ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز زىيارەتچىللىرى . نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ كىسەل شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ھەر ۋاقىت بىزنىڭ ھاياتىمىغا يوشۇرۇن خەۋىپ بولۇپ كەلمەكتە ، شۇنداقلا مىللىتىمىز ياشلىرىدىمۇ بۇ كىسەل كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ جەمىيىتىمىزگە ئىغىر زىيان ئېلىپ كەلمەكتە .
دەسلەپ بۇ كىسەل ئاز بىرقىسىم ياشلاردا كۆرۈلگەن بولسا مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۈنگە تەخمىنەن 10 دىن كۆپ ئادەم بۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملانماقتا . بۇنىڭ سەۋەبى كۆپىنچىمىز يۈزەكى چۈشەنسەكمۇ ھەقىقىي يۇقۇش يوللىرى ۋە شۇ كىسەلگە بولغا تونۇش تۆۋەن بولغانلىقتىن ئۆزىمىزمۇ بىلىپ بىلمەيلا شۇ كىسەلنى يۇقتۇرۋىلىۋاتقان ھالەت بىزدە مەۋجۈت . گەرچە ھۆكۈمەت ھەر تەرەپتىن تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن بولسىمۇ توردا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ، مىللىتىمىز ياشلىرىغا بۇ كىسەلنىڭ زىيىنىنى ، يۇقۇش يوللىرىنى ۋە ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتىرىياللارن توردا تەمىنلەش مەقسىتىدە ئەيدىزنڭ ئالدىن ئېلىش بىلىملىرى تورنى ئىچىۋەتتۇق .
تور بىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇن دائىرىسى ئەيدىز ئۇچۇرلىرى ، تەشۋىقات فىلىملىرى ، ئەيدىزدىن ساقلىنىش بىلىملىرى ، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ، ئەيدىزنىڭ جەمىيەتكە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنى ، ئەيدىز كىسىلىگە ئائىت خەۋەرلەر ، ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى ۋە زەھەرلىك چىكىملىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر بولۇپ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ۋە زەھەرگە قارشى تۇرۇشنى توردا تەشۋىق قىلىش .
بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئىنسانىيەتكە ، مىللىتىمىز ياشلىرىغا ئېلىپ كىلىۋتقان زىيىنىنى تورداشلارغا تونۇتۇش ، ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تورداشلارغا يەتكۈزۈش ، يۇقۇملانغۇچىلارغا مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش ، زەھەرگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق تۈلەردە تور تەشۋىقاتى ئىلىپ بىرىپ مىللىتىمىز ياشلىرىغا بۇ كىسەكنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇتۇپ بۇ كىسەلدىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەش .
يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس ، چىڭى چىقسىمۇ دىڭى چىقماس دىگەندەك ئەيدىز تارماقلىرى ھەممە يەردە كۈچەپ بولالمايدۇ ، شۇڭا بىز تور تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بىرىشنى ئويلاشتۇق ، شۇنىڭدەك بىزمۇ تورداشلارنىڭ قوللىشىسىز تور تەشۋىقاتنى تامامەن ئېلىپ كىتەلمەيمىز . شۇڭا تورداشلارنىڭمۇ بىزگە ماسلىشىپ مۇشۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ، ماقالە - ئوبزورلار بولسا بىزگە يوللاپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز . ھەمدە تور بىتىمىزنى دوست - بۇرادەرلەرگە تەشۋىق قىلىپ مىللىتىمىز ياشلىرىنىڭ مۇشۇ كىسەلدىن يىراق تۇرۇشغا سىزنىڭمۇ كۈچ چىقىرىشىڭىز ئۈمۈد قىلىمىز . ئىسىڭىزدە بولسۇن ئەيدىزنىڭ ئالدىى ئېلشتا سىزنىڭمۇ ، مىنىڭمۇ ، ھەممىزنىڭ ئوخشاشلا مەجبۇرىيىتى بار ، چۇنكى ئەيدىز ۋىروسى ھەرۋاقىت ئەتراپىمىزدا يوشۇرۇن خەۋپ بولۇپ يۇرمەكتە .
