 |
كىملىك گۇۋاﻫنامىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن ﻫالدا ئۆزىنىڭ ﻫەقىقىي كىملىكىنى بىلمەسلىك،ئادەملىرىمىزدىكى گۇمراﻫلىقنىڭ تىپىك جۈملىسىدىندۇر.
بىز باشقىلارغا ئەگىشىمىز دەپ ئۆزىمىزدىن چەتنەپ كەتتۇق,باشقىلارغا ئىشىنىپ ئۆزىمىزگە ئىشەنمەس بولدۇق,ئۆزىمىزگە باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن باﻫا بەردۇق,ئاخىر ئۆزىمىزنى يىتتۈرۈپ قويدۇق.
سىرتقا چىققاندىلا ئۇ يەردە دوستنىڭ بارلىقىنى بايقايسەن,دوست-دۈشمەن ﻫەققىدىكى بىلىمىڭ ئاشىدۇ,ﻫاياتنىڭ ۋە مۇﻫەببەتنىڭ قەدرىگە شۇچاغدا يېتىسەن.
بىلىم ئۆزىنىڭ قەدرىنى تاپمىغان جەمىيەتتە قىزلارغا نىسبەتەن چىرايلىق بولۇش بىلىملىك
بولۇشتىن ئەلا بىلىنىدۇ,چۈنكى قىز ئاياللاردىكى گۈزەللىك بىيوكراتلارنى بىر ئىشقا ماقۇل كەلتۈرۈش
كە يارايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال.
ۋەتەن كۈن ئېلىش تەسكە چۈشكەنلەر ئۈچۈن بىر ۋاقلىق تاماق ياكى تىرىكچىلىكنىڭ پاناﻫگاﻫىدۇر,ئۇنىڭدىن ﻫالقىغانلار ئۈچۈن ئەجداد ۋە ئەۋلادنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇقەددەس ﻫالقىدۇر,
ۋەتەن ياتلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۈتمەستۈگىمەس نەپسىنى قاندۇرىدىغان بايلىق ماكانىدۇر.
سەن قەيەرگە بېرىشىڭدىن قەتئىينەزەر,ئۆز مەدەنىيىتىڭدىن ئۇچۇر بېرىدىغان روﻫ ۋە قىياپەتكە ئىگە بولىشىڭ كېرەك.
نىيەت ﻫارام بولسا, بەرىكەت كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ.
ئېسىل سۈپەت بۇلۇشنىڭ ئالدىنىقى شەرتى ئېسىل روﻫ ئىگىسى بولۇشتۇر.
تۈرلۈك مەدەنىيەت گىرەلىشىپ كېتىۋاتقان دۇنيادا سەن ئۈزەڭنىڭ مىللىي روﻫ
ۋە ﻫەزارىي كىملىكىڭنى پۇختا قۇرۇپ چىقمىساڭ,بىر ئىجتىمائىي مەخلۇق بۇلۇش شەرتىڭنىمۇ ﻫازىرلىيالمىغان بولىسەن ئۇنداق ئەﻫۋالدا سەندە ئىناۋەت بولمايدۇ.
مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئەر كىشى ﻫەرىكەت ئارقىلىق تەرلىنىپ تۇرىشى ئاجىزلىقتىن تەرلەيدىغان ﻫالغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك. ئالدى بىلەن قەلب پاكىز بولۇش كېرەك,شۇچاغدا مۇﻫىتمۇ تەبىئىي ﻫالدا پاكىز بولىدۇ
ۋاقىت ئىنسانلارغا ئەڭ ئادىل تەقسىملەنگەن مۈلۈك. لېكىن بۇ مۈلۈكنىڭ سەرپىياتى ۋە ياراتقان قىممىتى ﻫەربىر دەۋردە جەمىيەتتە ۋە تۈزۈمدە ئوخشاش ئەمەس.
باشقا بىرى مەجبۇرلىمىسىمۇ تەبىئىي ئىجرا بولغان ئەخلاقنىڭ ئۆزى ﻫەقىقىي مەدەنىيەتتۇر.
ئۆزىڭىز چالا بىلىدىغان تىلدا باشقىلار بىلەن سۆزلىشىش سىزگە ئېغىر روﻫىي بېسىم ئەپكېلىدۇ.
ئادەمدە بار بولغان ۋاقىت بىلەن تالانت ئاددىي تۇرمۇش ئۈچۈن دەسمايىگە ئايلانغان شارائىتتا قىمىرلاپ يۈرگەن نۇرغۇن گەۋدە تالانتنىڭ تىرىكمومىياسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بىر مىللەتنى چۈشىنىش,ئۇنىڭ تىلى ۋە ئېتقادىنى,تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت
ئاياللارنىڭ كۆپ يەيدىغان بوپ كېتىشى بىر مىللەت ئاياللىرىدىكى لاتاپەتنىڭ يوقالغانلىقىدىن, تۇلا گەپ قىلىدىغان بوپ كېتىشى بىر مىللەت ئاياللىرىدىكى نازاكەتنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىر مىللەتنى ئەقىل بىلەن چۈشىنىش باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ قولىدىن كېلىدۇ , لېكىن مۇﻫەببەت ۋە قەلب بىلەن چۈشىنىش پەقەت شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدىن
كېلىدۇ.
دەۋرنىڭ ئۇشتۇمتۇت رىقابەتلىرىگە نىسبەتەن ﻫېچقانداق تەييارلىقى بولمىغان خەلق ﻫەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى ئايرىيالماي ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.
ئېتقاد سىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان ﻫەرقانداق ئۆگىنىش ئىنساننى مەﻫكۇملۇققا دۇچار قىلىدۇ.
ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشەنمىسە,كېلەچىكى توغرىسىدا ئويلانمىسا ،پەقەت قورساق بېقىش ۋەسۋەسسىدىلا بولسا بالىلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي,مىللىي كىملىكى ﻫەققىدە مەكتەپلەردىن ساۋاق ئالالمىسا ئۇ بېلىققا ئوخشاش ياشىشى مۈمكىن ئۇ پاكىز سۇدىمۇ ياشاۋېرىدۇ, پاسكىنا سۇدىمۇ ئاۋاز چىقارماي ياشاۋېرىدۇ, سۇسىزلىقتىمۇ ئاۋاز چىقارماي ئۆلىدۇ.
ﻫەممە ئىش پۇرسەتكە باغلىق, پۇرسەت ئادالەتكە باغلىق.
ئۆزىنى ئىپادىلەش,بىر خىل ﻫۆرلۈك.
مۇساپىرلىقنىڭ خېمىر تۇرچىنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئېلىپ چىققان ئادەم باشقا ئەللەردىمۇ مۇساپىر.
بىزنىڭ ئۆگىنىدىغان,ئىزدىنىدىغان,ئىشلەيدىغان,جەمىيەتكە ماددى ۋە مەنىۋىي بايلىق يارىتىدىغان مەنىۋى پۇرسەتلىرىمىز قانداقتۇر بىراۋنىڭ قولىدا ئويۇنچۇق.
پۇرسەت ﻫوقۇقنى شەرت قىلىدۇ,ﻫېچقانداق ﻫوقۇقى بولمىغان ئادەم پۇرسەت تاللىيالمايدۇ
ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ, قالغان تىللار كۆزئەينەك, دۇربۇن,تېلىسكوپ,مىكروسكوپ ............ دېگەنلارگە ئوخشايدۇ,
ئۇلار ﻫەرقانچە ئىلغار بولسىمۇ,كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولىشى كېرەك.
ئانا تىلىڭ غۇرۇر,مۇﻫەببەت,ۋىجدان,ئەقىدىنىڭ تىلى ئۇ يىلىك مەرىپەت,ﻫەقىقەت,قۇدرەت ئۇنىڭدىن, قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. باشقا تىللار گۇۋاﻫنامە,شاﻫادەتنامە, كاپالەتنەمە ﻫەقۇقنامە تىللىرىدۇر.
بۈگۈنكى دەۋردە چالا پۇلا ئادەم بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ, ﻫەممىدىن مۇﻫىمى مۇكەممەل ئەدەم بولۇش.
مۇكەممەل ئادەم بولۇش نەدىن باشلىنىدۇ ؟ﻫىدايەت ئۈستىگە قۇرۇلغان رەﻫىي ساغلاملىقتىن, پىكىر تىرەنلىگىدىن باشلىنىدۇ دېمەك سەن غايە ۋە ئەقىل ئېگىسى بولىشىڭ كېرەك. بولمىسا سەپەر ئۈستىدە ئاسانلا ئېغىپ كېتىسەن ,ئۆزۈڭنى باشقىلارغا تەقلىد قىلىپ سالىسەن مانا بۇ ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ يىلتىزى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-1 07:08 PM
|
 |