مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 974|ئىنكاس: 12

سۇنۇق قېلىچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 297
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11164
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 3121 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 04:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇرىھېم ئابدۇللا (كەلپىنى)

ئاستىمدا شارقىراپ دەريا ئاقىدۇ،

ئېشىپ بارماقتىمەن بىر تىك داۋاندىن.

ئالدىمدا بىر سۇنۇق قىلىچ ياتىدۇ،

بىلمەيمەن يادىكار قايسى زاماندىن.

قىلچنىڭ يېرىمى تۇپراق ئاستىدا،

يېرىمى ئالماستەك تۇرىدۇ چاقناپ.

بۇ قەدىم جەڭلەرنىڭ يالدامسىنى،

ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم ئاۋايلاپ.

تىترىدى قوللىرىم، تونىدى يۈرەك،

ھىلال ئاي ئەگمىسدەك ئەگرى قىلىچنى.

زاتىمنىڭ ھىدلىرى كەلدى گۈپۈلدەپ،

بىلمىدىم قاي ھالدا نەپەس ئېلىشنى.

قىلچنىڭ بىسىدا قۇياش جىلۋىسى،

بالقىيدۇ ئىپتىخار، بالقىيدۇ زەر نۇر.

جاراڭلاپ سۇنغاچقا جەڭدە ئارمانسىز،

سۈزۈك سۇنۇقىدا كۈلىدۇ غورۇر.

تاۋلانغان بۇ قىلىچ ئېگلمەس بولۇپ،

جەسۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئوچاقلىردا.

قەسەم سۈيى ئىچكەن چىقىپ ئوچاقتىن،

ئاھۇ كۆز مەدەتكار بۇلاقلىرىدا.

كەلتۈرگەن قىلچنى بۇ تىك داۋانغا،

ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى جەڭلەرگە چىللاپ.

سۇنغان چېغىدىمۇ رىشتى ئۈزۈلمەي،

تەۋەررۈك تۇپراقنى ئاپتۇ قۇچاقلاپ.

ئويلىدىم شۇنداقمۇ قىلچلار بار ئىكەن،

بىر قېتىم قىنىدىن چىقالمايدىغان.

باسسا ياۋ ۋەتەنگە پاسكىنا ئاياغ،

قىساس قەھرى بىلەن چاقنىمايدىغان.

خىيالچان تىكىلدىم سۇنۇق قىلىچقا،

ئەينەكتەك تېندىن كۆرۈندى جەڭگاھ.

بۇ قىلىچ شىر سۈپەت بىر ئەر قولىدا،

دۈشمەنگە ۋەيلۇندىن بەرمەكتە ئاگاھ.

چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق ئۈزسە ساداق،

ئۇمۇدنىڭ زەبىدە قالقان قالتىرار.

تەككەندە گەزلەشكەن ھەر بىر قىلىچقا،

بۇ قىلىچ بىسىدىن چاقناپ يالتىرار.

ئاھ قىسمەت، جەڭ ئارا سۇندى ئۇ قىلىچ،

جەڭگاھنى لەرزىگە سالدى شۇ سادا.

تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلدى ئەكسى،

ھەر تاغدا بىر قىلىچ سۇنغاندەك گويا.

قۇياشمۇ قارايدى سۇنغاندا قىلىچ،

زەپەرنىڭ يۈزگە تارتىلدى نىقاپ.

باتۇر ئات ئۈستىدىن غۇلىدى باشسىز،

كىشنىدى دۇلدۇلى زارلىق چىرقىراپ.

قېنى ئۇ باھادىر، قاردىم كۆككە،

قېنى ئۇ قىلىچقا مۇناسىپ ئەرلەر ؟

قۇياشتىن، نۇرلاردىن ئىزلىدىڭ ئۇنى،

ئۇنىڭدەك ئوغلاننى يۇتمايدۇ يەرلەر.

خەيرىھاھ، قىياھقا ئايلىنپتۇ ئۇ،

قىلىچنىڭ دەستىسى قاپتۇ ئىلكىدە.

تەنتەنە قىلىدۇ ئەرلىك تەسۋىرى،

مەرمەردەك يالتىراپ تۇرغان چېھرىدە.

شېھىتنىڭ بوينىدىن تەپچىگەن قانلار

دەرياغا ياقۇتتەك چۈشەر تامچىلاپ.

ئۇقچىدى يۈزۈمگە دەريانىڭ سۈيى،

بىلدىمكى ئۇ مېنى قويدى قامچىلاپ.


يوللاندى:2013-يىل27-نويابىر (كەلپىن)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-28 08:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2611
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 09:16:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاچما شئىر مۇ يا ؟!

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2961
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16874
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 09:21:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ ئېزگۈ كۈيى ،ئىپتىخارلىق سۆيگۈنىڭ شەربەت سۈيى، ئاپىرىن.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55732
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 10:19:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېھىم ئابدۇللاھنىڭ ئۇشبۇ شېئىرىنى بۇرۇن ئوقۇپ باقىمىغان ئۇيغۇرلارمۇ باركەن ھە!
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئون ئېسىل شېئىرنى تىزىپ چىقىڭ دېسە، بۇ شېئىر ھېچ بولمىغاندا ئونىنچى بولۇشقا لايىقتۇر.

ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5600
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 950 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 10:56:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ئاۋازلىق ،سۈرەتلىك نۈسخىسى بار ،ئاۋازى شۇنداق پاساھەتلىك......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1961
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9951
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5526 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 11:54:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى چاغدا   پىغان   دەپ بىر ئۇن ئالغۇ لىنتىسى بولىدىغان شۇنى ئىسىمگە سەپ قويدىڭىز

دۇشمىنىمگە ئۆزەم تىتىيمەن ، دوسلىرىمنىە قەستىدىن ساقلىغىن ئاللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 12:12:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77233
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3592
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 01:50:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئېھ ،گۈلۈم  ئاللاھ  سېنى ھەر جايدا ئامان قىلسۇن!.....

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1980
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4976
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1440 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 05:34:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپمۇ ئېسىل شېئىركىنا بۇ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4942
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 08:09:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئاللاھ قەلىمىڭىزنى بەرىكەتلىك قىلسۇن!

ادام ساتىپ اقشا تاباتىن زامان كەلگەن ەكەن عوي. (بىزگە قازاقنىڭ باھاسى)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش