مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3369|ئىنكاس: 31

شىمالىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىغا ئۇيغۇرچە كىتاپلار يېتىپ كەلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99855
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 08:21:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىمالىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار شىنجاڭ ‹‹ئېرپان›› ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.   

       ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئەزىز تورداشلار، شىمالىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام. ئالدى بىلەن شىنجاڭ ‹‹ئېرپان›› ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ شىمالىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا قىلغان سېخىي ياردىمىگە چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
       بۇ يىل 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى  9-ئاينىڭ 23-كۈنى نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ يىنچۇەن شەھىرىدىكى  شىمالىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەكتىپىمىز مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ يىغىن زالى جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات  ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى. دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى مۇتەخەسىسلەر، شىمالىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىنىڭ تەكلىپلىك ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتقۇچىسى  ئەخمەت مۇئەللىم ۋە مەكتىپىمىزدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يارىشىملىق مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىشىپ بۇ يىغىنغا قاتناشتى، يىغىن ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى.           
      يىغىنغا كەلگەنلەر ئىچىدە  شىنجاڭ ‹‹ئېرپان››  ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئابدۇللا ئەپەندى، داڭلىق ئوبزورچى يالقۇن روزى، مەركىزى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشىرياتىدا ئىشلەۋاتقان ئىقتىساد-پەنلىرى دوكتۇرى دولقۇن قادىر قاتارلىق ئۈچەيلەن مەكتىپىمىزدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈشلۈك تەلىپى ئارقىسىدا مەكتەپ رەھبەرلىرى ئويۇشتۇرغان بىر كۈنلۈك ساياھىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قىممەتلىك ۋاقتىنى بىز ئۈچۈن ئاجرىتىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچڭلارغا بىر مەيدان لىكسىيە سۆزلەپ بەردى. لىكسىيە ناھايىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى، مەكتەپتە خەنچە لىكسىيەنى كۆپ ئاڭلاپ زېرىكىپ كەتكەن بىزدەك مىللىي ئوقۇغۇچىلار بۇنداق ساپ ئۇيغۇر تىلىمىزدا سۆزلەنگەن لىكسىيەدىن دىلىمىز تولىمۇ سۆيۇندى، يىغىن ئاخىرىدا ئۇلار بىزگە نۇرغۇن تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى، ھەم بىزنىڭ بۇنداق ئەۋزەل شارائىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تىرىشىپ ئوقۇشىمىزنى، بىزدىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
     شىنجاڭ ‹‹ئېرپان››  ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئابدۇللا ئەپەندى مەكتىپىمىزنىڭ كۈتۈپخانىسىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ، شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك كۈتۈپخانىدىكى كىتاپ جازىلىرىدا ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ ساناقلىقلا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يېقىندا بىز ئۈچۈن نۇرغۇن كىتاپ ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىز بىلەن خوشلاشقان ئىدى. كۈتۈپخانىمىزدىكى ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ بەكلا ئاز بولىشى بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلاتتى، ھەر قېتىم تەتىلگە قايتقاندا شىنجاڭدىن ئېلىپ كەلگەن بىر نەچچە پارچە كىتاپنى بىر-بىرىمىز بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئوقۇيتتۇق،لېكىن بۇ ئازغىنە كىتاپ يەنىلا بىزدىكى ئانا تىل يېزىقىدىكى كىتاپلارغا تەشنا يۈرەكلەرنى قاندۇرۇپ بولالمايتتى . شىنجاڭ ‹‹ئېرپان››  ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئابدۇللا ئەپەندى بىزنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى.  مانا تۆنۆگۈن يەنى دېكابىرنىڭ بىرىنچى كۈنى  ‹‹ئېرپان›› شىركىتىنىڭ باش  دېرىكتورى ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بىز ئۈچۈن ھەدىيە قىلغان كىتاپلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى كىتاپلارنى كۆرۈپ دىلىمىز شۇنچىلىك سۆيۈندى، ھازىرچە يېتىپ كەلگەن كىتاپ 400 پارچىگە يېقىن بولۇپ باھاسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، كىتاپلار بىر-بىرىدىن ئېسىل، بىر-بىرىدىن  سەرخىل ، بىلىشىمچە بۇ ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بىزگە ھەدىيە قىلغان كىتاپلىرىنىڭ يېرىمى ئىكەن ، قالغان يېرىمىنى ئۇزاققا بارماي بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. مەكتىپىمىزدىكى بارلىق قېرىنداشلار ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بىزگە قىلغان ياردىمىدىن شۇنچىلىك مەمنۇن بولدۇق، بىلىمگە تەشنا يۈرەكلەر شۇنچىلىك سۆيۈندى، نۆۋەتتە بۇ كىتاپلارئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمز تەرىپىدىن رەتلىنىۋاتىدۇ، ئاللا خالىسا پات يېقىندا  كۈتۈپخانىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شىمالىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدىكى بارلىق بىلىمگە تەشنا ئۇيغۇر قېرىنداشلار  شىنجاڭ ‹‹ئېرپان››  ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ  باش دېرىكتورى ئابدۇللا ئەپەندىگە چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز،  ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمىز ، ھەم ‹‹ئېرپان››  ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىغا زور غەلبە-ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز، ‹‹ئېرپان››  ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   melike918 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-2 08:49 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9737
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 09:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقۇچى ھەم شىمالىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىنى زىيارەت قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئابدۇللا ئېرپان ئەپەندىنىڭ ئىلىم تارقىتىش ئۈچۈن ئېچىلغان سېخى قولىغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن. شىمالىي مىللەتلەر ئۇنېۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتقان ياش بوغۇنلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپرەك بىلىم ئىگەللەپ مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 09:46:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىڭشىيا دىمىدۇ بۇ مەكتەپ.

