ئىسلامىي ھىكمەتلەر
1-ئاللاھ غەزىپي ساڭا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئىبادەت،ئىستىقامەتتە چىڭ تۇر.
2-دۇنيا ئەھۋالىنى ياخشى بىلسەڭ،ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىلىيەلەيسەن.
3-ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ئازلىقى،خارلىقنى ئىلىپ كىلىدۇ.
4-ئاللاھ خالىغاننى ئەزىز،باي،خالىغاننى پىقىر،خارقىلىدۇ.
5-سىنى ئاللاھ سىنايدۇ،سەن ئاللاھنى سىنمايسەن،ئۇخالىغاننى قىلىپ سوراققا تارتىلمايدۇ،سوراق قىلىدۇ.نېمە قىلدىڭ دېمەيدۇ،بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدىڭ؟ دەيدۇ.
6- ھەق يولغا،ھىدايەت تاپقان كىشدىنمۇ ئۇلۇغ كىشنى تاپالامسەن؟
7-كۇفرىدىن چوڭ گۇناھ يوق،دوزاخ ئوتىدىن چوڭ جازا يوق.
8-ھەقىقى ئادالەت بەلگىلىمسى،ئۆزگەرتىشنى قۇبۇل قىلمايدۇ.
9-بەزى چاغلاردا سۇئال سورىمىسا گەپ قىلما.
10-ئالىملار مەجىلىسىدە ئالدىراپ سۆزقىلما،چۈنكى سەندىن ئالىمراقى باردۇر.
11- نۇرغۇن جايلاردا بىر خىل سۆز قىلىش نادانلىق،ھەرخىل جايلاردا لايىقىدا سۆز قىلىش دانالىق.
12- بىرەرسىنى ياخشى ئەمەلدىن توختۇتۇپ قويما،بولمىساسەن ياخشىلىقنىڭ دۈشمىنى بولىسەن.
13-ئازماسلىقىڭ ئۈچۈن پىكىر،تەپەككۇر،كۆزقاراشتا مۇستەبىتلىك قىلما.
14-قاتتىق بولما سۇنۇپ كېتىسەن،يۇمشاق بولما مىجىلىپ كېتىسەن.
15-كىم تىرىشسا،ئىخلاس قىلسا،ئاللاھ ئۇنىڭ نەتىجىسنى چىقىرىپ بىرىدۇ.
16-ھاياتىڭدا ئىنتىزامچانلىق بىلەن ئۈزەڭنى كونتورول قىلالىساڭ،
زورغەلبەقىلغان بۇلىسەن،شەھۋەتكە بۇيسۇنساڭ خار،مەغلۇپ بۇلىسەن.
17-قېرىندىشىڭ ساڭا يامان گەپ قىلسا،سەن ياخشى گەپ قىل.
18-باشقىلار گەپ قىلۋاتسا گىپىنى بۆلمەي بىرىلىپ ئاڭلا،سۈكۈت گۆھەردىن قىممەتلىك،سۆزلىسەڭ قىممەتلىك سۆزلە.
19-كىشلەرئارسىدا ھەقىقەتنى بۇرمىلىما،بولمىسا زور ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
20-تارىخ دېگەن كەلگۈسىگە تۇتۇلغان ئەينەكتۇر،ياخشى كۆرۈپ باق.
21-سۆزلىرىڭدايىم قىسقاپايدىلىق بولسۇن.
22-توغرايول تاپاي دىسەڭ،ياماندىن يىراق بول،مەخلۇققا بولغان تامادىنمۇ يىراق بول،ئۇداۋاسى يوق كېسەل پېقىرقىلۋېتىدۇ.
23-ئىنسان قېرىساكىچىكلىكىگەقايتىدۇ،كۆز،سۆز،قۇلىقى،ئەقلى،ئەستەتۇتۇشى،كۈچ-قۇۋىتى ھەممىسى.شۇڭا ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىل،قىرىلارغاكۈيۈن.
24-ئەمەللىرىڭدە ئاللاھقا ئىخلاس قىل،بۇقۇلچىلىقىڭنىڭ سەمىمىيتى.
25-رەببىڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشلار بىلەن يېقىنچىلىق ئىزدىمە،
تەقدىردىكى سىرنى كوچىلما،بۇ ئەقىل-ئىدراكدىن تاشقىرى ئىشتۇر.
26-بىرەسى مەسلھەت سورىسا،ساماۋى كىتاب قۇرئاندىن مەسلىھەت بەر،مۇسۇلمان بۇلۇپ كارامەت بىرىلگەن بىرزاھىد مۇنداق دىگەن؛
مەن ئىسلام دىنىنى نەپسىمگە تەڭلىسەم ئۇياقتۇرمىدى،شۇنىڭ بىلەن مەن ئىسلام دىنى توغرا ئىكەن دەپ مۇسۇلمان ولغان.
27-ئاياللارغا مەسلىھەت سلىپ،قارشىنى قىلساڭ غەلبەقىلىسەن.
28-زۇلۇمغائۇچۇرغانكىشى ئاللاغا ئەرىزى قىلسۇن،چۈنكى ئۇھەقنى
ئاشكارىلاپ باتىلنى يوقاتقۇچىدۇر.
29-ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىلساڭ سەنمۇ شۇياخشىلىققا ئېرىشىپ
يەنە جەننەت بىرىلىدۇ.
30-قېرىندىشىڭنىڭ ھەققىنى قېرىنداشلىق ھەققىەە تايىنىپ ئىلىۋالما .
31-ئىرادەم كۈچلۈك بولسۇن دېسەڭ ئايال كىشىنى قەلبىڭگە غالىپ قىلما.
32-ھاراق ئىچكۈچى خارلىق خاراپ ئىچكۈچىدۇر.
33-قورقۇنچاقلىق ھاياتنى ئۇزارتالمىغاندەك باتۇرلۇق قىسقار تالمايدۇ.
34-بىر پۇرسەت قولدىن كەتسە ئۈمىد ئۈزمەي ئىككىنچىسنى چىڭ تۇت.
35-ھەربىر ئىنسان باشقىلار بىلەن ئەمەس ئۆزى بىلەن ،مەشغۇل بولسۇن.
36-ھەقىقى بەخىت،مال-دۇنيا بىلەن بولمايدۇبەلكى،ئەقىل نۇرى،پەزىلەت،ئېسل ئەخلاق،قانائەت،رازىلىق بىلەن بولىدۇ،خۇددى بايلىق پۇل بىلەن ئەمەس نەپسىڭنىڭ بىھاجەتلىكى بىلەن بولغاندەك.
37-ئۇستازىڭنىڭ ئاچچىقى بېسىققىچە نېرى تۇر.
38-قانچە قاتتىق كۈنگە قالساڭ شۇنچە ئۈمىدۋاربول،چۈنكى بىر مۈشكۈلۈڭدىن كىيىن ئاسانلىق بار.
39-كىشلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىگە قاراپ ئىشىنىپ قالما،ھالاك بولىسەن.
40-كىشىنىڭ ياخشى يامانلىقنى دوستىدىنمۇ دۈشمىنىدىنمۇ سورىما.
41-ئىلىمنى ھۆرمەتلە،ئوبدان ھىمايە قىل،سىنىمۇ ھىمايە قىلىدۇ.
42-مۇھەببەت كور ۋە گاس قىلىۋىتىدۇ،مەھبۇبىنىڭ قەبىھلىكىنىمۇ گۈزەل كۆرسىتىدۇ.
43-ئوغۇرلۇق قىلما بولمىسا جاھانغا ئىبرەت بۇلىسەن.
44-باي پېقىرنى خارلىسا،ئۇنى ئاللاھ خارلايدۇ،يا دۇنيادا يا ئۇدۇنيادا.
45-ئاللاھقا ئىتائەت قىل،شەيتانغا ئاسىي بول،نىجات تاپىسەن.
46-ھالالدىن تاپقان بىر سوم،ھارامدىن تاپقان 1000سومدىن ياخشى.
47-تۇيۇقسىزمۇ ئۈلۈم بولغاچقا،كۈنلىرىڭنى بىكار ئۆتكۈزمە.
48-ئۆز ئۈيۈڭدە يىگەن بىر پارچەناب،مەھبۇس بۇلۇپ ياكى خارلىق،ئاھانەت ئاستىدا يىگەن گۆش پولودىن ياخشى.
49-قەلبىڭگە مال-دۇنيانى ياخشى كۆرسەتمە،مال-دۇنيا يىغىشقىمۇھىرىسمەن بولما چۈنكى ئۇ تەقسىم قىلىنىپ بولغان.
50-مال-دۇنيا،پۇل-پۇچەككە خوشال بولغىنىڭ،دۇنيانى دوست تۇتقىنىڭ شۇ.
51-ياخشى ئەمەئدە يپغان تاش ئىزىدا چىڭ تۇرغاندەك چىڭ تۇر.
52-يالغانچىنىڭ سۆزىنى تەستىقلىما رەدىيە بەر،بولمىسا باشقىلار سەن سەۋەپلىك راستكەن دەپ قالىدۇ-دە سەنمۇ كاززاپ ھېساپلىنىسەن.
53-كۈن چىققىچە يېتىپ قالما سەھەرتۇر بۇبەك پايدىلىق.
54-سەن بىر كىشىنى ئالداپ قويساڭ سىنى ھەممە كىشى ئالداپ قۇيىدۇ.
55-ئىشەنچىلىك كىشىنى ئامانەتكە قويغاندا بىلىسەن،ئادىلنى ئۇمەنسەپكە ئولتۇرغاندا بىلىسەن.دوستنى قاتتىق كۈنگە قالغاندابىلسەن،باللىرىڭنىڭ ياخشىسىنى سەن مۇھتاج بولغاندابىلىسەن،ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى سەنمۇ قېرىغاندا بىلىسەن،ياشلىق،ساقلىق،بايلىق،ھاياتلىقنىڭ قەدىرنى شۇلارنىڭ ئەكسىدە بىلىسەن.
56-ياخشى ئىنسان دائىم ئاللاھنى ئاخىرەتنى ئەسلەيدۇ.
57-جەننەت قۇربان بىرىشكە تەييار كىشىكە تەييارلانغان.
58-ئىنسان بەختى جىسمانى ئوزۇقتا ئەمەس،روھىي ئوزۇقتا،ئازاپمۇ شۇ.
59-ئۆيۈڭدىمۇ قالايمىقان سۆز،ھەركەت قىلما چۈنكى ئۇلار ساڭا ئىقتىدا قىلىدۇ.
60-دائىم قەلبىڭنى ئايال كىشىگە ئالاقىدار قىلىپ قويما ھاياتىڭ نابۇت بولىدۇ.
61-ھەق يولغا بېخىللىق قىلما،يا سەندىن مال-دۇنيا كېتىپ قالىدۇ يا سەن كېتىپ قالىسەن.
62-ھارام ئىشلارنى قىلىش ئاخىرەتتىكى نېسىۋەڭنى قىرىپ تاشلايدۇ.
63-قۇرئان قەلىبگە، شەك-شۈبىگە، دەرت-ئەلەمگە ھەرخىل كېسەللەرگە شىپادۇر.
64-ھەرئىشتا ئىنساپ قىلىش كىشنى توغرا يولغا يىتىكەلەيدۇ،ھەقنى سۆزلىتىدۇ،ئىمانىڭىزنى كۈچەيتىدىغان مۈجىزە ئۆزجسمىڭىزدا.
65-بىر ئېغىز سۆز بولسىمۇ بىدئەتتىن ھەزەرقىل،بىدئەت زالالەت بۇلۇپ دوزاخقا باشلايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابباس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-1 06:45 PM