. 10 گرام زېغىرنى سارغايتىپ ئېزىپ، ئۇنى 24 گرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سوزۇلما يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
2. ئىككى گرام پىندۇق مېغىزىنى ئىزىپ، ھەسەل سۈيى بىلەن بىرگە ئېستېمال قىلسا يۈتەلگە شىپا بولىدۇ.
3. 18 دانە ئەينۇلانى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە، باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يۆتەل شىپا بولىدۇ.
4. 16 گرام ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى قايناق سۇغا چىلاپ لوئابىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارا شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.
5. پالەكنى سېرىقمايدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، يۆتەل، گال ۋە كۆكرەك يىرىڭلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. بەش گرام شېكەر قومۇشنى 120 گرام ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. بالىلارنىڭ يۆتىلى ئۈچۈن بەدىيان كۆكى سۈيىنى ئانار ياكى ئېشەك سۈتى بىلەن بىر ئىچكۈزسە، ناھايىتى ياخشى شىپا بولىدۇ.
8. 15دانە ئۇرۇقسىز ئۈزۈمنى بەش گرام سەۋسەن بىلەن ئىستېمال قىلسا يۈتەلگە شىپا بولىدۇ.
9. 10 گرام چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى قاينىتىپ، سۈيىنى ئىستېمال قىلسا يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
10. كېۋەز يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىدىن 12 گرام ئېلىپ، قەنت بىلەن ئىچسە يۈتەلگە شىپا بولىدۇ.
- <<شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى>> 2010-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dawakol1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-30 11:00 AM