مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hatem

مەن ئىچكىرىدە كۆرگەن مائارىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24247
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7298 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 12:51:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مۇشۇ جۇڭگۇ مائارىپى

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1234 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 04:34:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىغىپ ئېيتقاندا جۇڭگونىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىنتايىن خاتا، بولۇپمۇ خەنزۇلارنىڭ. ئەگەر توغرا بولسىدى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسى بىلەن جۇڭگو دۇنيانىڭ ئىقتىساسلىقلار ئۇۋىسى بوپ قالار ئىدى، بىراق ئىقتىساسلىقلار يوق دىيەرلىك. نۇرغۇن ئادەملەر بارغۇ دېيشىمىز مۇمكىن، لىكىن جۇڭگودا ئەڭ كۆپ نەرسە شۇ ئادەم، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنچىلىك ئىككى تۆت تال ئىقتىساسلىق خادىملار بىر دۆلەتكە يىتىشەلمەيدۇ دە.
بىزنىڭ ئىشخانىدىكى خەنزۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ بالىسى تولۇقسىزدا ئوقۇيدۇ، ھېلىقى بالىلار كۈندە ئەڭ ئاز دېگەندە 4-5 سائەت تاپشۇرۇق يازىدۇ. مۇشۇ توغۇرلۇق ئىككى مۈرىسىنىڭ ئۈستىدىكى نەرسە سەل ئىشلەيدىغان ئادەم بولسا ئېنىقلا ئاچچىقى كېلىدۇ. ھۆكۈمەت ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ساپا مائارىپىنى ئۇنى قىلىپ، بۇنى قىلىپ دەپ سۆزلەۋاتقىلى 20 يىل بولاي دىدى. بىچارە ئوقۇغۇچىلارنى كىچىك تۇرۇپ مۇشۇنداق قىيناش ساپا مائارىپىمۇ؟ ئۈرۈمچىدە يىلىغا ئاز بولمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئەھۋال يىلدىن يىلغا ئاشماقتا. ئۇ ئوقۇغۇچىلار نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ بىز بۇ يەردە مەملىكىتىمىزنىڭ تۈزۈلمىسىنى شۇئار توۋلىماي خەلقنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئويلاشساق ئەڭ ياخشى بولىدۇ. يىغىنلاردا ساپا مائارىپىنى يولغا قويغاندىن بۇيان .......... دەپ سۆزلەپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ساپا مائارىپى تېخى جۇڭگوغا قەدەم بېسىپ باقمىدى. ھازىرقى مائارىپ تۈزۈلمىسى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تەربىيلەش ئۇسۇلى. ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسىدا پەقەت بىرلا ئوي، ئۇ بولسىمۇ دىپلومنى ئالسام مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتسەم شۇ ھېساب. جۇڭگودا ئادەمنىڭ بىلىمىگە ئەمەس قولىدىكى دىپلومى بىلەن يانچۇقتىكى پۇلىغا قاراپ ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا باھا بېرىدىغان ئەھۋال جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى. نۇرغۇن ئادەم بىرەرسى بىلەن پاراڭلاشسا قارشى تەرەپتىن سورايدىغىنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان؟ قارشى تەرەپنىڭ قانداق نەتىجىسى بار ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق. مۇنداقچە ئېيتقاندا جۇڭگودا ھەممە ئاتا-ئانا مائارىپقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەندەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئەڭ ئاخىرىدا مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش. مۇشۇ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىمۇ قالتىس دە، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىنىڭ قانداق كەسىپتە ئوقۇغانلىقى قاتارلىق ئىشلار بىلەن كارى يوق، دوختۇرلۇقتا ئوقۇغان بالىلار قارىسا ساقچى فورمىسى كىيىپ يۈرگەن، ساقچىلىقتا ئوقۇغانلار يەنە باشقا ئىشنى قىلىپ، ھەي مۇشۇ مائارىپقا ئېتىبار بەرگەنلىكمۇ؟ ئۇستازى زالىم بولسا شاگىرتى ئالىم بولىدۇ دەپ ئوقۇغۇچىلارنى كېچىسىمۇ ئۇخلاتمايلا ئۆگىنىش قىلغىلى سالساقمۇ بولماس؟ ئەتىگەندىن كەچكىچە دەرس ئوقۇپ، كەچتە كېلىپلا تاپشۇرۇقنى يېزىشقا باشلىسا نەچچە سائەتلەپ شۇ تاپشۇرۇقنى (ئازراقلا ۋەزىپە بېرىلسە توغرا بولىدۇ. چۈنكى تاپشۇرۇق يېزىش بىر ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، كىتابتىن كۆچۈرۈپلا يېزىپ قويىدىغان نەرسە) يازسا، دەرسنى قايسى ۋاقىتتا تەكرار قىلىدۇ؟ كېچىسى ئۇخلىماي تەكرار قىلىپ يۈرسە بولماس ئەمدى؟ ئۈستىدىكى ئىنكاسنى يېزىۋاتقان بەزى تورداشلار ھېسسىياتقا سەل بېرىلىپ قاپتۇ. بۇنچە شۇئار توۋلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ھازىرقى مائارىپ تۈزۈلمىسى خاتا بولغانكەن خاتا دېيىش كېرەك. مەن شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابىنى چىقىرىدىغانلارنىڭ بىرى. سىلەر مۇشۇنداق سۆزلەشتىن بۇرۇن شۇ ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ كىتابىنى قولۇڭلارغا ئېلىپ تەپسىلىي كۆرۈپ بېقىڭلار، ئۆگىنىدىغان نەرسىدىن قۇرۇق گەپ جىق. بىزنىڭ بۇرۇنقى كىتابلىرىمىزنى مىللىي ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى چىقىراتتى، شۇڭا شۇنداق چۈشىنىشلىك قىينالمايلا ئۆگىنىۋالاتتۇق. ھازىرقى كىتابلار (ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچە، ئوخشاش بىر نەرسىنى ھەر خىل يوللار بىلەن چۈشەندۈردۇق دەپ، ئۆزىچە يېڭىلىق يارىتىپ ئوقۇغۇچى بالىلارنى گاڭگىرتىپ قويىدۇ، ئاقىۋەتتە شۇنداق قۇرۇق گەپ جىق مەزمۇننى بالىلار ئۆگىنەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ) ئاساسەن دېگۈدەك قۇرۇق گەپنى ئاساس قىلىدىغان بوپ قالدى. ئۇنداق ئەمەستى دەيدىغانلار ئۆيدىكى بالىڭىزنىڭ كىتابىنى قولىڭىزغا ئېلىپ بىر كىتابنى تولۇق كۆرۈپ چىقىڭ، ئاندىن ماڭا جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا ئۇنداق ئەمەس ئۇنداق بۇنداق دەيدىغان ئىنكاس يازماڭ.
بەزى تورداشلار بىزنىڭ تۈزۈلمىمىزمۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىمىزمۇ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمىمىزمۇ چەتئەلنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ دەپتۇ. توغرا ھەقىقەتەن ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەڭ ئاۋال ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ياخشىلاش كېرەك. بىز ھەر يىلى ئىمتىھان سوئالى چىقارغىلى چىقىمىز، شۇ ۋاقىتتا ھەيران قالىمەن. ھەممىسى مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئادەملىرى (ھەممىڭلار بىلىسىلەر مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنى، مائارىپتىكى ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن)، لېكىن ھېلىقى ئادەملەرنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىمى، ساپاسى ئىنتايىن تۆۋەن. ئىنتايىن ئاز ساندىكى (پىشقەدەم ئۇيغۇر خەنزۇ) ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا ئىنتايىن بىلىملىك. ھەر يىلى شۇ يەرگە چىقىدىغان ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى (ئاڭلاش ئىقتىدارى لېنتىسىنى ئۈنگە ئالدۇرىدۇ ھەم شۇ ئىمتىھاننىڭ يېزىقچە سوئالىنى چىقىرىدۇ) خۇددى ئىنگىلىزتىلىنى ئۆگەنگىلى ئۇزۇن بولسا 1 ئاي، بولمىسا 15 كۈن بولغان ئادەمدەك بۇزۇپ سۆزلەيدۇ، تەلەپپۇزى توغرا ئەمەس. بۇنداق ئەھۋال ئىنتايىن جىق، شۇڭا ئەڭ ئاۋال ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ياخشىلاش كېرەك. ئەسلى ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن نەچچە ھەسسە قىيىن، نازارەت ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ياراملىقلارنى تاللاپ چىققىلى بولاتتى.


دەرسلىك كىتابنىڭ مەزمۇنىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك. ھازىرقى كىتابلاردەك ئۆگىنىدىغان نەرسىدىن قۇرۇق گەپ جىق بولۇشتەك بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش كېرەك. سىلەر ئويلايسىلەر، دەرسلىك كىتابلار قاتمۇ-قات تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ ئاندىن بېسىپ چىقىرىلىدۇ دەپ. خاتا ئويلىدىڭلار، سىلەر ئويلىغاندەك ئوقۇتقۇچىلار يەنە باشقا مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈدىغان ئىش يوق. پەقەت يۈزەكى تەكشۈرىدىغان ئىشلار بار. لېكىن ئۇ تەكشۈرۈشلەر ھەممىسى نەشرىياتنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولىدۇ.

يەنە بىرى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرمۇ ئۆزى قايسى كەسىپتە ئوقۇغان بولسا چوقۇم شۇ كەسىپكە چۈشىدىغان ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرىش كېرەك. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ باشقىلارنىڭ كەسپى بىلەن كارى يوق قارا-قۇيۇق ئادەم ئالىدىغان ئىشنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ كەسپىنى تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، شۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن نەتىجە يارىتىپ، شۇ ساھە بويىچە تەتقىقات ئىشلىرىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.
مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىش ھەل بولمىغۇچە جۇڭگو مائارىپنىڭ ياخشىلىنىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بالىلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك 5-6 سائەت ئۇخلىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا ۋاقىتتىنىڭ ھەممىسىدە ئۆگىنىش قىلىپ، ئىمتىھاندا ئالىدىغان نومۇرى يەنىلا تايىنلىق بوپ يۈرىۋېرىدۇ، ئاتا-ئانىلار مەمۇرلۇق غېمىدە، ئوقۇتقۇچىلار ئەتىسى قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ جىق تاپشۇرۇق بىرىش ئۈستىدە ئويلۇنۇپ دېگەندەك ئۆتۈۋېرىدۇ.  بىز بولساق مىسرانىم تورىدا ئۆزىمىزدىكى كەمچىلىكنى ئويلاشماقتا يوق دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىنتايىن ياخشى دەپ يۈرۈۋېرىمىز. مائارىپ جەھەتتە خەلقئارادا شۇنداق تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپمۇ يەنە ئۆزىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىمىزنى داڭلاپ يۈرسەك ئاۋۇ باشقا دۆلەتلەر نەرىدىمۇ كۈلە ھە؟
پۈتۈن جۇڭگولۇقنىڭ ئەڭ ئاۋال ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىر ئىشى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىش.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99751
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 09:12:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان ئوڭشىلاكىن بۇ ئىشلار ، يەنە نەچچە ئەۋلات كىشى مۇشۇ قۇرۇق گەپ ئىچىدە ۋاقىت ئۆتكۈزەكىن .. ئاللا ئۆزى بىلىدۇ

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5050
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1438 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 01:32:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈك مائارىپ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79982
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 10:50:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BUEREZAT يوللىغان ۋاقتى  2013-12-1 11:21 PM
گەپ تىرشچانلىقتا،توغرا ئىچىكىرى تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇق ...

لىكىن  ،شۇ باشلانغۇچ ،تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئۆيدىن ئايرىلغان باللارنىڭ قەلبى بەك ئاق بولىدىكەن،قانچە بالدۇر ئايرىلسا شۇنچە ئاق بولىدىكەن،شۇنچىلىك سەبى،بۇنداق قەلىپكە نىمىنى سىڭدۈرسىڭىز ،توغرىلام بولسا ئەتراپتىكىلەنىڭ قانداق بولشى بىلەن چاتىقى يوق ،ئۆز يولىدا تەۋرەنمەيدىكەن،بەك مۇستەققىل،،،،مەن مۇشۇنچىلىك ھىس  قىلدىم.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88094
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1497
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 05:29:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى ،بالىلار مائارىپى ئەمەس بەلكى چوڭلار مائارىپىغا سېلىندىغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇش ،خىزمەتكە چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇش تارىخنى ئېتراپ قىلىش ،بۇ جەھەتتىكى ساختىلىقنى تۈگتۈش ئارقىلىق  چوڭلارنىڭ تەربىيلىنشىنى  ئىلگىرى سۈرۈش،چوڭلار بەس تالشىش ئۈچۈن بالىلىرنى ئەمەس ئۆزلىرنى دوغا تىكسۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   quxanmas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-3 05:33 PM  


دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئاسان......

بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93489
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 07:47:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىلى ئالتە يىل بولاي دىدى...ئۆز سىڭلىممۇ ئىچكىرى تولۇقنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ.ئىشقىلىپ،ئىچكىرىنىڭ مائارىپىنىڭ بەك تەرەققىي قىلغانلىقىغا كۆز يۇممايمەن،ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا رىقابەت كەسكىن،ئۆگىنىش بېسىمى يۇقىرى...ئەمما،ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆگەنگەن شۇنچە كۆپ نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغىنى بەك ئاز... شۇڭا،بەزىدە ھەممە نەزىريىنى ئەبجەشلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە قوللىنالمىغاندىن كۆرە،چەتئەل مائارىپىدەك ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ،ئەمەلىيەتتە قوللىنالايدىغان بولغانمۇ ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن.

ئۆتىۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس،بەلكى،ئۆمۈردۇر!

بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93489
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 07:47:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور سۈرئىتى ئاستا سەۋەپلىك ئىنكاس تەكرارلىنىپ كېتىپتۇ.ئۆزۈر...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-3 07:50 PM  


ئۆتىۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس،بەلكى،ئۆمۈردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86322
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 696
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 09:36:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئىچكىردە ئوقۇۋاتقىنىمغا 5يلدىن ئاشتى، ئىچكىردە دەل ئاپتۇر دىگەندەك ئوقۇغۇچىلار ئاشۇنداق تىرىشىپ ئوقۇيدۇ!  بىراق، تىرىشقىنىغا چۇشلۇق نەپكە ئېرىشەلمەيدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83778
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3021
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-8-11
ئاخىرقى: 2013-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 01:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تولۇق ئوتتۇرىنى ئىچكىردە ئىككى يىل ئوقۇغان . بۇ توغرۇلۇق مېنىڭمۇ چۈسەنچەم خېلى بار. بىز ئوقۇغان چاغلاردا ئادەتتە بىر كۈنلۈك دەرس بىلەن مۇزاكىرە ۋاقتىنى قوشقاندىلا 12سائەت چىقاتتى. گىمناستىكا ۋە چۈشلۈك كەچلىك تاماق ۋاقتىنى چىقىرۋەتكەندە ئاساسەن بىر كۈن مەشقۇلات ۋاقتى 16سائەت ئىدى. دەرس ئارىلىقى 5مىنۇت ئارام ئېلىش.ھاجەتخانىغا ىقىپ كىرشكە ئاران بولىدۇ.قالغان چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىمۇ دەرسكە تەييارلىق قىلىش ياكى تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن ئۆتەتتى . بىر كۈن ئىچىدە سىنپتىن تەنتەربىيە مەيدانىغا چىقىشقىمۇ چول يوق . بىزنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمىز شەنبە يەكشەنبە مەكتەپنىڭ بىرەر ئىش بولمىسلا ئاندىن ئۆزىمىزگە ئاران ئاشاتتى.ئاشمايدىغان ۋاقتىلارمۇ خېلى ئىدى . كۈن پەقەت دەرس ئوقۇش ئۈچۈنلا يارالغاندك.بىزنىڭ مىجەر ۋە خاراكتىرىمىزمۇ ئۆزىمىز ھېس قىلمغان دەرىجسە بولۇپ كەتتى . ئاساسەن كۆپ قىسىم باللار چۈشكغلەشتى .دەرس نەتجسلا ھەممنى بەلگىلەتتتى.ئىمتاھان نەتخىسى ئارقىلىق ئورۇن تەرتىپى تىزىلاتتى. مەۋسۇملۇق ۋە باسقۇچلۇق ئىماتاھان مەيدانلىرى بىر يىللىقتىكى 500بالىنى تىزىش ئارقىلق تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى.1.مەيدانغا كىرەلسە شۇ يىللقتىكى ئەڭ ئىلغار ئوقۇغۇچى . ئەڭ ئاخىرىقى مەيداندا بولسا ئەڭ ناچار دەپ قارىلاتتى.........كۆپ سۆزلىگۈم يوق.ئىشقىلىپ مەن بەك تەستە قايتىپ كەلگەن..ھازىر ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپتە.ھازىر شۇنداق ياخشى..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش