كەلسەڭ ئەگەر يېڭى يىل
كەلسەڭ ئەگەر يىڭى يىل ئەلگە شادلىق ئېلىپ كەل،
بارچە خەلق ـ ئاۋامغا تېنچ ـ ئامانلىق بېرىپ كەل.
ئۆچ ـ ئاداۋەت، تارلىقنى بېخىدىلا يوقىتىپ،
قەلبلەرگە مېھىرلىك چىن دوستلۇقنى سېلىپ كەل.
كەلسەڭ يەنە يېڭى يىل يېڭى قۇۋەت ئېلىپ كەل،
يۈگرەپ چىقاي ئالدىڭغا مۇھەببەتكە تولۇپ كەل.
كۈلپەت چۈشكەن بېشىغا ئاجىز، مىسكىن يېتىمنىڭ ،
بەختى ئۈچۈن ساخاۋەت قوللىرىڭنى سۇنۇپ كەل.
ھەر يىلقىدەك بۇ يىلمۇ دادىل قەدەم تاشلاپ كەل،
جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ئىلھام باشلاپ كەل
جان تەسەددۇق ۋەتەننىڭ ھەربىر غېرىچ يېرىگە ،
كۆز ئالايتقان دۈشمەننىڭ كۆزلىرىنى ياشلاپ كەل.
كەلگىنىڭدە يىڭى يىل يېڭى پىلان ئېلىپ كەل،
ئۆتكەن ھەر بىر يىللارنىڭ ھېسابىنى قىلىپ كەل..
زەپەر قۇچاي مەنمۇ ھەم تۇتۇپ مەھكەم پۇرسەتنى،
يۈكسىلىشلەر كۆپ بىزدە نەزىرىڭنى سېلىپ كەل.
(2012-يىلى بورتالا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-3 06:52 PM