كۆك بىلەن تەڭ تاغلىرىڭ ،
گۈل چىمەنلىك باغلىرىڭ .
مەرت-يىگىت ئوغلانلىرىڭ ،
ئانامسەن غۇلجام مېنىڭ .
سۇلىرىڭ بەك سۈزۈككەن ،
ئادەملىرىڭ تۈزۈككەن .
تائاملىرىڭ يۈزلۈككەن ،
ئانامسەن غۇلجام مېنىڭ .
<ساقام>دەيدۇ كىچىكنى ،
<ئاكام>دەيدۇ چوڭىنى .
<سەن>دەيدۇ ھەم ھەر كىمنى ،
ئانامسەن غۇلجام مېنىڭ .
سەندە چىقتى<ئەخمەتجان>،
<سادىر پالۋان>ھەم <رىزۋان>.
<غېنى باتۇر><رەخىمجان>،
ئانامسەن غۇلجام مېنىڭ .
قىزىقچىمىز <ھېسام>كام ،
<تاش><سەنۇبەر>ۋە<تۇرغان>.
<پاشا ئىشان>،<ئەخمەتجان>،
ئانامسەن غۇلجام مېنىڭ .
<ز.سابىر>ۋە<ز.قادىر>،
سەن غۇلجامنىڭ پەخىرى .
<جالالىدىن >بەك نادىر ،
ئانامسەن غۇلجام مېنىڭ .
بارچە تارىخ شاھىدى ،
<ھەرەمباغ>ۋە<ناغرىچى>.
<ئۈچ دەرۋازا>،<تاقىچى>،
ئانامسەن غۇلجام مېنىڭ .
<قازانچى>دا مىللىيلىك ،
خادىك ئاتلار بەكمۇ شاش .
موزدوزلاردا ئىلمىيلىك ،
ئانامسەن غۇلجام مېنىڭ .
<خەنزۇ بازار>بەك ئەلۋەك ،
<تەشلەپكە>مۇ قېلىشماس .
<ئىلى دەرياسى>ھەيۋەت ،
ئانامسەن غۇلجام مېنىڭ .
ئانا يۇرت مۇھەببىتى ،
دىلغا ئورنىغان مەھكەم .
سەن بىلەنلا ياشنايمەن ،
ئانامسەن غۇلجام مېنىڭ .
مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم ، يۇرتۇم توغرىسىدا يېزىپ باقتىم ، قاملاشمىغان يەرلىرى بولسا مۇنبەرداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان بەزى سۆزلەرگە ئىزاھات :
1- ئەخمەتجان - ئەخمەتجان قاسىمى
2-ئەخمەتجان - ناخشىچى ئەخمەتجان ئەختەم
رىزۋان -شەپقەت ھەمشىرەسى رىزۋانگۈل
رەخىمجان - رەخىمجان سابىر ھاجى
ھەرەمباغ ، ناغرىچى ، ئۈچ دەرۋازا ، تاقىچى ، قازانچى - غۇلجىنىڭ قەدىمكى مەھەللىلىرى .
خەنزۇ بازار ، تەشلەپكە - غۇلجىنىڭ ئاۋات بازارلىرى .
تەھرىردىن: ئوخشىمىغان ئۈسكىنىلەردە نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن شېئىر يازغاندا ئاپتۇماتىك ئوتتۇرىغا توغرىلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىڭ. خەت چوڭلىقى 4-نومۇردىن چوڭ بولمىسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-2 07:15 PM