قاتىل بولماڭ بالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە
(بىر قىسىم ئاتا -ئانىلارغا )
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
ئاتاـ ئانا سىزلەر ئۇلۇغ دۇنيادا ،
پەرزەنت ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىپ بىر ئۆمۈر.
لىكىن بايان ئەيلەي سىزگە خىتابتىن،
گۈزەل تۇرمۇش نىچۈن بولۇر تاش ـ تۆمۈر؟
يۈرۈكۈمدە ئەسەر يوقتۇر كۈلكىدىن ،
ئويلىساملا سېنى بىر رەت جانانىم .
يىغىلىرىڭ سانجىلدىغۇ يۈرەككە،
سەن ئىدىڭغۇ خۇشاللىقىم ،كامالىم.
دىيىشەركەن كاككۇك بىلەن زەينەپنى ،
بىرـ بىرىگە ئاشىق ــ مەشۇق مىسالى .
ئىككىمىزمۇ كۆيۈشكەنتۇق شۇلاردەك،
بەزى ئىشقا بولماس ئىنسان ئامالى .
بىر قىش بىر ياز ئۆتۈپ كەتتى شۇڭقاردەك،
تونۇشقان شۇ گۈزەل كۈندىن بىر ئۇچۇپ.
يۈرەكلەرنى تىتىرەتتى يۈرەكلەر .
گۈزەل ھىسلار قوش يۈرەكنى تەڭ مۇجۇپ.
كۈنلەر بولدى دوستلىقىمىز دۇلدۇلى ،
چاپقانسىرى ھاياجاندا كۆڭۈللەر .
كۆزلىرىمىز ئۇچراشقاندا نەچچە رەت،
يىشىلەتتى يۈرەكتىكى تۈگۈنلەر .
پەيدا بولدى كۈچلۈك بىر كۈچ قەلىبتە،
باغلاپ ئىككى ياش يۈرەكنى ئۆزــ ئارا.
مۇھەببەتتە ياشنىتىشقا ھاياتنى ،
مۇراد قىلدۇق بولسىمۇ قانچە يارا .
بەھىر ئالدۇق خۇشاللىقتىن بىر مەزگىل ،
بىر شۇم خەۋەر بۇزىۋەتتى ئارامنى .
ئاتاـ ئاناڭ دەپتۇ نىيەت قىلدۇق بىز،
چىقارماسقا يۇرتىمىزدىن بالامنى .
يىغلاپ كەتتىڭ نىمە ئازاب ماڭا دەپ ،
ئايرىلامدۇق ئەمدى يىغلاپ مۇشۇنداق؟
قانداق چىداپ ،قانداق يۇتۇپ ئۆتىمەن ،
ئايرىلىشتىن ئازاب كەلسە ئاشۇنداق.
ئۆتۈۋېرەي دىسەم مەخپى ـ يوشۇرۇن ،
لىكىن كىيىن قانداق بولار يەنە ئاقىۋەت؟
ھامان كەلسە شۇ ئايرىلىش بېشىمغا ،
چىدىمايمىز ھازىرقىدىن يۈز قەۋەت .
دىگۈم كىلەر ئاتا ـ ئانا قېرىنداش ،
مۇھەببەتتۇر ئائىلىنىڭ ئاساسى .
كۆردىڭىزمۇ مۇھەببەتسىز ئۆيلىنى ؟
شۇنداق ئۆيلەر جەمىيەتنىڭ بالاسى.
كۆڭۈل تارتماس خالىمىغان جۈپتىنى ،
كەچ كەلگۈسى كەلمەس سوغۇق ئۆيىگە،
توي قىلدۇق دەپ خۇشال سىزلەر يېقىندىن.
لىكىن پەرزەنت ئۆچلۈك قىلار ئۆزىگە .
بۇزۇلىدۇ نۇرغۇن ئۆيلەر شۇ سەۋەب ،
كۆڭۈل ئىزدەپ ئۆزى تارتقان بەختىنى.
قاتىل بولماڭ بالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە،
ئالسۇن قولغا ئائىلىدەك تەختىنى .
2013-12-2
تىيەنجىن
ـ ـ ـ ـ ـ(دوستۇم ئېغزىدىن )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BATUR72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-2 01:12 PM