مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1646|ئىنكاس: 12

يۇقىرى مايلىق قان كىسىلى ۋە داۋالاش ھەققىدىكى ساۋاتلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-30 02:23:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقىرى مايلىق قان كېسىلى:
      گۆشلۈك، مايلىق تاماقلارنى دائىم كۆپ ئىستېمال قىلىش،ھەرىكەت قىلماسلىق، ئاخشىمى تاماق يەپلا ئۇخلاش، خىلىتلار تەمپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى سەۋەبلىرىدىن قاندىكى ماي پارچىلانماي، يىگەن ئوزۇقلۇقلار ئاسانلا مايغا ئۆزگىرىپ، قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلاش، زىيادە سېمىزلىك، قان تۇمۇرلار توسۇلۇش، قان بېسىم ئۆرلەش، يۈرەك چوڭىيىش قاتارلىق كېسەللىك ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كلىنىكىدا كۆپىنچە باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، پۇت-قوللار قولىشىش، زېھنى چېچىلىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
   يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش پىرىنسىپى:
   لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، ئېنىرگىيىنىڭ قۇبۇل قىلىنىش مىقدارىنى چەكلەپ، مايلارنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنى زور دەرىجىدە كونترول قىلىش كېرەك. توسالغۇلارنى ئېچىپ، ماينى ئېرىتىدىغان يېمەكلىكلەردىن چىلان، ئەينۇلا، شاپتۇل قېقى، سايىكە ئۈزۈم، ئالما ۋە تەركىبىدە ۋىتامىنC مول بولغان يېڭى كۆكتاتلار، ئاشلىقلاردىن قۇناق، گۈرۈچ، تېرىق، بۇغداي، يېشىل پۇرچاق، نوقۇت قاتارلىقلارنى ۋە ئۇلارنى خام ئەشيا قىلغان غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
  يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان رىتسىپلار:
  1. قارا بۇغداي ئېشى: قارا بۇغداي ئېشى 100گرام، ياڭاق مېغىزى 50 گرام كاللەك بەسەي20 گرام، چىلان15دانە، قارا شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا. قارا بۇغداينى بىر كېچە سۇغا چىلاپ، ئاندىن ياڭاق مېغىزى، چىلاننى پاكىز تازىلاپ، يۇقىرىقى سۇغا بىر سائەت چىلاپ، كاللەك بەسەي بىلەن يۇقىرىقى خۇرۇچلارنى ئاۋۋال كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، ئاندىن سۇس ئوتتا ئېزىلگۈچە قاينىتىپ، ئاخىرىدا قارا شېكەرنى سېلىپ ئاش تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
  2. تەرخەمەك سالات: تەرخەمەك200گرام،تۇز10گرام، كۈنجۈت مېيى 2گرام، ئاچچىقسۇ100مىللىلېتىر. تەرخەمەكنى پاكىز تازىلاپ، كىچىك قىلىپ توغراپ، تۇز بىلەن ئاچچىقسۇنى تەڭشەپ، ئۇنىڭغا تەرخەمەكنى سېلىپ 30مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ، ئۈستىگە كۈنجۈت مېيىنى قوشۇپ تەييارلاپ، ناشتىدا نان بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
  3. راھەت ئىچىملىكى: سوقا چىلان، شاپتۇل قېقى، يۇمغاقسۈت30گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇغا چىلاپ، تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈپ، سۈيى كۈندە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
  4. چىلانما: ئاچچىقسۇ20مىللىلېتىر، جاڭيۇ10مىللىلېتىر، خام خاسىڭ مېغىزى، قارا شېكەر 10گرامدىن، سامساق 5گرام.خۇرۇچلارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن جاڭيۇغا چىلاپ، ئون كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
  5. ماي چۈشۈرۈش ئىچىملىكى: سايىكە ئۈزۈم15گرام، زىرىق15گرام، نۇقۇت40گرام، چىلان30گرام، شاپتۇل قېقى30گرام. ئاۋۋال نۇقۇتنى پوستىدىن ئايرىپ، قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىۋېلىپ، زىرىق، چىلان قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى قوشۇپ بىرگە قاينىتىپ، سۈيىنى كۈندە3~4قېتىم، كۈندە بىر قېتىم ئىسسىق-سوغۇق ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
6. سۈتلۈك ئۇماچ: قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، قازان قاينىغاندىن كېيىن 500گرام قۇناق ئۇنىنى بىر تەرەپتىن قۇچۇپ تۇرۇپ سېلىپ ئارلاشتۇرىلىدۇ، مونەك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. پىشقاندىن كېيىن قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ 15مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىنىدۇ، ئاندىن ئالدىن قاينىتىلغان بىر لېتىر سۈتنى ئۈستىگە قويۇپ تەييارلاپ، كۈندە بىر ۋاق يەپ بېرىلىدۇ.
  7. قۇناق يارمىسى ئېشى: قۇناق يارمىسى بىر كىلوگرام، مايسىز قوي گۆشى 300 گرام،چامغۇر، كاۋا ھەر بىرى 200گرامدىن، پىياز، شوخلا، تۇز، پالەك مۇۋاپىق مىقداردا، گۆش ۋە كۆكتاتلارنى ئۇششاق توغراپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ پۇشۇرۇپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ ئوتنى سۇسلىتىپ، يارمىنى ئاز ئازدىن سېلىپ قاينىتىپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، 15مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پۇشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئاساسىي تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
  يېمەك-ئىچمەك پەرھىز ى:
  سېمىز گۆش، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇم سېرىقى، سېرىقماي، قوي يېغى قاتارلىق ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
(ئۇيغۇر تىبابېتى ئوزۇقلىق ئىلمى دەرسلىك كىتابىدىن پايدىلاندى)


كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10932
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2221 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-30 04:43:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋېلىشقا تىگىشلىك.....  بۇ خىل كىسەللىك دائىم ئۇچراپ تۇردۇ....  شۇڭا ساقلاپ قويغۇلۇق...

رەھمەت....


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2907
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16631
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2573 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-30 05:18:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن ،ئىلمىڭىز زىيادە بولسۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-30 06:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالساق  بولغۇدەك . رەھمەت سىزگە

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 725 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-30 08:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىمىكەن .
كۈنىگە5 كىلومىتىر ئەتراپىدا ئۇدا 6ئاي مېڭىپ بەرسە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91989
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-30 09:31:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەمگە نەپ يەتكۈزىدىغان تېمىدىن بىى يوللاپسىز ،  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99552
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 12:41:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن، ياخشى تېمىكەن، بوشلۇقۇمغا ساقلىۋالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 10:36:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن پايدىسى كۆپ  

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96014
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 11:06:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! پايدىلىق تېما كەن رەھمەت سىزگە. يەنە بىر  سۇئالىم باتتى: نەپەس قىستاش، يۇرەك، جىگەر  يوغىناش قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ رىتسىپى بارمۇ؟ دوختۇرلار بۇ خىلدىكى كىسەللىكنى ساقايمايدۇ دەيدۇ.  ياردىمىڭىزنى ئايمىغايسىز؟.

ئىلىمنىڭ دۇشمىنى قانائەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 11:14:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىگەرنى ماي قاپلاش كېسلىنىمۇ يۇقۇرقى رېتسىپلار بىلەن داۋالامدۇق؟!

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش