***
يېقىندا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور يېتەكچىسى مۇھەممەترېھىم سايىت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىققا باشلاش» دېگەن كىتابىنى كۆرۈۋېتىپ، بىر مەزمۇننى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇنىڭدا «كومپيۇتېر»، «ديەنناۋ»، «جىسۇەنجى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان «كومپيۇتېر» ئاتالغۇسىنى تۈركچىدىن ئىلھام ئېلىپ «بىلگەسانار» دەپ ئاتاش تەشەببۇس قىلىنغانىكەن. تۆۋەندىكىسى مەزكۇر كىتابتىكى «بىلگەسانار» ئاتالغۇسى چۈشەندۈرۈلگەن بېتىنىڭ رەسىم نۇسخىسى: (بىر مېگابايتتىن چوڭ رەسىم يوللىغىلى بولمىغانلىقتىن، ئەسلى رەسىمنى كۆپ كېسىپ تارايتىۋەتتىم.)
يەنە بىرى، يېقىندا «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنى ئوقۇۋېتىپ، ش ئۇ ئا ر تىل-يېزىق كومىتېتى قاتناش ۋە شوپۇرلۇققا ئائىت قېلىپلاشتۇرۇلۇپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ چىقتىم. تۆۋەندىكىسى يېڭى بېكىتىلگەن ئاتالغۇلارنىڭ بىر قىسمى:
خەتلەرئوچۇق كۆرۈندىمۇ؟ بۇنىڭدا كىشىنى ئەڭ ئۆزىگە تارتىدىغىنى «مەكتەپ ئاپتوبۇسى» ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان «ئوقۇلبۇس» ئاتالغۇسى دەپ قارىدىم.
*** *** ***
يۇقىرىقىلار پەقەت مىسال ئۈچۈن بېرىلدى. ئەمدى بىز مۇنازىرىنى باشلايلى. 1-پارچە رەسىمنىڭ تۆۋىنىدىمۇ «ئاتالغۇ خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز، ئاتالغۇ ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىز زور خىرىسقا كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىقتا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماي، ئىلمىي ھالدا يېڭى سۆزلەرنى ياساپ، ئۇيغۇر تىل بايلىقىنى ئاشۇرغىلى، بېيىتقىلى بولىدۇ؟
باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنى ئۆز پېتى قوللىنىش كېرەكمۇ ياكى تىلىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ يېڭى پەيدا بولغان ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش كېرەك؟
ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىق ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟
ئۆزىڭىز «پالانى ئاتالغۇنى پالانى دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولىدۇ» دېگەن خىياللىرىڭىز بارمۇ؟
ئۇنداقتا بىز «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىق» ھەققىدە مۇنازىرىمىزنى باشلىۋەتسەك قانداق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ehrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-3 09:14 PM
|
|
|
|
|
|