|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
يىل بولاي دەپ قالغاندەك تۇرىدۇ مىنىڭ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باقمىغىنىمغا . يازغىم بار يازالمايمەن ، يازىمەن يوللىيالمايمەن ، كىملەردىن قالمىغان مۇنبەر دەيسىلەر ، يەنە كىملەرنى قاتارغا قاتمىغان مۇنبەر دەيسىلەر ، ئاۋال تونۇشلارغا سالام ، ئاندىن تونۇشمايدىغانلارغا سالام . قېرىنداشدەك بولۇپ قالغان ئىدۇق بىر چاغلاردا . ئۇيقۇم كەلمىگەن كۈنلىرى تورغا يوللانغان تىمىلىرىمنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىمەن ، بۇمۇ بىر ھوزۇر ئەمەسمۇ . بىر تاغار قۇرۇق گەپلەرنى مۇشۇ يەرگە تۆكىدىغاندەك قىلىمەن ، نۇرغۇن يازىدىغانلىرىم بار ئىدى ، مانا باشلا باشلىمايلا يازىدىغان گەپ تاپالماي قالدىم ، يەنە شۇ كونا پەدە ، باش-ئاخىرى يوق ، بىر -بىرىگە ئالاقىسىز پارچىلار.......
* جاھاننىڭ سرتىنى پاكلايدىغان قىش كىلىپ قالدى ، ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتلار ھەممە ئادەمگە قىش ، بىراق ھوزۇرى ئوخشىمايدۇ ، بىراۋلار قىشنى يازدەك ئۆتكۈزسە يەنە بىراۋلار زىمىستاندەك ئۆتكىزىدۇ ، ئادەم قانداق كۆنسە شۇنداق ياشايدىكەن ، كۆنۈپ قالغاچقىمۇ بىكار چاغلىرىم يەنە شۇ خەنزۇ بازىرىنى ئارلاپ قويىمەن ، ئۇششاق يايمىچىلار يەنە شۇ پىتى ، ھاللىق سەۋيەگە يەتمەك بەك ئاسان دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم ئاخباراتلاردا ئەجىبا بۇ كىشلىرىمىز ئاسان ئىشنى قىلالمايدىغان ئوخشايدۇ . چوڭ -چوڭ ئىشلارنى قىلىپ كۆنۈپ قالغانلارمۇ يا؟ پەرىشتە سۈپەت ئانىلىرىمىزنىڭ ئالدىدىكى سۈت-قايماقلاردا ئەتتىگەن بازارغا ئەكىرگەن پىتى تۇرۇپتۇ . ئۇنداق قىلمايلى خالايىق سۈت-قايماق ئېچىپ قويايلى . ئانىلىرىمىز بالدۇراق ئۆيىگە قايتسۇن . قەغەز ئىچىگە قاچىلاپ دورا قېتىپ قويغان سۈتنىڭ قۇۋىتى بولمايدۇ . بىر -بىرىمىزنى يۆلەپ ، قوللاپ تۇرمىساق سەت بولىدۇ .
* ئاتا-ئانا دىگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى بەك ئېغىر بولىدىكەن ، ئاتا-ئانا بولغاندىلا ھە ئەسلى ئاتا-ئانا دىگەن مۇنداق ئىنسانكەندە دەيمىزكەن .< بالام ، تاماق يەۋال > ، < ئوغلۇم ، يېنىڭدا پۇل بارمۇ ؟ ماۋۇنى سېلىپ قوي > دىگەن شۇ قەدىردانلارنىڭ قەدىرى مانا مۇشۇنداق چاغلاردا ئۆتىلىدىكەن ، يەۋال ، سېلىۋال دىمسىمۇ مەيلى ئىدى ، دەپ كۆزلىرىڭىزنى قىزارتىپ قالغان چاغلاردا ئۆزىڭىزنى ئوتتا كۆيىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىسىزكەن . ئاللاھنىڭ ھىمىمىتى بىلەن ئوغۇللۇق بولغىنىمغىمۇ يىرىم يىل بولۇپ قالدى ، يىرىم كىچىلەردىكى ئۇيقۇسىزلىق ، بالىنى كۆتۈرۈپ كىچىلەردە دوختۇرخانلارغا چىپىشلار ، ئىي ئىنسانلار ئاتا-ئانىڭىز سىزنى كۈندە دۈشكەللەپ تۇرسىمۇ كۈلۈپ تۇرساق بولىدىكەن ، ئۇلاردىن يامانلايدىغان ھىچقانداق ھەققىمىز يوق ئىكەن . ئالىيىپ قاراپ قالساق كۆزىمىز كور بولۇپ قالسىمۇ ئارتۇقچە ئەمەس ئىكەن ، يىراقلاردا بولساڭلا تىلفۇن قىلىپ تۇرۇڭلا ، يىقىندا بولساڭلا تىخىمۇ قەدىرىنى قىلىڭلا . ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەتىدىن باشلاپ قىلاي دىسىڭىز دەڭكى ، ئاتا-ئانىغا بولغان پەرزەنىتلىك بۇرچىىڭىزنى ئەتىگە قويماڭ.
* ئۆتكەندە ئىشتىن چۈشۈپ يول بويىدا ماشىنا تۇسۇپ قالدىم ، تازا قاتناش بېسىق ۋاقىت بولغاچقا بىر قارا تاكسىنى ئاران توسوپ چىقتىم .
- نەگە بارىمىز ؟
-جىگدىلىك مەھەللىگە ،
يول بوينى 35 ياشلاردا بار شۇپۇر بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭدۇق ،( بىزنىڭ ئىدارىنىڭ قىشلىق كىيىمى ساقچىلارنىڭكىگە ئوخشاش يوغان چاپان) .
- ئاكا ، مانا ماۋۇ پۇلنى ،
- بولدى ئۇكا ، ئالساق سەت تۇرىدۇ . ھە ، قايسى ساقچىخانىدا ئىشلەيسىز ........ ( ھارغىچە تەكەللۇپ ، خوشامەتچىلىك )
زورلاپ تۇرۇپ پۇلنى تاشلاپ قويۇپ چۈشۈپ كەتتىم .
قايسى بىر كۈنى بىر پارچە رەسىمنىڭ ئاستىغا زالىملارنى سىلەر يىتۈشتۈرۈپ چىقىسلەر دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن ، قېرىنداشلىرىم ! ساقچى ماشىنىغا چىقسا پۇل تۆلىمەيدۇ دەپ قانۇن بارمىكەن . نىمانچىلا كۆتۈرۈش بۇ ، ھالال ئەمگەكنىڭ ھالال ھەققى بولىدۇ ، مەيلى سىز كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىڭ مەيلى رەسمىيەتسىز ئادەم توشۇڭ . جىنىمىزنى بىرنچى ئاللاھقا ئىككىنچى ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇرغا تاپشۇرۇپ ماشىنىغا چىقتۇق ، ساق-سالامەت مەنزىلگە ئاپىرىپ قويدۇڭلا ، ئالىدىغىنىڭلارنى ھەق ئېلىڭلا . شۇنداق ئەمەليەتتە زالىملارنى ، پارىخورلارنى ، تاماخورلارنى .... ئۆزىمىز يىتىشتۈرۈپ چىقىمىز، ئۆزىمىز بېشىمىزغا ئېلىپ قويىمىز ، ئاندىن دەسسىلىمىز ، سىز ھەم مىنىڭ ئارتۇقچە سالام-سائىتىم شۇلارنى بېشىمىزگە مىندۈرۈپ قويىدۇ .
* يىللار بىزگە ھىچنىمە بەرمەيدىكەن ، پەقەت بىزنى قىرىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن ، يىللار بىزگە ھەممە نەرسىنى بىرىدىكەن ، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قېرىتىپ قويىمىزكەن - مانا ئەقىليە دىگەن.
* پاكلىق ، ئىنساب ، ۋىجدان خار بولىۋاتقان ئۇشبۇ كۈنلەردە بىزگە يار -يۆلەك بولىدىغىنىدىن قېرىنداشلىق ، دىنداشلىق ، دىلداشلىق ...لار قاپتۇ ، قانچە يىل ياشايمىز قانچە كۈن كۈلىمىز بۇ بىزگە نائېنىق ، شۇڭا قولىمىزدىن كىلىشىچە ئەتىراپىمىزگە قاراپ قويايلى ، قىش كۈنلىرى يالغۇز ئانىلىرىمىز قار ئاستىدا قالمىسۇن ، نامىرات قوشنىلىرىمىز مۇزلاپ قالسىمۇن . سەبى ئەۋلادلىرىمىز يالاڭ قالمىسۇن . مىللىتىمىز بويۇن قېسىپ قالمىسۇن .
ئېچىم پۇشۇپ قالسا جىم ئولتۇرىدىغان خۇيۇم بار ئىدى ، ئەسلى خاتالىشىپتىمەن ، ئىچى پۇشقان ئادەم مىدىراپ تۇرىشى كىرەك ئىكەن . ئايلار ئۆتىدىكەن يىلار ئۆتىدىكەن ، يەنە بىر يىل كەلسە يا بوينىمىزنى سىقمايدىكەن ، ئۇرمايدىكەن ، تىللىمايدىكەن ، پەقەت ئادەم كەينىگە قاراپ ئېسىت دەپ قالىدىكەن . نېمىشقا قىلىۋالمىغاندىمەن ، نىمىشقا ئېتىۋالمىغاندىمەن دەپ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ قويىدىكەن . ئەپسۇسلىنىش قالمىسۇن ، كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشىپ باقايلى ، بىراۋلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيلى . بىر -بىرىمىزگە مىھىر بەرمىسەك باشقىلار كىلىپ بىزنىڭ بېشىمىزنى سىلىمايدۇ . يۇقىردا دىگەنلىرىمدەك ھەم ئۇنتۇلۇپ قالغان گەپلىرىمدەك ھەممىمىز ئىناق ئۆتەيلى ، ياش باللار چوڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلايلى ، كۆڭۈل ئايايلى ، تەڭ كۈلۈپ تەڭ يىغلايلى .
- ئاشكار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-29 02:27 AM
|
|
|
|
|
|