مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2922|ئىنكاس: 23

ئون يىل تاقالمىغان ئىشىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100204
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 12:05:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئون يىل تاقالمىغان ئىشىك


    كىچىك كەنتنىڭ  بىر چىتىدە ئولتۇرۇشلۇق قىزچاق بىلەن ئانىسىنىڭ ئۆيىدە گەرچە پۇلغا يارىغۇدەك مەۋقۇلات بولمىسىمۇ، ئانىسى دائىم ئىھتىيات قىلىپ ئىشىكنى تاقاپ قوياتتى .

     قىزچاق  ئاستا –ئاستا چوڭ بولدى. ئۇ خۇددى مەنزىرە سۈرەتلىرىدەك چىرايلىق ئەمما تىنچ، بىر خىل رەۋىشتىكى، مەزىسىز سەھرا ھاياتىدىن زىرىكىپ،شەھەرگە بارغۇسى كىلەتتى.ئۇنىڭ قەلبى رادىئودىن ئاڭلىغان ،تەسەۋۋۇرىدىكى رەڭگارەڭ دۇنياغا تەلپۈنەتتى.شۇنداق قىلىپ ،ئۇ بىر كۈنى سەھەردە  ئانىسىنىڭ  قاتتىق ئۇخلاۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاستا  ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ۋە ھەرگىز قايتىپ كەلمەسلىك قارارىغا كەلدى . ئۇ مېڭىش ئالدىدا ،ئۇخلاۋاتقان ئانىسىغا قاراپ بوش ئاۋازدا:

" ئانا ، مەن بۇ سەھرايى قىيامەتكە  تەۋە ئەمەس ، مەن ئەمدى  قايناق شەھەر ھاياتىدىن ئۆز بەختىمنى تاپىمەن. مەندەك قىزىڭنى يوققا چىقىرۋەتكىن "  دىدى ۋە  كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاستا چىقىپ كەتتى.

      ئەپسۇس! ، بۇ دۇنيا ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنچە گۈزەل ئەمەس ئىدى. ئۇ بىلىپ بىلمەي  چۈشكۈنلۈك يولىغا ماڭدى .پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ ئۆزىنى تارتىۋالالمايدىغان ھالەتكە كەلگەندىلا   ئاندىن ئۆزىنىڭ  نىمىنى خاتا قىلغىنىنى ھىس قىلدى .

ئون يىلدىن كىيىن ،چوپ چوڭ ئادەم بولغان قىز  زەخمىلەنگەن قەلبى ۋە چارچىغان تىنىنى سۆرەپ، كەلمىگىنىگە ئۇزاق بولغان يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.

ئۇ ئۆيىگە كەلگەندە ئاللىقاچان يېرىم كىچە بولغان ئىدى. غۇۋا چىراق يورۇقى ئىشىك يانلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئىشىكنى بوش چىكىشىگىلا ئۇنى ھەيران قالدۇرۇپ ئىشىك ئېچىلىپ كەتتى. چۈنكى ئانىسى ئەزەلدىن ئىشىكنى تاقاشنى ئۈنتۈپ قالمايتتى. ئۇ بىر خىل ئالاھىدە سىزىمنىڭ تۈرتكىسىدە ئىتتىك ئۆيگە كىردى. ئورۇقلاپ بىر تەن بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان  ئاپىسىى ، كونا كارۋىتىدا  تۈگۈلۈپ يېتىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك بىچارە  ھالەتتە ئۇخلاۋاتاتتى.

–ئائا!!!

     قىزىنىڭ يىغا ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتكەن ئانا ،گەپ سۆز قىلماستىن ئۇنى باغرىغا باستى. ئانىسىنىڭ باغرىدا خېلى ئۇزۇن ئىسەدىگەندىن كىيىن ،تۇيۇقسىز ئاپىسىدىن:

–      ئانا ، ئەجىبا بۆگۈن ئىشىكنى تاقىماي يېتىپسەنغۇ؟ بىرەرسىنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ قېلىشىدىن قورقمىدىڭمۇ؟  دەپ سورىدى. ئانىسى:

–   بۆگۈنلا ئەمەس بەلكى سەن كەتكەن كۈندىن باشلاپ ئون يېلدىن بېرى بۇ ئىشىك تاقالمدى قىزىم. چۈنكى سىنىڭ كىچىدە قايتىپ كىلىپ ئۆيگە كىرەلمەسلىگىڭدىن ئەنسىرىدىم

     ئانىسى  قىزىنىڭ قايتىپ كىلىشىگە ئىنتىزار بولۇپ، بۇ ئون يىلنى تەقەززالىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى. قىزىنىڭ ھوجرىسىمۇ خۇددى ئىلگىرىكىدەكلا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدى.

بۆگۈن كەچتە، ئانا بالا ئىككىسى ئىلگىركىدەك ئىشىكنى چىڭ تاقاپ  ئۇخلاپ قېلىشتى .

"بالىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۆگۈتىدىغان 102 ھەقىقى ھىكايە " ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 10:26:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئاللا مىھرىبان ئانىللىرىمىزنىڭ ئۆمىرنى ئۇزۇن قىلسۇن.(ئامىن)

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 11:43:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالەمنىڭ قۇياشى بولغان مېھرى ئاتەش ئانىلىرىمىز ھەر جايدا ئامان بولسۇن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93838
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 11:45:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا قەلبىنى ھازىر چۇشەنسىڭېزمۇ كىچكەن بولمايسىز!


                                              ياخشى تىمىكەن،قولىڭىزغا دەردكەلمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4840
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1655 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 11:55:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز ~~ تېمىڭىزغا رەھمەت !!!
شۇنداق ، پەزرەنت ئاتا-ئانىسىنى ھەرقانچە قاقشاتسىمۇ  ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنى قوينىغا
ئالىدىكەن ~~~ دوستلىرىمىزنى، خىزمەتنى  ، پۇلنى دەپ ئاتا-ئانىمىزنى تاشلاپ ئالدىراش بولۇپ كىتىدىكەنمىز ... ئۇلارنى يىتىم قالدۇرىدىكەنمىز ~~~ ئاخىرىدا قوغلاشقانلىرىمىزنىڭ ھەمىسىنىڭ ساختا نەرسە ئكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىدىكەنمىز !~~~
ئاتا- ئانىمىزنى قەدىرلەيلى ~~~ ئۇلارنىڭ بارىدا ھالىغا يىتەيلى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablat45 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-3 11:55 AM  


ئۈندىداردا IGILIK نى قوشىۋېلىڭ . تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىساد بىلىملىرىدىن بەھىر ئالالايسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 12:10:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىك شۇنچە قىسقا ئەمما مەزمۇنى تەربىسىي مىھرى مۇھەبىتى ئالەمچە چوڭ؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5271
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 01:13:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا بالا ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقنى بالا بىرەلمەيدۇ، بارىلىق ئانىلار سالامەت بولسۇن!

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91246
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 904
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 01:43:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇن قسقا بولغنى بىلەن  مەنسى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىكەن ، تېما ئىگسگە ۆپ رەھمەت  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100065
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 09:34:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز... شۇنداق قىسقا بولغان بىلەن پۈتۈن ئالەمگە تەڭ قىلغۇسىز مۇھەببەت با...

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 09:34:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلىرىمىز سالامەت. بالىلىرىمىز ۋاپادار بولسۇن . قوللىرىڭىز ھارمىغاي قېرىندىشىم.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش