يامغۇر پەسلى
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
پوۋېست
ھايات مۇساپەمدە قانچە قېتىم يامغۇر ياغقىنىنى ھىساپلاپ بېرەلمىسەممۇ ھەرقېتىم يامغۇر ياغقىنىدا يەنىلا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىر ھاياجان تەكرارلىناتتى.
كىچىگىمدە يامغۇر ياغسا كوچىغا چىقىۋالاتتىم،ئۈستىبېشىم ھۆل بولغانسىرى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز شادلىققا چۆمەتتىم،يامغۇردا ئۆزۈمنى شۈنچە بەختىيار ھىس قىلاتتىم.يامغۇرنىڭ ئىللىق ھاۋاسىدا شۇنچە ئەركىن بەھۇزۇر نەپەس ئالاتتىم.ھاياجاندىن يۈرەكلىرىم قەپىزىگە پاتمىغاندەك لەرزىگە كىلىپ زوق بىلەن تىپىرلاپ كېتەتتى.
شۇنچە كۆپ يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ھېلىھەم يامغۇرنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئاشۇ ھىممەتلىرى ئۆزگەرگىنى يوق.
ھېچنىمىدىن غەمسىز ، ياش ، غۇبارسىز چاغلىرىمدىكىدەك يامغۇردا كوچىغا چىقىپ قوللىرىمنى كېرىپ،كۆزلىرىمنى يۇمۇپ لىرىك ھىسلارغا چۆمۈلۈپ ،قېن-قېنىمغا پاتماي پىقىراپ ئويناش بىئەپ بولۇپ قالغان بولسىمۇ ھەر-قېتىم يامغۇر ياققىنىدا يەنىلا ھويلىغا چىقىپ يامغۇرنىڭ جانغا ھوزۇر تامچىرىغا يۈزۈمنى تۇتۇپ،كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ، كۆكرەك قەپىزىم تولغۇچە چۇڭقۇر نەپەسلەرنى ئېلىپ ھوزۇرلىنىمەن. خىيابانىمدا شۇنچە گۈزەل بىر بوشلۇققا قاراپ لەرزان،ئەركىن پەرۋاز قىلىمەن.
ئۇ يەردە پەقەت مەن ۋە يامغۇر تامچىلىرىلا بار،بىز ئۈنسىز سىردىشالايمىز.تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىدىن پەقەت ئاشۇ دەملەردىلا پۈتۈنلەي ئازات بولغاندەك يىنىكلەپ قالىمەن.جانغا ھوزۇر بېغىشلىغۇچى تامچىلار بېلەن بۇ ئالەمنىڭ بېسىم-ئىسكەنجىلىرىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ھەقىقى ئەركىن ھىسلارغا ئەگىشىپ ئىلھام بۇلاقلىرىنىڭ تامچىلىرىنى بىر-بىرىمىزگە چېچىشىپ تەڭداشسىز مىھرى-مۇھەببەت بىلەن بىر تەن بىر تۇيغۇغا ئايلىنىپ كىتەلەيمىز....
مەن ئۈچۈنلا ياغىسەن بەلكىم،
يۇيماق بولۇپ پىغانلىرىمنى.
جىمجىتقىنە قەلبىمگە سىڭىپ،
ئويغىتىسەن ئىسيانلىرىمنى.
بۇرۇقتۇملۇق ئەسىر قىلغاندا،
تامچىرىلىڭ سىلار مەڭزىمنى.
يىغلىشىمغا يارىتىپ ئىمكان،
يۇشۇرىسەن كۆز-ياشلىرىمنى.
سەندەك سىرداش بارمۇ جاھاندا،
سۇغىرىسەن چاڭقاق دىلىمنى.
مىھىرسىراپ قۇرىسا بەرگىم،
ياشارتىسەن پۈتكۈل بېغىمنى.
سەنلا ئاتا قىلغان ھىسلارنى،
بۇ جاھاندا بېرەرمەس ھىچكىم.
سىڭىپ كەتسەم دەيمەن قوينۇڭغا،
تامچەڭ بولۇپ ئاخىرقى قېتىم.
قەدىناس سىردىشىم-خىياللىرىمنى تىمتاسقىنە تىڭشاپ ئولتۇرغىنىمدا چاك-چاك-چاك ...قىلىپ تەكچىگە چۈشكەن يامغۇر تامچىسىنىڭ ئاۋازى مېنى ئارامبەخش خىياللىرىمدىن يۇلۇپ ئالدى .نارازىلىق بىلەن يۆتكىگەن كۆزلىرىم يامغۇر تامچىسى بىلەن ئۇچراشقىنىدا يۈرىكىم يىنىك تىترەپ كەتتى. يامغۇرنىڭ ھەر تامچىسى يۈرەك تارىلىرىمنى چېكىشكە باشلىدى...
شۇ تاپتا سەندىن ‹‹سەن بار جايدىمۇ يامغۇر ياغدىمۇ؟›› دەپ سورىغۇم كەلدى. ‹‹ياغقانمىدۇ؟!›› دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە شىۋىرلىدىم....''ئېيتساممۇ ئاڭلىمايسەن''دەۋاتامسەن ؟ ياق -ياق ،ئاڭلىيالايمەن ، بىلسەڭ ئاۋازىڭنى يۈرىكىم تۇيىدۇ ، تىۋىشلىرىڭنى قەلبىم ھېس قىلىدۇ .
يامغۇر تامچىسىدىن چۆچۈپ، باش-ئاخىرى چوۋۇلۇپ ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن خىياللىرىم كۈچلۇك دولقۇنغا ئايلىنىپ مەۋج ئورۇپ پۈتكۈل ئەس-يادىمنى يىراقلارغا يالمىغانچە ئېقىتىپ كەتتى...
ئېرپان ، سېنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتقان كۈندىمۇ مانا بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا يامغۇر ياغقانىدى . ئۇ كۈننى ئويلىسام ئىختىيارسىز ياشلىق ئالىمىمگە قايتقاندەك بۇلۇپ ھۇزۇر ئىلكىگە تولىمەن . كىچىكىمدىن يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتىم ، تېخى يالاڭ ئاياغ يامغۇر كېچىپ يول يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم . ئەمما ئۇ كۈنى يامغۇر ماڭا ئۇنچە لەززەت ئاتا قىلالمىدى ، چۈنكى، خىزمەتكە چۈشكەن 3-كۈنۈم بولغاچ ۋېلىسپىتىمنىڭ كامىرى يېرىلىپ كېتىپ يېرىم يولدا خىزمەتكە كىچىكىش ئەندىشىسى بىلەن ئېغىر ۋېلىسپىتنى ئەلەم بىلەن سۆرەپ كېتىۋاتاتتىم.قېرىشقاندەك يېرىم يولدا يېرىلىپ، مىنى مازاق قىلغاندەك كالچاراپ تۇرغان بالوننىڭ يىرتىقىغا ھەر-بىر ئەلەم بىلەن قارىغىنىمدا كۆزلىرىمگە ياش ئولىشاتتى .ئىشخانىدىكى تەرى سۆرۈن باشلىقنىڭ مەن كەلگەندىن بېرى تېخى ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا ئۈلگۈرمەي پۇرسەت كۈتۈپ ئاران تۇرغاندا يامغۇردا ھۆل بولۇپ، سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك بوپ قالغان ئەپتىمگە قاراپ تەكەببۇرلۇق بىلەن نىمە دەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم . ئىتتىكرەك ماڭماقچى بولغانچە قېرىشقاندەك بىردە ۋېلىسپىتنىڭ پۇرلىشىپ قالغان بالونى، بىردە ئاياغلىرىم تېيىلىپ قەدەملىرىم ئاينىمايۋاتاتتى.‹‹ خەپ-خەپ›› دەيتتىم تىتىلداپ ‹‹ ئەتىدىن باشلاپ بىرەر سائەت بۇرۇنراق تۇرۇپ يۈگرەپ كەلسەم كېلىمەنكى سەندەك ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ياتا تۆمۈرنى ئىككىنجى مىنمەسمىنا؟!›› شۇ تاپتا ۋېلىسپىتنى تاشلىۋېتىپلا يۈگۈرگۈم كىلەتتىيۇ يەنىلا ئاچچىقىمغا ھاي بېرىپ لىۋىمنى چىشلەپ كېتىۋاتاتتىم.
-ياردەم كېرەكمۇ سىڭلىم؟-دىگەن ئاۋازدىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ سېنى تۇنجى قېتىم كۆردۈم . كۈتۈلمىگەن بۇ ئۇچرىشىشتىن دەقىقە ئىچىدە گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدىم ۋە دەرھال ئىسىمنى يىغىپ-ياق ، رەھمەت-دىيەلىدىم.مۇشۇ ئەپتىم بىلەن تۇرغاندا ئالدىمدا تولىمۇ قاملاشقان، بۈدرە چاچلىرى ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان، چېھرىدىن مىھىرىبانلىق ۋە سەمىمىلىك چىقىپ تۇرغان بىر يىگىتنى ئۇچراشتۇرغان تەقدىردىن ئاغرىنغۇم كەلدى. مىنى بۇ ھالەتتە كۆرۈپ خۇددى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەندەك كېلىپ ئالدىمدا ھىجاراپ تۇرۇشۇڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى ۋە ساڭا ئاچچىق نەزەردە ھومىيىپ قويدۇم.
سەن بىر قولۇڭدا ھالرەڭ كۈنلۈك بىر قولۇڭدا خىزمەت سومكىسىنى تۇتقىنىڭچە ماڭا قاراپ تۇراتتىڭ. گەپ قىلغۇڭ باردەك ئاغزىڭنى ئۆمەللىدىڭ-يۇ لېكىن،مېنىڭ سوغۇق ئىپادەمدىن ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ قالدىڭ.
-ئەكىلىڭ ۋېلىسپىتىڭىزنى مەن يىتىلىۋالاي چارچاپ كېتىپسىز،-دىدىڭ گەپلىرىڭ سەل قولاشمىغان ھالدا.
-ياق بولدى رەھمەت چارچىمىدىم باردىغان جايىمغىمۇ ئازلا قالدىم ،دىدىم ھۆل بولۇپ يۈزلىرىمگە چاپلىشىپ كەتكەن چاچلىرىمنى بارماقلىرىم بىلەن ئارقىغا تارىغاچ.
-قايسى تەرەپكە باراتتىڭىز؟ -دىدىڭ قايتىلاپ.
-سۇ ئىدارىسىگە ...
-ۋاي ئەمىسە باردىغان يېرىمىزمۇ بىركەنغۇ؟! سىز سۇ ئىدارىسىدە خىزمەت قىلامسىز؟
-ھەئە.
-قاچاندىن بېرى؟ مەن ئەجەپ سىزنى كۆرمەپتىكەنمەنغۇ؟مەنمۇ شۇ ئىدارىدە خىزمەت قىلىمەن.
-ھە شۇنداقمۇ؟ مەن خىزمەتكە چۈشكىلى ئۇزۇن بولمىدى...
-قايسى بۆلۈمگە تەقسىم قىلىندىڭىز؟
-مالىيە بۆلۈمىگە،-دىدىم ۋە سېنىڭ قىزغىنلىقىڭدىن سەل نارازى بولغاندەك ئەتراپقا ئېھتىيات بىلەن قاراپ قويۇپ ۋېلىسپىتىمنىڭ رولىنى بۇرىدىم.
-ۋاي ئەكىلىڭە مەن ۋېلىسپىتىڭىزنى ئېلىپ قېچىپ كەتمەيمەن. مانا خىزمەتداش چىقىپ قالدۇق ئەمدى تەكەللۇپ قىلىشىپ كەتمىسەكمۇ بولار؟
سەن قولۇمدىن ۋېلىسپىت رولىنى مەجبۇرى تارتىۋالدىڭ ۋە قولىڭدىكى كۈنلۈكنى ماڭا ئۇزاتتىڭ.
-بۇ كۈنلۈكنى ئېلىۋېلىڭ. ئۈستىبېشىڭىز بەك ھۆل بولۇپ كىتىپتۇ. ھەراس بۇ ياغلىقتا يۈزلىرىڭىزنى سۈرتىۋېلىڭ.
يانچۇقۇڭدىن چاقماق گۈللۈك كەرىشناۋاي قولياغلىقنى چىقىرىپ بىر قولۇڭدا كۈنلۈكنى بىر قولۇڭدا قولياغلىقنى ماڭا ئۇزىتىۋىدىڭ يوتىلىرىڭغا تېرىۋالغان ۋېلىسپىت پاتقاقلىق يەرگە سىرىلىپ چۈشتى.
-بولۇڭە تېز؟! تېز ئالماي قاراپ تۇرىسىزغۇ؟ ۋېلىسپىتمۇ لاي بوپ كەتتى مانا؟!
ئاۋازىڭنىڭ قوپاللىقىدىن سەل رەنجىگەن بولساممۇ قوللىرىڭدىكى نەرسىلەرنى تېزلا ئالدىم.
كۈنلۈكتىنمۇ 5 مىنۇت بەھرىمان بولالىدىم. يامغۇر توختىدى .لېكىن قولياغلىقىڭنى ئىشلەتكۈم كەلمىدى . ئىدارە ئالدىغىمۇ يېتىپ كەلگەن ئىدۇق...
كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ قورا ئىچىگە توختىتىپ قويغان ۋېلىسپىتىمنى ئىزدەپ ھېچيەردىن تاپالماي تۇراتتىم ، سەن ئىدارە دەرۋازىسىدىن ھاسىرىغىنىڭچە ۋېلىسپىتنى يىتىلەپ يۈگرەپ كىرىپ كەلدىڭ.
-سىز ئىشتىن چۈشكۈچە ۋېلىسپىتىڭىزنىڭ كامىرىنى يامىتىپ كېلەي دەپ شۇنچە تىرىشساممۇ ئۆلگۈر باشلىق ئىشتىن چۈشۈشكە 20 مىنۇت قالغاندىلا ئاندىن رۇخسەت بەردى.... ئۈلگۈرەلمەي قاپتىمەن، كەچۈرۈڭ ھە؟!
ۋاي…. دەپ لىۋىمنى چىشلەپ تۇرۇپ قالدىم…ئۆزۈم يەملىتەتتىم ئەمەسمۇ؟ نىمە قىلاتتىڭىز جاپا تارتىپ؟! قانچە پۇلغا ئوڭشاتتىڭىز؟ دىدىم مەن يانچۇقۇمنى ئاقتۇرغاچ.
-ۋاي بولدى، ماڭا تولا ھاقارەت قىلماڭ جۇمۇ پارچە پۇل تەڭلەپ؟! بەرسىڭىز پۈتۈن-پۈتۈن بېرىڭ. ھا ھا ھا
-ۋېييەي سىزگە نىمىشقا پۈتۈن-پۈتۈن پۇل بەرگۈدەكمەن؟ ۋېلىسپىتىمگە نەچچە پۇل خەجلىگەن بولسىڭىز شۇنچە پۇل بېرىمەن. دىدىم مەن.
- ۋاي بولدى ھېچقىسى يوق. ۋېلىسپىت ئوڭشايدىغان تۇنۇشۇم بارتى شۇنىڭ يېنىغا ئاپارسام بىكارغا ئوڭشاپ بەردى.
-ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟ دىدىم مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.
-ئەگەر مەن ۋېلىسپىت ئوڭشايدىغان كىشىگە پۇل بەرسەم سىزمۇ ماڭا بېرەتتىڭىز شۇنداقمۇ؟ دىدىڭ ھەييارلىق بىلەن.
-ھەئە.
-بولىدۇ ئۇنداقتا مەن ۋېلىسپىت يەملىگۈچىگە ( رەھمەت) دىگەن سۆزنى بەرگەنكىن سىزمۇ ماڭا شۇ سۆزنى بېرىڭ- دىدىڭ كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ.
-رەھمەت- دىدىم ، ۋە ھەيرانلىق بىلەن،- ۋېلىسپىتنى ئوڭشاتقان ئادەم نىمىشقا مىنىپلا كەلمەي يىتىلەپ يۈگرەپ كەلدىڭىز، دەپ سورىدىم.
- ۋاي مېڭە، قىز بالىنىڭ ۋېلىسپىتىنىمۇ مىنەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىدىكى ، تېشىدىكى بالونىڭىزنىڭمۇ ھەممىسى چىرىپ جېنى ئاران قاپتۇ، مىنى كۆتۈرەلەمدۇ؟ ئەتە باشلاپ مىنمەڭە بولدى سىزنى ئۆزۈم ئەكىلىپ قوياي.
- ئۆزۈم كىلەلەيمەن. دىدىم خىجىللىق ۋە ئاچچىق ئەلەم بىلەن.
سېنىڭ گەپ قىلىشىڭنى ساقلىمايلا ۋېلىسپىتنى مىنىپ كەتتىم.
كېچىچە مىنى ئوسال ئەھۋالغا قويغان ۋېلىسپىت ۋە ئاشۇ ئوسال ئەھۋالدا سېنىڭ ئالدىڭغا تاشلىغان تەقدىردىن ئاغرىنىپ چىقتىم. ئەتىگەندە بالدۇر ئويغىنىپ، ئاپام تەييارلاپ قويغان چېيىمنى چالاپ-پۇلىلا ئىچىپ پىيادە يولغا چىقتىم.دەل تۈنۈگۈن سەن ماڭا ئۇچرىغان يەرگە كەلگەندە ئىختىيارسىز ئەتراپقا قاراپ بىلىندۈرمەستىن سېنى ئىزدىدىم. كۆرۈنمىدىڭ، نارازىلىق بىلەن لىۋىمنى چىشلەپ يولۇمنى داۋام ئەتتىم ۋە ئۆز- ئۆزۈمگە ھەيران بولۇپ كۈلىۋەتتىم ‹‹ قىززىق ئىش نىمىگە ئاغرىنىمەن؟ نىمىشقا سېنىڭ ئۇ يەردە بولىشىڭنى خالاپ قالدىم؟ شۇنچە يىل قانچىلىغان يىگىتلەر نىمىلەرنى قىلىپمۇ مايىل قىلالمىغان كۆڭلۈمنى بىر كامىرنى يەملىتىپ بەرگىنىڭ ئۈچۈن ساڭا بەرسەم ھە؟!›› ئاۋازىمنى چىقىرىپ كۈلىۋەتتىم. قىسقىسى ئۆزۈمنى مازاق قىلىپ، بايىقى دەقىقە ئىچىدە پەيدا بولۇپ ئۆچكەن نامۇۋاپىق ئىستىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىپلىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-4 07:58 PM