چولپانلار قېنى
تاھىرتۇرغان(دىلكان)
كارۋان ئىدۇق ئەسلى بىز ئاتالدۇق بەزمىدەسۇلتان،
ھاراق-رومكاپۇلاڭلايدۇھەم،مەئىيشەتلىك تۈنلەرئارا بەخىرامان.
سۆيدۇق دەپ،سۆيۈلۈپ ئۆتتۇق،مەنزىللەر قالدى بىرپىنھان،
خىيالدىكى ئارمان بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەچ توپان .
تاللاريىگانە،قالدى مەشۇق ئاھ ئۇرۇپ پىغان ئارا،
نامەرتلىك قاپلىغاچقا پۈتكۈل جاھاننى زۇلمەت ئارا.
مەن نىچۈن ۋىسال ئىزدەي يەنە،چۆلكىزىپ بوستان ئارا،
ھەرقەدەمدە تۇرمىسام سەلكىن شامال غۇربەت ئارا.
كۈننى دەپ،تۈندىن كېچىپ ئارمان بىلەن ياشاپ كەلدۇق،
ھاۋايى-ھەۋەس كەينىدە ئىتتەك يۈرۈپ پۇراپ كەلدۇق.
تاماششاغاقول سېلىپ ،يەڭمۇ-يەڭ ھەم تۈرۈپكەلدۇق،
جان بەرگەندە ئوغلانلار، ھاراق-تاماكا پۇراپ كەلدۇق.
نىچۈن بىلمەيدۇ ئوغلانلار يىتىشنى ۋەسلىگە گۈلشەننىڭ،
ئىشقىداكۆيۈپ كۈل بولغان شۇناتىۋان غەمكىن يۈرەكنىڭ.
مەيلى يوقمۇ ھەرسەھەرگا قاغجىرىغان ۋىجدانىنىڭ؟
گەرتۇتۇلسا ئەلەم باغرى،ئوچۇق-ئاشكارە گۈلخاننىڭ.
نىمەئۈچۈن يوق خىتاپ،ئىزدەيدىغان ئارمانىنى،
نوزۇگۇمدەك ناتىۋان ئىپپەت گۈلى،چولپانىنى؟
غىرىپلىقتىن يوق سادا گەرباغلىسا ۋىجدانىنى،
تارىخ بىلەن ئىسكەنجە مەھمۇد،يۈسۈپ،سادىر قىنى؟
2013-يىلى-11-ئاينىڭ23-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-2 10:41 PM