ئىككىنجى نۆۋەتلىك تاۋباۋ مۇھاكىمە-سۆھبەت يىغىنى
11-ئاينىڭ 11- كۈنى پۈتكۈل جۇڭگۇدا بىر قېتىملىق مال سېتۋىلىش دولقىنى ئەۋج ئالدى. بۇ مال سېتۋىلىش دولقىنى ئېنتىرنىت تورىدا ئىلىپ بېرىلىدى ، بۇ قېتىملىق مال سېتىۋىلىش نۇرغۇن كىشلەرنىڭ دىققىتنى قوزغىدى.2012-يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى جۇڭگۇدىكى گىگانت تور سودا بىتى تاۋباۋ ۋە تىيەنماۋدا بولغان سودا سوممىسى 19.2 مىليارد يۈەن بولغان ، 2013-يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى تاۋباۋ ۋە تىيەنماۋدا بولغان سودا سوممىسى 35 مىليارد بولغان ، بىر كۈندە نەچچە ئون مىليارد سودا بولغان تور سودىسى نۇرغۇن كىشلەرنى قىزىقتۇردى ، قسىقىسى دىيارىمىزدىكى سودىگەر ۋە ياشلار ئىنتايىن قىزىققىپ قالدى ، سودىگەرلەر ۋە ياشلار تاۋباۋدىن دۇككان ئېچشىقا قىزىقىپ شۇ ئۈسىتدە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ .
جۇڭگۇدا نەچچە مىليۇن نەچچە مىليۇن ئادەم دۇككان تاۋباۋ تورىدا دۇككان ئىچىۋاتقان بولۇپ ، غايەت زور بىر بازارنى شەكللەندۇرگەن . بۇ بازاردا رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ بۇ بازاردا ئۈزۈپ چىقماق تەسكە توختايدۇ ،ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ دۇككان ئاچمىسا قىلغان ئىشغا لايىق نەتىجە چىقماي قالىدۇ . توردا دۇككان ئېچش ئەمەليەتتە دۇككان ئېچشقا قارىغاندا دۇككان ئىگىسىدىن نۇرغۇن بىلملەرنى تەلەپ قىلدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ تاۋباۋدىن دۇككان ئاچتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇككان ئېچىش ئۇسلۇبىمىز ۋە دۇككان باشقۇرۇش ئۇسۇلىمىز باشقىلار بىلەن ئوخشمايدىغان بولۇپ پەرقلىنىدۇ ، بىز ئۆزىمىزنىڭ دۇككان ئېچش ئۇسلۇبى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىمىزنى تاۋباۋدىكى دۇككانلارغا ماسلاشتۇرۇپ بولالمىدۇق، شۇڭا بۇ رىقابەتتە كۆرۈرنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىىدۇق .
تاۋباۋدا دۇككان ئاچقان قېرىنداشلار ھەرقايسى تور بەت ۋە مۇنبەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى يوللىدى ، يەنە مەخسۇس ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ئېچىلىدى ، ئەمما يەنە يىتەرلىك ئەمەس .
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىلقۇت ئىگىلىك ۋاي ۋاي قانىلى ، ئىلقۇت كارخانچىلارتورى ۋەئۇيغۇر تور سودا مۇنبىرى بىرلىشىپ ئۈتكۈزگەن تۈنجى قېتىملىق تاۋباۋ مۇھاكىمە -سۆھبەت يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىدى. ئىلقۇت ئىگىلىك قانىلى ، ئىلقۇت كارخانچىلارتورى ۋەئۇيغۇر تور سودا مۇنبىرى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىككىنجى نۆۋەتلىك تاۋباۋ مۇھاكىمە سۆھبەت يىغىنى ئىلقۇت ئىگىلىك ۋاي ۋاي قانىلىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىدى. بۇ قېتىمىقى يىغىن ھەرقايسى جايلاردا تۇرىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن ئىلقۇت ۋاي ۋاي قانىلىدا(توردا) ئىلىپ بىرىلىدۇ .
بۇقېتىمىقى يىغىننىڭ ئاساسىي مەقستى تۆۋەندىكىچە :
1. تاۋباۋدا دۇككان ئېچىشنى ئويلىشىۋاتقان قېرىنداشلارغا يىتەكچىلىك قېلىش ،ئۇلارنىڭ تاۋباۋدا دۇككان ئېچىش جەريانى ھەققىدە چۇشەنچىگە ئىگە قىلىش .
2. دۇككان ئاچقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئاساس سېلىش ، ۋە ئۆز-ئارا دوستلۇق ئورنىتىش ، ئۆز-ئارا پىكر ئالماشتۇرۇشقا پىكر ئالماشتۇرۇش .
3. ئۇيغۇر تورسودا مۇھاكىمە -سۆھبەتلىرىگە ئاساس سېلىشتىن .
بۇقېتىم ئىلىپ بېرىلىدىغان يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە :
1. تاۋباۋدا دۇككان ئېچىشنى ئويلىشۋاتقانلار قانداق تەييارلىقىلارنى قېلىش كېرەك ؟
2.تاۋباۋدا دۇككان ئېچىۋاتقانلار قانداق قىلغاندا سودا قېتىم ئاشۇرغىلى بولىدۇ ؟
3. ھەرقايسى دۇككان ئاچقۇچىلار ۋە ئېچىۋاتقانلار قانداق ھەمكارلىق ئورنىتىمىز ؟
4. توردىن مال سېتىۋالغاندا نىملەرگە دىققەت قېلىش كېرەك ؟
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە -سۆھبەت يىغىنىدا يۇقارىقى ئۈچ نۇقىتىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ.
بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا چەك قويۇلمايدىغان بولۇپ تاۋباۋغا قىزىققۇچىلارنىڭ قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز .
سىز مەيلى قەيەردە بولۇڭ ،پەقەت تور بولسا سىز يىغىنىمزغا قاتنىشىپ ئۆزپىكىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويالايسىز !
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە سۆھبەت يىغىنىنى چوڭقۇرلاپ چۇشەنمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت ئىگىلىك قانىلىدىكى ئەلگىيار بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ .
ئىلقۇت ئىگىلىك ۋاي ۋاي قانال نۇمۇر:81250388
ئالاقىلىشش ئۇسۇلى :
1. تېلفۇن نۇمۇرى : 13579908349
2. ئۈندىدار نۇمۇرى:862831035
3. چچ نۇمۇرى:228415857
4. ۋاي ۋاي نۇمۇرى:610697005