مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 345|ئىنكاس: 7

ئانا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72884
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 02:57:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ تۇنجى ئەسەرنى يوللاش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن . ئەڭ ئاۋۋال بىزنى تۇغۇپ جەۋر-جاپا تارتقان ئانىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئانا دېگەن تىمىمنى يوللاشنى لايىق تاپتىم. قېنى ئەمسەا پىكىر تەكلىپنى ئايىمىغايسىزلەر.پىكىر بەرگەندىمۇ كەمچىلىكىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن .

ئانا


(1)


ئۇ ئۇلۇغ ،ئۇبۈيۈك.ئۇ بىر قەدىردان.
ئۇ خۇشخۇي،مۇلايىم،ئۇ بىر مېھرىبان.
ئۇ دىلكەش،جاپاكەش،مېھرى بىر گۈلخان،
ئۇ يۆلەك ،سايىۋەن،ئۇبىر پاسىبان.

ئۇبولغاچ خۇشالسەن گۈزەلدۇر جاھان،
ئۇبولغاچ ھەر ئىشىڭ قولايدۇر ئاسان.
ئۇ بىلسەڭ باغرى ئوت ئىللىق بىر ماكان،
ئۇبولغاچ غېمىڭ يوق چاپىسەن ھەريان.

ئۇ يىمەي يىگۈزدى  بىل ساڭا ئاق نان،
ئۇ كىيمەي كىيگۈزدى كۆڭلەك،كەش،چاپان.
ئۇ ئويلار بىر سېنى بولسا دەپ ئامان،
ئۇ بولغاچ سەن شۇڭا تىمەن،نەۋقىران.

2.
توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ،
شۇ گۈزەل ياشلىقنى سەنچۈن يۈتتۈرۈپ،
ئۆمرىنى بالام دەپ قويدى تۈگۈتۈپ.
ھاردۇقنى چىقاردى سېنى كۈلدۈرۈپ.

ئۇ تاتلىق ئۇيقۇدىن كەچتى سېنى دەپ،
تۈن كېچە يىغلىساڭ قاتتىق ئېسەدەپ،
مەڭزىڭگە سۆيەتتى سېنى پەپىلەپ،
خۇش بولغان سەن كۈلسەڭ ئاڭا ئەركىلەپ.

3.
چوڭ بولدۇڭ كۆزلىرى سېنىڭ يولۇڭدا،
مۇڭلىنىپ ئولتۇرار سەنسىز بۇلۇڭدا.
كۈنبۇيى يۈرەر ئۇ سېنىڭ كويۇڭدا،
ئۇ بولماي قالسىمۇ بىر رەت ئويۇڭدا.

كۈن ئۆتۈپ ،ئاي ئۆتۈپ قالساڭ كېلەلمەي،
سېغىنىپ تۆكتى ياش سېنى كۆرەلمەي.
سەن بىغەم ،شاد يۈردۈڭ بۇنى بىلەلمەي،
ئۇ ئەسلا بۇ كۈندىن كەلدى ئۆكۈنمەي.

مۇجەسسەم ئۇنىڭدا دىشۋارغا چىداش،
ئاسمىنىڭ كۆكىدە پارلىغان قۇياش.
ئۇ چىداپ ھەممىگە بەرگەچكە بەرداش،
سەن تاغدەك تۇرىسەن مۇشۇنداق شاش-ياش.

4.
ئۇ كۆزلەپ باقمىدى پۇلۇڭنى پەقەت،
كۈتكىنى شۇ سەندىن مېھرى-مۇھەببەت.
ئويلانغىن يېنىدا بولدۇڭ نەچچە رەت،
تۇرمۇشنىڭ غېمىدە ھەم قوغلاپ خىزمەت.  
(ھە دېسە ئالدىراش قوغلاپلا خىزمەت)

ئانىلار شادلانسا كۆكلەيدۇ پەرزەنت،
ياغىدۇ شۇندا ھەم ئۆيگە بەرىكەت.
يوقالدى  سېنى دەپ ئۇندىكى قامەت،
غېمىڭدە ھەركۈنى ئىزدىمەي راھەت.

ئۇ ھايات بارىدا يەتكىن ھالىغا،
مۇڭداش بول، قۇلاق سال ئۇنىڭ زارىغا.
نەدە بار ئۇ كەبى كۆيگەن بالىغا،
شادلانسۇن ئۇ سېنى بېسىپ باغرىغا.

مەيلى شاھ-گاداي بول سەن ئاڭا قەرز،
ئۇ ساڭا يار يۆلەك بىل ئۇنى ئەزىز،
سۆي ئۇنى بېشىڭدا كۆتۈرگىن ئېگىز،
سۆز تامام ،باق ئاڭا بۇ ساڭا پەرز.


ئانام بولسىدى


ئەزىز كۆرگەن جېنىدىن ئانام بولسىدى ،
ئايرىلمىسام يېنىدىن ئانام بولسىدى،
دەرمان بولسام دەردىگە بارىمنى ئاتاپ ،
رەھمەت ئالسام دىلىدىن ئانام بولسىدى .

مىڭ تىرىلىپ- مىڭ ئۆلۈپ ئوتۇمدا كۆيۈپ،
ماڭغىنىمدا سەپەرگە خۇشچىراي كۈلۈپ،
«ئامان بولغىن! بالام» دەپ مەڭزىمگە سۆيۈپ،
نۇر ياغدۇرغان چېھرىدىن ئانام بولسىدى.

كەلگىنىمدە ئېتىزدىن«ھاردىڭ ،بالام» دەپ،
«جان-جىگىرىم كۆپ جاپا تارتتىڭ، بالام» دەپ،
«مۈشكۈلۈمنى قولۇڭغا ئالدىڭ، بالام» دەپ،
پەخىرلەنگەن مېھرىدىن ئانام بولسىدى.

ئۇخلاپ قالسام بېشىمدا خىيالغا چۆكۈپ،
مەندىن ئۇلۇغ ئارزۇ ھەم ئۈمىدلەر كۈتۈپ،
ئۆمۈر بويى ئوتۇمدا ئۆچمىگەن كۆيۈپ،
سۆيۈپ ئالسام ئىلكىدىن ئانام بولسىدى.

بىلمەپتىمەن بارىدا ئانام قەدرىنى،
چۈشەنمەستىن خوشلۇقى ،مۇڭى ،دەردىنى ،
ئادا قىلسام بۇرچىمنى، پەرزى ـ قەرزىنى،
مەيلى كەچسەم جېنىمدىن ئانام بولسىدى.

مېھمان قىلىپ باشلىسام ئۆيۈم تۆرىگە،
دەستە-دەستە گۈل تىزسام ئەتراپ-چۆرىگە،
دەرت يەتمىسە زەررىچە ئۇنىڭ كۆڭلىگە،
رازى بولغان مېنىڭدىن ئانام بولسىدى.




مەنبە ئۆزۈم

2012.يىلى 05.ئاينىڭ 18-19 .
چىرا دامىكۇ

(سەمىىمى ئەسكەرىش:بۇ  شىئېرىمنى  مەن چولپانلار مۇنبىرىگە يوللىغان  كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم .)


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
othor + 111 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 111   باھا خاتىرىسى

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1980
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4976
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1440 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 05:45:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يېزىپسىزغۇ ساقام ،تولىمۇ كەمتەركەنسىز جۇمۇ،تولىمۇ ياقتۇردۇم ئىجاد تۇلپارىڭىز ھارمىغاي

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1980
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4976
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1440 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 05:45:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يېزىپسىزغۇ ساقام ،تولىمۇ كەمتەركەنسىز جۇمۇ،تولىمۇ ياقتۇردۇم ئىجاد تۇلپارىڭىز ھارمىغاي

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 07:02:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھرى ئاتەش ئانىلىرىمىز ھەر جايدا ئامان بولسۇن،تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 10:16:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز . ھارمىغايسىز . ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .،مۇنبىرىمىز سىزنى قارشى ئالىدۇ . ياخشى تىمىلىرىڭىز مۇنبىرىمىزدىن ئۈزۈلمىگەي.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94716
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 759
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2013-4-12
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 11:36:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللە شۇمىھرىبانلارغا خاتىرجەملىك ۋە تىنىگە سالامەتلىك بەرسۇن...
مىھرىرىبان اللە قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە بەرىكەت بەرسۇن ، دىللىرىڭىزغا چىراق ،يوللىرىڭىزغا مۇستەھكەملىك ئانىلاردەك پاسىبانلارنى كۈيلىگەن مەدھىيەلىرىڭىزگە كۆپلەپ ئەجىرلەرنى بەرسۇن

سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟    تولىمۇئەپسۇس سەندە ئۇنداق جاسارەت ۋە ئۇنداق يۈرەك يوق....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4689
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 02:12:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلارنى  قانچە  كۈيلىسەك  ئارتۇقچە  كەتمەيدۇ  ...

ئۆچمەس  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11164
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8352
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2013-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 02:38:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا بارلىق ئانىلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلغاي................ئامىن

ئادەم ئۈزىدە يوق نەرسىنى قانداقمۇ باشقىلارغا بىرەلىسۇن.2704808883
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش