سىناق
فېليەتون
ئابلىز ئىبراھىم دولان
A: ئىدارە باشلىقى چىرىك ئەمەس، ئىستىلىمۇ خېلى دۇرۇس، پەزىلەتلىك ئادەم جۇمۇ.
B: ‹‹ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ››
A: بۇ نېمە دېگىنىڭىز بۇرادەر، ئۇنىڭدىنگۇمانلىنىۋاتامسىز نېمە؟
B: ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى ئەمەلىيەت دەپتىكەن،ئۇنداقتا ئۇنى بىر سىناپ كۆرمەيلىمۇ؟
A: قانداق سىنايمىز؟
B: ھازىر مۇنداق بىر ئىش چىقىپتۇ. يەنى يانفۇنقىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ ئاۋال مەقسىتىمىزنى ئۇقتۇردىكەنمىز. ئاندىنباشلىقنىڭ بانكا ھېسابات كارتا نۇمىرىنى سوراپ ئۇچۇر قىلىدىكەنمىز. ئەگەر ئۇ قىسقائۇچۇر ئارقىلىق كارتا نۇمىرىنى يوللاپ بەرسە ئىش پۈتكەن بولىدىكەن. بولمىسا ئىشئەپلەشمىگەن بولىدىكەن.
A: كارتا نۇمىرىنى يوللاپ بەرگەندىن كىيىنقانداق قىلىدىكەنمىز بۇرادەر؟
B: مەخپىي نۇمىرى قانچە، دەپ ئۇچۇرقىلىدىكەنمىز. بۇ يەردىكى مەخپىي نۇمۇر پارا سوممىسىنى كۆرسىتىدىكەن. مەخپىينۇمىرنى يوللاپ بەرگەندىن كىيىن بىز شۇنچىلىك پۇلنى ئۇنىڭ كارتىسىغايۆتكىۋېتىدىكەنمىز. شۇنداق بىخەتەر، شۇنداق قولاي ئۇسۇلكەن. قانداق سىناپكۆرىمىزمۇ؟
A: مەيلى سىناپ كۆرەيلى، لىكىن كۆڭلۈم تۇيۇپتۇرىدۇ ئۇ سىناقتىن چۇقۇم ئۆتۈپ كېتىدۇ.
B: ئۇنداق ئاسان ھۆكۈم قىلغىلى بولماس.بولمىسا ئىككىمىز تىكىشىپ باقايلى، ناۋادا ئۇ سىناقتىن ئۆتۈپ كەتسە مەن سېنىمېھمان قىلاي، ئۆتەلمەي قالسا سەن مېنى مېھمان قىل، قانداق؟
A: بولىدۇ، پۈتۈشتۈق ئەمسە.
B ئادەم شۇنداق قىلىپ xباشلىقنىڭ يانفۇنىغا قىسقا ئۇچۇر يوللىدى:
- ياخشىمۇ سىز باشلىق، كەچلىكىڭىز خەيىرلىكبولسۇن.
ئالاھەزەل بەش مىنۇتتىن كىيىن باشلىق ئۇچۇرقايتۇردى:
- سىز كىم؟
B ئەمدى رەسمىي ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىپئۇچۇر يوللاشنى باشلىۋەتتى. ئۇلار ئارىدا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق پاراڭلىشىشقاباشلىدى.
- مەن بىر ھاجەتمەن.
- مەندە نېمە ئىشىڭىز بار؟
- ئوغلۇمنىڭ خىزمىتىنى ياخشىراق بىر ئورۇنغايۆتكەپ قويۇشقا ياردەم قىلسىڭىز؟
ئارلىقتا باشلىق ئون مىنۇتقىچە ئۇچۇرقايتۇرمىدى. Aئادەم B غا قانداق؟ دېگەن مەنىدە قاراپ قويۇپتۇرۇشىغىلا ئۇنىڭدىن قىسقا ئۇچۇر كەلدى.
- قانداق ئىشڭىز بولسا كۈندۈزىئىشخانامغا بېرىڭ.
B سەل تۇرۇۋېلىپ يەنە ئۇچۇر يوللىدى.
- كارتا نۇمىرىڭىز قانچە؟
بەش مىنۇتتىن كىيىن ئۇچۇر كەلدى. ئۇنىڭدا ئونسەككىز خانىلىق كارتا نۇمىرى يوللانغاندى. Aكۆزلىرىگەئىشەنمىگەن ھالدا قىسقا ئۇچۇرغا قايتا-قايتا قارىدى. Bئۇچۇر يوللاشنى داۋام قىلدى.
- مەخپىي نۇمىرى قانچە؟
ھايال ئۆتمەيلا ئۇچۇر كەلدى.
- 30000
A بۇ رەقەمنى كۆرۈپ تۆۋە دەپ ياقىسىنى چىشلىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.dolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-3 03:17 PM