ھەممىمىز بىر نىيەت بىر مەقسەتتە قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا مىھرىبانلىق يەتكۈزەيلى ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ يامراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى .
تور بىتىمىزنىڭ ئادرىسى :
www.aydiz.com
تۆۋەند مەن تورداشلارغا ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي :
1. ئورتاق شپىرىستا زەھەر چەككەنلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن.
2. پاشا، ھاشارات چېقىۋالغانلارغا ۋە ئەرمەن ھايۋان باققانلارغا ئۇلاردىن ئەيدىز يۇقمايدۇ.
3. ئىشخانا لازىمەتلىكلىرى، ئەمگەك سايمانلىرى، تېلېفون، تەرەت قاچىسى، تاماق قاچىسى، ۋاننا، كۆلچەك، كىيىم، يېپىنچىلارنى تەڭ ئىشلەتكەنلەرگە ئەيدىز يۇقمايدۇ.
4. ئەيدىز بىللە ئەمگەك قىلىش، بىللە ئىشلەش، بىللە تاماق يېيىش، پاراڭلىشىش ۋە يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، قول ئېلىشىش، قۇچاقلىشىش، قائىدە – يوسۇنلۇق سۆيۈشۈش يوللىرى بىلەن يۇقمايدۇ.
5. ئەر – خوتۇننىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا، ئەڭ ياخشىسى، بالىلىق بولماسلىقى لازىم، ھامىلىدار بولۇپ قالسا، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش مەركىزىدىن ياكى مۇنتىزىم داۋالاش ئورگىنىدىن مەسلىھەت ئېلىشى لازىم.
6. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلىدار بولسا، تۆرەلمىگە ياكى بوۋاققا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇش خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئانا – بالىنى ئايرىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.
7. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلىدار بولغان، تۇغقان ۋە سۈت ئەمگۈزگەن چاغدا ۋىرۇسنى بالىسىغا يۇقتۇرىدۇ.
8. تازىلىقى ناچار ساتىراشخانا ۋە پەردازخانىلاردا چاچ ئالدۇرماسلىق، قۇلاق تەشتۈرمەسلىك ۋە بەدەنگە گۈل چەكتۈرمەسلىك لازىم.
9. ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك، پۇتنىڭ تىرناق ۋە قاداقلىرىنى زەھەرسىزلەندۈرۈلمىگەن تېغدا ئالماسلىق لازىم.
10. زەھەر چەككۈچىلەر مېتادون بىلەن داۋالىنىش ۋە پاكىز ئوكۇل سايمانلىرىغا ھەقسىز ئىگە بولۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز جايىدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش مەركىزىدىن سورىسا بولىدۇ.
11. قايتا – قايتا ئۇرۇنۇپمۇ زەھەر تاشلىيالمىغانلار خروئىن خۇمارىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئورتاق شىپىرىستا زەھەر چېكىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مېتادون بىلەن داۋالىنىپ تۇرسا بولىدۇ.
12. ئورۇنسىز ئوكۇل قىلماسلىق، زۆرۈر تېپلغاندا پاكىز، بىر قېتىملىق ئوكۇل يىڭنىسى ئىشلىتىش لازىم.
13. زەھەرلىك چېكىملىككە زادى يېقىن يوللىمىغانلار ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.
14.قالايمىقان زىنا ، جىنسىي مۇناسىۋەتىن ئۆزىنى قەتئىي چەكلىشى ۋە يىراق تۇرۇشى لازىم .
ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تور بىتىمىزگە كېرىڭ :
www.aydiz.com
سىزمۇ ئۆزىڭىزنى مىنىڭمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئلىشتا بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىم بار دەپ قارىسىڭىز سىزمۇ بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىپ قويۇڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-1 07:27 PM