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ھەرىكەت=بەرىكەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1898
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10057
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 1748 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 09:47:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىمۇ ياكى شىمالى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىمۇ؟
بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولۇپتۇ،مۇشۇ ئىچكىردە ئوقۇسا  مىللىتى تىل يېزىقتىكى كىتاپلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بەك ئازلاپ كېتىدىكەن،بېيجىڭدا مىللى ئۇنۋېرسىتىنىڭ كۈتۇپخانىسىدا خېلى كۆپ ئۇيغۇرچە كىتاپلار بار ئىكەنتۇق،لېكىن ئۆز مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلېرى بولمىسا ئىجارىگە بەرگىلى ئۇنىمايدىكەن....
كېيىن بىزنىڭ مەكتەپكىمۇ ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان بىر ياخشى نىيەتلىك ئاكىمىز نۇرغۇن كىتاپلارنى ھەقسىز  ئىئانە قىلغانتى .
بولسا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن

ئۆزگىنى قوي، ئۆزۈڭنى بىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99855
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 09:55:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0908220 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-2 09:46 PM
نىڭشىيا دىمىدۇ بۇ مەكتەپ.

شۇنداق ، نىڭشىيانىڭ يىنچۇەن شەھىرىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99855
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 09:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ice-boy يوللىغان ۋاقتى  2013-12-2 09:47 PM
غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىمۇ ياكى شىمالى مىللەت ...

شىمالىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16327
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8169
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2202 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 10:04:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنىڭ سۈپتى ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ ، باھاسى ئەرزان بولغان تەقدىردىمۇ ، ئەپلىك بولغان تەقدىردىمۇ ، چىرايلىق بولغان تەقدىردىمۇ ، ئارىلىقى يېقىن بولغان تەقدىردىمۇ ، سېتىشتىكىن كىيىنكى مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولغان تەقدىردىمۇ ، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشنى ئادەت قىلساق ۋە ئۆزىمىزنىڭكىنى بىر - بىرىمىزگە خالىس تونۇشتۇرساق ، دەۋەت قىلساق، دەپ ئويلايمەن .
بالىلىرىمنىغۇ ئادەتلەندۈرۈپ بولدۇم ، ئوقۇغۇچىلىرىمغىمۇ تولا تەكىتلەيمەن بۇ دېگەن ئەقىدە دەپ .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 10:07:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.......ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدىن ئۇرۇن ئالغانلىقىنى كۈرۈپ دىلىم سۈيۈندى....

ئىرپان شىركىتىنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99855
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 10:22:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-12-2 10:07 PM
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.......ئۇيغۇرچە كىتابلارن ...

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، ئازراق ئۇقۇشماسلىق بوپ قاپتۇ، غەربىي-شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتى ئەمەس ، شىمالىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتى (نىڭشىيادا) ،   غەربىي-شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتى (لەنجۇدا)

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7565
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7707 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 10:57:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قۇتلۇق ئىشقا مۇبارەك بولسۇن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش