مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 784|ئىنكاس: 20

ئەلناز: ياش ئەمەس تەبەسسۇم-نەسىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 07:30:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        ياش ئەمەس تەبەسسۇم

                                              نەسىر

                   191420ubsh2dzv4dks87ib[1]_副本.jpg

ھاياتنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى مىنى خىلىلا ساۋاپ قويدى.
يەلكەمنى بېسىپ تۇرغان يۈكنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى
بىلىپ تۇرساممۇ كۈتۈرۈشكە ھىچبىر ماجالىم قالمىغانىدى.
سېنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان شۇ ئازاپ شەربەتلىرى
لىق قاچىلانغان ئاشۇ رومكىنى ھەربىر قۇلۇمغا ئالغىنىمدا نەرى
تارتىشقىمۇ ماجالى قالمىغان يۈرۈكۈمنىڭ ھالسىز شىۋىرلاشلىرى
ئەنە شۇ ئاچچىق ئەسلىمىلەرقوينىغا باشلاپ كىرىدۇ.مەن
ئېچىنىۋاتىمەن.مىنى ۋاقىتسىز تاشلاپ كەتكىنىڭ
ئۈچۈن ئېچىنىۋاتىمەن.ھىجران كىمىلىرىدە يالغۇز لەيلىتىپ
يۈرگىنىڭدىن نەپرەتلىنىۋاتىمەن..ئىيتقىنا جېنىم!
سۈيگۈ گۈللىرىنى  تۇنجى رەت ماڭا سۇنۇشتىن  بۇرۇن
قەلبىڭدە يەنە قانچە سۈيگۈگە تەشنا يۈرەكلەرنىڭ مۇشۇ
گۈلگە ئېرىشىش ئۈچۈن  تىپىرلاپ تۇرغىنىنى  ئويلىغان
بولغىيمىتىڭ؟
غۇبارسىز قەلبىمنى مۇھەببەت چۈلىگە باشلاپ كىردىڭيۇ
ئۈزۈڭ نەلەرگىدۇرئىزدىرەكسىز غايىپ بولدۇڭ...
مىھرى-مۇھەببەتكە تەشنا بىر يۈرەكنىڭ نىمجان ھالەتتە
زار يىغلىشىغا پەرۋامۇ قىلماي كىتىپ قالدىڭ...
ساڭا بولغان  نەپرىتىم مىڭ گەز ئۆرلىسىمۇ ئامالسىزمەن.
كۆر بولغان  كۆڭلۈم نىمىشقىمۇ سەندەك سۈيگۈ قاتلىغا
شاھىت بۇلۇپ قالغان  بولغىيتتى...
چىن مۇھەببەتتىن پارنىك ياساپ پەرۋىش قىلغان خۇشپۇراق
گۈللىرىمىزگە قاياقلاردىن ئۈنۈپ قالغان شۇمبۇيىلار تەھدىد
سېلىپ مىنى  سەندىن ئەبەدى ئايرىغان  بولسىمۇ ساڭا بەخىت
تىلەيمەن.شۇنداق بىر كۈنلەردە ئالدىمغا
گۇناھلىرىڭنى تىلەپ سۈيگۈ سوراپ كەلگىنىڭدە قەلىپ
ئىشىكىمنىڭ قاناتلىرى يۇغان ئاچىمەن.نىمىشقا دەپ
سوراۋاتامسەن جېنىم؟
چۈنكى قەلىپ قەسرىمنىڭ شاھ تەختىدىن ئورۇن ئالغان ئاق
ئاتلىق شاھزادەمنىڭ ھامان بىر كۈنى  يېنىمغا قايتىپ
كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.ئەنە شۇ چاغدا ياش
بىلەن ئەمەس تەبەسسۇم بىلەن غۇلىچىمنى  كەڭ ئېچىپ
سېنى  كۈتىۋالمەن.



                          دىلىمنى ئاغرىتتى  دىلىمدىكىلەر

                                 نەسىر

                              20071026213822253_2[1]_副本.jpg



               
         ھاياتىمدا قىلغان ئىشىمغا ئەزەلدىن پۇشايمان قىلغان
ئەمەستىم.توۋا دەيمەن.قايسى شەيتانلار مىنى ئازدۇردى
بىلمىدىم.ئەنە شۇ چاغ قىلىپ قويغان بىرجۈملە سۈزۈم تۈپەيلى
مانا تۈگىمەس پىيغان،پۇشايمان مېنى ئۆز ئىسكەنچىسىگە
ئېلىپ ياقامدىن قامانلاپ تۇتتىدە يەرگە قاتتىق ئاتتى.ھۇشۇمنى
يىغىپ بولغۇچە ئەتراپىمدىكى مىنى  سۈيىدىغان ،قەدىرلەيدىغان ،ئاسرايدىغان  دىللار نەلەرگىدۇريىراقلاشقانىدى.يۈزلۈرۈمگە
سىرغىۋاتقان تامچىلار ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى...
كىچىلىرى ياستۇقلىرىمنىڭ قانچە قېتىملاپ ھۆللىنىپ قۇرۇپ
قالغىنى بىلمەيمەن.خىيال شاماللىرى مىنى ئۇچۇرۇپ قانچە
تۈننىڭ ئۇيقۇسىز ئۈتۈپ كەتكەنلىرىنى سانىيالمەيمەن.مەن
نىمىش قىپ قويدۇم؟ ماڭا شۇنچە چىن مىھرىنى بىرىپ ،قوغداپ ،
قوللاپ كىلىۋاتقان شۇ دىلىمدىكىلەرنىڭ دوسلۇق
مىھرى-مۇھەببىتىگە ئاسيلىق قىلدىم.ئاشۇ  بىر جۈپ رەزىل
قوللىرىم ئارقىلىق مىڭ تەستە ئىرىشكەن چىن دوسلۇق شارابىنى
ناھايىتى ئاسانلا چىقىپ قويغىنىمنى ھەر قىتىم ئەسلىگىنىمدە
ئۈزۈمنىڭ ئىپلاسلىقىدىن يىرگىنىمەن.
ئاپام ماڭا كىچىك ۋاقتىمدا ھەرخىل ئۇيۇنچۇقنى يەتكۈچە ئېلىپ
بىرىپ چوڭ قىلغانىدى.ئەمدىلىكتە ئوينىغىلى باشقا نەرسە
تېپىلمىغاندەك مېنى دىلىدائەسلەيدىغان،چوڭ بىلىدىغان شۇ
ئەزىزلەرنىڭ ھىسىياتى بىلەن ئوينىشىپ قالغىنىمنى نىمە
دەي ئەمدى....
ئۈزۈمنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇپ كەچۈرۈمنى باشلىغان چېغىمدا
قانچە قېتىملاپ رەت قىلىنىپ دىلىمدىكىلەرنىڭ قەلىپ
ئارامگاھىدىن بىچارىلەر ھەيدەپ چىقىرىلغان ئۇشبۇ دەمدە نە
كۈلكە،نە خۇشاللىق مەندىن خىېلىلا يىراقلاپ كەتكەنىدى.
مىھىر-مۇھەببەتنىڭ رولىغا تۇنجى  قېتىم قول قويدۇم.
ئاتا-ئانا،دوسلۇق،ئۇرۇق -تۇققان ،ساۋاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى
مىھىر-مۇھەببەت ھەقىقەتەن ئادەم قەلبىدە ئوخشىمىغان
روللارنى ئوينايدىكەن.خۇددى ھايات دەرىخىنىڭ ھەربىر
نوتىلىرىدەك ئىنسان قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان
بۇلىدىكەن.بەلكىم تەغدىرنىڭ قىلىپ قويغان بىر قىتىملىق
چاقچىقى مىنى قىيناۋاتقاندۇ . مۇشۇ كۈنلەردە مىنى ئۆز بېشىمچى
مىجەزىم باشلاپ ئېلىپ مېڭىۋاتامدۇ ياكى ھىسسىاتىم ماڭا يول
كۆرسىتىۋاتامدۇ بىلمىدىم قەدەممۇ قەدەم خاتالىشىشقا باشلىدىم.
خۇددى  بۇ يات شەھەردە مەن يالغۇز قالغاندەك شۇنچىلىك
تۇڭلاۋاتاتتىم،ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش بەزى مەسىلىلەرنى
ھەقىقەتەن تىخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈردىكەن.تۇنجى بېسىلغان
خاتا قەدىمىم كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆڭۈلسىزلىك تۈپەيلى
تېخىمۇ كۆپ دىللارغا ئازار بىرىپ قويغىنىمنى سەزمەي
قاپتىمەن.مەن نىمانچە بىچارە،نىمانچە ئەقىلسىز ھە!
تۇرمۇش كارتىنامدىن نەچچە قىتىم چىقىرىشقا تىرىشتىم،
بىراق ئەنە شۇ دىلىمدىكىلەرنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازى،
ماڭا قالدۇرغان ئاچچىق ساۋاقلىرى،ئىپلاس كۆڭلۈمگە ئۇرۇلغان
تەستەكتەك مىنى ھەر ۋاقىت ساۋاپ تۇردى.
سەۋىر قىلدىم،ئىنتىزارلىق ئىلكىدە كۈتتۈم.دىلىمدىن
ئەسلەيدىغان شۇ دىلىمدىكىلەرنىڭ يەنە ماڭا ئاددى بولسىمۇ ،
يۈرەك قاتلىرىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن بىرىشىنى ،مېنى
ئەپۇ قىلىشىنى كۈتتۈم.قاچانغىچە كۈتىمەن بىلمەيمەن.
ئاللاھنىڭ يۇلىنى تۇتۇپ تىلەۋاتقان مەسۇمەلەرنىڭ چىھرىگە
كۈلكە بىرىدىغانلىقىغا،شۇ دىلىمدىكىلەرنىڭ قەلبىدىكى نەپرەتنى ،
مۇھەببەتكە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىغاچەكسىز ئۈمۈدتە ئىشىنىەتتىم.
ئىگىمىز ئازغان بەندىلىرىگە توغرا يول كۆرسىتىپ تۇرمۇشتىكى
خوشاللىق ،بەخىت كىمىلىرىگە ئولتۇرۇپ سەيلە قىلالىغۇدەك كۈچ
،سەبىر بىرىشىنى ھىلىھەممۇ  تىلەيمەن.گۇناھلىرىمنى
ئەپۇ قىل دىلىمدىكىلەر....


         مەنبە: ئەلناز قەلمىدىن.

  تۈۋەندە مۇنۇ شېئىرلارنى  قۇشۇپ قويغۇم كەپ قالدى.

         دىلىمنى  ئاغرىتتى  دىلىمدىكىلەر
         كۈنە تۈن ناملىرى تىلىمدىكىلەر
         ئاپتىپىم ،شامالىم يىنىمدىكىلەر
         مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن
         ئەي،دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

      زەھەرلەر كەلتۈردى شاراپلار تۇتتۇم
      غەيۋەتلەر ئويدۇردى ئىتائەت تۇتتۇم
      قەسەملەر ئىچتى ھەم ساۋاپلار تۇتتۇم
      مەن ئۇلارنى كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن
      ئەي دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

           بېشىمغا بالادۇر بالادۇر كۆڭلۈم
           بىر سۆزنىڭ تىغىدىن يارادۇر كۆڭلۈم
           دوس ھەم دۈشمەن ئارا ئادادۇر كۆڭلۈم
           مەن ئۇلارنى  كەچۈرەي بىر قۇدرەت بەرگىن
           ئەي دۇنيا مىھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.
                 


         

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي530 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-28 08:21 PM  


تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 11:18:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىرىكىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم،

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 11:21:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر  خىل غىرىبلىق تۇيغۇسى  بىلەن ھەممە كۆڭۈللەرنى مەستخۇش قىلىدىغان شۇنداق بىر لىرىكىلار باركى ئادەم ئۇنى   ئۇقۇغاندا بەئەينى تاڭ   ساباسىنىڭ مەيىنلىكىنى ئۆز كۆڭلىنىڭ تىپىرلىشى دەپ  ھېس قىلىدۇ   .رەھمەت   ئەجرىڭىزگە   .

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 11:37:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turklan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-29 11:21 AM
بىر  خىل غىرىبلىق تۇيغۇسى  بىلەن ھەممە كۆڭۈللەرنى مەست ...

رەھمەت. شۇنداق بىر كەيپىياتلارنىڭ  ياردىمىدە يىزىپ قالدىم. يوللاپ بۇلۇپ قايتا ئۇقىسام  بىرخىل  يىتەرسىزلىكلەرنى  بايقاپ  قالدىم...ئەمدىكى  يازماقچى  بولغان ئەسەرلىرىمدە چۇقۇم نۇقسانلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرمەن...ھەممىڭلارنىڭ  ياقتۇرۇپ ئۇقىغىنىغا كۆپتىن كۆپ  رەھمەت

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5093
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1283 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 03:42:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ نەسىر يازاي دەيمەنۇ لىكىن يازالمايمەن .ئەڭ يەخشىسى تەييارغا ھەييار بولۇپ مۇشۇنداق ئېسىل نەسىرلەرنى ئوقۇپ كۈن ئۆتكۈزسەم بولغۇدەك

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9043
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3407 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 04:35:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ! ئەلناز ،،،ئاباي تېخى ئاۋۇ مۇنبەردە كۈرۈشكەن ،،،،بۇ يەردىمۇ كۈرۈشۈپ قۇيىلى،،،مەن ئۆچمەس مۇئەللىم !

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 05:44:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلىمنى  ئاغرىتتى  دىلىمدىكىلەر
يىراققا   ئىتەردى       يېنىمدىكىلەر
         

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4327
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 08:26:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىمغا بالادۇر بالادۇر كۆڭلۈم
بىر سۆزنىڭ تىغىدىن يارادۇر كۆڭلۈم

بۇ مىسرالىرىڭىزدىن بىر خىل ھەسرەت تۆكۈلۈپ مىنى مۇڭ قوينىغا ئىتتىرىپ قويدىغۇ ؟

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93489
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-30 11:50:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىرلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،ئىلھاملىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي...
ئاۋۇ ئىككى پارچە رەسىم بىزنىڭ مەكتەپنىڭ پۇتبول مەيدانى ئەتراپىدىكى مەنزىرلەرگە بەك ئوخشايدىكەن دىسە...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-30 11:54 AM  


ئۆتىۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس،بەلكى،ئۆمۈردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-30 08:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqvr يوللىغان ۋاقتى  2013-11-29 08:26 PM
بېشىمغا بالادۇر بالادۇر كۆڭلۈم
بىر سۆزنىڭ تىغىدىن يار ...

بۇ مىسرالارغا مەنمۇ بەك ئامراق .چۈنكى دىلىمدىكىلەر ماڭا تۇنجى قىتىم مۇشۇمىسرالار ئارقىلىق دىمەكچى بولغانلىرىنى  ئېيتقانىدى...شۇڭا بۇ شېئىر ماڭا ھەرۋاقىت ھەمراھ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش