ئامانەت پۇل
ھەر شەنبە كۈنى كەچتە ئائىلە بويىچە ھەممىمىز تاماق شىرەسى ئەتراپىغا يىغىلىپ، بۇ ھەپتە دادامنىڭ ئەكەلگەن ئازغىنا مائاشنى ئاپامنىڭ قانداق تەقسىم قىلىدىغىنىغا قاراپ تۇراتتۇق .
پۇل نەچچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ ئۈستەلگە قويۇلدى. " بۇ ئۆي ئىجارىسى " بۇ يىمەكلىك دۇككىننىڭ ..." ئاپام تەقسىم قىلىۋاتاتتى .
" مىنىڭ ئايغىم يىرتىلىپ كەتتى ،نەچچە قېتىم ياماپ ئەمدى قايتا يامىغىىلىمۇ بولمايدىغان بولۇپ كەتتى ،ماڭا يېڭى ئاياقتىن بىرنى ئالساق بولارمۇ ؟"دىدى بالىلاردىن بىرى . ئاپام بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن 3 تەڭگىنى ئايرىدى.
" بۇ ھەپەت مىنىڭ قېرىنداش سېتىۋېلىشىم كىرەك" دىدى بالىلاردىن بىرى. ئاپام قوشۇمىسىنى تۈرۈپ قويۇپ 5 پۇڭلۇق تەڭگىدىن بىرنى ئايرىدى.
پۇل داۋاملىق ئازلاۋاتاتتى. ئاخىردا دادام " باشقا ئىش قالمىغاندۇ؟" دەپ سورىدى. ئاپام بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى، ھەمدە قالغان پۇلنى تارتمىغا سېلىپ قويغاچ " مىنىڭچە بۇ پۇل كىلەر ھەپتىلىك تۇرمۇشۇمىزغا يېتىدۇ .بانكىدىكى ئامانەت پۇلىمىزغا ئېيتىشمىساقمۇ بولغۇدەك" دىدى. كۆپچىلىك ئىختىيارسىز ھالدا ئەركىن نەپەس ئالدۇق.
ھەر قېتىم ئاپىمىزنىڭ بانكىدا ئامانەت پۇلى بارلىغىنى ئويلىغىنىمىزدا خۇشاللىناتتۇق، پەخىرلەنگەن ھالدا ئىللىق ۋە بىخەتەرلىك ھىسسىياتلىرىغا چۆمەتتۇق.ئائىلمىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئۇ بىزنىڭ تىرىشىپ كۆرەش قىلىشىمىزغا جاسارەت بېغىشلايتتى.
لىيلېس سودا مەكتىۋىدە ئوقۇماقچى بولىۋىدى، ھەممىمىز قوشۇلدۇق. دەرھال شىرە ئەتراپىغا يىغىلدۇق.ئاپام قىزىل رەڭلىك كىچىك ياغاچ قۇتىنى شىرە ئۈستىگە قويدى .ئۇنىڭ ئىچىدە ئائىلىمىزنىڭ يىققان ئازراق پۇلى بار ئىدى. ھەر قېتىم ئائىلىدە جىددى ئىش چىققاندا ئاپام ئۇنى ئاچاتتى . ئىسىمدە قېلىشىچە ئىلگىرى دادام ئاغرىپ قېلىپ دورا ئالماقچى بولغاندا ۋە يوھان جىگەر كىسىلى بولۇپ قېلىپ دوختۇر چاقىرغاندا ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۇلنى ئىشلەتكەن ئىدۇق.گەرچە بىزنىڭ بانكىدا يەنە ئازراق ئامانەت پۇلىمىز بولسىمۇ لىكىن ئۇنى ھەرگىز ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدۇق.
لىيلېس سودا مەكتەپكە كىتەرلىك بولغان بارلىق چىقىملارنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كىيىن ،ئاپام ياغاچ قۇتىدىكى پۇللارنى شىرەگە تۆكۈپ ،بىر بىرلەپ ساناپ چىقتى ، يەتمەيدىكەن . ئاپام قوشۇمىسىنى تۈرۈپ " ئەجىبا بىز ئەمدى بانكىدىكى ئامانەت پۇلىمىزنى ئىشلىتىۋىتەرمىزمۇ؟" دىدى.
ھەممىمىز جىددى چارە تەدبىر ئويلاشقا باشلىدۇق.
" مەن ئەيدى ھامماملارنىڭكىگە بېرىپ ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىپ بوۋىقىنى بېقىشىپ بەرسەم ،ئاز تولا پۇل تاپالىشىم مۇمكىن " دىدى كارلى تۇنجى بولۇپ ئېغىز ئېچىپ.
" مەن دېرىننىڭ دۇككىنىغا بېرىپ ئىشلەي " دىدى خاررىي ئالدىراپ.
ئاپام ئۇلارغا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ قويۇپ تىزلىكتە ھىساپلاپ چىقىپ" يەنە ئازراق كەملەيدىكەن " دىدى.
كۆپچىلىك سۈكۈتكە چۆمدۇق. ئىلگىرى سىمىت ئەپەندىنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىدا ماشىنا سۈرتكەنلىگىىم تۇيۇقسىز ئىسىمگە كەلدى، ئۇ تېخى مىنى ماختىغان ئىدى. شۇڭا ئالدىراپ " مەن سىمىت ئەپەندىنىڭ قېشىغا بېرىپ سوراپ باقاي ،ئەگەر ئۇنىڭ يېنىدا ماشىنا سۈرتىدىغانغا ئوخشاش ئىشلاربولۇپ قالسا ،بىراز پۇل تاپالىشىمىز مۇمكىن " دىدىم .
ئاپام بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ بىراز ھىساپلىغاندىن كىيىن ،چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. ۋە " مىنىڭچە ئەمدى يىتىدۇ" دىدى.
قالتىس بولدى ! يەنە بىر قېتىم بانكىدىكى ئامانەت پۇلىمىزنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ قالدۇق. ھەممىمىز شاتلىققا چۆمدۇق.
كۈنلىرىمىز موشۇنداق ئۆتۈپ،قاچانلاردىدۇ ھەممىمىز بىر بىرلەپ خىزمەتكە چىقتۇق، توي قىلدۇق . دادام ئىلگىكىدىن ۋىجىكلەپ ،ئاپامنىڭ چاچلىرىمۇ ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى.
بىز ھازىر تۇرىۋاتقان بۇ ئۆيىمىزنى سېتىۋالدۇق.تۇرمۇشىمىزمۇ خېلى ياخشىلىنىپ قالدى. بىراق بىز ئەزەلدىن ئاپىمىزنىڭ ئامانەت پۇلىغا چېقىلمىغان ئىدۇق . ئالدىنقى كۈنلەردە مەن بىرىنچى قېتىملىق قەلەم ھەققىمنى ئېلىپ ،ئۇنى ئاپامغا بەردىم ۋە بۇنىمۇ ھېلىقى ئامانەت پۇلىغا قېتىپ قويۇشنى ئېيتتىم. ئاپام قولىدىكى ئىشنى توختۇتۇپ ،كۈلۈپ تۇرۇپ" قايسى ئامانەتنى دەيسەن؟ مەن بۇ ئۆمرۈمدە بانكىنىڭ ئىشىگىدىن كىرىپ باققىنىم يوق " دىدى.
"بالىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۆگۈتىدىغان 102 ھەقىقى ھىكايە " ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى