شىنجاڭدا يەنە750 كىلوۋولۇتلۇق توك يەتكۇزۇش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن 4تۇر تەستىقلاندى
يېقىندا دۆلەت ئىسلاھات كومىتىتى تەرىپىدىن شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولۇتلۇق توك يەتكۇزۇش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن 4تۇر تەستىقلاندى.
بۇ قۇرۇلۇش تۇرلىرى سەنتاڭخۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان 750 كىلوۋولۇتلۇق توك يەتكۇزۇش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى،شىمالى جۇڭغار 750 كىلوۋولۇتلۇق توك يەتكۇزۇش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى،تۇرپان 750 كىلوۋولۇتلۇق تىرانسىپورماتور پونكىتىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى،ۋۇجىئاچۇ 750 كىلوۋولۇتلۇق توك يەتكۇزۇش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
سەنتاڭخۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان 750 كىلوۋولۇتلۇق توك يەتكۇزۇش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بولسا :تەڭرى تېغىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى 750 كىلوۋولۇتلۇق توك يەتكۇزۇش ئۆزگەرتىش ئايلانما تور قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش پۇتكەندىن كېيىن قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئېلىكتىر تورىنى شىنجاڭ غول ئېلىكتىر تورى بىلەن بولغان ئۆزارا توك تەمىنلىشىنى تېخىمۇ كۇچەيتىپ،تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى ئوت ئېلىكتىر،شامال ئېلىكتىر ئېنىرگىيەلىرىنى ئۆزارا بىلەشتۇرۇپ ،سىرىتقا يەتكۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
شىمالى جۇڭغار 750 كىلوۋولۇتلۇق توك يەتكۇزۇش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بولسا: چۆچەك ،ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ ئختىزادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى مۇقۇم بولغان ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تۇرپان 750 كىلوۋولۇتلۇق تىرانسىپورماتور پونكىتىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە ۋۇجىئاچۇ 750 كىلوۋولۇتلۇق توك يەتكۇزۇش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بولسا:شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولۇتلۇق ئېلىكتىر تورىنى تولۇقلاپ تېخىمۇ كۇچەيتىدۇ.
بۇ تۇرلەر ئشقا كىرىشتۇرۇلگەندىن كېيىن ،شىنجاڭ ئېلىكتىر تورىدا “ 3 ئايلانما تور،قوش كارىدور،ئىككىدە ئۇزارتىلغان” 750 كىلوۋولۇتلۇق غول ئېلىكتىر تورى شەكىللىنىپ، 750 كىلوۋولۇتلۇق ئېلىكتىر تورى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەشقەر ،شىمالى جوڭغارغىچە ئۇزارتىلىپ ،سىرىتقا نىسبەتەن گەنسۇ،چىڭخەيلەر بىلەن قوش لىنىيە ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ ،شىنجاڭ ئېلىكتىر تورىنىڭ توك تەمىنلەش ئىقتىدارى،بىخەتەر ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىپ ،شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرىتقا يەتكۇزۇش قەدىمىنى تىزلىتىدۇ.
نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئۇرۇمچىنى مەركەز قىلغان 750 كىلوۋولۇتلۇق ئېلىكتىر تورى شەكىللەنگەن بولۇپ ،غەرىپتىن ماناس ناھىيەسىگىچە،جەنۇپتا بايىنغولىن ئۆبلاستىغىچە،شەرىقتە غەربى شىمال ئېلىكتىرتورىغىچە تۇتاشتۇرۇلغان ئاچا شەكىللىك غول ئېلىكتىر تورى قۇرۇلمىسى شەكىللىنپ بولدى.
http://news.ts.cn/content/2013-11/30/content_9009558.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-1 07:20 PM