ئەقلى ئىقتىدارلىق سائەت ھەققىدە
...........
ئىلاۋە : زاماننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى، ئىلغار پەن تېخنىكىنڭ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ئىپادىسى بىزگە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەندىن سىرت تۇرمۇشىمىزغا بارا-بارا سىڭىپ كىرىپ ھاياتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى.تاكى كومپىيوتىرنىڭ ئومۇملاشقان ۋاقتىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنە ئارلىقتا يۇقىرى پەن تېخنىكا مىسلىسىز تەرەققىياتلار ئارقىلىق بىزنىڭ خىزمەت، ئوقۇش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھاجىتىمىزدىن تولۇق چىقىپ كېلىۋاتىدۇ..ئەقلىفون، ئايفون، ئەقلى كۆز ئەينەك ( بۇ ھەقتە مەن ئايرىم تېما يوللىغان، قىززىققۇچىلار ئىزدەپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ ) ئايپەت،تاختا كومپىيوتېر ۋە خاتىرە كومپىيوتېر بۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك، جانلىق مىسالى بولالايدۇ.ھازىر يۇقىرى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بەك تېز بولىۋاتىدۇ تورداشلار، بولسا مۇشۇ ھەقتە كۆپىرەك مەزمۇن كۆرۈپ بېرىڭلار، تولۇق چۈشۈنۈپ كەتمىسەڭلارمۇ ئازىراق بولسىمۇ كۆرۈپ ئۆز ئالدىڭلارغا چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋالساڭلار،بىلىۋالساڭلار شۇ ھىساپ.... ئەقلىفۇن بىلەن ئايفۇن ھازىر ئاساسەن ھەممىمىزگە ئىنتايىن تونۇشلۇق، بىراق ئەقلى ئىقتىدارلىق سائەت ھەققىدە بىلىدىغانلار مىنىڭچە ئاز،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مەزكۇر يازمامدا بۇ ھەقتە ئازىراق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن خوش. قېنى ئەمسە نەزىرىڭىز تۆۋەندە بولسۇن .
ئەقلى ئىقتىدارلىق سائەت (يازما داۋامىدا ئەقلى سائەت دەپ ئېلىنىدۇ)
كۆچمە ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى تۈسدىكى مەھسۇلاتلار تەرەققىيات يۈنىلىشىنى كۆچمە ئالاقە تېخنىكىسى ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق سېستىمىغا قاراتماقتا،مەسىلەن پەقەت ۋاقىتنى كۆرسۈتۈپ بېرىدىغان سائەت بۈگۈنگە كەلگەندە ئەقلىفۇن ياكى ئۆيىڭىزدىكى كومپىيوتىرىڭىزنىڭ ئائىلە تورى ئارقىلىق ئېنتېرنىتقا ئۇلىنىپ ،كەلگەن تېلفۇن ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان، بىلوگلارنى يازغىلى بولىدىغان،كۈندىلىك ھاراۋايى مەلۇماتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ھەم ئەڭ يېڭې تور خەۋەرلىرىدىن سىزنى بەھىرمان قىلىدىغان ھالەتتە پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
ئەقلى ئىقتىدارلىق سائەت ئۇقۇمى2000-يىللىرىلا پەيدا بولۇشقا باشلىغان،مىكروسوفىت 2003-يىلى مۇشۇ تۈردىكى مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بازارغا سالغان.بۇنىڭدىن سىرىت يەنە سونى ،Pebble،ۋە ئىتالىيەنىڭ داڭلىق شىركىتى ئايئېم قاتارلىقلار بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ سېتىشقا باشلىغان. مەسىلەن ئامىرىكىدىكى Allerta ناملىق شىركەت Pebble ناملىق ئەقلى سائەتنى تۇنجى بازارغا سالغان ، بۇ ئۇلارنىڭ Pebble نامىدىكى ئىككىنجى ئەۋلات مەھسۇلاتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. سائەتنىڭ <ئەقلى>لىقى قەيەردە دىگەندە، ئۇنىڭ ئايفۇن ياكى ئاندىروئىت سېستىمىلىق تېلفۇنلار بىلەن كۆك چىش ئارقىلىق سىمسىز ئۇلىنىپ، كەلگەن تېلفۇن ئۇچۇرلارنى تەۋرىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىلدۈرۈپ ،ھاۋارايى ئەھۋالى ھەمدە چىسىلانى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدىغانلىقىدا.. ئۇ چاغدىكى سائەتنى ھەرگىز ھازىرقىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،چۈنكى ئۇ چاغدىكى سائەتنىڭ ئىقتىدارلىرى چەكلىك ۋە ئەقلىفۇن بىلەن بولغان باغلىنىشلىقى تۆۋەن،ئاددى ئىدى..
ھازىرقى يېڭى تىپتىكى سائەتنى بەزى شىركەتلەر بازارغا سېلىپ بولدى،بەزى شىركەتلەرنىڭ ھازىرغىچە ئىچكى سىناق دەۋرىدە بولۇپ ،بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ. مەسىلەن ھازىرغىچە بازارغا سېلىنغانلىرىدىن سامسۇڭنىڭ گىلاكسى گىئېر، گىلاكسى نوت 3 بىلەن ماس قەدەملەشتۈرۈلگەن ئەقلى سائەت بازارغا سېلىنىپ بولدى. (قىززىققۇچىلار تاۋباۋ ياكى جىندۇڭ قاتارلىق تور بازارلىرىدىن ئىزدەپ كۆرسە بولىدۇ).بەزى بازار تەتقىقاتچىللىرىنىڭ تاراتقۇللىرىدا ئالما شىركىتىنىڭ iWatch ئىچكى سىناق مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىغا كېلىپ قالغان بولۇپ بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا دەپ پەرەزلەر قىلىنغان.بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئاساسلىق رولى ئىستىمالچى تېلفۇن ئىشىلتىش ئەپسىز بولغان ۋاقىتلاردا تېلفۇنغا چېقىلماي تۇرۇپ سائەت ئارقىلىق تېلفۇن ھاجىتىدىن چىقىش مەخسەت قىلىنغان ،مەسىلەن ماشىنا،ۋېلسىپىت قاتارلىق قاتناش ۋاستىللىرى بىلەن يول يۈرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ياكى قولىڭىزدا لىققىدە نەرسە بولۇپ تېلفۇننى تۇتۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋاللار ئاستىدا سائەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ۋە ياكى ئۇچۇر قايتۇرۇش يېزىش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ..ھازىر پەيدا بولىۋاتقان ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار بىر-بىرىدىن ئۆزگىچە، نەپىس ھەم ئىلغار ئىقتىدارلار بىلەن ئىشلىنىپ ئىستىمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى،ھەم كۆرۈشۈش ئالدىدا..
مەسىلەن گوگىل 2012-يىلى مۇشۇ تۈرىدە پاتنېت ھوقوقى ئىلتىماس قىلىپ ئۇتۇقلۇق بولدى،ئىنىقكى گوگىل پات ئارىدا ئۆزىنىڭ ئاندىروئىت سېستىمىلىق سائىتىنى بازارغا سالىدۇ.ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە نوكىيانىڭ ،ئالمىنىڭ، مىكروسوفىتنىڭ ئوخشاش تۈردىكى ئەقلى سائەت تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بار...مىنى ھەيران قالدۇرغىنى مۇشۇ يىلى 9-ئايدا دۆلىتىمىزدىكى مەن نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان بىر يۇقىرى تېخنىكا شىركىتى ئۆزىنىڭ zwatch نامدىكى ئەقلى سائىتىنى بازارغا سېلىپ بولغان، (مەزكۇر مەھسۇلات ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم يوق،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنچىكە توختالمايمىز)
يۇقۇردا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك مەزكۇر تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەر ئىنتايىن كۆپ،دىمەك ئىستىمالچىلارنىڭ تاللاش پۇرسىتىمۇ كۆپ بولىدۇ دىگەن گەپ. كەلگۈسىدىكى تېخنىكا مەھسۇلاتلار بازىرىدا يۇشۇرۇن كۈچى زور دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بۇ سائەتنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسىنى يەنىلا سىز ۋە ماڭا ئوخشاش ئاددى ئىستىمالچىلار بەلگىلەيدۇ.مىنىڭچە ئالما شىركىتىنىڭ iWatch ناملىق ئەقلى سائتىنىڭ ئۇتۇق قازىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى، چۈنكى ئالمىنىڭ رىقابەتچىللىرى بازارغا سالغان ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ،سائەتكە ئىشلىگەن ئىقتىدارلىرى ئىنتايىن ئۆزگىچە ھەم بەك ئېسىل،يەنە سېستىما جەھەتتە ئۆزىنىڭ كوزۇرى بولغان ئايئوئېس سەپلەنگەن.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تۈرمۇ بەلكىم كەلگۈسىدە ئالمىنىڭ يەنە بىر تىللا تۆكىلىدىغان دەرىخى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار..
بەلكىم ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، تەرەققىيات نىمىشقا بۇنچە زور ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى، يەنى ھازىرقى پەن تېخنىكا ساھەسىدىكى رىقابەتنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ،دەھشەتلىك بولىۋاتقانلىقىدىن...جەمىيەت، ۋە ھەر قايسى كەسىپ،ساھەلەر ئوتتىرىسىكى رىقابەتنىڭ ئىنتايىن ۋەھشىيلەرچە بولىۋاتقانلىقىدىن... ئۆزۈم IT ھەۋەسكارى، تېمىنى پۈتتۈرگىچە خېلى ۋاقتىم كەتتى، كەمچىلىكلەردىن خالى بولالمىدىم، تورداشلارنىڭ ئايىماي تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ھەمدە بىرلىكتە تېما مەزمۇنى ھەققىدە ئورتاقلىشىشىنى قارشى ئالىمەن..
تۆۋەندىكى Pebble ئىككىنجى ئەۋلاتنىڭ مەھسۇلات رەسىمى
تۆۋەندىكى رەسىم گوگىل سائىتىنىڭ ئۇقۇم مودىلى.
تۆۋەندىكىسى نوكىيانىڭ مەھسۇلات ئۇقۇم مودىلى
تۆۋەندىكىسى بولسا دۆلىتىمىز ئىشلەپ چىقارغان zwatch نامدىكى سائەت.
تۆۋەندىكىسى ئالمىنىڭ مەھسۇلاتنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Zulpikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-30 08:00 AM
|