مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1291|ئىنكاس: 4

ئالما تارىخىدىكى ئون چوڭ مەغلۇپ مەھسۇلات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 05:59:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالما تارىخىدىكى ئون چوڭ مەغلۇپ مەھسۇلات





ئامېرىكا ئىچكى سودا تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرى: كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئالما شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەھسۇلاتلىرى يېڭىلىق يارىتىشقا باي ھەم دەۋىرنىڭ ئاساسلىق ئېقىمىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ كەلمەكتە. ئالما شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقارغان iPod ، iPhone، iPad ۋە Macbook قاتارلىق بىر يۈرۈش كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم ئۆزىگە رام قىلىۋالىدىغان مەھسۇلاتلىرى بار. ئەمما ئالما شىركىتىنىڭ ھەر بىر ئىجادىيتى ھەممىسى دىگۈدەك ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس. تۆۋەندىكىسى ئالما شىركىتى تارىخىدىكى ئون تۈرلۈك مەغلۇپ بولغان مەھسۇلاتىدۇر.

1. Apple Ⅲ (ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى 1980-1981-يىللىرى) بۇ ئالما تارىخىدا بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى Steve Wozniak لاھىيلەشكە قاتناشمىغان تۇنجى كومپىيوتېر بولۇپ، نەتىجىدە بۇ كومپىيوتىرنىڭ تاشقى شەكلى قوپال بولۇپلا قالماي، ئاساسىي تاختىنىڭ تىمپىراتۇرىسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، كومپىيوتېرنىڭ دائىم قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈزەكلىرىمۇ كارتا ئوقۇرىدىن چىقىپ كېتىپ، پۈتكۈل سېستىمىنىڭ يۈرگۈزۈلىشىدە مەسىلە كۆرۈلگەن.

2. Apple Lisa ( ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى1983-1985-يىللىرى) Lisa ئالما شىركىتىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئوتتۇرىغا چىقارغان شەخىسلەر كومپىيوتېرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يۈرگۈزۈلۈش سۈرئىتى ئاستا بولۇپلا قالماي، مەشغۇلات قىلىشمۇ تازا دېگەندەك قولاي ئەمەس، ئەمما باھاسى كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى. ئىگلىنىشچە، ئەمدىلا يېڭى بازارغا سېلىنغاندىكى سېتىلىش باھاسى 9995 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرى ئالما شىركىتى 1986 -يىلى Lisa دىن ۋاز كەچكەن، شۇنداقلا كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيتىنى ئويۇشتۇرۇپ، كونا Lisa نى ئىشلەتكۈچىلەر پەقەت 1500 ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرسىلا باھاسى 4100 ئامېرىكا دوللىرى بولغان يېڭى ئەۋلاد كومپىيوتېر Mac Plus قا ئېرىشەلىگەن.

3. Apple Macintosh Portable ( ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى 1989-1991-يىللىرى) بۇ خىل كومپىيوتېرنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى باتارىيەسىدە بولۇپ، دائىم دىگۈدەك كومپىيوتېرنى توك مەنبەسىگە ئۇلىسىمۇ ئېچىلماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ بىر خىل ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ( Portable ) دەپ نام قويۇلغان كومپىيوتېر بولسىمۇ ، ئەمما ئېغىرلىقى 16 قاداق ( 7.264 كېلوگرام )ئېغىرلىقتا بولۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئانچە ئەپلىك بولمىغان.

4. Apple Newton (ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى 1993-1998-يىللىرى) Newton ئالما شېركىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقارغان تاختا كومپىيوتىرى بولسا كېرەك، ئەمما باتارىيەسىنىڭ ئۇزاققا يەتمەسلىكى، ئېكرانىنىڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەغلۇبىيىتى بىلەن خوشلاشقان. ئەمما مەزكۇر مەھسۇلاتى كەلگۈسىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسىنى لاھىيلەشتە باشلامچىلىق رول ئوينىغان، شۇنداقلا كىشىلەرگە نېمىنىڭ تاختا كومپىيوتېر ئىكەنلىكىنى تونۇتقان.

5. Apple Pippin (ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى 1995-1996-يىللىرى) ئەينى ۋاقىتتا ئالما Pippin نى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا، باشقا ئويۇنچۇق شىركەتلىرى ئاللىبۇرۇن بازارنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنى ئىگىلەپ بولغانلىقتىن، بۇ مەھسۇلات كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان. Pippin نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سېتىلىش باھاسى 600 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالما شىركىتى تۇنجى يىلدا 300 مىڭ دانە سېتىشنى پىلانلىغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە Pippin دىن ئارانلا 12 مىڭ دانىدىن 42 مىڭ دانىغىچە سېتىلغان.

6. 20 يىللىق خاتىرە نەشىردىكى Mac (ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى 1996-1997-يىللىرى) شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئالما شىركىتى چەكلىك مىقداردىكى Mac شەخىسلەر كومپىيوتېرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. سېتىلىش باھاسىنى 8000 ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتكەن. گەرچە بۇ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرىنى جەلىپ قىلغان. شۇنداق قىلىپ، 2010-يىلىغا كەلگەندە، ئەينى ۋاقىتتا سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويغان بىر يۈرۈش 20 يىللىق خاتىرە نەشىردىكى Mac نى 1000 ئامېرىكا دوللىرىغا ساتالىغان.

7. Apple eMate (ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى 1997-1998-يىللىرى) eMate گەرچە خېلى ياخشى مەھسۇلات ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ خىل خاتىرە كومپىيوتېر مەخسۇس مائارىپ ساھەسىگە قارىتىپ لاھىيلەنگەنلىكتىن، كەڭ كۆلەمدە سېتىشقا ئامالسىز قېلىپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى توسالغۇغا ئۇچىرىغان. ھازىرغىچە ئالما شىركىتى eMate نىڭ زادى قانچىلىك سېتىپ چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئاشكارلىمىدى.

8. Hockey Puck مائۇس (ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى 1998-2000-يىللىرى) بۇ خىل مائۇسنىڭ تاشقى شەكلى قارىماققا بىر دانە ئوپتىك دېسكىغا ئوخشايدۇ، چوڭ-كىچىكلىكى بىر قەدەر كىچىك شۇنداقلا يۇمىلاق بولغانلىقتىن، مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا ئىنتايىن قولايسىز بولغان. شۇ سەۋەبلىك بازارغا سېلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان.

9. Power Mac g4 Cube (ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى2000-2001-يىللىرى) بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىجادىي لاھيىلىنىشى كىشىنى قايىل قىلسىمۇ ، ئەمما باھاسى ئىنتايىن قىممەت بولغانلقتىن، شۇنداقلا ئېكراننى يەنە پۇل چىقىرىپ سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەڭ دەسلەپكى Power Mac g4 Cube نىڭ لاھىيلىنىشىدە كەمتۈكلۈك بار بولۇپ، سوۋۇتۇش ۋە تاشقى قاپنىڭ يېرىلىشى قاتارلىق مەسلىلەر كۆرۈلگەن.

10. U2 iPod (ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى2004-يىلى) بۇ ئالما شىركىتى بىلەن U2 مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بىر قېتىملىق ھەمكارلىشىشى بولۇپ، ئالما U2 iPod نى ئوتتۇرىغا چىقارغان، ھەمدە iTunes ئارقىلىق 《Vertigo》 كۈيىنى مەخسۇس تارقاتقان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ مەھسۇلات تاشقى شەكلىدىكى ئۆزگىرىش ھەمدە ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان U2 مەخسۇس پىلاستىنكىسىدىن باشقا، باشقا ئىقتىدارلىرى ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان iPod بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى. بۇلاردىن باشقا بۇ خىل U2 iPod چەكلىك مىقداردا سېتىلدىغان مەھسۇلات بولغانلىقتىن، ئادەتتىكى iPod تىن 50 ئامېرىكا دوللىرى قىممەت بولغان. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرى بۇ مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى ئىنكاسى شىركەتنىڭ ئالدىن مۆلچەرىگە يېتەلمىگەن.


مەنبەسى:خەلق تورى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11958
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7036
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 11:32:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەغلۇنىيەت بولغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپىقىيەت بولىدۇ. جان تەندىلا بولسا تىرىشىش كىرەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 10:54:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق نەرسە ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە. بىز ئالما شىركىتىنىڭ مەخسۇلاتىنى ئىشلىتەلمىگەن بولساقمۇ ئىلغارلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس
kvndiz-kiche بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 11:05:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 12:34:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما ماڭا تىلفۇنىڭ ئىچىدە ئالما تىلفۇن بەكلا يارايدۇ؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش