ئاياللاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: ئىرىم مېنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى مەنمۇ ناھايىتى ئۇبدان بىلىمەن. لېكىن ئۇ، ماڭا بولغان مۇھەببىتى ۋە سۆيگۈسىنى ئانچە نامايان قىلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن مەن ئېرىمنىڭ ماڭا بولغان سۆيگۈسىنى دائىم ئىزھار قىلىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاشقا ئۇرۇنىمەن. لېكىن ئۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ ياكى سۇئالىمغا جاۋاب بەرمەي گەپنى باشقا يەرلەرگە ئەپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنىمۇ يۇقىتىپ قويىمەن. ۋاھالەنكى مىنىڭ يولدىشىم ئەلمۇجتەمەئ ژورلىنىنىڭ مۇخلىس ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى بولۇپ ژۇرنالنىڭ ھايات سەھىپىسىنى قىزىقىپ ئوقۇيدۇ. شۇنىڭدەك، مىنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىممۇ ماڭا ئوخشاشلا بۇ مەسىلىدە ئىرىدىن شىكايەت قىلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە بىرەر ماقالە يېزىشڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن ئوقۇرمەنلىرىڭىزدىن ........... خانىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* d9 B& k) k& {2 p
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; u* j( A1 d cھەقىقەتەن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە: مۇھەببەت ياكى سۆيگۈ ئىزھار قىلىشقا ئالاقىدار سۆزلەر ياشلارغىلا خاس سۆز بولۇپ، تۇرمۇشقا چىققاندىن كىيىن سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتكە ئالاقىدار سۆزلەرنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈش ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئالدىدىكى تەمكىنلىكى ۋە ھەيۋىتىنى يۇقىتىپ قۇيىدۇ دېگەن خاتا چۈشەنچە ھۆكۈم سۈرسە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئايالىغا سۆيگۈ ئىزھار قىلىشنىمۇ ئەدەپسىزلىك ۋە ئەرلەرنىڭ ھەيۋىتىگە لايىق كەلمەيدىغان ئىش دەپ قارايدۇ. بۇ نېمە دېگەن ھەيران قالارلىق كۆز قاراش ھە؟
مەن يۇقىرىدىكى كىشىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن: ئالدى بىلەن ئۇلارنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخىغا بىر قۇر قاراپ چىقىپ ئەقىل ئىشلىتىشكە چاقىرىمەن.
پۈتۈن دۇنيانىڭ غېمى ئۈستىگە يۈكلەنگەن زات پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نە قەدەر ئېغىرلىقى ۋە ئىشىنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي، ئاياللىرىنى ئەركىلىتەتتى ۋە سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئەركىلىتىپ (ئى ئاىش) دەپ چاقىرىپ قۇياتتى.
لېكىن، كۈنىمىزدىكى كىشلەر ئىشنىڭ ئالدىراشلىقى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ئاياللىرى بىلەن مۇڭداشقىلى پۇرسىتى يوقلىقىنى باھانە قىلىش ئارقىلىق بىزنى قايىل قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. ۋاھالەنكى ئۇلارنىڭ ئىشى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىشىدىن كۆپ، مەسئۇلىيىتمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيتىدنمۇ ئېغرمىدۇ؟
پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ھەممە ئىشتا نورمال بولۇشنى ۋە ھەممە نەرسىنىڭ ھەققىنى بېرىشنى ئۆگەتكەن بولۇپ، سالمان رەزىياللاھۇنىڭ ئەبۇ دەردا رەزىياللاھۇغا رەببىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، شۇڭا ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىشىڭ كېرەك، دېگەن ھەدىسى بۇنى تەكىتلەيدۇ.( بۇخارى رىۋايىتى)
ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى بۇ ھەدىستىكى سالمان رەزىياللاھۇنىڭ ئەھلىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار ، دېگەن سۆزىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدە بىر قانچە ھەقلىرى بولۇپ، تائام، كىيىم - كېچەك قاتارلىق نۇرمال نەفىقىلىرىدىن باشقا، بىزنىڭ بۇ تىمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەقلىرىنى تۈۋەندىكىلەرگە ئايرىش مۇمكىن:
1- ئايالىڭىزنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدكى ھەققى: يەنى ئۇنىڭغا قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئۇرۇن بېرىشىڭىز.
2- ئايالىڭىزنىڭ سىزنىڭ قولىقىڭىزدىكى ھەققى: يەنى ئايالىڭىز سىزگە بىر نەرسە ئاڭلاتماقچى بولسا كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاش، ئۇ سىزگە ئاڭلاتماقچى بولغان ئىش سىز ئۈچۈن ئانچە مۇھىم دەپ قارالمايدىغان ئىش بولسىمۇ سەۋرى قىلىپ ئاخىرغىچە ئاڭلىشىڭىز. رەت قىلىشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ ناھايىتى گۈزەل بىر شەكىلدە كۆڭلىنى رەنجىتمەسىتىن رەت قىلىشىڭىز.
3- ئايالىڭىزنىڭ سىزنىڭ تىلىڭىزدىكى ھەققى: يەنى ئايالىڭىزنى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان چىرايلىق ئىسىم بىلەن چاقىرىشىڭىز، ئۇ سۈيۈنىدىغان گۈزەل ۋە يېقىملىق سۆزلەر ئارقىلىق ئۇنى خوش قىلىشىڭىز.
بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش مۇمكىنكى: ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىغا قۇپال مۇئامىلىدە بولۇشلىرى نۇرغۇن خەتەرلەرگە يول ئاچىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىكراقى، ئايالنىڭ ئىرىدىن مېھرى - مۇھەببەت ھېس قىلماسلىقىدۇر. چۈنكى ئاياللار ئۆز ئىرىدىن سۆيگۈ ھېس قىلمىغان تەقدىردە (ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي) بۇ بوشلۇقنى ھارام يوللار ئارقىلىق تولدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.
جۈملىدىن گېزىت ژۇرنال ۋە تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مەركەزلىرىنىڭ دوكىلاتلىرىدىن قانچىلىغان ئاياللارنىڭ ئېرىنى ئالدىغانلىقى، يەنە قانچىلىغان ئىنسانىي بۆرىلەرنىڭ ئىرىدىن تاتلىق سۆز ئاڭلاپ باقمىغان مىسكىنە بىچارىلەرنى، ئۆزىنىڭ تاتلىق سۆزلىرى ۋە مەككارلىقى بىلەن نۇرغۇن ئاياللارنى ئالدىغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ ماقالە ئارقىلىق پۈتۈن ئەرلەرگە شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى: ئايالىڭىزنىڭ مەنىۋى ئۇسۇللىرىنى قالدۇرۇڭ، ئۇنىڭغا مېھرى مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا سەل قارىماڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ھەققىنى دەپسەندە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولىسىز.
يەنە ئاياللارغىمۇ شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى: ئېرىڭىز يوقسۇل ۋە مۇھتاج ۋاقتىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشاڭ ۋە قانائەتچانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇڭ، سەبىر قىلىڭ، ھەرگىزمۇ روھسىز جەسەتكە ئوخشاش بولماڭ، يەنى سىز ئېرىڭىزنىڭ يېنىدا بولسىڭىزمۇ سىزنىڭ بار يوقلىقىڭىزنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالمىسۇن. ئۇنىڭ ئۈچۈن زىننەتلىنىڭ. ئۇ سىزنى كۆرسە كۆڭلى يايراپ ئېچىلسۇن. ئىېرىڭىزگە ناز قىلىشنى ۋە ئەركىلەشنى بىلىڭ. ئۇنىڭ بىلەن ھەم پىكىر بولۇشنى ئۇنتۇماڭ. ئۇنىڭ غېمىنى ۋە يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىڭ. ئۇنىڭغا ۋاقتى كەلسە ئانا، قىز دوست ۋە نارىسىدە قىزنىڭ ئورنىدا بولۇڭ. مۇھەببەت ئىشتىياقنى، ئىشتىياق ئۈلپەتنى، ئۈلپەت بولسا مۇھەببەتنى ۋاجىپ قىلىدۇ، ئىشتىياق ۋە ئۈلپەتىسز مۇھەببەت بولمايدۇ.
ھۆرمەتلىك ئەرلەر شۇنى بىلىڭلاركى! ھەر بىر ئايالنىڭ ئىرى ئۇنىڭ قەلبىنى ئاچىدىغان ۋە ئۇ ئارقىلىق قەلبىدىن ئۇرۇن ئېلىپ، مۇھەببەت ھىدىنى چاچىدىغان بىر ئاچقۇچ بولۇپ، بەزى ئاياللار ھەدىيەنى ياخشى كۆرسە، يەنە بەزى ئاياللار چىرايلىق سۆزلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بىر خىل ئاياللار بولسا ئېرىنىڭ مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ ئىزھار قىلىشىنى ۋە ئەركىلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
شۇڭا ئايالىڭىزنىڭ تەبىئىتىنى ۋە مۇھەببەتكە بولغان تەسەۋۋۇرىنى بىلىشىڭىز، سىزنىڭ ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭىزنى ئىزھار قىلىشڭىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
مەسىلەن: ئۇ سىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا يارەدم بىرىشىڭىزدىن سۈيۈنسە ئاشخانىدىكى بەزى ئىشلارغا يادەملىشىڭ، ھەدىيە ئارقىلىق سۈيۈنسە گۈل - ياكى كىيىم كېچەك دېگەندەك نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق مۇھەببەت ئىزھار قىلىڭ. ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ بەزى كىچىك جەھەتلەردە ئايالىڭىزنى ماختاشنى ئۇنتۇماڭ.
ئەر- خوتۇنلارنىڭ بىر- بىرىگە سۆيگۈ ئىزھار قىلىشى، بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى - مۇھەببەتنى كۈچىيىدۇ ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر- بىرىدىن كۆڭلى سوۋۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھەممىدىن مۇھىمى، ئىسلام بىزنى مەھبۇبلىرىمىزغا ياكى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە بىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قۇيۇشقا بۇيرىغان بولۇپ، جۈملىدىن ئەرنىڭ ئايالىغا سۆيگۈ ئىزھار قىلىشى سۈننەتتۇر.
ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا سۆيگۈ ئىزھار قىلىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى: ھەر ئىككى تەرەپ ھايات سەپدىشى ياكى ئۆمۈرلۈك شىرىكىگە، يەنى ئايال ئېرىگە، ئەر ئايالىغا ئىخلاس قىلىش ۋە بىر
-بىرىگە بولغان تەشنالىقىنى نامايان قىلىش، ئۆز- ئارا بىر- بىرىنى قەدىرلەش ۋە كۆڭۈل بۈلۈش، خەت ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق سۆيگۈ ئىزھار قىلىشىش، ھەدىيە تەقدىم قىلىشىش، بىر- بىرىنى توغرا چۈشنىش، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرگە بولغان رازىمەنلىكىنى ئاغزاكى ھالدا نامايان قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، لېكىن ھەممىدىن ئۈنۈملۈك ۋە تەسىر كۈچى يۇقىرى ۋە قەلىبكە ئەڭ تىز يىتىپ بارىدىغان ئۇسۇل بولسا، ئاغزاكى ھالدا سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتۇر.
بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار يەنە بىر قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇ قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن. (بۇ ھەدىسنى ئىمامى ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
يۇقىرىدىكى ھەدىستىن نورمال ئىنسانلار بىر- بىرىنى ياخشى كۆرسە بىلدۈرۈپ قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، جۈملىدىن ئەر- خوتۇنلارنىڭ بىر -بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىدۇر. مەن ئىچىڭلاردىكى ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەممەن. (تىرمىزى رىۋايىتى)
ئاللاھ تائالا ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى مۇھەببەتنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار بىلەن ئۇنسى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر - خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار [ سۈرە رۇم 21-ئايەت].
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھاغا بولغان مۇھەببىتىنى ۋە ئۇنى ھەممە ئاياللاردىن بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ساھابىلىرى ئالدىدا ئېلان قىلغان:
ئەبۇ ئوسمان رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ماڭا سۆزلەپ بەردىكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بىر قوشۇنغا قوماندان قىلىپ زاتۇسسەلاسىلغا ئەۋەتكەن. ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: سىلىگە كىشىلەرنىڭ قايسىسى ئەڭ سۆيۈملۈكرەك؟ دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئائىشە» دېدى. مەن ئەرلەردىنچۇ؟ دېسەم، ئۇنىڭ ئاتىسى (ئەبۇبەكىر) دېدى. مەن ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېسەم «ئاندىن قالسا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب» دەپ بىر قانچە ئادەملەرنى سانىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 ]5 j& j: j6 d+ m
ئايالىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا قانداق ھېس قىلدۇرىسىز؟
بۇنىڭ بىر قانچە ئۇسۇللىرى بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش مۇمكىن:
1- ئايالىڭىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ۋە چىن قەلبڭىزدىن سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ئايالىڭىزغا ئاغزاكى ھالدا ئۇچۇق قىلىپ ئېيتىڭ. مەسىلەن: مەن سىزنى چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن. سىز مىنىڭ ھاياتىم، سىزنى بەكمۇ سېغىندىم دېگەندەك مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ ئىزھار قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر ئارقىلىق مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا سەل قارىماڭ.
2- ئايالىڭىزغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىڭ: ئۇنى پات- پات ئەركىلىتىپ قۇيۇشقا ۋە ئۇنىڭغا سۆز قىلغاندا چىرايلىق يەرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۈنۈشكە سەل قارىماڭ.
3- ئىش ئورنىڭىزدىن تېلېفۇن قىلىپ، ئۇنى سېغىنغانلىقىڭىزنى ۋە ياخشى كۈرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.
4- ئۇنىڭ پىسخكىسىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشنى ئۇنتۇماڭ: بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان ۋاقىتلاردا، مەسىلەن: ئادەت ياكى ھېيىز كۈنلىرىدە، ئائىلىسى ياكى يېقىنلىرىدىن بىرەرسىگە مۇسىبەت كەلگەن كۈنلەردە، ئۇنىڭ روھىي ۋە پسىخىك ھالىتىگە دىققەت قىلىڭ.
5- ئايالىڭىزنى ئۇ، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم بىلەن چاقىرىڭ. بەزىدە ئەركىلىتىدىغان ئىسىم بىلەنمۇ چاقىرىپ قۇيۇڭ.
6- ئائىلىسى ۋە يېقىن يورۇقلىرى ئالدىدا ماختاپ قۇيۇڭ.
7- ئايالىڭىزنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى ۋە ھۆسنى جامالىدا بولغان ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىپ، كىيمىڭىز گۈزەل ئىكەن، سىزگە كىيىم بەكمۇ يارىشىدۇ، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن لايىقىدا ماختاپ قۇيۇڭ.
8- خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالسا ئەپۇ قىلىڭ. ھە دىسىلا ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى تىلغا ئالماڭ. چۈنكى ھەممىمىز خاتالىشىمىز.
9- ئەتتىگەن ئۆيدىن ئىشقا ماڭغاندا ۋە ئىشتىن قايتقان ۋاقتىڭىزدا سۆيۈپ قۇيۇڭ. سىزنى ئەگەر سىرتتىن بىر نەرسە تەلەپ قىلسا مۇمكىن قەدەر ئالغاچ كېلىڭ. ئەگەر ئايالىڭىز ئەتتىگەن سەھەر تۇرۇپ سىزگە ناشتىلىق ھازىرلاپ بىرگە ناشتا قىلغاندىن كىيىن سىزنى چىرايلىق ئىشقا يولغا سالىدىغان ئايال بولسا نېمە دېگەن ياخشى؟.....
10- سېخى بولۇڭ، ھەرگىز بېخىللىق قىلماڭ. ئايالىڭىزنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداشتا بېخىللىق قىلماستىن قۇربىتىڭىزنىڭ يېتىشچە ئۇرۇنداپ بىرىڭ.
11- ئايالىڭىز سىزگە گەپ قىلغاندا ئۇنىڭ سۆزىنى مۇھەببەت ۋە ئىشتىياق بىلەن قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ.
12- ئايالىڭىزغا دائىم مېھرى شەپقەت كۆرسىتىڭ.
13- ئايالىڭىز ئۈچۈن خۇشپۇراق ئىشلىتىش ۋە زىننەتلىنىشكە سەل قارىماڭ.
14- داستىخانغا تاماق كەلگەندە، ئۇ داستىخانغا كېلىپ ئولتۇرمىغۇچە تاماق يېيىشكە باشلىماڭ، ئۇنىڭ داستىخانغا كېلىشىنى كۆتۈڭ ۋە ئۆز قولىڭىز بىلەن بىرە لوقما تاماق يېگۈزۈپ قۇيۇڭ.
15- ئەگەر ئايالىڭىز سىزگە ھەدىيە تەقدىم قىلسا، رەھمەت ئېيتىپ ماختاپ قۇيۇڭ.
16- سىزنىڭ ھاياتقا دائىر ئىشلىرىڭىزدا ئۇنىڭغىمۇ مەسلىھەت سېلىڭ .
17- ئايالىڭىزغا تاسادىپىي ياكى ئۇشتۇمتۇت ھالدا ھەدىيە تەقدىم قىلىش، بىرگە سەپەر گە چىقىش ياكى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىشقا ئوخشاش ئىشلار ئارقىلىق كۆڭلىنى خوش قىلىڭ.
18 - ئاددى بولسىمۇ ھەدىيە قىلىپ تۇرۇڭ.
19- ئۇنىڭ توغرا پىكىرلىرىگە قوشۇلۇڭ، خاتالىشىپ قالسا كەمسىتمەڭ.
20 - ئۇنى كۈنلەيدىغانلىقىڭىزنى ۋە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قۇيۇڭ.
ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى ئابدۇلئەھەد ئۇجات.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) {. b; c0 f; K) \; {
مەنبە: كۇۋەيتتە چىقىدىغان ئەلمۇجتەمەئ ژورلىنىنىڭ 2012 يىلى 2004 سانى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 k3 Y, d; Y0 V+ O بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-30 01:11 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ ^! i( [# G0 l/ j8 g' S+ ]0 j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) N9 ]2 L ~# i6 E' y